كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-10

    چىڭگىزخان غەلبىسىنىڭ سىرى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    ياۋ دالى

    خارەزم ئۆتكىلى

    تۈركىي خەلىقلەر موڭغللارغا ئىنتايىن مول بىلىملەرنى قالدۇرغان،خارەزممۇ موڭغۇللارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىدىكى سەھنە بۇلۇپ بەرگەن.خارەزمشاھ نىمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئۈستۈن لەشكىرىي كۈچى بىلەن چىڭگىزخان قۇشۇنىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىلاجسىز قالغان؟

    نۇرغۇن كىشلەر چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ئالغا ئىلگىرلىگەندە ئۇچۇرغانلىكى ئادەمنى قىرىپ ماڭغان،ئۇچۇرغانلىكى شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان،ئۇلارنىڭ كۆزىگە ھىچ نەرسە كۆرۈنمىگەن دىگەن خاتا چۈشەنچىدە بۇلۇپ كەلدى، ئەمىليەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ئادەتتە بىر نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش قىلىپ،مەلۇم بىر جايدا ئۇچۇراشقان، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۆزلىرى بېرىپ باقمىغان جايدىكى بۇنداق ئۇچۇرشۇش نۇقتىسىنى توغرا تاللىيالىشى ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئادە يۆنىلىش سەزگۈسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشتىكى بۇنداق ئىقتىدار ئۇلارغا تۈركىي خەلىقلەردىن قالغان قىممەتلىك مىراستۇر.تۈركىي خەلىقلەر موڭغۇللاردىن ئىلگىرى موڭغۇل يايلىقىنىڭ غەربىنى بويلاپ، پۈتكۈل ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاقلىرىنىڭ شىمالدىن جەنۇبىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بوستانلىق تېرىم رايۇنلىرىدا ياشىغان.شۇڭا تۈركىي خەلىقلەر مەدىنيىتى موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىھقانچىلىق مەدىنيىتىگە يېقىنلىشىشىدىكى ۋاستىگە ئايلانغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇل تىلى بىلەن تۈركىي خەلىقلەر تىلىنىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار ئىدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا خارەزم دۆلىتىمۇ چىڭگىزخان قۇشۇنىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىدىكى سەھنە بۇلۇپ بەرگەن،ئۇ ھىچقانداق بەدەلسىزلا چىڭگىزخان قۇشۇنىنىڭ قولىغا ئۈتۈپ كەتكەن،موڭغۇللار ئازغىنە قۇشۇن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ،ناھايتى زور نەپكە ئىرىشكەن.بۇمۇ بىر تارىخىي پۇرسەت ئىدى،چۈنكى،خارەزم ھاكىميىتى يېڭىلا قۇرۇلغان بۇلۇپ،ئۇ ئىستىللا قىلغان چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنىڭ ھىچقايسىسى بۇ يېڭى ھاكىميەت ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشنى خالىمىغان،خارەزمشاھمۇ ئۈستۈن لەشكىرىي كۈچىنى توپلاپ،چىڭگىزخان قۇشۇنىغا قارشى كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان،ئۇ ھەرقانداق بىر تارماق قۇشۇننىڭ چىگىزخان قۇشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ قايتقان ھامان ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزىنى يۈتۈۋىتىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرگەن.شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى چىڭگىزخان قۇشۇنىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا ھىچ نەرسىگە يارىمىغان،ھەتتا ئۇنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

    غەلبە قىلىشنىڭ تۆت دەستۇرى

    پۇرسەت جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە يەتمەيدۇ،جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك ئۇيۇشقاقلىققا يەتمەيدۇ.تاشقى ئامىلنى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتكەندە، چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى زادى قانداق ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان؟

    سۈرئەت،چىدامچانلىق،ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى ۋە قورال-ياراق چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى تۆت دەستۇر.

    سۈرئەت.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ئاساسەن چەۋەندازلار بۇلۇپ،پىيادە لەشكەرلەر يوق دىيەرلىك ئىدى،شۇڭا ئۇلارنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولغان.1241-يىلى قىشتا،غەرپكە يۈرۈش قىلغان چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ئۇشتۇمتۇتلا دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى گېلان شەھرىدە پەيدا بۇلۇپ قالغان.ئەسلىدە ئۇلار يوللارنى قار-مۇز قاپلىغان ئەھۋالدا ئۈچ كۈندە 300 كىلومىتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنىدى.چىڭگىزخان چەۋەندازلىرى نىمە ئۈچۈن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تىز ئىلگىرلىيەلەيدۇ؟بۇنىڭدا بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم،ئۇ بولسىمۇ ھەربىر لەشكەردە زاپاس ئات بولغانلىقى،شۇڭا چىڭگىزخان چەۋەندازلىرى ئۈزلۈكسىز ئات يەڭگۈشلەپ،ئاتلىرىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ قالغان؛يەنە بىرى،ئۇلاردا ئەزەلدىن ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزدىغان چوڭ قۇشۇن بولمىغان،ئۇزۇق- تۈلۈكنى لەشكەرلەر ئۆزلىرى غەملىگەن،ھەتتا ئەڭ جاپالىق شارائىتتىمۇ ئاچلىققا،ئۇسسۇزلىققا بەرداشلىق بەرگەن،شۇڭا ئۇلار ئادەتتىكى كىشلەر ئۆتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىغان ئورمانلىق،سازلىق،ھەتتا قۇملۇقلاردىنمۇ ئۆتەلىگەن.

    چىدامچانلىق.چىدامچانلىق بىر خىل جاپا-مۇشاققەتكە چىداش ئىقتىدارى بۇلۇپ،جاپا-مۇشاقەتكە چىدايدىغان قۇشۇن ئەلۋەتتە سەۋرىچانلىققا ئىگە بۇلىدۇ.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى چالا پۇشۇرۇلغان قوي ياكى ئات گۈشىنى يىگەن،ئېيتىشلارغا قارىغاندا،گۆشنى قايناق سۇغا چىلۋېتىپلا يىيىش ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى كەشىپ قىلغان گۆشنى تىز يېيىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەن.ئۇلار گۆشنى يالپاقلاپ توغرىۋېلىپ قايناۋاتقان قازانغا سالدىكەن-دە،سۈزۈپ ئېلىپلا يەپ،يولىغا راۋان بۇلىدىكەن.شۇڭا،ئەينى چاغدا بۇنداق قۇشۇنغا ھەرقانداق دۈشمەننىڭ تاقابىل تۇرۇشى تەس ئىدى،دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ.

    ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى.ياۋروپا چەۋەندازلىرىنىڭ قورال-ياراغلىرى ئىنتايىن خىل بۇلۇپ،مۇستەھكەم سەپ تۈزۈپ،يوپۇرلۇپ كىلىپ ئىسكەنجىگە ئالاتتى.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىدا بۇنداق سەپ بولمىغان،ئۇلار بىر نۇقتىغا توپلىنىپ،ياۋروپا چەۋەندازلىرى باستۇرۇپ كەلگەن ھامان سەپنى يېيىپ چىكىنىپ،ئاندىن ئۇشتۇمتۇتلا كەينىگە بۇرۇلۇپ،يان ۋە كەينى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ھەمىشە دۈشمەننى ئالداپ، پىستىرما قۇيۇپ يوقۇتۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان.ياۋروپا چەۋەندازلىرى قۇچاقلاشما جەڭ قىلىشقا ھىرىسمەن بولغاچقا،چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا چاقماق تىزلىكىدە يان تەرەپتىن ئوقيا بىلەن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانغان.بۇ خىل ئەھۋالدا ياۋروپا چەۋەندازلىرىنىڭ قانداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.ئۇرۇشنىڭ ھىيلە-نەيرىڭى كۆپ بۇلىدۇ،قايسى تەرەپ جانلىق بولسا شۇ تەرەپ ئۈستۈنلىككە ئىرىشىدۇ،كىم قانۇنيەتنى ئىگەللىسە شۇ غەلبە قازىنىدۇ.

    قورال-ياراق.چىڭگىزخان ئانچە كۆپ قورال-ياراغ كەشىپ قىلمىغان بولسىمۇ،باشقا مىللەتلەر كەشىپ قىلغان جەڭ قوراللىرىدىن ئەڭ تۇللۇق، ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى بىرەر شەھەرنى ئىگىللىگەندە،شۇ شەھەردىكى ھۈنەرۋەن-كاسىپلارغا ئېتىبار بىرىپ، ئۇلارنى قەتلى قىلىنىدىغانلارنىڭ دائىرسىگە كىرگۈزمىگەن.باشقا مىللەتلەر كەشىپ قىلغان پالاخمانمۇ چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن جۇڭگۇغا ئېلىپ كىرىلگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇللار مىلتىق دورىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەيۋىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،روس قەلئەلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا،مەنچاناقتا ئېتىلغان تاشلارنى ئۈچ-تۆت ئادەممۇ مىدىرىتالمىغان.بۇنداق مەنچاناق ياسىغۇچى ئۇستىلار ياكى ئاتقۇچى ماھىرلار چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن غەربىي ئاسىيا،ھەتتا روسىيىگىچە ئاپىرىلغان.خۇددى قايسىدۇر بىر يازغۇچى ئېيىتقاندەك، چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى دۇنياۋى خاراكتىرلىك قورال-ياراغ ئامبىرى بەرپا قىلغان،بۇ گەپنىڭ قىلچە خاتا يېرى يوق.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى غەرىپكە يۈرۈش قىلغانلىقى ئۈچۈنلا،غەرىپلىكلەر مىلتىق دورىسىدىن ياسالغان ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن ئۇچىرىشالىغان.مىلتىق دورىسى غەرپ دۇنياسىغا چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ئارقىلىق يىتىپ بارغان.

    رەقىبىنى ساراسىمگە سېلىپ،ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇش

    چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى ھەمىشە پىسخىكا ئۇرۇشى تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، دۈشمەنگە زەربە بەرگەن.قەتلئام-بىر خىل پىسخىكا ئۇرۇشى تاكتىكىسىدىن ئىبارەت.

    پىسخىكا ئۇرۇشى ئۇلار چوڭ شەھەرلەرنى ئېلىشقا ئامال تاپالمىغاندا قوللانغان تەدبىر.ئۇلار ئالدى بىلەن شەھەر ئەتىراپىدىكى يېزىلارنى، كىچىك بازارلارنى كۆيدۈرۋەتكەن.بۇنىڭ بىلەن ساراسىمگە چۈشكەن پۇقرالار كەلكۈندەك دەۋرەپ شەھەرلەرگە كىرىشكە باشلىغان.بۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان،بۇلۇپمۇ شەھەر مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدا،بۇ ئىش شەھەرگە گويا ۋابادەك تەھدىت سالغان.ئاندىن كىشلەرنى ساراسىمگە سالىدىغان گەپ-سۆزلەر پەيدا بۇلۇپ، چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىنىڭ قەبىھلىكى توغرىسىدىكى سۆز- چۆچەكلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپەيگەن.ئاخىر بۇ قورقۇنۇچلۇق ئېغۋالار شەھەرنى بىر ئېلىپ،شەھەردىكى لەشكەرلەر ۋە پۇقرالارنىڭ پىسخىك مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇپ تاشلىغان،مانا بۇ بىز دەۋاتقان پىسخىكا ئۇرۇشى تاكتىكىسىدۇر.

    ئۇنىڭدىن باشقا،قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان تەرەپكە غايەت زور پىسخىك بېسىم ئىشلىتىش تاكتىكىسىمۇ بار.چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان شەھەرلەرگە «پۈتۈن شەھەرنى قانغا بويايمىز»دەپ تەھدىت سېلىپ،بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن قورال تاشلاپ تەسلىم بۇلۇپ،شەھەر قوۋۇقىنى ئېچۋېتىش توغرىسىدا پوپوزا قىلغان.ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىنىڭ يۈرۈشلىرىدە بۇ خىل ۋەھىمىلىك تەشۋىقات ياكى پىسخكا ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇشنىڭ غەلبە مىۋىسى سۈپتىدە زور رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. غەرىپلىكلەر زەمبىرەكنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا،ئۇنىڭدىن ئوت چاچراپ چىققىنىنى، ئاۋازىنىڭمۇ يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆلەر –تىرىلىشىگە باقماي قاچقان،پۇقرالارمۇ شەھەرلەرنى تاشلاپ تىكۋەتكەن.ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قۇشۇنىغا سېلىشتۇرغاندا ئىلغار دىگىلى بولمايتتى،بىراق ئۇلار قانداقلارچە شۇنچە زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن؟

    تارىخىي خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا،چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى مەلۇم بىر شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن پۇقرالارنى شەھەر سىرتىغا ھەيدەپ چىققان،بۇ كوللىكتىپ قەتلىئامدىن دېرەك بىرەتتى. ئەينى چاغدا شەھەرلەردىكى پۇقرالار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ياكى ئەتىراپتىكى تاغلارغا قېچىپ كەتكەن بولسا،كۆپ قىسمى ئامان قالغان بۇلاتتى،لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلالمىغان.

    مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2007-يىل 10-سان

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ توغۇرلۇق بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ،،،،
    ھونزادە 回复تۇرانىم说:
    يولاپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رةھمةت قېرىندىشىم.
    2010-12-12 19:39:55

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر