كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-12

    ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    ئىمپىريىنى قۇرغۇچى-بابۇر

    ئىسلام دېنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر 632-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېيناتىسى ئەبۇبەكرى خەلىپە بولىدۇ ھەمدە ئەرەبلەرنى باشلاپ سۇرىيە، مىسىر، پېرسىيە ۋەئافغانىستانغا بېسىپ كىرىدۇ.شۇڭا، بۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. 8-ئەسىردە مۇسۇلمانلار سەمەرقەندنى تاتىۋالىدۇ، كېيىن يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر نەچچە خانلىق قۇرىدۇ (1206ـــ 1414-يىللىرى)، بۇ خانلىقلارنىڭ خانلىرى ئىچىدە جۇناخان ئەڭ ئاتاقلىق خان ئىدى.
    ماركس شەرق ئەللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھىندىستان تارىخىغا ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئۇ «ھىندىستان تارىخىنىڭ يىلنامە ئورىگىنالى» دېگەن ئەسىرىدە جۇناخان ھەققىدىكى ھېكايىنى بايان قىلىپ  مۇنداق دېگەنىدى:« ئۇ، شۇ زاماندىكى ئەڭ تالانتلىق پادىشاھ ئىدى. ئەمما ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن قارا نىيىتى ئۇنى جېنىدىن جۇدا قىلدى. ئۇنىڭ بىرىنچى تەدبىرى موڭغۇللارغا سوۋغا بېرىپ سۈلھ تەلەپ قىلىش، ئەپ ئۆتۈش ئىدى، شۇڭا ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە موڭغۇللار ئۇنىڭغا زادىلا چىقىلىپ باقمىغان، كېيىن ئۇ دېكان(1)نى بويسۇندۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دۇنياۋى ئىمپېرىيە قۇرۇشنى پىلانلاشنى باشلايدۇ... ئۇ يەنە جۇڭگونى بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ؛ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ، ھەر تەرەپتىن ھىمالايادىن ئۆتىدىغان يول ئىزدەيدۇ؛ ئەمما پۈتۈن قوشۇنى تايرې(2) ئورمانلىقىدا ھالاك بولۇشقا تاسلا قالىدۇ»(3). جۇناخاننىڭ ئۆزىمۇ بەزگەك بولۇپ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى تەختكە چىققاندا، دېكان بىلەن بېنگالنى باشقا مۇسۇلمانلار ئىشغال قىلىۋالغانىدى. شۇ چاغدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانلارمۇ ئېغىر باج-سېلىقلارنى تۆلىيەلمەي، ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى. تېمۇر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. كېيىن تېمۇر قالدۇرۇپ كەتكەن ۋالىي خىزىرخان ئۆزىنى مۇستەقىل پادىشاھ دەپ جاكالايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دېھلىغا 36 يىل (1414ـــ 1450-يىللىرى) ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. خىزىرخاننىڭ نەۋرىسى ھىندى دىنىدىكى بەگلەرنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن دېھلىغا قامىلىپ قېلىپ، پەنجاپنىڭ مۇسۇلمان ۋالىيسى لودىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما، لودى مۇھاسىرىنى بۇزۇپ بەرگەندىن كېيىن، دېھلى بىلەن پەنجاپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق قۇرۇۋالىدۇ (1450ـــ 1526-يىللىرى). تېمۇرنىڭ 6-ئەۋلاد نەۋرىسى بابۇر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، لودى خانلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ. ئەينى زاماندا، بابۇر ئانىسىنىڭ چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنى موڭغۇل دەپ جاكالىغانىدى. بۇ نام خاتا تارقىلىپ «موغۇل» بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھىندىستاندا قۇرغان ھاكىمىيەتمۇ موغۇل ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
    تېمۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىمپېرىيىسى ئۆزبېكىستان ۋە سافاۋىتتىكى چوڭ-كىچىك بەگلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغانىدى. بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆز ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تاشكەنتكە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بابۇر 1483-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلىدۇ، 11يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، تاشكەنتكە بەگ بولىدۇ. ئۇ قەيسەر، باتۇر ئىدى. ھەربىي ئىشلاردا تەجرىبىلىك بولۇپلا قالماي، قەلەمدىمۇ ماھىر ئىدى. ئۇ 11 يېشىدىلا كۆرگەنئاڭلىغانلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ خاتىرە يېزىشقا باشلىغان. ئۇ ئۆز تەرجىمىھالىنى يېزىپ قالدۇرغان بىردىنبىر موغۇل پادىشاھى ئىدى، مەشھۇر «بابۇرنامە» تۈركچە يېزىلغان، كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى ئەكبەر ئۇنى پارسچىغا تەرجىمە قىلدۇرغان، 19-ئەسىردە يەنە ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بابۇر «بابۇرنامە»دە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى راستچىللىق بىلەن يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ، زامانىسىنىڭ شائىرى ئىدى. ئۇ «بابۇرنامە»دىكى شېئىرلاردىن باشقا، يەنە بىر مۇنچە لىرىك شېئىر ۋە دىنىي شېئىرلارنىمۇ يازغان.
    بابۇرنىڭ خېلى بۇرۇنلا تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىۋېلىش نىيىتى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ 14 يېشىدا ئەسكەر چىقىرىپ، بۇ شەھەرگە يەتتە ئاي قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ چاغدا، بابۇرنىڭ بۇ شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر نەۋرە ئاكىسى قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەنىدى. ئەمما كېيىن بابۇرنىڭ بۇ بىر نەۋرە ئاكىسى ئۆزبېكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغايدۇ. بابۇر ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي، سەمەرقەندنى تاپلاپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ كابۇل (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى)نى ئالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قول ئاستىدا 4000 دىن ئارتۇق ئاتلىق ئەسكەر بار ئىدى. بابۇر كابۇلنى بازا قىلىپ، ھىندىستانغا تۆت قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ، ئاخىرقى قېتىم كىرگىنىدە، ھىندىستاندا بىر خانلىق قۇرىدۇ.
    ئۇ ھىندىستانغا 1505-يىلى 1-ئايدا تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ ۋە قىبېر تاغ ئېغىزى ۋە پېشاۋۇردىن ئۆتۈپ، ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جايلارنىڭ چارۋا ۋە ئاشلىقلىرىنى تۆت ئاي بۇلايدۇ. ئىككىنچى قېتىم 1507-يىلى 9-ئايدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قەندىھار ۋە بولان تاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، يەنىلا ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى شەھەرلەرنى بۇلاش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم كابۇلغا قايتىپ كەلگەندە، بابۇر ئۆزىنى يەنە بەگ (پارسچە مۇچا) دەپ ئاتىماي، پادىشاھ دەپ جاكارلايدۇ. شۇ چاغدا، سافاۋىت بېگى بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ بېگى شىددەتلىك جەڭ قىلىۋاتاتتى. بابۇر سافاۋىت تەرەپ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن سەمەرقەندنى تارتىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بابۇر 1511-يىلى 10-ئايدا ئۆزىنى سەمەرقەند پادىشاھى دەپ جاكارلاپ، بۇخارا، تاشكەنت ۋە كابۇل قاتارلىق جايلارنى سورايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن،ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە سافاۋىتچە رىدا چىگىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇنداق رىدانى پېرسىيىدىكى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار چىگەتتى، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا قارشى تۇراتتى. دېمەك، بابۇر دىنىي ئەنئەنىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرغانىدى. بۇنىڭدىنمۇ بابۇرنىڭ كەسكىنلىكى ۋە قەيسەرلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئۇ پېرسىيىدىن كەلگەن ئىتتىپاقداشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولىدۇ. شۇڭا، 1519-يىلى ھىندىستانغا ئۈچىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئىلگىرىكىدەك بۇلاڭ-تالاڭ قىلماي، بەلكى ئىشغالىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئۇ ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى بىر قانچە شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ ۋە بۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنى ۋە چارۋىلارنى قوغداش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كېيىن دېھلىدىكى لودى پادىشاھ جەمەتى ئىچىكى نىزا تۈپەيلىدىن 1525-يىلى بابۇردىن ياردەم سورايدۇ، بابۇر ئەسكەر چىقىرىپ ھىندى دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئۆتۈپ، ھىندىستانغا تۆتىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئۈچ قېتىملىق قاتتىق جەڭ ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.
    «
    بابۇرنامە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: مەن تۆتىنچى قېتىم بېسىپ كىرگەندە، ھىندىستاندا يەنە بەش ئىسلام خانلىقى ۋە ئىككى ھىندى دىنى خانلىقى بار ئىدى. جەنۇبىي ھىندىستاندىكى فېگايېناگا ۋە غەربىي ھىندىستاندىكى راجپۇت ھىندى دىنى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. غەربىي ھىندىستاندىكى گۇجرەت ۋە مالۋا، شەرقىي ھىندىستاندىكى بېنگال ۋە گولكوندا، شۇنىڭدەك دېھلى خانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. دېھلىنىڭ لودى خانلىقى ۋە راجپۇتتىكى سانگلاما بېگى ئىشغال قىلىۋالغان رايونلار ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. چۈنكى، ئالدىنقىسى گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى، شىمالىي ھىندىستاننىڭ مەركىزى، كېيىنكىسىمۇ پۈتكۈل گانگ دەرياسى ۋادىسىنىڭ توسۇقى ئىدى.
    شۇ چاغدىكى دېھلىنىڭ پادىشاھى ئىبراھىم لودى زالىم ئادەم ئىدى، ئۇ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، پەنجاپ ۋالىيسىنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى قەسلىگەنىدى. شۇڭا، بۇ ۋالىي بابۇرنىڭ قوماندانلىقىدىكى موغۇل قوشۇنىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى ئۆتۈنىدۇ. بابۇر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھىندىستانغا تۆتىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ، ئالدى بىلەن، ئۆزىنى چېگرىدىن باشلاپ كىرگەن ھېلىقى ۋالىينى قولغا ئالىدۇ ھەمدە پەنجاپنىڭ مەركىزى لاھۇرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىبراھىمغا قارشى تۇرغان ئىبراھىمنىڭ تاغىسىنى باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل دېھلىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئىبراھىم ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي قوشۇنى جۇمنا دەرياسى (گانگ دەرياسىنىڭ تارمىقى)نىڭ ئوڭ قىرغىقىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈپ پانىپاتقا بارىدۇ. يەنە بىر ياردەمچى قوشۇنى دېھلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ياردەمچى قوشۇن بابۇرنىڭ ئوغلى ھۇمايۇن باشچىلىقىدىكى موغۇل قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، 18 ياشلىق ھۇمايۇن تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بابۇر 25 مىڭ ئادەمنى باشلاپ، چاققانلىق بىلەن پانىپاتنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ ھەمدە ئەسكەرلىرىنى شەھەر سىرتىدا مۇداپىئەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ شەھەرنى قوغدايدىغان ئوقياچى ۋە ماۋزېرچىلارنى ئوڭ قانات قىلىدۇ. ئاكوپ ۋە ئورمان ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سول قانىتىنى قوغلايدۇ، ئوتتۇرىغا زەمبىرەك ئورنىتىلغان 700 جەڭ ھارۋىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەيدەشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ھەر ئىككى ھارۋىنى تاسما بىلەن چېتىپ قويىدۇ. بابۇرنىڭ قوشۇنى تۈركلەر، پارسلار ۋە ئافغانلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەم ئوقيا ئېتىشقا ماھىر، ھەم زاپاس مىلتىق دورىسىغا ئىگە ئىدى. ئۇلار شەھەر سىرتىدا سەككىز كۈن كۈتكەندىن كېيىن، زېرىكىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بابۇر 4000 دىن ئارتۇق ئاتلىق ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىبراھىمنى جەڭگە چاقىرىدۇ. ئىبراھىم 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ۋە 1000 دەك پىل بىلەن پانىپاتقا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئافغانلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ قوشۇن دەسلەپكى كۈچنى توپلاپ بابۇرنىڭ ئوڭ قانىتىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، كېيىن بۇرۇلۇپ، ھۇمايۇن قوماندانلىق قىلغان سول قاناتقا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ چاغدا بابۇر زەمبىرەك ھارۋىسىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ ھەمدە ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. مانا بۇ 1526-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئاتاقلىق پانىپات ئۇرۇشىدۇر. تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە داۋام قىلغان جەڭدە ئىبراھىم لودىنىڭ قوشۇنى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنىڭ جەسىتىنى قالدۇرۇپ تامامەن تارمار بولىدۇ. ئىبراھىمنىڭ ئۆزىمۇ جەڭ مەيدانىدا ئۆلىدۇ.
    ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلەردىن يەنە گولىرنىڭ ھىندى دىنىدىكى بىكراماچىد ئىسىملىك بېگىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ بىر نەچچە خوتۇنى ۋە بىر توپ بالىسى دېھلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاگرادا ئولتۇراتتى. بابۇر غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ دېھلى ۋە ئاگرانى ئالغان چاغدا، ئۇلار قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، موغۇل قوشۇنىغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەمما ھۇمايۇن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بەگ ئائىلىسى بۇ شەپقەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپم ھۇمايۇنغا نۇرغۇنلىغان ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبۇزىننەت تەقدىم قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندىن چىققان ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر سەر ئۈچ مىسقال كېلىدىغان بىر دانە چوڭ ئالماس بار ئىدى. بۇ ئالماس موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئايلىنىپ بېرىپ ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ، 1850-يىلى بۇ شىركەت ئۇنى كورولېۋا ۋىكتورىيىگە تەقدىم قىلىدۇ، ئۇ ھازىرمۇ لوندون مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
    موغۇل قوشۇنى دېھلى بىلەن ئاگرانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دېھلى جامەسى 1526-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ناماز ۋاقتىدا بابۇرنىڭ ھىندىستان ئىمپېراتورى بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۇ چاغدا، بابۇر ھىندىستاندىن ئانچە مەمنۇن بولمىغانىدى. ئۇ «بابۇرنامە»دە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« بۇ يەردە ياخشى ئات، كۆنۈك ئىتمۇ، ئۈزۈم-قوغۇنمۇ، سوغۇق سۇ، مەززەلىك نانمۇ، شام ۋە ئىسسىق ھاممامۇ يوق ئىكەن. قورۇ-جايلاردا باغ ۋە ئېقىن سۇ يوق ئىكەن؛ ئۆيلەرمۇ ئانچىلا رەتلىك، چىرايلىق ئەمەس ئىكەن. ئەمما ھىندىستان قانداقلا بولمىسۇن، بىر چوڭ دۆلەت ئىكەن، دۆۋە-دۆۋە ئالتۇن، كۈمۈش، مىڭلىغان تاشچى ۋە باشقا قول ھۈنەرۋەنلەر بار ئىكەن. بىز 1400دىن ئارتۇق تاشچىنى ياللاپ، ئاگرا، شىكلى، گولىر قاتارلىق جايلاردا كاتتا بىنا سولدۇردۇق ۋە باغ ياساتتۇق


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر