كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-29

    ھېتلېر ۋە «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» - [دۇنيا تارىخى]

    ھېتلېر ۋە «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»

     

    ھېتلېر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا كوممۇنىسلارغا قارشى مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلغان،لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى تارىخشۇناسلار ھېتلىرنىڭ بۇ قارارىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئامىرىكىدا «11-سىنتەبىر»نىڭ يۈز بېرىشىنىڭ يۇشۇرۇن سەۋەبى بۇلۇپ قېلىشىنى ھەرگىز پەرەز قىلالمىغان.

    ئىئان جونسۇن «مىيونخىندىكى مەسچىد» ناملىق كىتابىدا؛20- ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ناتسىتلار يەھۇدىيلارغىمۇ، كوممۇنىستلارغىمۇ قارشى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نى بايقىغان،ھېتلىر ئۇلارنى «ئەسقاتىدىغان ئىتتىپاقداش» دەپ قاراپ،«مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ بىررەسمىي ھەربىي تەشكىلاتىغا مەبلەغ جەھەتتىن كۈچلۈك ياردەم بەرگەن.سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن، ناتسىتلار يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايۇنىدىن تەقۋادار مۇسۇلمانلارنى يىغىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا سالغان.ئۇرۇشتىن كېيىن، ناتسىتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بەزى مۇسۇلمانلار گىرمانىيىدە پاناھ جاي تاپقان،دىگەن.

    سوغۇق ئۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن،ئامىرىكىلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزلەنگەن،مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئارقا كۆرنۈشىگە ئىگە ئاتالمىش «ئامىرىكا ئازادلىق كومىتىتى» گىرمانىيىدە مۇھاجىر بۇلۇپ تۇرۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مۇسۇلمانلار(2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېتلىرغا ئەگىشىپ،ئۇرۇشتىن كېيىن گىرمانىيىگە قېچىپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلار)نى ئەركىن رادىيو ئىستانسىغا قۇبۇل قىلىپ،ئۇلار ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى توپىلاڭ كۆتىرىشكە قۇتراتماقچى بولغان.ئۇلارنىڭ ۋاستىچى بۇلۇشى بىلەن،ئامىرىكا بىلەن ئەنگىليە ناتسىت گىرمانىيىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ.«مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نى قوللاپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.ئەسلىدە رادىكال «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»مىسىر ۋە باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ،ئامىرىكا ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم بىرىشى بىلەن،1958-يىلى ميۇنخېندا ئىسلام مەركىزى قۇرۇلۇپ،ميۇنخېن رادىكالىزىم تەشۋىق قىلىنىدىغان بۈشۈك بولغان.بۇنىڭ بىلەن،ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى ياۋروپادا تەدرىجى «يىلتىز تارتقان».مەسلەن:1993-يىلى دۇنيا سودا مەركىزىنى پارتىلتىش دىلوسىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى مەھمۇد ئەبۇھەلىمە ئىلگىرى ميۇنخېندىكى ئىسلام مەركىزىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى.

    ياۋروپادا رادىكال مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلىشىش تەجىربىسى تورىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن،ئامىرىكا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئافغانىستاندا مۇسۇلمان پارتىزانلارنى كەڭ كۆلەمدە قوراللاندۇرۇپ،ئۇلار ئارقىلىق ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان سوۋېت ئارمىيەسىنى تىزگىنلەپ تۇرغان.بۇ مۇسۇلمان پارتىزانلار كېيىن تەدرىجى ھالدا «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ،مەشىق لاگىرلىرىنى قۇرۇپ،ئاخېرىدا 2001-يىلى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»نى پەيدا قىلغان.

    مەنبە:پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 19-ئۆكتەبىر سانى

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:0]ھېتلىرمۇ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىپتىكەندە...
    ھونزادە 回复شەمسى说:
    دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مىنىڭ دوستم دىگىنى شۇ بولسا كېرەك.
    2010-10-30 21:21:58

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر