كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-17

    ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]


    موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمى



    ئەگەر كاڭشى ئېلىمىزنىڭ چىڭ سۇلالىسىدىكى ئاتاقلىق پادىشاھ دېيىلسە، ئۇنداقتا ئەكبەر كاڭشىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن ياشىغان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتاقلىق ھۆكۈمرانى ھېسابلىنىدۇ. ئەكبەر ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى شىزۇڭ، شېنزۇڭ خانلار بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان، ئەنگلىيىنىڭ 16-ئەسىردىكى ئاتاقلىق كورولېۋاسى ئىلزابىت بىلەنمۇ بىر دەۋردە ياشىغان، ئەمما ئۇ چاغدا ھىندىستان، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگو جەمئىيەتلىرى، ماھىيەت جەھەتتىن، بىر-بىرىگە ئوخشاشمايتتى.
    ئەنگلىيىدە بۇرۇن يېزا جامائەسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى سەككىز ئۆكۈز قوشۇلغان ئېغىر قوش بىلەن 120 ئېنگلىز موسى كېلىدىغان يەرنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تېرىيتتى. يەنە ئوتلاق، چارۋىچىلىق مەيدانى، قاقاسلىق ۋە ئورمانلىقنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولاتتى. يەر تېرىيدىغان جامائە ئەزالىرى ئادەتتە شىئول دەپ ئاتىلاتتى. مىلادى 5-ئەسىرگە كەلگەندە، يېزا جامائەسى سىنىپلارغا ئايرىلغان يېڭى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىن، ئېسىلزادىلەر بۇرۇنقىدەك ئور دەپ ئاتالماي، لوت دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ. لوت فېئودال دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مىلادى 6-ئەسىردە يېڭى پومېشچىكلار سىنىپى بارلىققا كېلىدۇ، فېئوداللىق تۈزۈم قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ؛ ئۆزىنىڭ يانچىدارلىرىدىن رۇخسەت ئالماي، ئۆز مەيلىچە كېتىپ قالغان دېھقانلار تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يېرىگە مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان ھەمدە فېئودال يانچىدارلارغا جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر قىلىنىدىغان بولىدۇ. قورۇقجاڭزىلىرى بار پومېشچىكلار 12-ئەسىرگە كەلگەندە مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە بارلىققا كېلىدۇ. يانچىلار مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 75پىرسەتىنى، قۇللار ئارانلا توققۇز پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، يانچىلارنىڭ قوراللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمما 400 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيىدە يېقىنقى زامان بۇرژرئازىيىسى مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈچى 1588-يىلى ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىنى غەلىبىلىك ھالدا مەغلۇب قىلىدۇ. كورولېۋا ئىلزابىت زامانىسىدا ئەنگلىيە راۋاجلىنىپ كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئاللىقاچان كىرىپ بولغانىدى. خۇددى ماركس ئېيتقاندەك، كورولېۋا ئىلزابىتنىڭ مۆھۈردار ۋەزىرىنىڭ ئوغلى فرانسىس بېكون ماتېرىيالىزمنىڭ ئەنگىلىيىدىكى ئىجادچىسى ئىدى. بېكون ئۆز پەلسەپىسىدە ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە ئەنگلىيە تەجرىنىچىلەر پەلسەپىسىنىڭ پىرى بولۇپ قالغانىدى.
    ئېلىمىز شيا سۇلالىسى دەۋرىدىلا قۇللۇق جەمئىيەتكە كىرگەندىمۇ يېزا جامائەسى يەنىلا مۇۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئەمما ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى تەدرىجىي يوقىتىپ، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ئىشلارنىلا باشقۇرىدىغان بولۇپ قالغان.جۇ سۇلالىسى شاڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، يېڭى دۆلەت قۇرۇپ، يەنىلا جامائەنى بىرلىك قىلغان ھالدا يەرلەرنى نۇرغۇن فېئودال يانچىدارلارغا ئىنئام قىلىپ بەرگەن. ئەمما يېغىلىق دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، جامائەلەردە جامائە يېرى قالمىغاچقا، نەزىر-چىراغ چىقىمى شۇ جايدىكى دېھقانلارغا تەڭ چېچىش چارىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان.
    مىلادىدىن ئىلگىرى 356-يىلى، شاڭ ياڭ قانۇننى ئۆزگەرتىپ، يېزا جامائەسىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا فېئودال پومېشچىكلار تۈزۈمى تىكلەنگەن. فېئودال پومېشچىكلار فېئودال يانچىدارلارغا ئوخشاشمايتتى. يانچىدارلار يەر بېجى يىغىشقىلا ھوقۇقلۇق ئىدى، پومېشچىكلار بولسا يەرنى ئېلىپ-سېتىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. ئېلىمىزدە فېئوداللىق تۈزۈم ئەنگلىيىنىڭكىدىن 900 يىل، ھىندىستاننىڭكىدىن 2000 مىڭ يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. ئەمما، 16-ئەسىردە، ئېلىمىزدە تېخى ئەنگلىيىنىڭكىدەك يېقىنقى زامان بۇرژۇئازىيىسى مەيدانغا كەلمىگەنىدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جياجىڭ ۋە ۋەنلى زامانىسىدە فېئوداللىق ئىگىلىكتە ئازراق پارچىلىنىش بولغاندىن باشقا، ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەنىدى. 16-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، فېئوداللىق ئەدەپ-ئەخلاققا ۋە تەرىقەتچىلەرگە قارشى ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان لى جىمۇ ئۇششاق پومېشچىك ۋە ئۇششاق شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىدىيىسىنىلا ئەكس ئەتتۈرگەنىدى.
    قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستاندا قۇللۇق جەمئىيەت ئېلىمىز ۋە ئەنگلىيدىكى قۇللۇق جەمئىيەتتىنمۇ ئۇزۇن داۋام قىلغان. گانگ دەرياسى ۋادىسىدا فېئودالىزمنىڭ بىخى مىلادى 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ئاندىن بارلىققا كەلگەن. شۇ چاغدا يېزىلغان «ئارتاشاسترا»دا پادىشاھنىڭ قۇلدارلارغا ئەركىنلىكنى سېتىۋېلىش پۇلىنى تۆلىيەلەيدىغان قۇللارنى ئازاد قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈشى تەشەببۇس قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە بوز يەرلەرنى تېرىشنى خالايدىغان دېھقانلارغا ئىجارىگە بېرىپ، ئۇلاردىن ھوسۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىشمۇ تەشەببۇس قىلىنغان. بۇنداق تېرىقچىلار پادىشاھ تارقىتىپ بەرگەن زىرائەت ئۇرۇقلىرى، چارۋا مال ۋە نەق پۇلدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق قىلاتتى. ئۇلار ئەمدى قۇل ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا يەر تېرىيدىغان يانچىلارغا ئايلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدە قۇلدارلارغا بېقىنغان يېزا جامائەسىمۇ فېئودال يانچىدارلارغا بېقىنىدىغان بولغانىدى. مىلادى 5-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئېلىمىزنىڭ فاشيەن ئىسىملىك راھىبى ھازىرقى بىخار ۋە ئوتتارپرادېشقا بارغاندا، ھىندىستان جەمئىيىتى يانچىدارچىلىق ئاساسىدىكى فېئوداللىق جەمئىيەت ئىدى. ئۇ «بۇددىئىزم ئەللىرىگە ساياھەت» تە:« خەلق ھاللىق تۇرمۇش كۆچۈرىدىكەن، نوپۇس قانۇنى يوق ئىكەن، پادىشاھ يېرىنى تېرىغانلار يەر بېجى تۆلەيدىكەن. كېتىشنى خالىغانلار كېتىۋېرىدىكەن، قېلىشنى خالىغانلار قېلىۋېرىدىكەن، ئەل ئادىل ئىدارە قىلىنغاچقا، جازالاش بولمايدىكەن.
    دېيىلگەن. يېزا جامائەسى ئاساس قىلىنغان بۇ خىل فېئودال يانچىدارچىلىق تۈزۈم تاكى 16-ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
    ھىندىستاندا 17-ئەسىردىمۇ فېئودال پومېشچىكلار تۈزۈمى ئورنىتىلمىغان، يەنىلا فېئودال يانچىدارلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەنىدى. فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مونبليېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەن پروفېسسورى پۇنى موغۇل ئوردىسىنىڭ دوختۇرى بولۇپ ھىندىستاندا 12 يىل تۇرغان. ئۇ 1670-يىلى فرانسىيىگە قايتىپ، لۇئى ⅩⅣ نىڭ مالىيە ۋەزىرى كولبېرغا ھىندىستاننىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات قىلغاندا، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي ياۋروپانىڭكىدىن خېلىلا ئارقىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن، يەرگە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەب بولغان دەپ قارىغان.
    ھىندىستاندا يەرنى قورال كۈچىگە تايىنىپ تارتىۋالىدىغان پومېشچىكلار 18-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندا-ساندا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغدا موغۇل ئىمپېرىيىسى ئىنتايىن زەئىپلىشىپ كەتكەنىدى. ئېنگېلس 1875-يىلى يازغان «روسىيىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:«يېزا جامائەسى يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى بىز ھىندىستاندىن ئېرلاندىيىگىچە بولغان يەرلەردىكى بارلىق ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تەرەققىيات باسقۇچىدىنمۇ، ھەتتا ھىندىلارنىڭ تەسىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان مالايلىقلار ئارىسىدىنمۇ. مەسىلەن، ياۋادىنمۇ كۆرەلەيدىغان تۈزۈمدۇر. ...ھىندىستاندا، يېزا جامائەسى مۈلۈكچىلىكى شەكلى ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.»(1) كېيىن، ئېنگېلس «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن كىتابىدا يەنە ئورتاق تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئائىلە جامائەسىنىڭ ھىندىستاننىڭ پۈتكۈل غەربىي شىمال قىسمىدا يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ماركس 1853-يىلىلا «برىتانىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى» دېگەن ماقالىسىدە، يېزا جامائەسى باشتىن-ئاياغ شەرقتىكى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ پۇختا ئاساسى، دېگەن.
    قىسقىسى، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان جەمئىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە دەۋرىگە ئوخشاش، يېزا جامائەسى ئاساس قىلىنغان فېئودال يانچىدارلىق تۈزۈمىدە توختاپ قالغان، ئۇنىڭدا يېغىلىق دەۋرىدىكىدەك فېئودال پومېشىكلار تۈزۈمى تېخى مەيدانغا چىقمىغان، 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزدە كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرى ئەمدىلا پەيدا بولۇۋاتقاندا، ئەنگلىيە خېلى بۇرۇنلا فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە كىرگەنىدى، ھىندىستان بولسا، فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا قەدەم قويمىغانىدى.
    پادىشاھنىڭ ئىگىلىكىدىكى خەزىنە يېرى، يانچىدارلارنىڭ مىراس قالمايدىغان يېرى ۋە مىراس قالىدىغان يېرى موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ فېئوداللىق يەر تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. خەزىنە يېرى ئەرەبچە «خالىسە» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ «پاك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى، ئىستېلا قىلىنغان يەرنىڭ ھەممىسى خالىسە دەپ ئاتىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولاتتى، يەر بېجىنى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەمەلدار ئەۋەتىپ بىۋاسىتە يىغاتتى. يانچىدارلارنىڭ مىراس قالمايدىغان يېرى تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا ۋاقىتلىق ئىگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىنئام قىلىنغان خالىس يەرلەر ئىدى، ئىنئام قىلىنغان بۇنداق يەرلەر ئەدەتتە «زاھىر يەر» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ، سانسكرىت تىلىدا يەرگە ئىگە بولۇش دېگەننى بىلدۈرەتتى. ئەمەلىيەتتە، يانچىدارلاردا بۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى، ئۇلار يەر تېرىش بىلەنمۇ شۇغۇللانمايتتى، شۇ يەرنىڭ يەر بېجىنى يىغىش ھوقۇقىغىلا ئىگە ئىدى. ئومۇمەن بويسۇندۇرۇلغان يەرلەر، بولۇپمۇ چېگرا رايون ۋە قاتناش قولايسىز تاغلىق رايونلاردا مۇسادىرە قىلىنماي، ئەسلىدىكى قەبىلە باشلىقلىرى ياكى ھىندى دىنىدىكى بەگلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قالدۇرۇپ قويۇلغان يەرلەر مىراس قالىدىغان «زېمىندار يېرى» ھېسابلىناتتى. زېمىندار دېگەن سۆز پارسچىدا يەر ئىگىسى دېگەننى بىلدۈرەتتى. مىراس قالىدىغان مۇنداق يەرلەرگە ئىگە بولىدىغانلار ھەر يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بىر قېتىم ئولپان تاپشۇراتتى، زۆرۈر تېپىلغاندا، يەنە ئەسكەر چىقىرىپ پادىشاھنىڭ قوشۇنىغا ياردەم بېرەتتى. 16-ئەسىردە ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، مىراس قالمايدىغان زاھىر يەرلەر ئەڭ ئومۇملاشقانىدى. ئەمما 17-ئەسىردە مىراس قالىدىغان يەرلەرگە ئىگە نۇرغۇن زېمىندارلار زاھىر يەرلەرنى تارتىۋېلىپ، ئۆز يېرىنى كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زاھىر يەرلەرگە خاس ھەممە جاۋابكارلىق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەۋرەڭزېب ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگە كەلگەندە، زېمىندار يېرى بىلەن زاھىر يەرلەر ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر