كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-20

    ئاتتىلانىڭ نۇتۇقى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    «جەڭچىلىرىم! سىلەر ئەنە شۇنداق كۆپ مىللەتلەرنى،كەڭرى كەتكەن ئاشۇ زىمىنلارنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ تۈزلەڭلىكتە تۇرۇش شەرىپىگە ئىرىشتىڭلار.شۇ تاپتا مىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ھەركىتىڭلارغا يەنىمۇ ئىلھام  بەرگۈم كىلۋاتىدۇ،قارىماققا بۇ سىلەرگە ئارتۇقچىدەك، كالۋالىقتەك ،خۇددى سىلەر ئۆزىڭلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىڭلارنى  ئۆزۇڭلار بىلمەيدىغاندەك تۇيغۇ بىرىشى مۇمكىن. توغرا،بۇ يېڭىدىن سەپكە كىرگەن يېڭى جەڭچى ئۈچۈن ياكى ئەزەلدىن ھىچبىر جەڭلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان قۇشۇن ئۈچۈن مۇئەييەن رول ئوينايدۇ.راستىنى ئېيىتقاندا،سىلەرنىڭ قولىقىڭلارغا خوش ياققۇدەك گەپ ھىچ بىر ئىسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ.

    دۇنيادا مۇشۇ جەڭدىن باشقا يەنە قانداق نەرسە سىلەرگە ئەڭ تۇنۇشلۇق؟ بىر باتۇر چەۋەنداز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا،قانداق نەرسە ئۆز قولى بىلەن ئىنتىقام ئېلىشتىنمۇ لەززەتلىك؟ قىساس ئېلىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش بولسا تەبىئەت ئانا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك سوۋغاتتۇر.شۇڭا بىز دۈشمەنلىرىمىزگە شىددەتلىك زەربە بىرەيلى!قايسى تەرەپ ئاۋال ھۇجۇمغا ئۆتسە،بۇ ئۇنىڭ دۈشمىنىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ئىككى قۇشۇن ئۇرۇشقاندا كۈچلۈككى غەلبە قىلىدۇ.بۇ قاغا-قۇزغۇنلار نىمە دىگەن بىچارە ھە؟ ئۇلار ئتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ،بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىسپاتى.بىزنىڭ ھۇجۇم باشلانماستىنلا ،ئۇلارنىڭ يۈرۈگىنى قورقۇنۇچ قاپلاپ بولغان بۇلىدۇ.

    قاراڭلار،ئۇلار بىز بىلەن كەڭرى كەتكەن تۈزلەڭلىكلەردە يىنىكلىك قىلىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىپ،ئىگىزلىكلەر ۋە تۆپلىكلەرنى ئىگىللەش ئۈچۈن ئالدىراش. سىلەرگە مەلۇم رىملىقلارنىڭ قوراللىرى چاڭ-توزاڭدەك يىنىك،كىچىككىنە يارىمۇ ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ،بۇ تېخى ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى بۇزۇلمىغان،قالقانلىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان چاغلىرى.ئادىتىڭلار بويىنچە سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار،دۈشمەن قۇشۇنىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئالانلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ،گوتلارنىڭ مىجىقىنى چىقىرىۋىتىڭلار! دۈشمەن قۇشۇنىنىڭ ئەسكىرى كۈچى مەركەزلەشكەن مەزكىزىي رايۇنىدا،بىز ئىنتايىن ئاسانلا تىز غەلبگە ئىرىشەلەيمىز.بىزنىڭ ئوقيارىمىزدىن تۇنجى پاي ئوق ئېتىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇلارنىڭ سەپلىرى تەۋرىنىشكە، قالايمىقانلىشىشقا باشلايدۇ.

    بۇ سىلەرنىڭ باتۇرلىقىڭلارنى كۆرسىتىدىغان،سىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان غەزەپ ئوتلۇرۇڭلارنى چىقىرىدىغان ۋاقتىڭلار!غۇزلار!مەن ئاتتىلا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، قورالىڭلارنى ئېلىڭلار!كىمكى يارلانسا، دۈشمىنىنىڭ ئۈلىمى ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرسۇن!ياردار ئەمەسلەر دۈشمىنىنىڭ گۆش-قانلىرى بىلەن ئاشقازىنىنى تويغازسۇن! غالىپلار ھەرگىزمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆز ئاجىزلىق تەرەپلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمايدۇ،ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئادەم تىنىچ زاماندا بەرىبىر ئوخشاشلا ئۆلىدۇ.كىم بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزغا ئازوۋ دېڭىزدىن بۇ يەرگە تۇتىشىدىغان يول ئېچىپ بەردى؟قۇشۇنىمىزنى نەچچە يۈز يىلدىن بىرى تېرە-پېرەڭ بۇلۇشتىن ساقلاپ كىلۋاتقان زادى كىم؟زادى كىم سىلەرنى بىلىگە خەنجەر ئالغىدەك ئەر قىلدى؟كىم ئەمدىلا مېڭىشنى ئۆگۈنۋاتقان سىلەرنى يۆلەپ ئىگەرگە ئولتۇرغۇزدى؟ ئۇ بولسىمۇ مەڭگۈلۈك تەڭرىدۇر، باتۇرلۇرۇم، نىمىشقا چىرايىڭلاردىن قورقىنىشىڭلار ۋە ئالاقىزادىلىكىڭلار چىقىپ قالدى؟ئەگەر كۆك تەڭرىمىز غەلبىنى باشقىلارغا مەرھەمەت قىلمىغان بولسىلا،بىز يېڭىلمەس غۇزلارنىڭ ئامەت يولىمىز مۇشۇ جايدا قانداقمۇ ئاخىرلاشقۇدەك؟بىلسىلەر،بىز غۇزلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ھىچقانداق مىللەت بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ،تەڭرىمۇ بىزگە پايدىلىق بولغان قارارىنى چىقىرىپ بولدى.بۈگۈن سىلەر دەسسەپ تۇرۋاتقان بۇ جەڭ مەيدانى،ماڭا شانلىق غەلبە توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

    غەلبىنى يېنىمدىن ئۈتكۈزۋېتىپ،مىنى پۇشايماندا قالدۇرماڭلار،دەرھال بېرىپ دۈشمەن سەركەردىسىنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ كېلىڭلار! دۈشمەننىڭ بايلىقى بىلەن بايلىق خالتاڭلارنى تولدۇرۇڭلار،دۈشمىنىڭلارنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن كۆكرىكىڭلارنى زىننەتلەڭلار! كۆك تەڭرى ۋە بارچە تەڭرىلەر سىلەر بىلەن! مەن ئاتتىلامۇ سىلەر بىلەن! مەن بىرىنچى بۇلۇپ دۈشمەنلىرىمىزگە ئوق ئۈزىمەن. ئەگەر كىمدە كىم مەن ئاتتىلا جەڭ قىلۋاتقاندا ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرسا،شۇ بىرنىچى بۇلۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇلىدۇ»

    مەنبە:بەيدۇ تورىدىن  تەرجىمە قىلىندى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • terjime qabiliyitingizge qayil boldum.n buningdin keyin teximu kop nadir eserlerni royapqa chiqirishingizgha tilekdashmen.
    ھونزادە 回复چەۋەندازلار说:
    ماختىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،دىگىنىڭىزدەك قىلىشقا چۇقۇم تىرىشىمەن.
    2010-10-21 20:53:39
  • ئەمدى نۇرمال چىقتىغۇ ، كەچۈرۈڭ ...
    ھونزادە 回复ئەلقۇت说:
    سىزەىمۇ رەھمەت،يەنە كىلىپ تۇرغايسىز قېرىندىشىم.
    2010-10-21 20:51:55
  • ققالتىس ياخشى مەزمۇنكەندۇق ، لىكىن خەت نۇسخىسى ...
    ھونزادە 回复ئەلقۇت说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تەرجىمەم تازا ياخشى دىيەلمەيمەن.خەت نۇسخىسى نىنىڭكىدە نورمال چىقىۋاتىدۇ.
    2010-10-21 14:13:14

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر