كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-26

    باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ خاتالىقى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    Ba·Nominjimid

     (موڭغۇليە)

    شىمالى يايلاقتىكى قۇدرەتلىك ھونلار توختىماستىن سەدىچىننىڭ ئەتىراپىغا كىلىپ بۇلاڭ -تالاڭ  قىلاتتى.ئۇلار ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىشقا،تۈزلەڭلىكلەردە ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر بولغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداق تىز كىلىپ ھۇجۇم قىلغان بولسا،يەنە شۇنداق تىزلىكتە غايىپ بۇلۇپ،تۇتۇق بەرمەيتتى.خەن گاۋزۇنىڭ 6-يىلى(مىلادىدىن بۇرۇنقى200-يىلى)،باتۇر تەڭرىقۇت 400 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قۇشۇن بىلەن جىنياڭنى(ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن)  قورشىۋالىدۇ،خەن گاۋزۇ ليۇباڭ 300 مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئاتلىنىپ چىقىدۇ،ئويلىمىغان يەردىن باتۇر تەڭرىقۇت ۋە ئۇنىڭ 400مىڭ كىشلىك ئاتلىق قۇشۇنى پىڭچېڭدا تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ، بەيدېڭ تېغىدا ( پىڭچېڭنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بىر تاغ)،خەن سۇلالىسى قۇشۇنىنى قورشىۋالىدۇ. بىچارە ليۇباڭ ۋە ئۇنىڭ قۇشۇنى يەتتە كۈنگىچە ئىچكى جەھەتتە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ، ياردەمچى قۇشۇندىن ئەسلى خەۋەر كەلمەي كۆپ قىينىپ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.كېيىن ليۇباڭ چېن پىڭنىڭ ھىلىسى بويىنچە تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسىغا پارا بىرىدۇ،تەڭرىقۇت ئالچىسى تەڭرىقۇتقا «بۇ جاي خەن خانلىقىنىڭ زىمىنى،ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرغىلى بولماس،قۇيىۋەتكەنلىرى تۈزۈك»دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھونلار مۇھاسىرسىنى ئازراق بوشىتىدۇ،تۇماندىن پايدىلانغان خەن قۇشۇنى «مۇھاسىرنى بېسىپ ئۈتۈپ» خەتەردىن قۇتۇلىدۇ.ھونلارنىڭ ھەربىي كۈچىدىن قورقۇپ كەتكەن ليۇباڭ كېچىچە ئۇخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ قارشى تەدبىر سورايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتچى ليۇجىڭ ئۇنىڭغا نۇرغۇن تالاش-تارتىشتا قالغان «قۇدىلىشىش سىياسىتى»نى كۆرسىتىدۇ.خەن سۇلالىسى ئاخىرى بۇ تەكلىپنى قۇبۇل ئىتىپ،خان جەمەتىدىن بىر قىزنى مەلىكە نامىدا،ليۇجىڭنىڭ ئەلچىلىكىدە ھونلارغا ماڭدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن،ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسى قېرىنداشلىق ئەھدى ئىمزالاپ،سەدىچىننى ئىككى ئەلنىڭ چىگراسى قىلىپ بىكىتىدۇ.

    دەل ليۇ جىڭ ئېيىتقاندەك،ھون ئىمپىريىسىدىكى خەن گاۋزۇنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرى بىرقانچە يۈز يىلدىن كېيىن ھونچە فامىلىسىنى خەنزۇچە فامىلىگە ئۆزگەرتىپ،ئۆزلىرنى خەنزۇ ھىساپلاشتى، ئۇنىڭدىن باشقا تەڭرىقۇتلۇق تەختىنى تالىشىپ،ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىپ،دۆلەتنى جەنۇبى ھون ۋە شەرقىي ھون دەپ ئىككىگە پارچىلىۋەتتى.باتۇر تەڭرىقۇت تاكى ئۆلگىچە «قۇدىلىشىش سىياسىتى» ئارقىلىق مەلىكە دەپ ئالغان ئايالىنىڭ ھەقىقىي مەلىكە ئەمەسلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى.كىشىنىڭ تېخىمۇ ئەقلى يەتمەيدىغىنى كىيىن خەن سۇلالىسى بىلەن جەنۇبىي ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ،شىمالىي ھونلارنى يوق قىلۋەتكىنى بولدى.خەن سۇلالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ،شىمالىي ھونلارنى قوغلاپ چىقارغان جەنۇبىي ھونلارنىڭ كىيىنكى تەغدىرى قانداق بولدى؟ خەنۇبىي ھونلار كىيىنچە خەنزۇ خەلىقلىرىگە ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كەتتى،خەن سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ بۇ سىياسىتى 300يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى،قۇدىرەتلىك ھون ئىمپىريىسى ئىچكى-تاشقى ئاپەت ئىچىدە مىلادى 2-ئەسىرگە كەلگەندە غايىپ بولدى.

    ھەددى-ھىساپسىز سوۋغا-سالاملار بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ كۆزىنى كۆرمەس، نازنىنلارنىڭ ناز-كەرەشمىلىرى يۈرەكلىرىنى سەزمەس قىلدى.قارىماققا باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسى مەلىكىسىگە ئۆيلىنىشى يىنىكلىكچە چىقىرىلغان كىچىك سەۋەنلىكتەك كۆرىلىدۇ.بىراق دەل مۇشۇ كىچىك سەۋەنلىك ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلىقىدىكى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ نەچچە يۈز يىل ئىچىدە يوقىلىشىغا سەۋەپ بولدى.يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا،ليۇ جىڭنىڭ «قۇدىلىشىش سىياسىتى» ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىنى ھونلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلاپ،بۇ رايۇننىڭ نەچچە يۈز يىللىق تىنىچلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى،بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئۇنىڭ رولى سەدىچىن سېپىلىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ.

    匈奴吧 تورىدىكى ماقالىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:0]تەرجىمىڭىز ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ. يازمىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ئېسىللىشىپ كېتىپ بارىدۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن قېرىندىشىم.
    ھونزادە 回复چەۋەنداز说:
    رەھمەت سىزگە،مەنمۇ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2010-11-04 10:29:13
  • [dAva:0][dAva:0][dAva:0]مەن ئۆزۈممۇ بۇ تېمىغا بەك قىزىقىمەن. باتۇر تەڭرىقۇت تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۈيۈك بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان مەشھۇر داھىي.
    ھونزادە 回复sayipkiran说:
    تامامەن توغرا،مەنمۇ ھونلار تارىخىغا بەك قىزىقىمەن.
    2010-10-27 22:25:12

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر