كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!

پرېستان: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

  • ئەمىر تۈمۈرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە

    خۇشىد دەۋران (ئۆزبىكىستان)

     

    مىلادىيە 1404-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى.

    ئەمىر تۈمۈر ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان چىن مەملىكىتىنى ئېلىش نىيتىدە سەمەرقەندتىن چىقتى.دەسلەپ ئاقسۇلاتقا كېلىپ بىر ئايچە مەنزىل قۇردى.كىيىن ئۇ يەردىن قوزغۇلۇپ،ئۈچ ھەپتە يول يۈرۈپ ئوترارغا يەتتى.سارايمۈلۈك خانىم ئەمىر بىلەن بىرگە ئىدى.ئەمىر تۈمۈر ئوتراردا بىر ئايدىن كۆپرەك تۇردى.