كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-20

    ئاتتىلا بىلەن غىزالىنىش - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

     

     

     

     

    پىرىسكوس (يۇنان)

     

    پىرىسكوس شەرقىي رىم ئىمپىريىسنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە مىلادىيە 449-يىلى ھون ئىمپىريىسىنىڭ پايتەختىگە بېرىپ ئاتتىلا بىلەن كۆرۈشكەن.

    پىرسكوس بىر دىپلۇماتقا خاس سەزگۈرلىكى بىلەن ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلىغان بۇ دىپلۇماتىيە پائالىيىتىنى خاتىرلەپ قالدۇرغان.ئۇنىڭ ئاددى سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان نازۇك كەيپىياتىدىن مۇشۇ ئۇچۇرشۇش بۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي،شەرقىي رىمنىڭ ھونلارنىڭ قېلىچى ئاستىدا تىز پۈككەنلىكىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشنىش قىيىن ئەمەس.

    ئاتتىلا ئىككى ئەلچىلەر ئۆمىكىدىكىلەرنى[1]چۈشتىن كېيىن غىزاغا تەكلىپ قىلدى.بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بىز-شەرقىي رىم ۋە غەربىي رىمنىڭ بارلىق ئەلچىلىرى چوڭ زالنىڭ ئىشكىدە ئاتتىلانىڭ ئالدىدا تەق بۇلۇپ تۇرغانىدۇق.ھون دۆلىتىنىڭ يۇسۇنى بويىنچە خىزمەتكار ھەر بىرىمىزگە بىر جامدىن مەي كەلتۈردى.ئورۇن ئېلىشتىن ئىلگىرى بۇ مەينى يەرگە سىپىشىمىز كېرەك ئىدى.ئۇلارنىڭچە،بۇ ئىلاھقا نەزىر قىلغانلىق بۇلارمىش.ئارقىدىن،بىزمۇ بىر قەدەھتىن مەي ئىچكەندىن كېيىن ئۆز ئورنىمىزغا بېرىپ ئولتۇردۇق.بارلىق ئورۇندۇقلار چوڭ زالنىڭ ئىككى تەرىپىگە،تامغا يېقىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.زالنىڭ يۇقىرسىدا، دەل ئوتتۇرسىدىكى يۆلەنچىكلىك ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئاتتىلا ئۆزى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە بىر يۆلەنچىكلىك ئورۇندۇق،ئەڭ تۆرىدە ئاتتىلانىڭ خاس كارۋىتى بار ئىدى.كارۋاتقا تولىمۇ سىپتا،پۇزۇر توقۇلغان زىغىررەڭ رەخت يېپىلغان بۇلۇپ،خۇددى يۇنان ھەم رىملىقلار تويدا ئىشلىتىدىغان زەر گېلەمگە ئوخشايتى.شۇنى ھىس قىلدىمكى،سالاھىيىتى ئالىيراق بولغان مىھمانلار زالنىڭ ئوڭ تەرپىگە،بىر دەرىجە تۆۋەن تۇردىغانلىرى بولسا سول تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ.پىلىچىس[2]ئىككىمىز سول تەرەپتىكىلەرنىڭ قاتارىدا ئىدۇق.ئاتتىلانىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى.چوڭ ئوغلى ئاتتىلانىڭ ئاشۇ يۆلەنچىكلىك ئورۇندۇقىنىڭ گىرۋىگىدە ئولتۇرغان بۇلۇپ،ئاتىسىدىن ئەيمەنگەندەك،كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەيتتى.

    ھەممەيلەن جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن،ئاتتىلانىڭ خاس كۈتكۈچىسى پەتنۇستا مەي كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.ئۇ بىر قەدەھ مەينى ھۆرمەت بىلەن ئاتتىلاغا تۇتتى ۋە دەرھال دىۋاننىڭ كەينىگە ئۈتۈپ تۇردى.ئاتتىلا مەينى ئېلىپ سالاھىيىتى ئەڭ يۇقىرى مېھمانغا سالام بەردى.بۇ پەۋقۇلئاددە شەرەپكە ئىرىشكەن مىھمان ئالدىراپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇ چوقۇم ئاتتىلانىڭ مەينى ئاستا-ئاستا ئىچىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشى،مەينى ئىچىپ بۇلۇپ قەدەھنى ھېلىقى مالايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى.بۇ ۋاقىتتا باشقا مىھمانلارمۇ قەدەھ كۆتۈرۈپ ھېلىقى مىھمانغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى ۋە مەينى بىر يۇتۇمدىن تېتىپ قۇيۇشتى.ئاتتىلانىڭ خاس كۈتكۈچىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،يەنە بىر مالاي كىرىپ،ئورۇندۇق تەرتىپى بويىنچە ھەر بىر مىھمانغا مەي تولدۇردى.ئارقىدىن ئاتتىلا ئوخشاش يۇسۇندا ھەر بىر ئادامگە سالام بىرىپ چىقتى.

    ھەممەيلەنگە مەي تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن،ھېلىقى مالايمۇ چىقىپ كەتتى.باشقا خىزمەتكارلار كىرىپ ئاتتىلانىڭ ئالدىغا بىرشىرە،ئاندىن ھەر ئۈچ-تۆت مىھمان ئالدىغىمۇ بىردىن شىرە قۇيۇلدى.بۇنداق بولغاندا ھەر بىر مىھمان ئۆز ئورنىدىن ئايرىلمايلا ئۆزى خالىغان يىمەكلىكلەرگە ئېغىز تىگەلەيتتى. يىمەكلىكلەر ئىنتايىن مول،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئالتۇن ياكى كۈمۈش لېگەنلەرگە ئۇسۇلغانىدى. ئولتۇرغان ئۆمەك ئەزالىرىمۇ،باشقا يات مىللەت كىشىلىرىمۇ ھەممىسى مەززە قىلىپ يىيىشتى.پەقەت ئاتتىلا ئىشلەتكەن قەدەھتىن تارتىپ تاماق قاچىلىرىغىچە ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان بۇلۇپ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئۇنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى تەنبىھلەش»لىرىنىڭ بىرى ئىكەن.ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ قەدەر ئاددىي بۇلۇپ،دائىم پاكىزە تۇتۇشتىن باشقا،ئالاھىدە تەلەپلىرىمۇ يوق ئىكەن.ئۇنىڭ يېنىغا ئېسۋالغان خەنجەر،پۇتىدىكى ئۈتۈك ھەمدە ئېتىدىكى ئىگەر-جابدۇقلاردىمۇ نەقشلەنگەن گۆھەر-ياقۇت ياكى ئالتۇنغا تەۋە نەرسە كۆرمىدۇق.

    تۇنجى قېتىمدا كەلتۈرۈلگەن يىمەكلىكلەر يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن،ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق.كۈتكۈچى ھەر بىر ئادەمگە قايتىدىن مەي كەلتۈردى. ھەممىمىز قەدەھ كۆتۈرۈپ ئاتتىلاغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدۇق.بىز ئولتۇرغاندىن كېيىن،يىمەكلىك ئۇسۇلغان لىگەنلەر يەنە شىرەگە تولدۇرۋىتىلدى. بۇنداق تەرتىپ تەكرار-تەكرار داۋام قىلىۋاتاتتى.

    گۇگۇم مەزگىلىگە كەلگەندە زالنىڭ ئىچى مەشئەللەر بىلەن يۇرۇتۇلدى.ئىككى سازەندە ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كىلىپ،ئۇنىڭ جەڭدىكى باتۇرلىقى ۋە ئىرىشكەن شانلىق نەتىجىلىرىگە بېغىشلانغان مەدھىيەنامىلەرنى ياڭرىتىۋەتتى.مىھمانلار ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى.بەزىلەرنىڭ چىرايىدا خوشاللىق ئەكىس ئەتسە،يەنە بەزىلىرى ئۇرۇش توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىشكەنىدى.بىراق،بەزىلەرنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن بۇلۇپ،«ئۇرۇش»دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ قېلىشتىن بەكلا قورقۇشاتتى.ئەلۋەتتە،بۇ كىشلەر ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.سازەندىلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،بىر سەيشيالىق[3]كىرىپ كەلدى.ئۇ غەلىتىلا بىر ئەبلەخ بۇلۇپ،نۇرغۇن غەيرىي، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ھىكايىلەرنى سۆزلەيتى،گەپلىرىنىڭ بىرسىنمۇ راس دىگىلى بولمايتتى.ئۇنىڭ ھىكايىسى كىشلەرنى قاقاقلاپ كۈلدۈرۋىتەتتى.ئارقىدىنلا مورسكۇلۇق[4]زاقۇن كىردى.ئۇنىڭ ياسىنىشى,ئاۋازى ۋە گەپلىرى سەۋدايلەرچە ئىدى،ئىتالىيان.ھون ۋە گوت تىللىرىنى ئارلاشتۇرۇپ كۆرسەتكەن ئۇيۇنى ھەممەيلەنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.زالدا كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى،پەقەت ئاتتىلالا ئۆزىنىڭ سۈرلۈك ھالىتىنى بۇزماي ئولتۇرۋاتاتتى.ئۇ مەڭگۈ ئەتىراپىدىكى مۇھىت بىلەن ئارلىق ساقلاپ تۇرسا كېرەك.پەقەت كىچىك ئوغلى ئايناس زالغا يۈگۈرۈپ كىرىپ يېنىغا كەلگەندىلا،ئۇنىڭ چىرايىدا ئازراق كۈلكە پەيدا بولدى.ئۇ ئايناسنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ مىھرىبانلىق بىلەن تىكىلدى ۋە بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى.مىنى بەكلا ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى،ئۇ قالغان ئىككى ئوغلىغا دىققەت قىلىپمۇ قويمايتى،ھەتتا زىياپەت باشلىنىپ ھازىرغىچە ئۇلارغا بىرەر قېتىممۇ قاراپ قويمىغانىدى.يېنىمدا ئولتۇرغان كىشى مىنى بۇ ئىشقا قالايمىقان باھا بىرىپ يۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.ئۇنىڭ دىيىشىچە،بىر كاھىن ئاتتىلا پادىشاھلىقىنىڭ ھامان ئاغدۇرۇلدىغانلىقىنى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئوغلى ئىمپىرىيىنى قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيىتقانمىش.زىياپەت يېرىم كېچىدە ئاران ئاخىرلاشقان بولدى.بىز ھەقىقەتەن ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكەن، ھىچكىمنىڭمۇ داۋاملىق يەپ-ئىچىشكە تاۋى قالمىغانىدى.

    ئىزاھاتلار

    [1] شەرقىي ۋە غەربىي رىمنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىنى كۆرسىتىدۇ.

    [2] غەربىي رىمنىڭ ھونلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىسى.

    [3] غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمى بىر قەبىلىنى كۆرسىتىدۇ.

    [4] ئىسپانىيىدىكى قەدىمكى قەبىلە.

    [5] گېرمان تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە قەدىمىي قەبىلىلەر.

    مەنبە: ئەك.شىمىسنىڭ ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت دىگەن ئەسىرى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر