كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-11

    ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

     

    ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى

     

    چېن خەنشېڭ

     

    تەرجىمان: ھەسەن توختى

     

    شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

     

    -1988يىل 1-ئاي 1-نەشرى




    مۇندەرىجە



    1.
    مۇقەددىمە
    2.
    ئىمپېرىيىنى قۇرغۇچى ـــ بابۇر
    3.
    پېرسىيىگە قېچىپ كەتكەن ھۇمايۇن
    4.
    موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قايتا قۇرغان ئەكبەر
    5.
    موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمى
    6.
    شۇ چاغدىكى سىنىپلار
    7.
    ئەكبەرنىڭ ئەۋلادلىرى
    8.
    ئىمپېرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى

    1.مۇقەددىمە



    ھىندىستان دىپلوماتلىرىنىڭ رەسمىيانە كىيىمى كۆپىنچىمىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ. چاپىنى قارا جۇڭشەن فورمىسىغا ئوخشىشىدۇ، ئەمما مەيدە يانچۇقى يوق، ئوتتۇرىسىغا تۈپتۈز قىلىپ بىر مۇنچە ئۇششاق تۈگمە قادالغان بولۇپ، بېلى بەدەنگە يېپىشىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىشتىنى ناھايىتى تار، پۇچقىقىغا ئاق رەخت باغلانغان بولۇپ, چەۋەندازلارنىڭ كىيىمىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ. روشەنكى، بۇ كىيىم تروپىك بەلباغ ياكى سۇبتروپىك بەلبەغدىكى كىشىلەر كىيىپ ئادەتلەنگەن كەڭ، ئازادە، كېلەڭسىز كىيىملەردى ئەمەس. بۇ كىيىم بۇنىڭدىن 300 يىل بۇرۇنقى موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇراسىم كىيىمى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىن كىرگەن.
    مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار بىر قانچە قېتىم ئافغانىستان ئارقىلىق ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. بىر قانچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بۇ يات يۇرتلۇق كىشىلەر زۇ چاغدىكى پېرسىيە (ئىران) مەدەنىيىتىنى ھىندىستانغا كەينى-كەينىدىن ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمى ھىندىستاندا موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىدە دىننى ئەمەس، سىياسەتنى ئاساس قىلغان. شۇ چاغدا سانسكىرت يېزىقى، ھىندى يېزىقى ۋە پارس يېزىقى ئوخشاشلا ئېتىبارغا ئىگە ئىدى، ئوخشاشلا رىغبەتلەندۈرۈلەتتى. ھىندى دىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كىيىمى بىلەن ئىسلام دىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كىيىمى تائىپە بەلگىسىدىن پەرقلەنگەندىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆي جاھازلىرىمۇ پېرسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭكىدەك ئىشلەنگەن، يېڭىچە ئۇسلۇبدىكى ئىمارەتلەر، مەسىلەن، قۇببە ۋە رەڭدار كاھىش قاتارلىقلارمۇ شۇ جايدىكىگە ئوخشىتىلىپ ياسالغانىدى. ھىندى دىنى ئىسلام دىنىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان دەۋرلەردە، سانسكىرت يېزىقىدىكى دىنىي كىتابلار تۈرلۈك يەرلىك تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇ سەۋەبتىن، ئىلاھىيەت بىلەن ئەدەبىيات كەڭ خەلققە ئورتاق ئومۇمىي بىلىمگە ئايلانغان، يەرلىك تىللاردىمۇ پارسچە سۆزلەر بارغانسېرى كۆپلەپ ئىشلىتىلگەنىدى. مەسىلەن، ھازىر ھىندىستانلىقلار «ياسىسۇن» دەپ توۋلىغاندا، يەنىلا پارسچە «چىندەبار» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ، پومېشچىكنىمۇ پارسچە «زېمىندار» دەپ ئاتايدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسى ھىندىستانغا تونۇشتۇرغان نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىقلار خېلى بۇرۇنلا چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرى دەپ قارالماي، ھەممىلا يەردە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ھازىرقى ھىندى مەدەنىيىتى نوقۇل ھىندى دىنىغىلا خاس مەدەنىيەت ئەمەس، ئۇ موغۇل ئىمپېرىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، پارس مەدەنىيىتى بىلەن ئەسلىدىكى ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ بارا-بارا قوشۇلۇپ بېرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. شۇڭا، بىز ھىندىستاننىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىمىز دېسەك، ئالدى بىلەن موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
    موغۇل ئىمپېرىيىسى 235 يىلنى، يەنى مىلادى 1526-يىلدىن 1761-يىلغىچە بولغان ئارىلىقنى باشتىن كەچۈردى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى شىزۇڭ خان زامانىسىنىڭ جياجىڭ 5-يىلىدىن چىڭ سۇلالىسىدىكى گاۋزۇڭ خان زامانىسىنىڭ چيەنلۇڭ 26-يىلىغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى بابۇر ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. بۇ يەر مىلادى 9-ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 13-ئەسىردە يەنە تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقى دەپ، تېمۇرىيلەر دەۋرىدە سەمەرقەند دۆلىتى دەپ ئاتالغان. بابۇر ئۆزىنى تېمۇرنىڭ 6-ئەۋلاد نەۋرىسى دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ ئانا جەمەتى چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن ئىدى.
    تېمۇر بىر مەھەل ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە پۈتكۈل دېھلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. تۆۋەندە، ئالدى بىلەن، ئۇنىڭغا دائىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. ئۇنىڭ بوۋىسى ئەسلىدە تاشكەنتتە تۇراتتى، چىڭگىزخان تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، سەمەركقەندكە كۆچۈپ كەتكەن. تېمۇر 1334-يىلى سەمەرقەندنىڭ 100 نەچچە چاقىرىم جەنۇبىدىكى بىر جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى تۈرك تۆرىلىرىدىن بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ چاغاتاي نەسەبى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، ئەمما ئۇ بۇلاڭچىلىق بىلەن روناق تېپىپ، كېيىن شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. تېمۇر بالىلىق دەۋرىدە، ئاتىسىغا ئوخشاش يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەنلا جان باقاتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ بىر نەچچىلا ئادىمى بار ئىدى. ئەمما ئۇ ھەر قېتىم بۇلاپ كەلگەن قوي-كالىلارنى سويۇپ مېھمان چاقىرىپ زىياپەت بېرەتتى، ئولخىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆلپەتلىرى بىلەن تەڭ بۆلۈشەتتى. شۇڭا، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئادىمى 500 چەۋەندازدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ، ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ سەمەرقەند تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، سىستانىلارنىڭ قويلىرىنى ۋە يىلقىلىرىنى بۇلىغاندا، سىستانىلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادىمى ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئېتى ئۆلتۈرۈلگەندىن باشقا، ئوڭ پۇتى ئېغىر يارىلىنىدۇ، ئوڭ قولىنىڭ ئىككى بارمىقى ئۈزۈۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ئۇنى ئاقساق تېمۇر دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. ئۇ 1370-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى قوشۇن باشلاپ، شەھەر سىرتىدىكى جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان سەمەرقەند بېگى خۇسىنغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. خۇسىننىڭ ھەمراھلىرى پۈتۈنلەي تىرەپىرەن بولۇپ كېتىدۇ، خۇسىن ئالدىراپ –تىنەپ قاچىدۇ ۋە ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر خالىي جايغا باشلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئادەم تېمۇرغا مەخپىيەتلىكنى يەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ ئۆلتۈرۈلىدۇ. تېمۇر بەگنى ئۆلتۈرۈپ سەمەرقەندنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە خۇسىننىڭ قىزىنى خانىشلىققا ئالىدۇ. ئىسلام دىنىدا كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم بولغانلىقتىن، تېمۇر 70 يېشىدا، يەنى ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل بۇرۇن سەككىز خوتۇنلۇق ئىدى.
    تېمۇر چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلاردىن 50 مىڭ چېدىرلىق كۈچلۈك قوشۇن تەشكىل قىلىپ، ھەر قايسى جايلارغا يەتتە يىلدەك تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئافغانىستان، پېرسىيە، ئىراق، تۈركىيە، كاۋكاز قاتارلىق جايلار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. ئۇ ۋەھشىيلىكتە نام چىقارغانىدى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق جازالايتتى. ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇيۇقى يەتكەنلا جايلار خارابىگە ئايلىناتتى. ئىشغال قىلىنغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىۋېتىلىپ، ھۈنەرۋەنلەرلا تۇتقۇن سۈپىتىدە سەمەرقەندكە ئېلىپ كېلىنەتتى. ئۇلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن ئاشقانىدى. سانسىزلىغان جايلار دەپسەندە قىلىنغاندىن كېيىن، تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلىدۇ. مىسىر ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېمۇر بىلەن كۆرۈشۈشكە مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تېمۇر بىلەن دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىشى مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 20-يىلى (1387-يىلى) باشلىنىدۇ. شۇ يىلى تېمۇر ئەلچى ئەۋەتىپ، تۆگە،ئات سوۋغا قىلىدۇ، خۇڭۋۇ خانمۇ يارلىق چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن سوۋغا ئىنئام قىلىدۇ. يەتتە يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، 200 ئات سوۋغا قىلىدۇ. خۇڭۋۇ 28-يىلى (1395-يىلى) فۇئەن بىلەن گوجى بۇيرۇققا بىنائەن تېمۇرنىڭ ئوردىسىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ، يۇڭلې 5-يىلى (1407-يىلى) جۇڭگوغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا بېيجىڭدىن سەمەرقەندكە بېرىش ئۈچۈن يېرىم يىل كېتەتتى. ئەلچىلەر غەربىي يۇرتقا، كۆپ ھاللاردا، 800 تۆگىلىك چوڭ سودا كارۋىنىدا جۇڭگو ماللىرىنى ئالغاچ باراتتى. تېمۇرنىڭ بارگاھى ئالدىغا ياسىلىدىغان راۋاق ۋە قورۇقلار ئوتتۇرا ئەسىردە غەربتە مەشھۇر بولغان ئېلىمىزنىڭ چۈەنجۇ ئايمىقىدا توقۇلغان ئەڭ ئېسىل تاۋار-دۇردۇنلار بىلەن زىننەتلىنەتتى. تېمۇر جۇڭگونىڭ باي –ئاۋاتلىقىغا ھەۋەس قىلىپ ۋە جۇڭگولۇقلارنى مۇسۇلمان قىلماقچى بولۇپ، يۇڭلې 2-يىلى (1404-يىلى) 12-ئايدا 400مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ شەرققە قاراپ بىر ئايدىن كۆپرەك ماڭغاندىن كېيىن قۇملۇققا بېرىپ قالىدۇ. شۇ، ئوت-چۆپ كەمچىل، ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تېمۇرمۇ يو ئۈسىتىدە كېسەل بولۇپ ئۆلىدۇ.
    سەمەرقەند شەھىرىگە دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىدىن كەلگەن تۈرلۈك ماللار يىغىلاتتى. بۇ ماللار ئىچىدە روسىيىدىن كەلگەن تېرە-بۇلغارى ۋە كەندىردىن ئىشلەنگەن ماللار، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ئۆلكىلىرىدىن توشۇپ كېلىنگەن يىپەك توقۇلمىلار، شۇنىڭدەك خوتەندىن كەلتۈرۈلگەن ياقۇت ۋە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، تروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلباغلارنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى بولۇپ، سودا-سېتىق ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانىدى. ھىندىستان سودىگەرلىرى ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان باج پۇلى تېمۇر ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىمىدە مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. تېمۇر 64 يېشىدا جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ قوشۇنى ھىندىستاننىڭ پىل قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. پىل جەڭ مەيدانىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئالدىغا كەلگەنلىكى ئادەمنى دەسسەپ-چەيلەپ ماڭىۋېرەتتى. يارىلانغان پىللار تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، تېخىمۇ تېز ماڭاتتى، بىر پىل مىڭ پىيادە ئەسكەرگە تەڭ كېلەلەيتتى. تېمۇر بۇ زور مەخلۇقلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، ئوت-چۆپ ئارتىلغان تۆگىلەرنى جەڭگە قاتناشتۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنلىرى ئۇچراشقاندا، ئوت-چۆپلەرگە ئوت قويۇۋېتىلىدۇ، ئوتتىن قورقىدىغان دۈشمەن پىللىرى دۈمبىسىدە ئوت كۆيۈۋاتقان تۆگىلەرنى كۆرۈپ، تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تېمۇر 1398-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى پانىپات جەڭ مەيدانىدا غەلىبە قازىنىدۇ ۋە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، تۈزلەڭلىككىچە بېرىپ، دېھلى شەھىرىنىڭ ھېچنېمىسىنى قويماي بۇلايدۇ. كېيىنكى يىلى 4-ئايدا ئۇ بولىۋالغان نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى ئېلىپ، سەمەرقەندكە قايتىپ كېتىدۇ. تېمۇر سەمەرقەندتە مەسچىت سالدۇرغاندا، يەنە ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن 90 پىلغا نۇرغۇن بىناكارلىق ماتېرىياللىرىنى توشۇتىدۇ.

    داۋامى بار

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:1]ھارمىغايسىز !~يازمىلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن،سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم ،بولسا مېنىمۇ قېتىۋالسىڭىز.ئادرىسى:http://borayar.blogbus.com/[cusFace:9]
    ھونزادە 回复بۆرەيار说:
    سىزگە كۆپ رەھمەت،داۋاملىق كىلىپ تۇرڭ،سىزنىمۇ قېتىۋالدىم قېرىندىشىم.
    2010-12-13 15:02:36