كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-14

    گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى - [ئۇيغۇر تارىخى]

     

    ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى دۇنيا بويىنچە قىززىق تەتقىق قىلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلار مەملىكىتمىز ئىچى-سىرتىدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىنماقتا.جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنى غەرىپتىكى باشقا ئەللەر قاتارىدا قىزغىن تەتقىق قىلۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى گىرمانىيە.1998-يىلى 9-ئايدا گىرمانيە فرايبورگ ئۇنۋىرىستىتى شەرقشۇناسلىق فاكولتىتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور جېنىس پېتېر لائوت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدا ئىككى ھەپتە زىيارەتتە بولدى.زىيارەت داۋامىدا دوكتور جېنىس پېتېر لائوت ئەپەندى گىرمانىيىدە ئېلىپ بىرىلىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ھەققىدە توختالدى.ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپچىلىكى گىرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ساقلىنۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە بېرلىندا ھازىر قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن (ھۆججەتلىرىدىن) 14 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقراقى ساقلىنۋېتىپتۇ.

    تەتقىقاتچىلار ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلۋاتقان مول ھۇسۇللۇق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى پروفېسسور پېتېر زىئېمىې ئىكەن.ئۇ تۈرلۈك يازما يادىكارلىقلارنى(قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى)نەشىر قىلدۇرۇپتۇ.يېقىندا ئۇ يەنە ‹‹ئالتۇن يارۇق››نىڭ بىر قىسمىنى تەتقىق قىلىپ تاماملاپتۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە دوكتور ئىنگرىد ۋارنكې ‹‹تۆۋەنامە››لەرنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ.دوكتور سىمونې راسخمان خانىممۇ ‹‹ئالتۇن ياروق››نىڭ 44خىل نۇسخىسىنى تۈزۈپ تاماملاپتۇ.ئۇ يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى ئاۋاملار يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

    پروفېسسور دوكتور جېنىس پېتېرلائوت ئەپەندىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە بانبېك ئۇنۋىرىستىتىدا خىزمەت قىلىدىغان پروفېسسور سېمىخ تېزكان ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكولوگيە تەتقىقاتتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.بونىن ئۇنۋىرىستىتىدىكى ئاتاقلىق پروفېسسور ھانى يوئاخىم كىلىنكېت ئەپەندى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى تەتقىق قىلىدىكەن.گىراماتىكا ئىلمى ۋە تىلشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقاتتى بويىنچە داڭ چىقارغان فىرانكفورد ئۇنۋىرىستىتىدىكى پروفېسسور مارسېل ئېردال ئەپەندى نۆۋەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى سۈرەتكە تارتىپ كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ.

    پروفېسسور دوكتور جېنس پېتېر لائوت ئەپەندى فرايبورگ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شەرىقشۇناسلىق فاكولتىتىدا خىزمەت قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاساسىي خىزمىتى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋە ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتتى ‹‹مايتىرى سىمىت››.ئۇ بۇ كىتاپنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاريانىتلىرىنى ئىشلەپ پۇتتۇرگەن.ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم يازما ھۆججەتلەر تەرەپلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ بار.

    گېتىنىگىن ئۇنىۋېرستېتىدىكى پروفېسسور كلائۇس روھبورن ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ زور ھەجىملىك لوغىتىنى تۈزمەكتىكەن.ئۇ يەنە ‹‹شۈەنزاڭ قىسسىسى››نىڭ يەتتىنچى،سەككىزىنچى قىلىدى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىپتۇ.ئۇنىڭ يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار ۋە جۈملىلەر توغرىسىدىمۇ يازغان ئەسەرلىرى بار ئىكەن.

    گېرمانىيە ماربورگ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاسپىرانتى جېنىس ۋىلكېنىس ئەپەندى بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان دىنىي ھۆججەتلەرنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەپ تاماملاپتۇ.ئۇ يەنە ‹‹ئالتۇن ياروق››توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپتۇ.

    ‹‹غەربىي دىيار تەتقىقاتى››،1999-يىللىق 1-سانىدىن تەييارلىغۇچى:    

                                                               مۇختەر مۇھەممەد

    مەنبە:مىراس ژورنىلى 1999-يىللىق 4-سان

    بۇماتىرىياللار گەرچە كونا بولسىمۇ ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە بەلگىلىك پايدىسى 

    بۇلارمىكىن دىگەن ئۈمىددە يوللىدىم.

     

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر