كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-03

    قەشقەر تارىخىنىڭ باش-ئاخىرى (2) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    مۇئەللىپ ئەسىرىدە ئۆز مۇددىئاسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە كىرىش سۆز قىسمىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «جانابىي ئاللاھ دەرگاھىغا چەكسىز ھەمدۇسانا، تەشەككۈر، مەدھىيە يەتكۈزۈپ ۋە ئۇلۇغ، شانلىق پەيغەمبىرىمىزگە رەھمەت، سالام يوللىغاندىن كېيىن، جانابىي ئاللاھنىڭ كۈچلۈك، توغرا رەھمىتىگە تايىنىپ، مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ خاتالىقىمنى كۆچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە ئاجايىپ- غارايىپلىرى ھەققىغا بېغىشلانغان بۇ كىتابنى يېزىشقا ۋە نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا جۈرئەت قىلدىم. بۇ ئاۋۋالقى قىسسىنىڭ باشقا كىتابلاردەك بىر قىسىم خاتالىقلىرىدىن خالىي بۇلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، باشقا قىسسەلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقى ۋە مەمنۇنىيىتىنى قوزغايدىغان ھالدا بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىمەن. مەملىكىتىمىزدە ياۋروپا ئەخلاق ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يەرلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئارقىمۇ-ئارقا تەجرىبە قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر بۇزۇق ئەخلاق تارقىتىشتىن باشقا ھېچبىر رولى بولمىغان كىتابلارغا قارشى ھالدا دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە مىللىتىمىزگە تەئەللۇق بولغان مۇنداق تارىخ كىتابلىرى ئاز بولسىمۇ، بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى غەيرەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلەر تەرىپىدىن تەشەككۈر نەزىرى بىلەن كۈرۈلگىسىدۇر. كۆپلىگەن تارىخ كىتابلىرىدىكىگە ئوخشاش، ۋەقەلەرنى تەكشى بىر سۈرئەتتە يېزىشتەك ۋەقە تەسۋىرچىلىكى قىلىشنى ۋىجدانىم قەتئىي قوبۇل قىلمىغاچقا، بىر ۋەقەنىڭ سەۋەب ۋە قارشى تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەققىدە زۆرۈر مۇھاكىمىلەرنى يۈرگۈزدۈم. قەشقەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر مۇناسىۋىتى بولغان باشقا مەلۇماتلارنى كىتابقا كىرگۈزۈش بىلەن بىللە ۋەقەلىكلەرنى ئىمكان قەدەر توغرا يازدىم. بەزى تارىخى ۋەقەلىكلەرنى رىغبەت نەزەرى بىلەن چۈشەندۈرۈشتىن ھەم ماختانچاقلىق، مەنمەنلىك، ئابرۇيپەرەسلىك ۋە تەرەببازلىقتى قەتئىي ساقلىنىپ، بىتەرەپ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، راستىنى سۆزلەشتىن قىلچىمۇ يۈز ئۆرىمىدىم.
