كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-11-09

    ئۇچار گېلەمنىڭ سىرى - [دۇنيا تارىخى]

     

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەد

    ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى،ئۇچار گېلەم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئەرەب،پارس ئەدىبىياتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتىغىمۇ سىھرىي تۈسلەرنى بىرىپ كەلدى.

    ھەرقانداق ئەدىبىيات ئىجدىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ.ئەرەب،پارس ۋە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ئۇزۇندىن بۇيان سىر بۇلۇپ كىلۋاتقان ئۇچار گېلەم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر فىرانسىيىلىك ئېكىسپىدىيىچى ھېنرى باكنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرى ئارقىلىق يېقىندا ئىسپاتلاندى.ھېنرى باك كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى ئالامۇت شەھرىگە جايلاشقان ئاسساسىن قەدىمىي قەلئەسىنى ئارخېلوگىيلىك قازغاندا،ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان بىرمۇنچە قول يازمىلارنى تاپقان.بۇ قوليازمىلارنى 13-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئىساك بىن شىرىرا ئىسىملىك بىر يەھۇدى ئالىم يازغان ئىكەن.بۇ قوليازمىلارنىڭ بايقىلىشى ئۇچار گېلەم ھەققىدىكى تەتىقىقاتلار ئۈچۈن يېڭى تەپەككۈر لىنىيىسى ئېچىپ بەردى ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

    بىن شىرىرانىڭ كۆرسىتىشىچە،بابىلۇن پادىشاھلىقى دەۋرىدە ئۇچار گېلەم ھەققىدە ئىككى قېتىم خاتىرە قالدۇرۇلغان بولسىمۇ،ھىچقايسىسى بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.بىن شىرىرا ئۇچار گېلەم توغرىسىدىكى بۇ ئىككى قوليازمىنىڭ ياردىمىدە شىبە خانىش ۋە سۇلايمان پادىشاھ ھەققىدە بىر قىسسە يازغان.ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شىبە زىمىنى بۈگۈنكى يەمەننى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ،بۇ زىمىننى ئىنجىل رىۋايەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن چىرايلىق ۋە باتۇر خانىش شىبە(ئىسلام رىۋايەتلىرىدە بىلقىس) ئىدارە قىلىدىكەن.م ب 977-يىلى ئۇنىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ھۈنەرۋەنلەر قوڭۇر رەڭلىك كىچىك بىر پارچە گېلەمنى يەردىن نەچچە ئىنگىلىزچىسى ئىگىزلىكتە پەرۋاز قىلدۇرغان.ئاندىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندە خانىش بۇ ئۇچار گېلەمنى سۇلايمان پادىشاھقا ھەدىيە قىلغان.سۇلايمان پادىشاھ بۇ گېلەمنى ياساۋۇللىرىدىن بىرىگە بېرىۋەتكەن.بۇ سوغۇق مۇئامىلىدىن ئۈمىتسىزلەنگەن خانىش ھەرقانداق ھۈنەرۋەننىڭ ئۇچار گېلەم تۇقۇشىنى چەكلىگەن.سۇلايمان پادىشاھ بىلەن خانىش ئاخىر بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىشقان بولسىمۇ،قوغلانغان كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەر ھەرقايسى يۇرتلارغا چېچىلىپ كەتكەن.ئۇلاردىن ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 934-يىلى مىسۇپوتامىيە ۋادىسىدىكى باغدات شەھرىگە يېقىن بىر جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

    بىن شىرىرانىڭ يازمىسىدىكى تەسۋىرلەرگە ئاساسلانغاندا،ئەينى زاماندا ئۇچار گېلەم قۇيۇنسىمان پىرقىراپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنىكەن.بۇ گېلەم ئوخشاش بولمىغان قەۋەتلەرگە بۈلۈپ توقۇلغان بۇلۇپ،ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭ قاتلىرىغا سىنتىزلەنگەن ھىدروگېنلىق ئاليۇمىن ياپراقچىلىرى ۋە بۇلۇتقا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىنى ئارلاشتۇرۇپ توقۇغانىكەن.

    يەرشارىنىڭ ئۆزى بىر ماگىنىت مەيدانى بۇلۇپ،نەچچە مىليارد ماگىنىت دولقۇنى جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.ئەينى زاماندا ئۇستا ھۈنەۋرەنلەر بۇ ھېدروگىنلىق ياپراقچە ۋە يۇڭلارنى بىر-بىرىگە قائىدىلىك كىرىشتۈرۈپ،بۇخىل ماگىنىت دولقۇنى پەيدا قىلغان.گېلەم پۈتكەندە، گېلەمدىكى ماگىنىتلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كۈچىدە يەردىن نەچچە ئون مىتىر،ھەتتا نەچچە يۈز مىتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن.

    ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئالىم پتولېمىينىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئىسكەندىرىيە شەھرىدىكى كۈتۈپخانىسىدا بىر مۇنچە ئۇچار گېلەم ساقلانغان بۇلۇپ،كۈتۈپخانىغا كىرگۈچىلەر بۇ گېلەملەرگە كەشنى سېلۋېتىپ ئاندىن دەسسەيدىكەن.ئۇلار گېلەمگە دەسسىگەندە،ئالدى- كەينى،يۇقىرى-تۆۋەنگە ھەركەتلىنىپ،گاھىدا قوليازمىلار تىزىلغان جاھازىلار ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرىشىدىكەن.بۇ كۈتۈپخانىغا 300 ئەۋلاد پۈتۈكچىلەر كۈچۈرۈپ چىققان 40 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەرلەر يىغىلغان.كۈتۈپخانا ئىمارىتىنىڭ تورۇسى شۇنچىلىك ئىگىز بۇلۇپ، كىتاپ جاھازىسى ۋە تەكچىلەردىكى كىتاپلارنى ئېلىپ ئوقۇماقچى بولغانلار ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرۇپ ئارلايدىكەن.بۇ كۈتۈپخانا رىم ئېمپىراتورى ئائۇرېلىئان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلۋىتىلگەن.كېيىن ئىسلام قۇشۇنى مىسىرنى ئىستىللا قىلغان.ئىسكەندىرىيەدىكى مەدىنيەت يادىكارلىقلىرى بەدەۋى ئەرەبلەر ئۈچۈن ئەقىلدىن سىرتقى نەرسە دەپ قارىلىپ، ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالغان،نەتىنجىدە «ئۇچار گېلەم»لەر دېڭىزغا تاشلىۋىتىلگەن.

    بىن شىرىرانىڭ كۆرسىتىشىچە،ئىسكەندەر دەۋرىنىڭ ئىلىم-پەن،ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسى ھىساپلىنىدىغان «ئۇچار گېلەم»نىڭ ئەرەبلەر تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچۇرىشىنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار ئىكەن:بىرى،يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار «ئىنسان ئۇچۇش ئۈچۈن يارتىلمىغان، ئۇچار گېلەم بولسا شەيئىلەر تەرتىپىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىدئەتلىك» دىگەن قاراشتا بولغان.يەنە بىرى،بەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئىقتىسادىي ئېڭى سەۋەب بولغان.شۇ زامانلاردا ئەرەبلەر ئۈچۈن ئات بىلەن تۆگىنى ئەڭ مۇھىم قاتناش قورالى قىلىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى.بىر قىسىم ئەرەب يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ نەچچە يۈزمىڭ تۆگە ۋە يىلقىسى بار ئىدى.ئۇلار ئات،تۆگە سودىسى ئارقىلىق بېيىغانىدى.ئات ۋە تۆگە ئۇرۇش ۋە سودىدىكى مۇھىم ۋاستە بۇلۇپلا قالماي،يەنە ھۆكۈمرانلىق ئاساسى،ئۇچۇر ۋاستىسى بولغان.بىن شىرىرانىڭ خاتىرىلىشىچە،ھاتەم،زاھدىس،ئەبۇ ھەنىفە2قاتارلىق مىسىر شاھلىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ تۆگە فىرمىلىرى بۇلۇپ،ئۇلار ئىسلام ئەللىرىنى تۆگە بىلەن تەمىنلەش سودىسىنى مونوپول قىلغانىكەن.ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئاددىي ھۈنەۋرەنلەرنىڭ قولىدا ياسالغان ئۇچار گېلەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى كۈپۈككە ئايلاندۇرۋېتىشىنى خالىمىغان.

    بىن شىرىرا يەنە بۇ دەۋىردە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنى خاتىرلىگەن بۇلۇپ، ئەرەبلەر ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇچار گېلەمنىڭ شان-شۆھرىتىنى تۇسۇپ قالالمىغان.ئۇنىڭ خاتىرلىشىچە،باغداتتىكى ھاۋا ئۇچۇق بىر جۈمە كۈنى بازار راسا جانلانغان بىر پەيىتتە،ئوردىنىڭ ھەشەمەتلىك ئىمارىتىدىن بىر «ئەركەك دىۋە»غەلىتە گېلەمگە ئولتۇرۇپ پىقىراپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن.بۇ «دىۋە» باشقا بىرسى بولماستىن،دەل ئوردىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان بىر نۆكەر بۇلۇپ،ئۇ كىچىك مەلىكىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتقان ھالدا كۆككە ئۆرلەپ كۆزدىن غايىپ بولغان.قاتتىق غەزەپلەنگەن خەلىپە مەلىكىنى تۇتۇپ بىر مۇنارغا بەنىد قىلغان. بۇ چاغدا ھېلىقى نۆكەر خەلىقئالەمنىڭ ئالدىدا ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرۇپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن.بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خەلپە پۈتۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدىكى ئۇچار گېلەم كاسىپلىرىنى، سودىگەرلىرىنى،ھەتتا ئۇچار گېلەم ھەققىدە پاراڭ قىلغۇچىلارنى ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن قۇشۇپ قىرغىن قىلغان ۋە زىندانغا تاشلىغان.ئۇچار گېلەم ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان «مۇرتەدلەر»نىڭ كاللىسى ئېلىنغان.ئاندىن خەلىپە ئايغاقچىلىرىنى خەلپىلىكنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئەۋەتىپ،ئۇچار گېلەم ياكى ئۇچار گېلەم ھەققىدە ھەرقانداق نەرسە بىلىدىغان كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرنى ئىنىقلاپ،باغداتقا يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان.پەقەت دەجلە دەرياسىنىڭ پىنھان جايلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ناھايتى ئاز بىر قىسىم كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرلا بۇ قىرغىندىن قۇتۇلۇپ،يەنە بىرنەچچە ئەسىرگىچە ياشىغان.كېيىنچە ئۇلاردىن ھايات قالغان ئۈچ ھۈنەۋرەن ئىراننىڭ ئايدالالىرىدا نەچچە يىل سەرسان-سەرگەندان بولغاندىن كېيىن،بۇخارا شەھرىگە يىتىپ كەلگەن ھەم بۇ جايدا پاناھلىققا ئىگە بولغان.ئىساك بىن شىرىرانىڭ خاتىرلىشىچە،بۇ سەرسان-سەرگەندانلىق ھارۇن رەشىد دەۋرىدىكى «مىڭ بىر كېچە» ئەسىرى خاتىرلىنىشتىن 10 يىل بۇرۇن،يەنى مىلادىيە 776-يىلى يۈز بەرگەن.

    ئۇچار گېلەم موڭغۇللارنىڭ دەھشەتلىك يۈرۈشلىرىدىن بۇرۇن،قىسقا مۇددەت گۈللەنگەن.بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ:بىرى، 1213-يىلى خۇراسان دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى يەھۇدى قىزى ئاشراھقا ئاشىق بۇلۇپ قالىدۇ.قىزنىڭ دادىسى يىتىشكەن گېلەم تۇقۇش ئۇستىسى ئىكەن. شاھزادە ئائىلىسىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي بۇ قىز بىلەن توي قىلىدۇ.ئۇ قېيناتىسىدىن ئۆزىگە بىرقانچە ئۇچار گېلەم توقۇپ بېرىشنى،بۇ گېلەمنىڭ ماتىرىياللىرىنى ئەلا سۈپەتلىك يۇڭ،ئاليۇمىن ياپراقچىسى ۋە بامبۇكتىن ياساشنى تەلەپ قىلغان.ئاندىن ئۆزىنىڭ 48نەپەر سەرخىل ئوقياچىسىنى قاتتىق مەشىق قىلدۇرغان.ئۇچار گېلەملەر پۈتكەندە لەشكەرلىرىگە ئۇچىغا شالدىراق يىلان زەھىرى سۈركەلگەن يا ئوقى،ھىمالايا شەمشىتىدىن ياسالغان ئوقيا،ئەرمەن شەمشىرى تارقىتىپ بىرىپ،ھەر ئىككى ئادەمنى بىردىن ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرغۇزۇپ،دادىسى خازازىم شاھقا قارشى جەڭگە ئاتلانغان.بۇ ئوقياچىلار قەلئەگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان.بىر پەسكە شۇڭغۇپ،بىر كۆككە كۆتۈرۈلگەن.بۇنىڭدىن خەۋپسىرەپ چىكىنگەن شاھ لەشكەرلىرى شاھزادىگە باش ئەگگەن.

    ئۇ دەۋىرلەردە ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلاپ،ئۇچار گېلەم تۇقۇش يەنە بىر مەزگىل گۈللەنگەن.بىخەتەرلىك،باندىتلاردىن ساقلىنىش ئارزۇسىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرۇپ سەمەرقەنىتدىن ئىسپاھانغا بارغان.بۇ ھادىسە 17-ئەسىرگە تەۋە كەم تېپىلىدىغان بىر ھۆججەتتە ئىسپاتلانغان. ئۇنىڭدا: «بىر غەلىتە ماگىنىتلىق ئۇچار جىسىمنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلۋاتقانلىقىنى ۋە بىزنىڭ كەنىت ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆردۇق»،«ئۇنىڭ كەينىدىن ئوت ۋە گۇڭگۈرت ئۇچقۇنلىرى سۆرىلىپ تۇراتتى ۋە كارۋان توپىمىز ئۈستىدە بىر توپ جىنلار پەيدا بۇلۇشتى،ئۇلار ھورموز بۇغۇزىغا قاراپ كىتىپ قېلىشتى» دەپ خاتىرلەنگەن.

    1223-يىلى،گىروزىيىلىك بىر تەرجىمان ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن يىپەك سودىسى قىلىش ئۈچۈن بۇخاراغا كەلگەن.ئۇلار يىپەكلىرىنى ماختاۋاتقاندا،ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرغان بىر مەجنۇن ئەر گۈمبەزنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا قاراپ ئېتىلغان.ئۇ ئەرنىڭ كۆزىدىن كۆپكۆك نۇر چاقناپ تۇرىدىكەن،يېنىدا بىر بۈركۈت پەرۋاز قىلىپ تۇرىدىكەن،ئۇ ساراڭلەرچە قاقاھلاپ كۈلىدىكەن.بۇ ئادەم دەل سەمەرقەنىت ئوردىسىدىكى ماتىماتىكا ئالىمى بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىسمى قايىم بەگ ئىسفاھانى ئىكەن. ئۇنىڭ گىروزىن يارى بىۋاپالىق قىلغاچقا،بۇ ئازابقا چىدىماي،مەيزاب ئىچىپ مەسىت بولغان ھالدا ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرغان،بۇ ھال شەھەردە پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلغان.

    1226-يىلى چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن شەھەرنى خانىۋەيران قىلىپ،ئاھالىلىرىنى قىرغىن قىلغان،مال-مۈلىكىنى بۇلىغان.موڭغۇل لەشكەرلىرىنىڭ ئولجىلىرى ئىچىدە ئۇچار گېلەممۇ بار ئىدى.ئەلەمگە چىدىمىغان بىر مەھبۇس ئۆز گېلىمىنىڭ موڭغۇل ئېتىدىنمۇ چەبدەس ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى ئېيىتقىنىدا چېپىپ تاشلانغان.موڭغۇللار ئۇچار گېلەملەرنى مۇسادىرە قىلىپ، موڭغۇل ئېتىنىڭ نامىغا تەڭلىشىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى چەكلەپ،مەخسۇس ئايغاقچىلارنى قويغان.

    شۇنداق قىلىپ،ئىسكەندەر دەۋرىدىكى ئەقىل-پاراسەت نەتىجىسىدە روياپقا چىقىپ مەشھۇر بولغان ئۇچار گېلەم،كۈچلۈك ھۆكۈمرانلارنىڭ بېسىشى نەتىنجىسىدە تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولغان ۋە شەرقنىڭ ئەپسانىۋى ئەدەبىياتىدا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.

    مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:9][dAva:9][dAva:9][dAva:9]بىلۇگىڭىزدىن كوپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم .ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغۇلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن .
    ھونزادە 回复رەيھان说:
    بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ تشەككۇر،يەنە كىلىپ تۇرۇڭ.
    2010-12-23 09:58:40
  • [dAva:0]قۇربان ھېيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم. قۇربان ھېيىتتا بلوگىڭىزغا پەتىلەپ كەلدىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    ھونزادە 回复چەۋەنداز说:
    بىرگە بولسۇن قءرىندىشىم،ھءيىتتا سىرىتتا بولعاچ سىزگە ۋاحتىدا جاۋاپ يازالمىدىم،كەچۉرۉڭ.
    2010-11-20 23:57:27
  • [dAva:0]بۇ بەكمۇ ياخشى ئەسەرلەركەن،توختىماي ئىزىدىنىپ مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىگە تىلەكداشمەن.
    ھونزادە 回复ياۋا说:
    بىلوگىمعا قەدەم تەشرىپ قىلعىنىڭىزعا كۆپ رەھمەت،چوقم سىز دىگەندەك قىلىمەن.
    2010-11-15 11:27:03

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر