كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-11-07

    «زەينۇل ئەخبار»دىكى خوتەن خاتىرلىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    تەلئەت ئۇبۇلقاسىم

     

    «زەينۇل ئەخبار» ناملىق بۇ ئەسەرنى غەزنەۋىلەر خانلىقىدا سۇلتان ئابىدئەل رەشىد ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە(1039-يىللاردىن1053-يىللارغىچە) غەزنە-ھىندىستان يولىدىكى گەردىز دىگەن يەردە تۇغۇلۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان پارىس تارىخچىسى ئەبۇ سەئىد ئابىدئەل ھەييى بىننى ئەلزەيھاك بىننى مۇھەممەد(ئادەتتە گەردىزى نامى بىلەن مەشھۇر) دىگەن كىشى پارىس تىلىدا يېزىپ چىققان.بۇ ئەسەر جەمىئى 7 باب بۇلۇپ،ئەسەرنىڭ ئاخىرىقى بابىدا(جىلد) ئوتتۇرا ئاسيادىكى توققۇز ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ شەھەر،دۆلەتلىرى، دىنىي ئىتىقادى،جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى قاتارلىقلار خاتىرلەنگەن بۇ باب ھىندىستان قىسمى بىلەن بىرلىكتە تۈپلەنگەن.بۇ ئەسەرنى مەشھۇر روس شەرقشۇناسى بارتولىد ھەرقايسى جايلاردا ساقلانغان كۈچۈرۈلمە نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىلىم دۇنياسىغا ئېلان قىلغان.بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ تۇللۇق،ئەڭ مۇكەممەل بولغان قەدىمكى نۇسخىسى ھازىر كامبىرىچ ئۇنۋېرستىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.

    روسىيەنىڭ مەشھۇر شەرقشۇناسى ۋ.ۋ.بارتولىد بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدىكى ئوتتۇرا ئاسيا ۋە تۈركىي خەلىقلەرگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئەسلى نۇسخىسى بىلەن بىرلىكتە روسچىغا تەرجمە قىلىپ «بارتولىد ئەسەرلەر توپلىمى» نىڭ 4-تومىغا كىرگۈزگەن.

    تۆۋەندە «بارتولىد ئەسەرلەر توپلىمى» 4-تومىدىكى ئەسلى تېكىسىت ۋە 1983-يىلى ئېلان قىلنغان خەنزۇچە ئىزاھاتىغا ئاساسلىنىپ،خوتەن توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن:

    ......[1]تىبەتكە بارىدىغان يولغا كەلسەك،خوتەندىن يولغا چىقىپ ئاراشەنگە بېرىپ،خوتەن تاغلىرىنى بويلاپ ماڭىمىز.تاغ ئارىسىدا كىشلەر ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ،توپ-توپ ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلىرى بار.بۇ تاغنى بويلاپ ماڭساق،ئاراشەنگە بارغىلى بۇلىدۇ.ئالدىمىزغا قاراپ ماڭساق بىر كۆۋرۈك بار.بۇ كۆۋرۈك تاغنىڭ ئىككى تەرپىنى تۇتاشتىرىدۇ.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بۇ كۆۋرۈكنى قەدىمكى خوتەنلىكلەر سالغان ئىكەن.بۇ كۆۋرۈككە يېقىنلاپ كەلگەنسىرى تاغ ئۈستىدىكى ھاۋادىن نەپەس ئالماق قىيىنلىشىپ بارىدۇ.نۇرغۇن كىشلەر مۇشۇ سەۋەپتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.تىبەتلىكلەر بۇ تاغنى «زەھەرلىك تاغ»  دەپ ئاتىشىدىكەن.

    ئۇ يەرگە(خوتەننى كۆرسىتىدۇ) بارىدىغان يولغا كەلسەك،قەشقەردىن يولغا چىقىپ بايغا(ئەسلى تېكىستە شۇنداق خاتىرلەنگەن-ت)،ئۇ يەردىن قىرمانغا، ئۇ يەردىن ئاجمەنگە(يەر نامى،ھازىر تېخى نامەلۇم-ت)،ئاندىن جىزاغا(يەر نامى)،بۇ يەردىن يۈنچىڭغا(يەر نامى،ھازىر تېخى نامەلۇم-ت)،ئاندىن ئاجىكەنىتكە(يەر نامى،ھازىر تېخى نامەلۇم-ت)،ئاندىن لانفونبىد(يەر نامى،ھازىر تېخى نامەلۇم-ت)،ئاندىن تادروققا،ئاندىن لىستويغا،يەنى خوتەن رايۇنىنىڭ 1-بېكىتى لىستويغا كىلىپ،بۇ يەردىن ئۆتسەك خوتەنگە كىلىمىز.يارا دەرياسى[2] مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ.ئاندىن سەيمۇ بوۋىم(ئورنى نامەلۇم-ت)كەنتىگە بارىمىز.ئاندىن بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كىرىمىز.[3] ئاندىن ئالدىمىزغا قاراپ ماڭساق،چىندىن ئېقىپ كىرگەن بىر دەريا بار.ئۇ يەردىن ئۆتسەك ئاندىن خوتەن شەھرىگە كىرىمىز.خوتەندىن قاي شەھرىگە 15 كۈنلۈك مۇساپە،قاي-چىن چىگرىسىدىكى بىر شەھەر،ئەمما توققۇز ئوغۇزلارغا تەۋە شەھەردۇر.خوتەن شەھرىدە نۇرغۇن بۇددا ھەيكەللىرى ۋە بۇتخانىلار بار.[4]ئاھالىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.شەھەردە ئىككى خىرىستىئان چىركاۋى بار.بىرى شەھەر ئىچىدە،يەنە بىرى شەھەر ئەتىراپىدا.[5]بازاردا شاللاق ۋە بۇزۇق ئاياللار ناھايتى كۆپ،شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئاياللار كالتە چاچ قۇيىشىدۇ.ئۇلار ئەرەبلەرگە ئوخشاش كىيىم كىيىدۇ.ئۇ رايۇندا مىۋىلەر ناھايتى كۆپ.بۇغداي،ئارپا،كاۋا،كۈنجۈت،تۇت دەرىخى،ئەنجۈر قاتارلىق زىرائەت ۋە مىۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ يىپەكچىلىك شۇنداق تەرەققىي قىلغانكى،پۈتۈن رايۇندىكى يېرىمدىن كۆپرەك كىشلەر يىپەكتىن كىيىم كىيىدۇ. ئۈجمە دەرىخى ناھايتى كۆپ.بەزى ئادەملەرنىڭ ئىككى مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئۈجمە دەرىخى بار.يەنە ئۈزۈم ۋە ھەرخىل سورتلىق نەشپۈتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ دەرياسىدىن قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ.خوتەن رايۇنىنىڭ ھەممە يېرىدە تۈگمەن بار.ھەممە تۈگمەننىڭ ئاستىدىكى تاش پەقەت قىمىر قىلمايدىكەن، ئەمما ئۈستىدىكى تاش پىقىراپ ئايلىنىدىكەن.تۈگمەن ئىچىدە چىننىڭ يىپىكىدىن ياسالغان ئەلگەك بۇلۇپ،سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلەندۈرۈلگەندە ئۇن ئاستىغا چۈشسە،كېپەك ئەلگەك ئۈستىدە قالىدۇ.ئۇلاردا يەنە بادسياپ[6] دەيدىغان ئالاھىدە بىر ئەسۋاپ بار بۇلۇپ،كىشلەر ئاشلىقنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ پاكىزلەيدۇ.بىر تەرەپتىن ئىرىغدالمىغان ئاشلىقنى سالسا،يەنە بىر تەرەپتىن پاكىزە ئاشلىق چىقىدىكەن.بۇ ئەسۋاپمۇ سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىكەن.ئۇلاردا يەنە بىرخىل ئەسۋاپ بار بۇلۇپ،ئۇ چامغۇر ۋە كاۋا توغراشتا ئىشلىتىلىدىكەن.بۇ ئەسۋاپ يۇمۇلاق سوغىغا(چېلەك) ئوخشايدىكەن.ئۇنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا مەزمۇت بىر كالتەك،ئۈستىگە تاش باغلىنىدىكەن.ئەڭ ئاخىرىدا كالتەككە سىھىر قىلىنسا سۇ ئەسۋاپنى ئايلاندۇردىكەن....

    [1]-خوتەنگە ئائىت جايلار باشلانغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

    [2]ھازىرقى زەرەپشان دەرياسى(يەكەن دەرياسى)مۇ قانداق؟-تەييارلىغۇچىدىن

    [3]بۇ سۆزنى مىنورسىكىي:«ئۇ يەردىن مۇسۇلمانلارغا تەۋە بولغان قاقاس تاققا بارغۇچىلىك» دىسە بۇلىدۇ،دەپ قارايدۇ.«ھۇدۇدۇل ئالەم»  255-بەت.

    [4]بۇ مەلۇماتلار خوتەنگە ئىسلام دىنى كىرىشتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئېلىنغان.

    [5]خوتەن رايۇنىدىكى قەدىمقى خارابىيلىكلەردىن بۈگۈنگە قەدەر خىرىستىئان ئەسەرلىرى ۋە مانى دىنىغا ئائىد ۋەسىقىلەر تېپىلغىنى يوق.بارتولىد:«خوتەن» پارگىرافى(تۈركچە)

    [6]بادسياپ-پارىسچە سۆز بۇلۇپ،شامال تۈگمىنى دىگەن مەنىدە.مەلۇمكى بۇ شامال تۈگمىنى بۇلۇپ قالماستىن سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان شال ئاقلاش زاۋۇتى بۇلۇشى مۇمكىن.-تەييارلىغۇچىدىن.

    مەنبە:مىراس ژورنىلى  9199-يىللىق 2-سان

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر