كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-11-05

    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدىنيىتىگە دائىر دەسلەپكى ئىزدىنىش - [ئۇيغۇر تارىخى]

    غەيرەتجان ئوسمان

    شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان مەدىنيىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە شەكىللىنىشى توغرىسىدا ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئوتتۇرغا قۇيۇپ كەلدى.بۇلارنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل قاراشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ.

    1-خىل قاراشتىكىلەر،شىنجاڭ مەدىنيىتىنىڭ كىلىش مەنبەسى شەرىقتە دەپ قارايدۇ.

    2-خىل قاراشتىكىلەر،شىنجاڭ مەدىنيىتى غەرپتىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.

    3-خىل قاراشتىكىلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان مەدىنيىتى ئۆز تۇپرىقىدا بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ.

    4-خىل قاراشتىكىلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان مەدىنيىتى شەرق-غەرپ مەدىنيىتىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.ھەتتا بەزىلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا خاس مەدىنيەت يارتىلغانلىقىغا باشقىچە پىكىردە بۇلىدۇ.

    تۆۋەندە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان مەدىنيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى مۇشۇ تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن دىگەن قاراشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا بارلىققا كەلگەن،ئەمما ئىلمىزنىڭ باشقا رايۇنلىرىدا تەڭدىشى بولمىغان بىر قاتار مەدىنيەت يالدامىلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.

    1.  زىرائەت،ئۆسۈملۈك ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلەر

    1›بۇغداي.مەملىكىتىمىزدە بۈگۈنگىچە بايقالغان بۇغداي ئەۋرىشكىسى كۆنچى دەريا ساھىلىدىكى قەدىمى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان.ئۇنىڭ ۋاختى بۇنىڭدىن 3800يىل بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كىلىدۇ. «خەلىق گېزىتى»1981-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدىكى ماقالىسىدا،بۇ بۇغداي ئەۋرىشكىسى چىققان قەدىمكى گۆرلۈكنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن 6470 يىل ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە توغرا كىلىدۇ دىيىلگەن.

    2›نان ۋە ئۇن يىمەكلىكلىرى،تۈگمەن.نان-پارىسچە سۆز بۇلۇپ،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئەتمەك» دىيىلگەن.ئارخېلوگىيلىك قىدىرىش جەريانىدا قۇمۇلدىكى قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن بىر دانە تېرىق قاتلىمىسى بايقالغان.بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. يەنە 1969-يىلىدىكى ئارخېلوگىيلىك قېزىشتا تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن 1400يىل بۇرۇنقى دەۋىرگە مەنسۇپ بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان ۋە شەكلى،نۇسخىلىرى ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلۋاتقان نانغا ئوخشايدىغان بىر دانە نان ئەۋرىشكىسى تېپىلغان.يەنە جۇۋاۋا،چۈچۈرە،ھەر خىل توقاچ،كېپەك،سامان قاتارلىق نەرسىلەر چىققان.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قاتلىما «غۇز قاتلىمىسى» (胡饼) دەپ ئاتالغان.

    3›كاۋاپ (ئۈكلىمە ئەت).بۇ ئىلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىك بۇلۇپ،شىنجاڭدا ئىستىمال قىلىنۋاتقىلى 3000 يىل بولدى.

    4›قوغۇن-تاۋۇز.ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن.1961-1981-يىللىرى پىچان ۋە قۇمۇلدىن ياۋا قوغۇن بايقالغان.بۇ قوغۇننىڭ ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەنلىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ.تاۋۇز دەسلەپتە شىنجاڭدا ئۆستۈرلۈپ،لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە(907-1124) ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.

    5›ئۈزۈم.ئەڭ دەسلەپ رايۇنىمىزدا ئۆستۈرلۈپ،غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.

    6›ياڭاق ۋە ئانار.ئەڭ دەسلەپ رايۇنىمىزدا ئۆستۈرۈلگەن،ئانار ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئارساكلار ئىلىدىن شىنجاڭغا كىرىپ يەرلكلىشىپ،ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.

    7›ئالما.شىنجاڭ رايۇنىدا بارلىققا كىلىپ،غەربىي خەن دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.

    8›نەشپۈت.تۇرپاندىن جىن خانلىقى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ قەبرىلەردىن ئاز بولمىغان نەشپۈت قېقى چىققان.

    9›بادام.ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن.تۇرپان ئاستانىدىكى 4-9-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق قەدىمكى قەبرىلەردىن بادام تېپىلدى.

    10›كۈنجۈت.ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن.تۇرپاننىڭ ئالغوي جىلغىسىدىن بايقالغان ئىپتىدائىي جامائە قەبرىستانلىقىدىن كۈنجۈت ئۇرۇقى بايقالغان بۇلۇپ،بۇ قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن 2800-2200-يىل بۇرۇنقى دەۋرىرگە توغرا كىلىدۇ.بۇ كۈنجۈتنىڭ ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندىرىدۇ.

    11›زىغىر،زاراڭزا.ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن.جاڭ چيەن غەربىي يۇرۇتقا ئەلچىككە كىلىپ قايىتقاندىن كېيىن،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تېرىلىشقا باشلىغان.

    12›كېۋەز.1959-يىلى بۇنىڭدىن 2000يىل بۇرۇنلا قۇم ئاستىغا كۈمۈلۈپ كەتكەن نىيە خارابىسىدىن ئادەم ۋە گۈل نۇسخىلىرى كۆك بوياقتا بېسلغان پاختا رەخىت تېپىلدى.مارالبېشى ناھىيىسىدىكى قەدىمكى «توققۇز ساراي»خارابىسىنى تەكشۈرگەندە،6-10-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق مەدىنيەت قاتلىمىدىن پاختا بىلەن بىرلىكتە چىگىتمۇ تېپىلدى.ئومۇمەن،پاختا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە شىنجاڭ ۋە جەنۇپتىكى رايۇنلاردىن تارقالغان.چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەريالىرى ساھىلىدا كېۋەزنىڭ تېرىلىشى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى(960-1279)دىن باشلىنىدۇ.

    13›يۇمغاقسۈت،تەرخەمەك،پىياز،سامساق،سەۋزە،،پالەك.بۇكۆكتاتلار دەسلەپ غەربىي يۇرت-شىنجاڭدا ئۆستۈرلۈپ،كىيىنچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئومۇملاشقان.  

    14›پۇرچاق.بۇمۇ ئەڭ دەسلەپ غەربىي يۇرت-شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن. خەنزۇچە «گىياھنامە» دە «جاڭ چيەن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن غۇز پۇرچىقىغا(胡豆) ئىرىشكەن» دىيىلگەن.شىنجاڭدىكى ئارخېلوگىيىلىك قېدىرىشتا پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر تېپىلغان.مەسلەن،خېجىڭ ناھىيىسىدىكى بەزى قەدىمى قەبرىلەردىن(بۇنىڭدىن 2-3مىڭ يىل بۇرۇنقى قەبرىلەر)ماش دانلىرى،تۇرپان ئاستانىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن دادۇر، پۇرچاق دانلىرى تېپىلغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك پۇرچاق ۋە نوقۇت(回鹘豆) قاتارلىقلار ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭدا تېرىلغان.

    15›زەپە.«دورىلارنىڭ پادىشاھى» دەپ تەرىپلىنىدىغان زەپە شىنجاڭدا 2000 يىل بۇرۇنلا ئۆستۈرۈلگەن.

    16›بېدە.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياخشى نەسىللىك ئاتلارنىڭ ئىچكىرىگە كىرىشى بىلەن بىللە كىرگەن.ماتىرىياللاردا يېزىلىشىچە،جاڭ چيەن غەربىي يۇرۇتقا كەلگەندە ئۇرۇقىنى ئېلىپ كەتكەن.

    2.يۈگەنچە-سېپىنچا،كىيىم-كېچەك ۋە سېلىنچا-يېپىنچىلار

    17›پالاس،كىگىز،كىگىز تۇماق ۋە باشقىلار.بۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ئارخېلوگىيە ساھەسىدە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى يۇڭ توقۇلمىلار بۇلۇپ،3800-4000 يىللىق تارىخقا ئىگە.

    ئىلىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋىرگە مەنسۇپ بىر توقۇلما بۇيۇم تۇرپاننىڭ غەربىدىكى ئالغوي جىلغىسىدىن قېزۋېلىنغان بۇلۇپ،ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 475-221-يىللار ئارلىقىدىكى دەۋىرگە مەنسۇپ قەبرىدىن چىققان،ئۇنىڭ ئۆرۈش يىپى بىلەن ئارقاق يىپى تۆگە يۇڭى بىلەن قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن. ئالىملار ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 3200 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكنى ئىسپاتلىدى.

    18›كۆن ئۆتۈك ۋە تېرە شىملار.كۆنچى دەرياسى ساھىلىدىن تېپىلغان 3800 يىل بۇرۇنقى قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ پۇتىغا كۆندىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك كەيدۈرۈلگەن.يەنە قۇمۇل قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 3200يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ جەسەتلەرنىڭ پۇتىغىمۇ قونچلۇق ئۆتۈك كەيدۈرۈلگەن.

    19›گېلەم.شىنجاڭدا ئىجاد قىلىنغان.نىيە ناھىيەسى تەۋەسىدىن 1959-يىلى ئارخېلوگىيىلىك قېزىشتا گېلەم ئەۋرىشكىسى بايقالغان بۇلۇپ،ئۇ مىلادىيە 25-220-يىللار ئارلىقىدىكى گېلەم ھىساپلىنىدۇ.

    20›باغىرداق.بۇ 1075-يىلى تاماملانغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىن تۈرك» دە تىلغا ئېلىنىدۇ.بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

    2.  تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلار

    21›تۇقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى كەشپىياتلار

      يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنىرى.لوپنۇرنىڭ كۆنچى دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان 3880 يىل بۇرۇنقى يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار،قۇمۇلدىن تېپىلغان 3200 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ يۇڭ بۇيۇم ئەۋرىشكىسى قوي يۇڭىدىن توقۇلغان بۇلۇپ،بۇ شىنجاڭدىكى قەدىمكى قوۋۇملارنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنىرىنى ئىگەللەپ بولغانلىقىنى چۈشەندىرىدۇ.

      بوياش تېخنىكىسى.بىزنىڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز بۇنىڭدىن 3200 يىل بۇرۇن يۇڭ يىپنى بوياش تېخنىكىسىنى ئىگەللەپ بولغان.بۇنىڭغا قۇمۇل قىزىل چوققىدىن تېپىلغان يۇڭ كىيىم مىسال بۇلالايدۇ.

      كەشتىلەش ئۇسۇلى يەنى بىۋاستە ئارقاق يىپقا گۈل چىقىرىش ئۇسۇلى.ئۇ مىلادىينىڭ ئالدى-كەينىدە بارلىققا كەلگەن.1930-يىلى سىتەيىن كىروران خارابىسىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغان بىر پارچە يۇڭ توقۇلمىنى بايقىغان بۇلۇپ،ئۇنىڭدا رەڭلىك ئارقاق يىپقا ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئوقچۇپ تۇرغان بىر ئات كەشتىلەنگەن ۋە نەپىس جىيەك چىقىرىلغان.بۇ بۈگۈنگىچە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى بىۋاستە ئارقاق يىپقا ئالماپ تۇقۇلغان بۇيۇم ھىساپلىنىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بۇلىدىكى بۇ خىل ھۈنەر-سەنئەتنى شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر كەشىپ قىلغان.

      رەختكە موم بىلەن گۈل بېسىش تېخنىكىسى.نىيە ناھىيەسىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت قەبرىستانىقتىن تېپىلغان بىر پارچە تېگى كۆك پاختا رەختكە موم بىلەن گۈل بېسىلغان.بۇ ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ دەسلەپكى موم بىلەن گۈل بېسىلغان رەخىت ھىساپلىنىدۇ.

    22›ئورۇندۇق.ئېلىمىزدە ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى ئورۇندۇق خوتەننىڭ نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان ياغاچ ئويمىلىق ئورۇندۇق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ 1959-يىلىدىكى ئارخېلوگىيلىك قېزىشتا بايقالغان.نىيە خارابىسى ئالاھەزەل 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە.

    23›تاش كۆمۈر بىلەن پۇلات تاۋلاش تېخنىكىسى.بۇ تېخنىكا ئىلىمىز بويىنچىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا بويىنچە ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا قوللىنىلغان تېخنىكا.قەدىمكى زامان ئاپتۇرى لى داۋيۈەن «سۇ-ئېقىنلار تەزكىرسى» ناملىق كىتابىدا،كۈسەندە تاش كۆمۈر بىلەن پولات تاۋلىنىپ،36 خانلىق تەمىن ئىتىلىدۇ دەپ يازغان. بۇ ئىلىمىزنىڭ تاش كۆمۈر بىلەن پولات تاۋلىغانلىقىغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

    24›كارىز.كارىز شىنجاڭدا 2000 يىلىق تارىخقا ئىگە.

    25›قاش تېشى ئويمىچىلىقى.ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا،بۇنىڭدىن 4-5 مىڭ يىل ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدا قاش تېشى ئويمىچىلقى ئىختىرا قىلىنغان.بۇ دۇنيا بويىنچىمۇ ئەڭ بۇرۇن ئىگەللىنىلگەن ھۈنەر ھىساپلىنىدۇ.

    26›مەتبەچىلىك.ئارخېلوگلار تۇرپان ۋە دونخۇاڭدىكى مىڭ ئۆيلەردىن زور بىر تۈركۈم قاتتىق ياغاچقا ئۇيۇلغان يەككە-يەككە قىلىپ ياسالغان كۆچمە ھەرپ ئەۋرىشكىسى(مىق مەتبەئە-تامغا بۇيۇمى)نى تېپىپ چىققان.ئۇلارغا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرىپلەر ئۇيۇلۇپ،خەت بېسىش ئۈچۈن تەييارلاپ قۇيۇلغان.1990-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى دۇنخۇاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن،مەدىنيەت تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «يىپەك يولىنى تەكشۈرۈش خەلىقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دىن ئىگەللىنىشىچە،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان ئالتە تال قەدىمقى ئۇيغۇرچە ياغاچ مەتبەئە ھەرىپى(تامغا)دۇنيا بويىنچە ئەڭ بۇرۇنقى مەتبەئە بۇيۇمى ھىساپلىنىدىكەن.تارىخشۇناس ليۇزىشياۋ ئەپەندى «ئېلىپبەلىك تامغا-مەتبە ھەرپى قوللىنىلغانلىق تارىخىدىن قارىغاندا،دۇنيا بويىنچە ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇنقىلىرىدىن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ» دەپ يازغان بولسا، ئامرىكىلىق ئالىم كارتىرمۇ ئۇيغۇر ھەرىپلىرى ئويۇلغان بۇ نابورلۇق ياغاچ ئەۋرىشكىلىرىنىڭ «دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى نابور يېزىقلىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق» دەيدۇ.سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىداتى مۇنرى ئېرزىنمۇ «بۇ خىل ھەرىپلەر پۈتكۈل ئالەمدە تېپىلغان مەتبەئە ھەرىپلىرىنىڭ ئەڭ تۇنجىسىدۇر» دەپ يازغان.

    27›بۇددا تاش غار سەنئىتى(بۇددا مىڭ ئۆيلىرى).شىنجاڭ جۇڭگۇ بويىنچە بۇددا مىڭ ئۆي سەنئىتى ئەڭ دەسلەپ مەيدانغا كەلگەن جاي.قەشقەردىكى ئۈچ بۇرھان مىڭ ئۆيى،كۇچاردىكى قىزىل مىڭ ئۆي،قۇمتۇرا،سىم-سىم مىڭ ئۆيى، قارا شەھەر شىڭشىن مىڭ ئۆيى،تۇرپاندىكى سىڭگىم،بېزەكلىك،تۇيۇق مىڭ ئۆيى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

    28›ھاراق ئىشلەش.شىنجاڭ جۇڭگۇ بويىنچە ئەڭ بۇرۇن ئۈزۈمدىن ھاراق ئىشلەنگەن جاي.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇخىل ھۈنەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.

    مەنبە:غەيرەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدىنيىتىگە دائىر مۇلاھىزە» ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر