كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-14

    ھىندىستان موغۇل ئىمپىرىيسى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

     

    موغۇل ئىمپىريىسىنى قايتا قۇرغان ئةكبةر

     

    ئەكبەر تەختكە چىققاندا 14ياشتا بولۇپ، دادىسىنىڭ باش ۋەزىرى بايرامخان ئۇنىڭ ئورنىدا ھاكىمىيەت باشقۇرىدۇ. ئۇ چاغدىكى ئەھۋال موغۇل ئىمپېرىيىسىگە بەكمۇ پايدىسىز ئىدى. نۇرغۇن رايونلارنى ۋالىيلار ۋە بەگلەر بۆلۈشۈۋالغانىدى. غەربىي دېڭىز بويىدىكى گوئا ۋە دىئو قاتارلىق جايلارنى خېلى بۇرۇنلا پورتۇگالىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغانىدى. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، ئىلگىرىكى سۇر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئادىلشاھنىڭ ۋەزىرى ھىمو 50 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ۋە 500 پىلنى باشلاپ بېرىپ، ئاچارچىلىقتا تۇرۇۋاتقان ئاگرا بىلەن دېھلىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. ئەمما بايرامخان 1500 پىلنى يىغىپ، قەسەم ئىچىپ دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ، پانىپات جەڭ مەيدانىدا ئاسىيلىق قىلغان قوشۇننى قاتتىق مەغلۇب قىلىدۇ. ھېمو ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. بايرامخان ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كابۇلغا، تېنىنى دېھلىغا ئەۋەتىپ، ئاسىيلىق قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئافغانىستان ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
    ئۇ چاغدا موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى دېھلى، ئاگرا ۋە لاھۇردىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنىڭ ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنەتتى. بايرامخان غەلىبىدىن ئېسەنكىرەپ كېتىپ، مەخپىي گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، ياتلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرىدۇ. ئەكبەرنىڭ ئاغىنىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەكبەرنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسىنىڭ تەختنى تارتىۋېلىشىغا مەدەت بېرىش قەستىدە بولىدۇ. شۇڭا، 1560-يىلى ئەكبەر ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن چېغىدىلا ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.
    ئەكبەر بىۋاسىتە ھاكىمىيەت باشقۇرغاندىن كېيىن، ئەسكەر چىقىرىپ غەربتە  ئاجمېرنى بويسۇندۇرىدۇ، شەرقتە لوكنۇۋ ۋە باتنانى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا يەنە غەربىي شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، پۈتكۈل پەنجاپنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئۇ 1562-يىلى راجپۇت رايونىدىكى بەخ يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە بۇ جايلاردىكى باتۇر جەڭچىلەرنى جەڭگە سېلىش ئۈچۈن، ئاجمېر خەلىپىسىنىڭ قىزىنى ئالىدۇ. تېمۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىرزا ئەسلىدە ئەكبەر بىلەن بىر جەمەت ئىدى. ئۇ گۇجرەتتە توپىلاڭ قوزغىغانلىقتىن، ئەكبەر ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۇنى ئىككى قېتىم مەغلۇب قىلىدۇ. 1573-يىلى ئەخمەدئاباد ۋە سۇرات شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالغاندا، 2000 دەك ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىدىن قورقۇنچلۇق بىر مۇنار ياسىتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، بىخارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېنگالنىڭ بېگى داۋۇد مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دېھلىغا ئولپان بېرىشنى رەت قىلىدۇ. ئەكبەر يەنە جەڭگە ئاتلىنىدۇ. بىر قېتىملىق چوڭ جەڭدە داۋۇد ئۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئافغانىستان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بۇ رايوندا 240 يىل داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.
    ئەكبەر 1579-يىلى پەرمان تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىلا ئالىي ھۆكۈمران بولۇپ قالماي، دىنىي جەھەتتىمۇ ئالىي ھۆكۈما ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ ئىنىسى شاھزادە ھاكىم دىننى قوغداش باھانىسى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، كابۇلدىن پەنجاپقا بېسىپ كىرىدۇ. ئەكبەر كابۇلنى ئىشغال قىلىپ، ئىنىسىنىڭ جىنايىتىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۇنى كابۇلنىڭ ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بېنگالنىڭ ۋالىيسىمۇ ئەكبەرنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. ئەكبەر بۇ قېتىمقى توپىلاڭنى دەرھال تىنچىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەت ئىچى تىنچلىنىدۇ، موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قايتا تىكلىگەن ئەكبەر ئەمدى ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا كىرىشىدۇ.
    ئەكبەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئۇ مالىيە ۋەزىرى، ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۇدامارغا سۇر سۇلالىسىنىڭ يەر بېجى تۈزۈمى ئاساسىدا يەرنى تېخىمۇ توغرا ئۆلچەپ، ئەستايىدىل تۈردە دەرىجىگە ئايرىپ سېلىق ئېلىش ھەمدە باج نورمىسىنى قايتا بېكىتىپ چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. سۇر سۇلالىسى دەۋرىدە يەرلەر چىگە ئارغامچا بىلەن ئۆلچىلەتتى. چىگە ئارغامچا ئىسسىقتا سوزۇلۇپ، سوغۇقتا يىغىلىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەرنى توغرا ئۆلچىگىلى بولمايتتى. ئەكبەر دەۋرىدە يەرلەر تۆمۈر ھالقىلىق بامبۇك خادا بىلەن خېلى ئىنچىكىلەپ ئۆلچىنىدۇ. بۇرۇن يەر بېجىنىڭ دەرىجىسى ئاز ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا، يەرلەر يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپلا قالماي، بەلكى ھەر خىل زىرائەتلەردىن ھەر خىل مىقداردا سېلىق ئېلىنىدىغان بولىدۇ. ھىندىستاندا قەدىمكى ئادەت بويىچە ھوسۇلنىڭ ئالتىدەن بىرى سېلىق ھېسابىدا تۆلىنەتتى. سۇر سۇلالىسى ئۇنى ئۈچتەن بىر ئۆلۈشكە كۆتۈرۈپ، شۇ يىلىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بويىچە پۇل ئېلىشنى يولغا قويغانىدى، ئەكبەرمۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتەن بىر ئۈلۈشىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش بولمىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن ئېلىنىدىغان سېلىقنى ئۇنىڭ ئون يىللىق ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلاپ، دېھقانلارنىڭ ماددىي نەرسە ياكى پۇل تاپشۇرۇشىنى ئۆزى بەلگىلەشكە يول قويىدۇ. سېلىق نورمىسىنى ئاشۇرۇشنى ياكى ئازايتىشنى ئون يىلدىن كېيىن بەلگىلەشنى قارار قىلىدۇ. بۇنداق مۇقىم سېلىق مىقدارى تەبىئىي يوسۇندا يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەكبەر ئادەم بېشىغا ئېلىنىدىغان جان بېجىنى ۋە قوشۇنچە يەر بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بىرمۇنچە يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە، ئۇ يەنە يەر بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
    ھۇمايۇن دەۋرىدە نەرغۇن فېئوداللار ئىمپېرىيىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ئۇلار يەر بېجىنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە يىغىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى موغۇل ئوردىسىغا تاپشۇراتتى. ئىمپېرىيىنىڭ قالغان ئاز بىر قىسىم يېرى ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بېرىلگەنىدى. بۇ يەرلەرنىڭ بېجىنى ئوردا بىۋاسىتە يىغاتتى. ئالدىنقىسى زاھىر يەر، كېيىنكىسى خالىس يەر دەپ ئاتىلاتتى، ھەر ئىككىسىگە ۋارىسلىق قىلغىلى بولمايتتى. ئەكبەر نۇرغۇن زاھىر يەرنى بىكار قىلىپ، يەر بېجىنى بىۋاسىتە يىغىش ئۈچۈن جايلارغا نۇرغۇن باجگىر ئەۋەتىدۇ. بېنگال ۋە بىخارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىمپېرىيىنىڭ باج تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىدۇ. ھوقۇقنى مەركەزگە توپلاش تۈزۈمىمۇ ئورنىتىلىشقا باشلايدۇ، بۇ چاغدا موغۇل ئىمپېرىيىسى 182 باج رايونىغا ئايرىلىدۇ. ھەر بىر رايون ھەر يىلى ئون مىليون رۇپىيە ھەر بېجى تاپشۇرىدۇ. يەر بېجىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى 1مىليارد 820 مىليون رۇپىيىگە يېتىدۇ. زاھىر يەرلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلمەي تۇرۇپلا، ئەكبەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىدە ئىككى مەھكىمە تەسىس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرى زاھىر يەرلەردىن تاپشۇرۇۋالغان يەر بېجىنىلا باشقۇرىدۇ، يەنە بىرى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باجگىرلار يىغقان باجنىلا باشقۇرىدۇ. 1580-يىلى ئەكبەر باجگىرلارنىڭ مائاشىغا تامامەن نەق پۇل بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئەمما ئۇ چاغدا قۇيۇلىدىغان پۇل چەكلىك، نەق پۇلنىڭ ئوبوروتى ئاستا بولغانلىقتىن، ئالتە يىلدىن كېيىن نائىلاج مائاشنى باج كىرىمىدىن تۇتۇپ قېلىش چارىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ چارە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:0]ياخشى يېزىلىپتۇ.
    ھونزادە 回复مۇئەللىم说:
    رةهمةت سئزگة،كئلئپ تذرذث قءرئندئشئم.
    2010-12-19 18:24:56

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر