كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!

پرېستان: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

  • پېرسىيىگە قېچىپ كەتكەن ھۇمايۇن

     

    بابۇرنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى. چوڭ ئوغلى ھۇمايۇن ئۈچىنچى خانىشتىن 1508-يىلى 3-ئايدا كابۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىمپېراتورلۇققا ۋارسلىق قىلغاندا 22 ياشتا ئىدى. ئىككىنچى ئوغلى كامران خېلى بۇرۇنلا كابۇلنىڭ ۋالىيسى بولغان ھەمدە قەندىھار ۋە پەنجاپنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. ئۈچىنچى ئوغلى ھىندار ئۇ چاغدا سامبالانىڭ ۋالىيسى ئىدى. تۆتىنچى ئوغلى ئەسقەر باتۇرلۇقتا، جەڭگە ماھىرلىقتا داڭق چىقارغان بولۇپ، ئۇمۇ مىخاتنىڭ ۋالىيسى بولغانىدى.