    بۇ كىتاب ئاساسەن ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، بىرىنچى قىسمى قەشقەر قىتئەسىنىڭ توپان بالاسىدىن تاكى زامانىمىزغا قەدەر بولغان تارىخى ۋەقەلىرىنى؛ ئىككىنچى قىسمى قەشقەر مەملىكىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى بىلەن ئاھالىسىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، ئەخلاق ۋە باشقا ئاجايىپ مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى قىسمى بولسا قەشقەردە تۇنۇلغان بىر تۈركۈم زاتلارنىڭ تەرجىمھاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا ۋەقەلەر بىر بىرىگە تۇتاش ۋە چىگىش يېزىلماستىن، بىر قانچە بابقا ئايرىلدى..... قەشقەردە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەنلىكى، خۇسۇسەن ياقۇپخان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، يېقىنقى زاماندا سۇلتان ئابدۇل ئەزىزخاننىڭ قەشقەرگە قۇرال ۋە ھەربىي مۇئەللىملەرنى ئىبەرتىشتەك يارىدەملىرى ئۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئىسلام خەلىپىسى مەركىزىگە بۇرىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەمدە قەشقەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ مەملىكىتىمىزگە يېتىپ كەلگىنىگە بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر قەلەم ئىگىلىرىدىن ھېچبىر كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئەسەر يېزىشقا كىرىشمىگەنلىكىگە ئېچىنىپ، قەشقەر تارىخىنى يېزىشتەك بۇ مۈشكۈل خىزمەتنى كەمىنە ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. قەشقەر تەرەپلەردە يۈز بەرگەن ۋەقە- ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كەلگەنلىرىنىڭ بەزىلىرى يېزىلدى. خەلق ئاغزىدا كۆچۈپ يۈرگەن ياكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇبالىغىلەشتۈرۋىتىلگەن ۋە مەلۇم غەرەز بىلەن بۇرمىلىۋىتىلگەچكە، ئىشىنىشكە لايىق ئەمەستۇر. بۇنداق كۆچۈپ يۇرىۋاتقان رىۋايەتلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن تەرەپلىرى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ ، مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىرىمۇ 150-200 قۇر، يەنى 10-12 بەتتىن ئىبارەتتۇر. مەن بۇ خىل رىۋايەتلەرنى كىتاۋىمغا يېزىشتا پەقەت تولۇق ھەقىقەت بولغانلىرىنى كىتابخانلارغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەلىل-پاكىت يۈزىسىدىن يازدىم [6].
    مۇھەممەد ئاتىف ئوسمانىلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرال-ياراق باشقارمىسىنىڭ ھېسابات مەسئۇلى ۋە پۈتۈكچىلىرىدىن بولۇپ ، ياقۇپبەگنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرنى ئوسمانىلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن ھەربىي كوماندىرى كازىم ئەپەندىنىڭ بىۋاسىتە بايانىغا ئاساسەن يازغان. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق بايان قىلغان: «ئالوي كاماندىرى كازىم ئەپەندى دۆلىتى ئالىيە تەرىپىدىن ياقۇپخان قېشىغا قەشقەرگە ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە ھىجرىيە 1291- يىلىدىن (مىلادىيە 1874) ھىجرىيە 1294- يىلىغىچە (مىلادىيە 1877) تۇرغان ئۈچ يېرىم يىل ئىچىدە كۆرگەنلىرىنى كېيىنكى چاغدا ئالىي ئوردىغا كەلگەندە ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بۇ ياردىمىگە كۆپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈمەن».
    مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نۇسخىسى 1998- يىلى تۈركىيە ئالىملىرىدىن دوكتور ، پروفېسسور ئىسمايىل ئاكا، رەھبى گۈنەي ۋە جاھىت تىلچى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان.
    بەشىنچى، ئىمىر ھۈسەيىن قازى تەرىپىدىن 1957- يىلى قەشقەردە يېزىلغان «تارىخى ۋاقىئەئى كاشغەر». مەزكۇر ئەسەرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى تېپىشقا ئىمكانىيىتىم يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەت ۋە ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «شىنجاڭ تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى» دىكى تۆۋەندىكى قىسقا ئۇچۇر بىلەنلا كۇپايىلەندىم:
    «تارىخى ۋاقىئەئى كاشغەر»، ئاپتورى: ئىمىر ھۈسەيىن قازى، يېزىلغان ۋاقتى : 1957- يىلى، قەشقەر. «بۇ كىتابتا قەشقەرنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋەقەلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىللە، ئاساسلىقى قەشقەر رايونىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخى ۋەقەلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئەسەر 284 بەت ئەتراپىدا» [7]. بۇ ئەسەر شىنجاڭ رايونىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
                                               

                 2. «چىڭگىزنامە» ئەسلى «تارىخى كاشغەر» بۇلىشى كېرەك   
    نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر» 1902- يىلى ئاكادېمىك بارتولد تەرىپىدىن ئىلىم ساھەسىگە قايتا تونۇلۇپ، 84 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1986- يىلى ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ، «چىڭگىزنامە» دېگەن توننى كىيىپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتنىڭ نەشىر قىلىپ تارقىتىشى بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
    ئاتالمىش «چىڭگىزنەمە» نىڭ «نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن» دېگەن سەھىپىسىگە تۆۋەندىكىدەك بايانلار بېرىلگەن : « ‹چىڭگىزنامە› ناملىق بۇ تارىخى ئەسەر موللا مىرسالىھ كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان. ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ، ئاپتورنىڭ ھاياتى ۋە تەرجىمىھالىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ‹چىڭگىزنامە› ناملىق بۇ ئەسەر موللا مىر سالىھنىڭ ئەينى قوليازما نۇسخىسى بولۇپ ، 1981- يىلى قەشقەرلىك قادىر بۇلاق تەرىپىدىن تېپىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قوليازما فوندىغا تەقدىم قىلىنغان. ‹چىڭگىزنامە› نىڭ قوليازما نومۇرى: 00679، قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغىزىگە خەتتى پارسىي بىلەن يېزىلغان. ئەسەر جەمئىي 262 بەت، 16 فورمات بولۇپ ، ھەر بېتىگە 13 قۇردىن يېزىلغان. ‹چىڭگىزنامە› ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. بۇ قوليازمىنىڭ تېپىلىشى تارىخ تەتقىقاتىدا كىشىنى شادلاندۇرىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەت بولدى. [8].
     
    ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندى مەزكۇر قوليازمىنى نەشىرگە تەييارلىغان ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن 84 يىل ئاۋۋال ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مەزكۇر ئەسەرنى «تارىخى كاشغەر» دەپ ئاتىغانلىقىدىن خەۋەر تاپمىدىمۇ ياكى غەرەزلىك ھالدا ئەسەر نامىنى قايتىدىن قويدىمۇ، بۇنى بىلىش قىيىن بولسىمۇ ئەمما بىر ئەسەرنىڭ ئىككى خىل نامدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ ھاجى نۇر ھاجىنىڭ 1993- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە مەزكۇر ئەسەرنى ھەم «چىڭگىزنامە»، ھەم «تارىخى كاشغەر» دەپ تەڭ قوللىنىشى كىشىدە بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن كۆرە، مەلۇم غەرەز يوشۇرۇنغانمىدۇ دېگەن تەسىراتنى پەيدا قىلىدۇ.
    ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نەشىر قىلىنىپ نەچچە يىلدىن كېيىن، پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئابدۇشۈكۈر تۇردى قاتارلىقلارنىڭ: «بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى نامى ‹تارىخى كاشغەر› ئىدى» دېگەنلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما بىرەر كىشى ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىككى قوليازم ىنىڭ ئەسلىدە بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىلىم ساھەسىگە جاكارلىمىغانلىقى ئۈچۈن خاتا نام خاتا پېتى كېتىۋەردى. بۇ خىل نام خاتالىقى چاغاتاي خانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرگىمۇ خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويغان ۋە بىر قىسىم ئۇقۇم خاتالىقلىرىنىڭ سادىر بۇلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
    ئاكىمۇشكىننىڭ نەشىرگە تەييارلىشى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىققان «تارىخى كاشغەر» نىڭ ئەسلى قوليازمىسىدىن باشقا، بارتولدنىڭ «تارىخى كاشغەر» ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار رۇس ۋە گېرمان تىلىدا ئېلان قىلىنغان، خەنزۇ ئالىملار چەتئەل تىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلانغان، ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بولمىغانلىقىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ بۇ ئىككى قوليازمىنىڭ ئەسلى بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايقىماسلىقىدىن ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
    ئەمدى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر» ناملىق مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋېي لياڭتاۋ قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنلا بىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ سانكت-پېتىربورگتىكى قوليازما نۇسخىسىنى بىۋاسىتە كۆرمىگەن بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى خاتالىقلارغا ئوخشاشلا يول قۇيۇپ كەلگەنىكەنمىز. بۇ خىل خاتالىق تۈپەيلىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور جاۋجياڭمىن « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 2005- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسى ۋە ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمى ماقالىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە «چىڭگىزنامە» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن[9].
    مەنمۇ «تارىخى كاشغەرنىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھى» دېگەن تەتقىقات تېمىسىنى يوللىغان ۋاقىتتا، نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى كاشغەر» بىلەن موللا مىرسالىھ كاشغەرىينىڭ نامىدا نەشىر قىلىنغان ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى ئايرىم-ئايرىم ئىككى پارچە «تارىخى كاشغەر» قىلىپ يوللىغان ئىدىم (مۇھەممەد ئاتىف بىلەن ئىمىر ھۈسەيىن قازىنىڭ ئەسەرلىرىنى قوشقاندا تۆت پارچە) تېما بېكىتىشكە قاتناشقان مۇتىخەسىسلەرمۇ شۇ بويىچە تەستىقلىغان ئىدى. ئەمما سانكت-پېتربورگدا ساقلىنىۋاتقان «تارىخى كاشغەر» نىڭ قوليازما نۇسخىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەزكۇر قوليازما بىلەن ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ يۈز پىرسەنت ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
    2007- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 9- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ 2750 يىللىق، مەرغىلان شەھىرىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا بېغىشلانغان ئىككى قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى كاشغەر» بىلەن ھاجى نۇر ھاجى نەشىرگە تەييارلىغان ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ بىر ئەسەر ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاكىت ئاساسىغا ئىگە بولدۇم. ھەممىدىن قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ ئىككى قوليازمىنىڭ بىر ئەسەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چىگىش سوئاللارنىڭ جاۋابى يەنىلا ھاجى نۇر ھاجىنىڭ 1993- يىلى نەشىر قىلىنغان «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدىن چىقتى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلدى. تۆۋەندە بۇ پاكىتلارنى بىر بىرلەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
    بىرىنچى، ئەسەرنىڭ نامى مەسىلىسى: ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىسقىچە تارىخ» دېيىلىدۇ ) دېگەن ئەسىرىنىڭ 263- بېتىگە بېرىلگەن «پايدىلانغان ئەسەرلەر» دېگەن تىزىملىكتە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى›، قوليازما» دېگەن مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ ، «چىڭگىزنامە» دېگەن كىتاب نامى ئۇچرىمايدۇ. ئەجەبا ئەسلى تېكىستتىكى پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكىدە بار كىتاب نامى بۇ يەردە نەزەردىن ساقىت قىلىنغانمۇ ياكى بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ۋە ياكى مۇھەررىرنىڭ خاتالىقىمۇ؟
    ئەمدى بىز مەزكۇر كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستىگە قاراپ باقايلى: «قىسقىچە تارىخ» نىڭ 47- بېتىدىكى: «...... بىر ئاپتۇۋىنىڭ ئىچىدىن ‹خۇمار خاتۇننىڭ ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن› دەپ يېزىلغان بىر خەت چىققان. خۇمار خاتۇن كىم؟ قاچان ئۆتكەن؟ قانداق بولغان؟ بۇ توغرىدا مەلۇمات يوق» دېگەن ئابزاسنىڭ پايدىلانغان ماتېرىياللار قىسمىغا «مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كورەگان: ‹تارىخى رەشىدى›، قوليازما؛ شاھ مەھمۇد چۇراس: ‹تارىخ›، موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى› » دەپ يېزىلغان. بۇ مەنبە ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان «قەشقەر تارىخى» نىڭ 58
    b
    – بېتىدىكى مەلۇمات بىلەن تامامەن ئوخشاش. يەنە ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ 98- بېتىدىمۇ شۇنداق. ھاجى نۇر ھاجى بۇ يەردە «تارىخى قەشقەر» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر