
پېرسىيىگە قېچىپ كەتكەن ھۇمايۇن
بابۇرنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى. چوڭ ئوغلى ھۇمايۇن ئۈچىنچى خانىشتىن 1508-يىلى 3-ئايدا كابۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىمپېراتورلۇققا ۋارسلىق قىلغاندا 22 ياشتا ئىدى. ئىككىنچى ئوغلى كامران خېلى بۇرۇنلا كابۇلنىڭ ۋالىيسى بولغان ھەمدە قەندىھار ۋە پەنجاپنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. ئۈچىنچى ئوغلى ھىندار ئۇ چاغدا سامبالانىڭ ۋالىيسى ئىدى. تۆتىنچى ئوغلى ئەسقەر باتۇرلۇقتا، جەڭگە ماھىرلىقتا داڭق چىقارغان بولۇپ، ئۇمۇ مىخاتنىڭ ۋالىيسى بولغانىدى. ھۇمايۇن تەختكە چىقىپلا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ ئىنىسى كامران مۇستەقىللىق جاكالايدۇ. غەرب تەرەپتىكى گۇجرەت بېگى باھادىر شاھ بابۇرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپلا موغۇللارغا ئۇرۇش جاكالايدۇ. شەرق تەرەپتىمۇ بىخارنىڭ ئافغانىستانلىق سابىق ۋالىيسى سېرشاھ تەھدىت سالىدۇ. سېرشاھ بۇرۇن ئۆزىنى سېرخان دەپ ئاتىغانىدى. ئۇ ئەسلىدە پادىشاھ ئىبراھىم لودىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئاقسۆڭەك (دېھلىدىكى لاڭېر پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئەۋلادى) بولۇپ، پانىپات ئۇرۇشىدىن كېيىن بابۇرغا بېقىنىپ، موغۇل قوشۇنىنىڭ بىر قابىلىيەتلىك سەركەردىسىگە ئايلانغان، بابۇر ئۇنى بىخارغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. مۇھەممەد لودى بىخارنى ئىشغال قىلغاندا، سېرخان يەنە ئۇنىڭغا بېقىنغان، مۇھەممەد لودى ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ بىخارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق خوجايىنى بولۇپ قالغانىدى.
ھۇمايۇن دەسلەپتىلا جامپۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوراللىق باستۇرىدۇ. كېيىن ئەسكەر يۆتكەپ، غەربتىكى باھاردىرشاھقا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ ۋە گاھ ئۇرۇشۇپ، گاھ ئۇرۇشماي بەش يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 1535-يىلى گۇجرەتنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكىرىنى يوقىتىدۇ، ئىككىنچى يىلى باھادىرشاھ يۇشۇرۇنۇۋالغان قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى توختىتىپ يارىشىپ قېلىشقا قوشۇلىدۇ. ئەمما ھۇمايۇن بىلەن سېرخان بىخاردا ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىۋاتقاندا باھادىرشاھ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، گۇجرەتنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ھۇمايۇن 1537-يىلدىن 1540-يىلغىچە سېرخان بىلەن بىر نەچچە قېتىم قاتتىق جەڭ قىلىدۇ، ئاخىرقى قېتىمقى جەڭدە سېرخاننىڭ قوشۇنى گانگ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى موغۇل بارگاھىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. موغۇل قوشۇنى تامامەن دېگۈدەك يوقىلىدۇ. ھۇمايۇن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالىدۇ. ئۇ دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئېتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بەختىگە يارىشا سۇ توشۇۋاتقان بىر كىشى ئۇنىڭغا كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن بىر تۇلۇمنى تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جېنىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇمايۇن نىجادلىق شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئادەمنى ئاگراغا تەكلىپ قىلىپ، شاھلىق تەختىنى بىر كۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىكەن. بۇنىڭدىن ھۇمايۇننىڭ ئۆزىنى توختاتمىغان تەنتەك ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئاتىسى بابۇردەك ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
سېرخان 1540-يىلى دېھلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، سېرخان دېگەن نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزىنى سېرشاھ دەپ جاكارلايدۇ ۋە ھۇمايۇننىڭ ھەممە يېرىنى ئىگىلىۋېلىپ، سۇر سۇلالىسىنى قۇرىدۇ (1540ــــ 1555-يىللىرى). ئۇ راجپۇتنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، 1545-يىلى يەنە چىتتۇرغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. كۈتۈلمىگەندە، شەھەردىن ئېتىلغان غايىب ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. تەختكە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى جالالخان چىقىدۇ. جالالخان ئۆزىنى سەلىمشاھ دەپ جاكارلاپ، ئاران سەككىز يىللا يۇرت سورايدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، چوڭ ئاكىسى ئادىل گۆدەك جىيەنى ــــ سەلىمشاھنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ. ئادىل ئىنتايىن مۇستەبىت، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن ئادەم بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆز جەمەتىدىن بولغان ئىبراھىم سۇھر تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلىدۇ. ئۇ چاغدا پەنجاپ بىلەن بېنگالمۇ قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنىدى. بۇ قالايمىقانچىلىق ھۇمايۇنغا ئىمپېرىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ھۇمايۇن كابۇلدىن يولغا چىقىپ، پەنجاپ ئارقىلىق لاھۇر، دېھلى ۋە ئاگراغا كېلىدۇ. 1555-يىل 7-ئايدا ئۇ ئىلگىرىكىدەك نوپۇزىنى يېڭىباشتىن تىكلەيدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەككى، سۇر سۇلالىسى دېھلىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسى تۈركلەرنىڭ، سۇر سۇلالىسى بولسا ئافغانلارنىڭ ئىدى.
ھۇمايۇن ئۆزىنىڭ شاھلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگۈدەك ئەسكىرى كۈچكە قانداق ئىگە بولدى؟ دەسلەپتە، سېرشاھ ئۇنى لاھۇرغىچە قوغلاپ كەلگەچكە، ئۇ ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى سىند (ھازىرقى پاكىستان) قا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، راجپۇتقا كېتىدۇ. بۇ يەرنىڭ بېگى ئۇنى ئۆز تەۋەسىگە كىرگۈزمەيدۇ. ھۇمايۇن نائىلاج دەشتۇ سەھرادا سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇ تۇرغان يەر ۋە ئۇنىڭ نەچچە ئون ئەگەشكۈچىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئۇ ئوردا كېنىزىكىدىن بىر ئوغۇل تاپىدۇ. مانا بۇ 1542-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتاقلىق خانى ئەكبەر ئىدى. ھۇمايۇن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قۇملۇقتا بىر يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن، سىندنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا يۆتكىلىپ كېلىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى ئەسقەر قەندىھارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەنلىكتىن، ھۇمايۇن پېرسىيىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
پارسلار، ئافغانلار ۋە تۈركلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. پارسلار شىئە مەزھىپىگە تەۋە ئىدى. ھىندىستاننىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئافغانلاردىن شىئە مەزھىپىگە تەۋەلىرىمۇ، سۈننىي مەزھىپىگە تەۋەلىرىمۇ بار ئىدى.ئەمما سەمەرقەندتىن كەلگەن تۈركلەر، يەنى موغۇل خانلىقىنىڭ خان جەمەتى بولسا سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە ئىدى. ھۇمايۇن پېرسىيە چېگرىسىغا كىرگەندە، پېرسىيە پادىشاھى تاماسپۇشاھ ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ، شىئە مەزھىپىگە كىرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. كېيىن ھۇمايۇن پېرسىيە پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ، پېرسىيە پادىشاھىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە قەندىھارنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە ئەسكەر چىقىرىپ، ھۇمايۇننىڭ ھىندىستانغا قايتىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. ھۇمايۇن 1544-يىل 14مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن يۈرۈش قىلىپ، ئەسقەرنىڭ قولىدىن قەندىھارنى تارتىۋېلىپ پېرسىيە پادىشاھىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۈچ ئىنىسى ـــ ئەسقەر، ھىندار، كامران ھۇمايۇنغا بەيئەت قىلىدۇ. كېيىن كامران سىندتا توپىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ باستۇرۇۋېتىلىدۇ. يەنە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1553-يىلى بىر قاتار مالىمانچىلىق ئىچىدە كامران ئەسىرگە چۈشىدۇ ھەمدە ئىككى كۆزى ئويۇۋېلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۇمايۇن يەنە بىر قېتىم «ئائىلە باشلىقى» بولىدۇ ۋە كابۇلنى ئۆزىنىڭ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشتىكى بازىسى قىلىدۇ.
ھۇمايۇن قېچىپ يۈرگەن مەزگىللەردە، دېھلىدا ھۆكۈم سۈرگەن سۇر سۇلالىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ پادىشاھ ئۆتىدۇ: سېرشاھ بەش يىل، سەلىمشاھ سەككىز يىل، ئادىل شاھ ئاز كەم ئىككى يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. سېرشاھ دانا فېئودال پادىشاھ ئىدى. ئۇ گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئافغان بولسىمۇ، يات دىنلارنى قىلچىمۇ كەمسىتمەيتتى. ئارمىيىدىمۇ، ھۆكۈمەتتىمۇ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھىندىستانلىق كىشىلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنىدى. ئۇ ھەربىي رايونلارنىڭ سەركەردىلىرىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلاتتى، بۇ سەركەردىلەر ئىچىدىمۇ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مۇنچە ھەربىيلەر بار ئىدى. ئۇ بىر يۈرۈش قانۇن ۋە ئەدلىيە تۈزۈمى ئورناتقانىدى. ئۆلكە، ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە سوت تەسىس قىلىنغانىدى. يېزىلاردىمۇ يەرلىك ئەدلىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغان ئادەملەر بەلگىلەنگەنىدى. ئۇ چاغدا ناھىيىلەردە سوتچىدىن باشقا ھەربىي باشلىق، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر ھېساباتچى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ھىندى يېزىقىدا، يەنە بىرى پارس يېزىقىدا ھېسابات ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ يازاتتى. شۇڭا، بۇ دەۋردە فېئوداللىق مالىيە تۈزۈمى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغانىدى. ئۇ يېزىلارنىمۇ قاتتىق ئىدارە قىلغان، جايلاردا ئوغرى-يالغان يوقىلىپ، تىنچلىق-خاتىرجەملىك ئورنىتىلغانىدى. ئۇ يەنە باج-سېلىقنى تەرتىپكە سالغان،قاقتى-سوقتى قىلىپ بېيىشقا يول قويمىغانىدى. تېرىلغۇ يەرلەر ئۆلچىلىپ، يەر بېجى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرۇشقىمۇ، ماددىي نەرسە تاپشۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنغانىدى. ئۇ يەر بېجىنىڭ ئورمىسى ئاڭ يۇقىرى بولغاندا مەھسۇلاتنىڭ تۆتتەن بىر ئۆلۈشىدىن ئاشماسلىقى كېرەك، دەپ بېكىتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە قاتناش، ترانسپورت ۋە پوچتا ئۆتەڭلىرىنىمۇ راۋاجلاندۇرغانىدى. ئۇ دەۋر سۈرگەن بەش يىل ئىچىدە تۆت تاشيول ياسالغان. بىرىنچىسى، شەرقىي بېنگالدىن ئۇدۇل غەربىي شىمال چېگرىغا بارىدىغان تەخمىنەن 2000 مىل كېلىدىغان تاشيول. ئىككىنچىسى، ئاگرادىن جەنۇبقا قاراپ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاپتى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا بارىدىغان تاشيول. ئۈچىنچىسى، ئاگرادىن غەربكە قاراپ راجپۇتتىكى چىتتۇرغا بارىدىغان تاشيول. تۆتىنچىسى، لاھۇردىن چىقىپ، غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى مورتانغا بارىدىغان تاشيول. بۇ تاشيوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن، يول بويلىرىغا ھىندى دىنى ۋە ئىسلام دىنىدىكىلەر قونىدىغان ۋە دەم ئالىدىغان نۇرغۇن سارايلار سېلىنغانىدى. سېرشاھ ئېغىرلىقى 180 گران كەلگەن كۈمۈش رۇپىيە قۇيدۇرغان. بۇ پۇلنىڭ ئۆلچىمىدىن موغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرى پايدىلانغان. سېرشاھ ئورناتقان بۇ تۈزۈملەر ۋە سەلىمشاھ ۋارىسلىق قىلغانىدى. ھۇمايۇننىڭ ئوغلى ئەكبەرمۇ سەلىمشاھ دەۋرىدىكى قائىدە-تۈزۈملەرگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، سېرشاھ ھىندىستان تارىخىدا فېئودال تۈزۈم ئورناتقان ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگەن پادىشاھ، ئۇ ئەكبەرگە يول ئېچىپ بەرگەن ئاۋانگارت ھېسابلىنىدۇ.
ھۇمايۇن سۇر سۇلالىسىدە ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، كابۇلدىن لاھۇرغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ئۇ 1555-يىل 2-ئايدا بۇ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن، يەنە شەرققە يۈرۈش قىلىپ، سۇر سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇب قىلىپ، 7-ئايدا دېھلىدا خانلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەمما، يېرىم يىل ئۆتمەيلا، ئۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى ئۇنىڭ ئوغلى ئەكبەرنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.
ھۇمايۇن كىشىلەرگە ناھايىتى سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەپيۇن چەككەنىدى. بۇ پادىشاھ كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەنگەنىدى، ھەربىي يۈرۈش قىلغاندىمۇ بىر مۇنچە كىتابلارنى يېنىدىن ئاجراتمايتتى. ئۇ پېرسىيىدىن ئىككى رەسسامنى دېھلىگە كېلىپ ئۆزى ۋە ئوغلى ئەكبەرگە رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم مۇزىكا ئاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ ئەسىرلەر ئىچىدىن مۇزىكىچىلارنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلغانىدى. ئۇ ئوردىدىكى شائىرلار، پەيلاسوپلار ۋە روھانىيلار بىلەن دائىم سۆھبەتلىشىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ ماتېماتىكا بىلەن ئاسترونومىيىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى. ئۇ، 1555-يىلى خانلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، دېھلىدا ھاۋا رايى ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىغانىدى. ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن، ئۇ ئوردا ئىچىدىكى كۇتۇپخانىنىڭ ئۆگزىسىدە مۇنەججىملەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئەزان ئېيتىلىدۇ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە بارماقچى بولىدۇ، كۈتۈلمىگەندە ھاسىسى تېيىلىپ كېتىپ، بىراقلا پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپ بېشى يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ۋەزىرلەر ئىچكى ئۇرۇش قوزغىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى شاھزادە ئەكبەر دېھلىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