101-يازمام
بىلوگچى قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە بىلوگ قۇرۋالغىلىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە 4-5 ئاي بۇلۇپ قاپتۇ.بۇ جەرياندا ئۆزەم قىزىقىدىغان ساھە بولغان تارىخقا ئائىت تېمىلارنى كەڭ دوسلارنىڭ كۆڭۈل ھۇزۇرىغا سۇندۇم.دەسلەپكى نەچچە ئايدا ھەقىقەتەن باشقا بىلوگلاردا ياكى مۇنبەرلەردە بار تېمىلارنى تاللاپ،شۇ پېتىلام بىلوگىمدا ئېلان قىلدىم،قىسقىسى كۆچۈرمىكەشلىك قىلدىم(ئۆزەم ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش).شۇ تاپتا مەن شۇ ئەسەرلەرنىڭ مىھنەتكەشلىرىدىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سورايمەن.بۇنداق قىلىشىم بىلوگىمنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ نادىر مەزمۇنلاردىن باشقىلارنىمۇ خەۋەردار قىلىش ئىدى.
مىنىڭ بىلوگ قۇرۇشتىكى مەخسىدىم تارىخقا قىزىققۇچى قېرىنداشلار ئۈچۈن بىر مەخسۇس تارىخى بىلىملەرلا بولغان سۇپا ھازىرلاپ،ئۆزەمدە بار بولغان كىچىككىنە غەيرەتكە تايىنىپ،دۆلىتىمىز،مىللىتىمىز ۋە باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى بىلىملەرنى يوللاش ئىدى.بەزى چاغلاردا خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە يېڭى يازما يوللىيالمايمۇ قالدىم، ھەتتا 7-8-ئايلاردا بىر ئاي تورغىمۇ چىقالمىدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.لېكىن سەللا ۋاقىت چىقىرالىساملا يازما يوللاشنى توختۇتۇپ قويمىدىم.بىرەر ئاي بۇلۇپ قالدى كۆچۈرۈلمە تېما يوللىمىدىم ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوللىمايمەن.ئۆزەمدە بار بولغان چەكلىك ماتىرىياللار ۋە باشقا تىللاردىكى ماتىرىياللار تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرىمەن.
كۆپ دوسلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم قىلىشى بىلەن بۈگۈنكى تەرەققىياتقا ئىرىشتىم.گەرچە بىلوگىمنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا بۇلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى تېمىلار بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىسا توختاپ قالمايدۇ دەپ قارايمەن.مىنى قوللاپ،يىتەكلەپ كىلىۋاتقان سىلەردەك قېرىنداشلىرىمغا مىڭلاپ تەشەككۈر!
评论