كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-26

    قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى تەرققىياتى ۋە غەربىي يۇرت مەدىنيىتى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئابدۇقەييۇم مۇسا

     

     تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 4 چوڭ مەدەنىيەتنىڭ بىردىنبىر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە قوشۇلىدىغان نۇقتىسى غەربىي يۇرت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

    پروفېسسور لى شيەنلىن ئەپەندى: «شىنجاڭ شەرق - غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئالمىشىدىغان مۇھىم تۈگۈن، دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتى جۈملىدىن دۇنيادىكى بىر قانچە مەدەنىيەت باشلانغان جايلاردىكى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جايدا ئۇچرىشىپ ئۆزئارا قوشۇلغان، چۈنكى دۇنياغا مەشھۇر  بولغان «يىپەك يولى» شىنجاڭدىن (غەربىي يۇرتتىن) ئۆتەتتى. گەرچە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مىللەتلەر ھازىر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ياراتقان رەڭگا- رەڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بۇ جايدىن كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ،» دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەن لى شيەنلىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغاندەك شىنجاڭ (غەربىي يۇرت) ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى 4 چوڭ مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۇچرىدىغان ۋە ئۆزئارا قوشۇلىدىغان تۈگۈن بولۇپ، باشقا مەدەنىيەتكە بولغان تەسىرىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىدى، شۇڭا غەربىي يۇرت مەەنىيىتىمۇ بۇ مەزگىلدە ئەسلىدە ئۆزىدە بار بولغان مەدەنىيەت ئاساسى بىلەن 4 چوڭ مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تۈرلۈك كۆپ مەنبەلىك، مۇرەككەپ رايون خاراكتېرلىك مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈردى.

    غەربىي يۇرتنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن كۆپ مەنبەلىك رەڭگا - رەڭ مەدەنىيەت. چىن، خەن دەۋرىدىن باشلاپ غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن، يەنى ئۇ ئاساسەن تەڭرى تېغىنى پاسىل قىلىپ، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن يايلاق مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت 2 ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت رايونىنى شەكىللەندۈردى. بۇنى مۇشۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، دىنى ئېتىقادىنىڭ كۆپ خىللىقى، خىلمۇ - خىل تىللارنىڭ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدەك ئالاھىدىلىك بەلگىلىگەن. بۇ ئالاھىدىلىك غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئىلغار مەدەنىيەتلەر جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

    ئومۇمەن، تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىكى پەرق تۈپەيلى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىدە جەنۇبتىكى بوستانلىقلاردىكى دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت تىپى شەكىللەندى.

     

    1. بوستانلىقلاردىكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى

     غەربىي يۇرت بوستانلىقلىرىدىكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدە بوستانلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بارلىققا كەلدى ۋە بارا - بارا تەرەققىي قىلدى. بۇ دەۋردىكى بوستانلىق تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى مېتال قورال (مىس قورال) بىلەن تاش قورالنى بىرگە ئىشلىتىش دەۋرىدىن تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە ئۆتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ غەربىي يۇرت دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىردى.

    غەربىي يۇرتنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتى غەربىي خەن دەۋرىدىن باشلىنىپ ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرىدە تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەن. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە تازا گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ دەۋر تاكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە قەدەر داۋاملاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 - يىللاردا غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. غەربىي يۇرت شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ رەسمىي بىر ئەزاسىغا ئايلاندى ھەم «يىپەك يول» سودىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى  بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى. «يىپەك يولى» ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى بولۇپ، مۇشۇ يول بويىدىكى ئاھالىلار ئەسلىدە بىر قانچىگە بۆلىنىپ كەتكەن بوستانلىقلاردا يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خۇددىي بىر تال يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجاندەك ئۆزئارا تۇتۇشۇپ، بېكىنمە ھالەتتىن ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلەندى. تەرەققىيات داۋامىدا تارىم ئويمانلىقىدىكى يېپەك يولى جەنۇبىي يول ۋە شىمالىي يولدىن ئىبارەت 2 لىنىيە بويىچە تەرەققىي قىلغان.

    بۇ 2 لىنىيە ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى ئىدى. جەنۇب - شىمالدىن ئىبارەت بۇ 2 يول ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردىكى شەھەر سېپىلى ھەر قايسى ئەل، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن سودا كارۋنلىرىنىڭ توپلىشىدىغان ۋە تارقىلىدىغان مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي يۇرت ۋە غەرب مەدەنىيىتى مۇشۇ جايدا قوشۇلۇپ، بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادىتى، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇنداق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىرى 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىزنالىرى ھازىرمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

    ۋېى، جىن، جەنۇب - شىمال سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت بوستانلىق مەدەنىيىتىنى 2 خىل مەدەنىيەت تۈگۈنىگە يەنى پىشامشان - ئىدىقۇت مەدەنىيەت تۈگۈنى بىلەن بۇددا مەدەنىيىتى ئاساسىدىكى خوتەن - كۈسەن مەدەنىيەت تۈگۈنىدىن ئىبارەت 2 تۈگۈنگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

    پىشامشان (چەرچەن) مەدەنىيىتى بىر خىل خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن قەندىھار مەدەنىيىتى بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت تۈگۈنى ئىدى. ئىدىقۇت مەدەنىيەت تۈگۈنىدە كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەنزۇ مەدەنىيەت تۈگۈنى ئىدى. ئىدىقۇت مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەمۇرىي تۈزۈلمىگە ۋارىسلىق قىلىشتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنغان كۇڭزىچىلىق بۇددا، تەرىقەتچىلىك قاتارلىق 3 خىل مەدەنىيەت بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، خەنزۇ تىل - يېزىقى ۋە ئۆرپ - ئادىتى ئومۇميۈزلۈك تارقالغان. ھىندى - ياۋروپا، پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىمۇ خېلىلا چوڭقۇر بولغان.

    خوتەن - كۈسەن مەدەنىيىتى تۈگۈنىدىكى خوتەندە، ئاساسەن ماھايانا بۇددا مەدەنىيىتى مەركەز قىلىنغان. كۈسەن مەدەنىيىتىدە ئاساسلىقى ھىنايانا مەزھىپى مەدەنىيىتى مەركەز قىلىنغان، خوتەن مەدەنىيىتىدە ئاساسەن ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، بىناكارلىق جەھەتتە قەندىھار سەنئىتىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭقۇر بولغان. لېكىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئىنتايىن قويۇق بولغان. كۈسەن شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان جاي ئىدى. كۈسەن مىڭ ئۆي بىناكارلىقى، تام سۈرەت ۋەقەلىك ئۇسلۇبى جەھەتتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى، ھىندىستان، يۇنان، رىم قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىناكارلىق ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان، كۈسەن مۇزىكىسىنىڭ شەرققە تارقىلىشى، مەشھۇر راھىبلارنىڭ شەرققە كېلىشى يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە غەربىي يۇرتنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارنىڭ مەدەنىيىتى تازا گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇنى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى ۋە قوشۇلۇشى روشەن بولغان تۆۋەندىكىدەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن:

    1)مەدەنىيەتنىڭ قوش تەسىر كۆرسىتىشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىلەندى. كۈسەن مۇزىكىسى، قاڭقىل مۇزىكىسى سۈي، تاڭ ئوردا مۇزىكىسىغا سىڭىپ كىردى. ۋايجىرا، ۋىچىر ئاتا - بالا ۋەكىللىكىدىكى خوتەن رەسساملىرى ئېقىمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رەسسامچىلىق ئۇسلۇبىغا ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەنگە «خۇ ئۇسسۇلى» كەڭ تارقالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ قوش يۆنىلىشلىك قوشۇلۇشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. تاڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە كىرىشىگە ئەگىشىپ تاڭ شېئىرىيىتىمۇ غەربىي يۇرتقا سىڭىپ كىردى. غەربىي يۇرت چېگرا رايون شېئىرىيىتىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى سەھنىسىگە چىقتى.

    2) غەربىي يۇرتتىكى مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى بىلەن بۇددا مەدەنىيىتى، تۈرك مەدەنىيىتى ئۆزئارا بىرلىشىپ پارلاق نۇر چاچتى، تۈرك مەدەنىيىتى «يىپەك يولى» نىڭ شىمالىي لېنىيىسىدىكى تەسىرى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھۆكۈمرانلىقى كۈنسايىن مۇستەھكەملەندى.

    3) كۆپلىگەن مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى مەدەنىيەتتە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈردى. قاڭقىل رايونىدا ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خەنزۇلار مەدەنىيىتى، تۈرك مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىر مەزگىللىك قوشۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇنداق مىللەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

    سۇڭ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە غەربىي يۇرتنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردىكى مەدەنىيەت كەسكىن بولغان بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كۆچۈرۈپ، ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا توقۇنۇشۇش، قوشۇلۇش، ئۆزئارا قوبۇل قىلىش قاتارلىق مۇرەككەپ ھادىسىلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى بارلىققا كەلدى. غەرب - شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىش خېلى ئۇزاق مەزگىللىك توقۇنۇش دەۋرىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈردى.

    10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ساتۇق بۇغراخان ئسلام دىنىغا كىردى. كەينىدىنلا 40 يىلدىن ئارتۇق دىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسلام مۇخلىسلىرى    خوتەن رايونىنى ئىستېلا قىلدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردىكى خەلقلەرنىڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ رايونلارنىڭ تۈرك - ئىسلاملىشىش قەدىمى تېزلەشتى. بۇ جەرياندا، قەشقەرنى مەركەز قىلغان شەھەر مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ، بىر تۈركۈم مەشھۇر ئەسەرلەردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇتتا ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىقتىسادىدىن قەدەممۇ - قەدەم ئولتۇراقلىشىش ئاساسىدىكى دېھقانچىلىققا قاراپ ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر