كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-26

    قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى تەرققىياتى ۋە غەربىي يۇرت مەدىنيىتى داۋامى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مانى دىنى، زوروئاستىر دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك قەدىمى مەنبەلەردىن تۈرك يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، كارۇشتى يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردىكى كىتاب - ماتېرىياللاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان دىنىي كىتابلارمۇ بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىتابلار (يازما يادىكارلىقلار) غەربىي يۇرتنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تېپىلغان، بۇ شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتتا ئۆزئارا ئۇچراشقانلىقى ۋە قوشۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. 13 - ئەسىردىن كېيىن چىڭگىزخان غەربكە قوشۇن تارتىپ، غەربىي يۇرتنى كونترول قىلدى. غەربىي يۇرتنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولغان ئۆزگىرىش ھالىتىدە ئىدى. موڭغۇللار غەربىي يۇرتتا زورلۇق بىلەن موڭغۇل ئۆرپ - ئادەتلىرىنى يولغا قويۇپ موڭغۇللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبتىكى بوستانلىق رايونلىرىدا موڭغۇللارمۇ يەرلىك مىللەتلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگۈچى موڭغۇللار بارا - بارا دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە ماسلاشتى. غەربىي يۇرتنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن خېلى بىر تۈركۈم سودىگەرلەر، قول ھۈنەرۋەنلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلىنىپ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت يەنە كۆپ خىل مەدەنىيەت بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.

     

    2. يايلاق مەدەنىيىتى

     

     تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىدىكى مەدەنىيەتنى بىر قانچە دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى، ئىككى خەن دەۋرىدىكى ساكلار، ھونلار، ئۇلۇغ ياۋچلا، ئۇيسۇنلار ۋەكىللىكىدىكى يايلاقتىكى چارۋىچى مىللەتلەر مەدەنىيىتى. ئىككىنچى، ۋېي، جىن، جەنۇب - شىمال سۇلالىلار دەۋرىدىكى ئېفتالىتلار، قاڭقىللار، جورجان (ئاۋارلار) قاتارلىقلار قۇرغان «كۆچمە دۆلەتلەر» نىڭ يايلاق مەدەنىيىتى. ئۈچىنچى، سۈي، تاڭ دەۋرىدىكى تۈرك مەدەنىيىتى. تۆتىنچى، يۈەن سۇلالىسىدىكى موڭغۇللار مەدەنىيىتى. بەشىنچى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇڭغار، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت دەۋرلىرى ئىدى. ۋېي، جىن، جەنۇب - شىمال سۇلالىلەر دەۋرىدىكى يايلاق «كۆچمە دۆلەتلەر» نىڭ يايلاق مەدەنىيىتىدە، مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى بىلەن كۆپىنچە بىر خىل مەدەنىيەت ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى «كۆچمە دۆلەتلەر» نىڭ چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى چوڭ جەھەتتىن ئۆزگىرىشكە يۈزلەندى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئەشۇ مەدەنىيەت بىلەن چارۋىچىلىق ئىقتىسادى ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەر قايسىسى مۇئەييەن ئالاھىدىلىكنى ساقلىغان. لېكىن سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنى تاللاپ قوبۇل قىلىشمۇ ئازراق پەرقلىق بولۇپ ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىدە ئىپادىلەنگەن.

    سۈي، تاڭ دەۋرىدە، ئىستەمى قاغان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە غەربىي تۈركلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى غەربىي يۇرتتىكى كەڭ رايونلارغا كېڭەيگەن. تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلار ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىغا ئايلانغان. تۈرك مەدەنىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكى چارۋىچى مىللەتلەر ئارىسىدا بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇلاردا يېزىق (تاۋۇشلۇق يېزىق) بارلىققا كەلگەن. تۈركلەرنىڭ  ئەجدادى بۆرىنى تۇتېم قىلغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ ئۇلار شامان دىنىغا، ئاتەش پەرەسلەر دىنىغا ھەم بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. غەربىي تۈركلەر پائالىيەت رايونلىرى ئەتراپىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەسىلەن، خەنزۇ مەدەنىيىتى غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىمۇ غەربىي يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىپ، غەربىي يۇرتنىڭ تۈركلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

    يۈەن سۇلالىسى دەۋر غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ چوڭ قوشۇلۇشى دەۋرى ئىدى. يايلاق رايونلىرىدا قىتانلار، موڭغۇللار غەربتىن كېلىپ شۇ جايدىكى كۆچمە چارۋىچىلار مەدەنىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ يېڭى مەزمۇن بەرپا قىلىپ، غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا تارىختا مىسىلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى، شامان دىنىدىن باشقا يەنە بۇددا دىنى، مازداك دىنى، مانى دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەدەنىيەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا نىستورىئان دىنى بىلەن ئىسلام دىنى كەڭ تارقالغان. شىمالدىكى يايلاق رايونلىرى بىلەن جەنۇبتىكى بوستانلىق رايونلىرىمۇ ئىسلام دىنى روشەن ھالدا غەربتىن شەرققە تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى.

     

    3. بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتى

     

     غەربىي يۇرتتىكى بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتى خەنزۇلىشىش مەدەنىيىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەدەنىيەت. بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتى غەربىي خەن سۇلالىسى ئوردىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا غەربىي يۇرتتا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز  يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىن باشلانغان.

    بوز يەر ئېچىش ئاساسەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 105 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرتتا تۇرۇشلۇق خەن سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسى شېى جۈن مەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىرنىڭ بىرى. كېيىن بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشتى. بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشتى. بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتىمۇ روشەن ھالدا يۇقىرى قاتلام مەدەنىيەت بىلەن ئەل ئارىسىدىكى مەدەنىيەتكە كەڭ ئېتىبار بېرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

    خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى خەن، تاڭ سۇلىلىرى دەۋرىدە تازا ئەۋج ئېلىپ يېڭى بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئىككى خەن دەۋرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتە ئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى بىلەن شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئاچقان. مەسىلەن، خەن سۇلالىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 101 - يىلى بۈگۈردىن باشقا يەنە چېدىر، كروران، مىران، ئالدى قۇس، نىيە، كىنگىت، قۇم قىزىل قاتارلىق رايونلارغا كېڭەيگەن. بوز يەر ئېچىشتا چېگىرنى ساقلاش ئۈچۈن ئىچكى رايونلاردىن غەربىي يۇرتقا كەلگەن خەنزۇ ئەسكەرلەر ئىلغار بولغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى تەجرىبىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن، تۆمۈر ساپان، جوتۇ، ئورغاق، ئوتۇغۇچ قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى ئېلىپ كېلىپ غەربىي يۇرتنىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئەينى ۋاقىتتا غەربىي يۇرتتا زىرائەتلەردىن شال، قوناق، بۇغداي، ئارپا، ئاق قوناق، پۇرچاق، زىغىر قاتارلىق ئاشلىق ۋە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشتىن باشقا يەنە پىياز، سامساق، تەرخەمەك (خاڭگا) سەۋزە، پالەك، يۇمغاقسۈت قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلغان.

    باغۋەنچىلىك ئىشلىرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولۇپ، مېۋىلىك كۆچەتلەردىن ئۈزۈم، ياڭاق، ئامۇت، شاپتۇل، ئانار، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك كۆچەتلەر بار ئىدى. جاڭ چيەن غەربىي رايونغا ئەلچىلىككە كەلگەندە غەربىي يۇرتتىن ئۈزۈم، تەرخەمەك، ئانار، زىغىر، ياڭاق، بېدە، پۇرچاق، سامساق، پىياز، يۇمغاقسۈت ۋە پالەك قاتارلىق كۆكتاتلار بىلەن بىر قىسىم مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئىچكى رايونلارغا ئېلىپ بېرىپ تېرىپ ئۆستۈرگەن ۋە كېڭەيتكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جاڭ چيەن ئەينى ۋاقىتتا غەربىي يۇرتتا ئۆگەنگەن ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش تېخنىكىسى ئىچكى رايونلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتقان.

    ئىككى خەن دەۋرىدىكى خەنزۇ تىل - يېزىقى، خەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرى غەربىي يۇرتقا تارقالغان.

    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «قوۋۇق نەزمىسى» قاتارلىق خەنزۇلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي يۇرتنىڭ ئەل نەغمە، ئۇسسۇل سەنئىتى بىلەن ئۆڭكۈر رەسساملىق سەنئىتىمۇ ھەم ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك سەنئىتى ئىچكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئارقىلىق غەربىي يۇرتنىڭ بۇددا دىنى ئىبادەتخانا يەنى مىڭ ئۆي مەدەنىيىتى ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. مەسىلەن: دۇنخۈاڭدىكى مىڭ ئۆيدىن باشقا يۈنگاڭ ۋە لوڭمېن مىڭ ئۆي ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار، چاۋ شيەندىكى فوگۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ئىبادەتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى بىلەن ئىچكى رايونلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇش  ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ غەربىي يۇرتتا بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتىنى گەۋدە قىلغان مەدەنىيەتنىڭ خەنزۇلىشىشنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى.

    غەربىي يۇرت بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتى تارىخىدىن بۇيانقى بوز يەر ئېچىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى. دېمەك، غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، غەربىي يۇرت بىلەن ئىچكى رايونلاردىكى خەلقلەر تارىختىن بۇيان مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك بۈيۈك جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس ياراتتى.

     پايدىلانغان ماتېرىياللار:

     (1) «خەن نامە» ئۇيغۇرچە نەشرى.

    (2) «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» خەنزۇچە نەشرى.

    (3) «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى» خەنزۇچە نەشرى 2003 - يىللىق 2 - سان.

     (4) «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» ئۇيغۇرچە نەشرى.

     

      ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلوگىيە فاكۇلتىتى شىنجاڭ تارىخ تەتقىقات ئورنى 

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر