كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-12

    تۇرپان - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ۋ.ۋ.بارتولد

    تۇرپان ئاتالمىسى ئادەتتە ‹‹تۇرفان›› شەكلىدە يېزىلدىغان بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى بىر شەھەر.يېرى مۇنبەت،ئەمما سۈيى قىس،بۇ بوستانلىق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا جۇڭگۇ بىلەن غەرپ ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن،تەڭرىتاغ تىزىملىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان؛يەنە كىلىپ ھازىرىقى تۇرپاننىڭ ئورنىغا ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ غەرپ ۋە شەرق تەرەپلىرىگە جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردە بۇ جايدا قوس-غۇز دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن، مىلادىدىن 60-يىلى خەن سۇلالىسى قوس خانلىقىنى يوقاتقان؛ئۇنىڭ بىلەن بىللە شەكىللەنگەن ۋە ئانچە چوڭ بولمىغان سەككىز رايۇننىڭ بىرى تۇرپان بۇلۇپ،ئالدى قوس-غۇز دۆلىتىنىڭ تەۋەسىدە بولغان.بۇ رايۇنلارنىڭ مەركىزى ئانچە چوڭ بولمىغان شەھەر بۇلۇپ،خەن سۇلالىسى ئۇنى جياۋخې دەپ ئاتىغان. بۇ جاينىڭ خارابىسى تۇرپاننىڭ غەربىگە 10 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا. كلېمېنز ئۇنى ‹‹يارخوت›› دەپ ئاتىغان(كلېمېنز:‹‹تۇرپان›› 24-بەت). كىيىنكى خەنزۇ كۆچمەنلىرى بۇ جاينى گاۋچاڭ دەپ ئاتىغان بولسا،تۈركچە دەسلەپ قوچو،كىينچە ‹‹قارغوجا›› دەپ ئاتالغان،ھازىر بولسا تۇرپاننىڭ 40 كىلومىتىر شەرقىگە جايلاشقان بۇ جاي ‹‹ئىدىقۇت شەھرى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرىقى تۇرپاننىڭ نەق جەنۇبىدا بىر خارابىلىك بۇلۇپ، كلېمېنز ئۇنى كونا تۇرپان دەپ ئاتىغان(تۇرپان 28-بەت).س.فىرانىكنىڭ پىكىرىچە(ئىبادەتخانا يازمىلىرى 36-بەت)بۇ خارابىيلىك ‹‹قەدىمكى زامانغا مەنسۇپ بۇلۇپ،ئانچە كۆپ بولمىغان كەنىتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىدى››،ئەمما ئۇلار خېلىلا چوڭ كۆلەمدىكى مەيدانغا ئىگە بۇلۇپ(ئۈچ كۋادىرات كىلومىتىردىن چوڭ)،ئىدىقۇت شەھرىدىن چوڭ ئىدى.

    موڭغۇللار دەۋرىدە ‹‹تورفان›› دىگەن نام تىلغا ئېلىنمايدۇ،1331-يىلىدىكى جۇڭگۇ خەرىتىسىدىمۇ(برېتشنېيدېر:‹‹تەتقىقات›› 2-توم) بۇ نام ئۇچۇرمايدۇ.تۇرفان شەھىرى توغرىسىدىكى يىگانە ئۇچۇر ئېھتىمال ستېن.كونوۋ دۇنخۇاڭدىن تاپقان ۋە ئېلان قىلغان قەدىمكى زامانغا خاس ساكچە ھۆججەتتە ئۇچۇرايدىغان Tturpanna Kamtkhaدىگەن ئاتالغۇ بولسا كېرەك(‹‹ساكچە ھۆججەتلەر›› 137-،143-بەتلەر).تۇرپان ھەققىدە تېپىلىدىغان جۇڭگۇ مەنبەلىرىدىكى تۇنجى مەلۇمات(‹‹مىڭ سۇلالىسى تارىخى›› دىكى 吐鲁番 دىگەن نام)1377-يىلىغا مەنسۇپ.ئاز بولمىغان چەتئەل ئەلچىلىرى تۇرپانغا يېقىن جايلاردىكى جۇڭگۇنىڭ دەرۋازىسىدا قاقتى-سوقتى قىلىنغانلىقتىن مىڭ قۇشۇنى تۇرپان ھۆكۈمدارلىرىغا قارشى ئەۋەتىلگە(برېتشنېيدېر :‹‹تەتقىقات›› 2-توم،193-بەت).مۇسۇلمان مەنبەلىرىدىك تۇرپان توغرىسىدىكى تۇنجى مەلۇمات خېلىلا كىيىنكى زامانلارغا تەئەللۇق.‹‹تارىخي رەشىدى›› گە ئاساسلانغاندا،موغۇلىستان خانى خىزىر خوجا ‹‹جۇڭگۇ چىگرىسىدىكى ناھايتى مۇھىم بولغان ئىككى شەھەر-قارا غوجا ۋە تۇرفانغا قارشى يۈرۈشكە ئاتلانغان››، شەھەر ئاھالىسى ئىسلامغا كىرىشكە مەجبۇرلىنىپ ئىككىلا شەھەر ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار دۇنياسى قاتارىدا سانالغان(دەررۇل ئىسلام) ( مۇھەممەد ھەيدەر،52-بەت).ئەمما تېمۇريلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئەلچىلىرىدىن بولىش شاھرۇھ بۇ يەردىن ئۆتكەن 1420-يىلى بۇ جاينىڭ ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېخى بۇددىستلار ئىدى؛بۇ جايدا چوڭ ئىبادەتخانىلار.ساكيامونىنىڭ چوڭ ھەيكىلى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ھەيكەللەر بولغان،بۇ ھەيكەللەرنىڭ بەزىلىرى كونا ھەيكەللەر بولسا،بەزىلىرى تېخى يېڭىدىن ياسالغان ھەيكەللەر ئىدى(بارتولد:‹‹ھافزى ئابرۇ›› 27-بەت). تۇرپاننىڭ ھازىرىقى ئاھالىسى (تۇرپانلىقلار) بۇ جايدا ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ياشىغانلىقىنى.ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مۇسۇلمانلار دەپ قارىلدىغانلىقى ئىنىق؛بۇددىزىمنىڭ بارچە قالدۇقلىرى دەقيانۇسنىڭ پادىشاھى بولغان قالماقلار (موڭغۇللار) دەپ قارىلىدۇ(كلېمېنز:تۇرپان 20-بەت؛ۋېنسىنك ‹‹ئەسھابول كەھف››).

    تۇرپان ئەينى ۋاقىتتا سۇ قىسلىقىنىڭ دەردىنى ھازىرىقى كۈندىكىدىنمۇ بەكرەك تارتقان ئىدى.ئۈۋەيىسخان زامانىدا بۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئىشلىرى ناھايتى ئاددى ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇللاردا ئېلىپ بىرىلغان ئىدى.خان چوڭقۇر قۇدۇق كولاشقا يارلىق چۈشۈرگەندىن كېيىن،ئۇ ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى تېرىلغۇ ئېتىزلىرى ئۈچۈن كوزا-كوزا سۇلارنى تۇشۇغان(مۇھەممەد ھەيدەر).كىيىنكى ۋاقىتلاردا تېرىقچىلىق شارائىتلىرى خېلى ياخشىلانغان بولسا كېرەك؛17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە چالىق رايۇنى(ھازىرىقى قاراشەھەر) تۇرپاندىن ئاشلىق يۆتكەيدىغان بولغان(بارتولد:‹‹تۈركىستان ساياھىتىدىن دوكلات›› 251-بەت؛خارتمان:‹‹شەرقتە ئىسلام›› 1-توم 302-بەت).ھازىرىقى كۈندە مەۋجۇت بۇلىۋاتقان يەر ئاستى سۇغىرىش يوللىرى(كارىز) بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 17-ئەسىردە قېزىلغان ئىكەن(سېتيىن:‹‹3-قېتىملىق ساياھەت›› 47-بەت).چاغاتايخاننىڭ ساختا ئەۋلاتلىرى غەربىي يۇرۇتتا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان زامانلاردا(15-17-ئەسىرلەر) تۇرپان دائىم ئايرىم خانلارنىڭ ئوردىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.كىيىن بۇ جاي پۈتكۈل مەملىكەتكە ئوخشاش دەسلەپ موڭغۇللارنىڭ تەسەۋۋۇپىغا ئۆتتى،كىيىنچە يەنە قالماق دۆلىتى بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولدى.1865-يىلى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۇچ شەھرى(ئاقسۇنىڭ غەربىدە) ۋەيران قىلىنىپ،ئاھالىسى تۇللۇق قىرىپ تاشلاندى.شەھەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن باشقا شەھەرلەردىن ئاھالە كۈچۈرلۈپ كىلىندى،بۇلۇپمۇ تۇرپاندىن كۈچۈرلۈپ كىلىنگەنلەر بەك كۆپ بولدى،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇچ شەھىرى ‹‹ ئۇچ تۇرفان›› ياكى ‹‹ئۈچتۇرپان›› دەپ ئاتالدى.ھازىرىقى تۇرپاننى بۇنىڭدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ‹‹كونا تۇرپان›› دەپ ئاتاشتى.ياقۇپبەگ زامانىسىدا تۇرپان ئۇنىڭ شەرىقتىكى چىگرا شەھىرى بولدى،1876-يىلى ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتىقان بۇ شەھەر 1877-يىلى ھىچقانداق قارشىلىقسىزلا چىڭ قۇشۇنلىرى تەرپىدىن ئىشغال قىلىندى.بۈگۈنكى كۈندە تۇرپان لۈكچۈن ۋاڭغا قارايدۇ.تۇرپاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياۋروپالىق دوكتۇر ئا.رېگېل بۇلۇپ،ئۇ 1879-يىلى بۇ جايغا كەلگەن ئىدى.ھازىرىقى تۇرپان قورغانىنى ئۇ ياقۇپبەگ بىنا قىلغان قۇرلۇش دەپ قارايدۇ؛ئۇنىڭ شەرقىدە خەنزۇلارنىڭ قورغىنى بۇلۇپ،گرۇم گرژىمايلۇ ئۇنى 1886-يىلى ئاندىن بەرپا قىلىنغان دەپ قارايدۇ(‹‹سەپەر خاتىرلىرى›› 1-توم 275-بەت)،ئەمما بۇ قورغاننى رېگېل تىلغا ئېلىپ ئۈتىدۇ.رېگېلنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇنىڭمۇ شەرقىدە ‹‹ كۆپلىگەن چىرايلىق قەبرىلەر ۋە چىرايلىق بىر مۇناردىن تۈزۈلگەن كىيىنكى ئەسىرلەردىكى تۇرپان خارابىسى مەۋجۇت.بىر-بىرىگە تۇتاش بولغان گۈمبەز، مۇنار ۋە مەسجىد كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنىدۇ(كلمېنز:‹‹تۇرپان››49-بەت؛ دوننېر:‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا›› 120-بەت؛لېكوك:‹‹روشەن ئىزلار›› 2-بەت). مونار خىرىستىئانلارنىڭ سائەت قوڭغۇرىقى بولماستىن 1760-يىللىرى ئەتىراپىدا لۈكچۈن ۋاڭى تەرپىدىن ياسىتىلغان.بۇ خارابىلىقلار ئېھتىمال كلمېنز تىلغا ئالغان كونا تۇرپان بىلەن بىر بولسا كېرەك.شۇنداق بولغاندا ئو.فرانك ۋە گرۇنۋېدىل قىياس قىلغاندىن كىيىنكى زامانلارغا مەنسۇپ بۇلىدۇ؛ كلمېنز ‹‹مىڭ جۇغراپىيونلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ‹‹تۇ-لۇ-فان›› بىلەن ھازىرىقى كۈندىكى تۇرپاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كونا تۇرپاننى بىر بۇلۇشى مۇمكىن›› دەپ قارايدۇ(‹‹تۇرپان›› 28-بەت).قەدىمكى شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپ قىسىم خارابىلىرى قارىغاندا 1879-1898-يىللىرى ئارىسىدا ۋەيران بولغان بولسا كېرەك.ئەمما ئولدېنبۇرگ 1909-يىلى ھۆكۈم قىلىغاندەك بۇ خارابىلىكلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىرى كلمېنزنىڭ خاتىرلىگىنىدىن كۆپ ئىدى. ھازىرىقى شەھەر سودا مەركىزى دىگەندەك كۆپ خىل ئالاھدىلىكلەرگە ئىگە، شەھەر ئاھالىسى ئەڭ كۆپ بولسا ئىككى تۈمەن چىقىدۇ.

    تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ 2004-يىل 2-سانىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق دېگەن ئۈمۈتتىمەن ...
    ئورتاق ھەمكارلىشايلى....
    ھونزادە 回复بىلوگداش说:
    ئەلۋەتتە بۇلىدۇ،سىزنىمۇ ئۇلىنىش قىلۋالدىم،بىرلىكتە ئىلگىرلەيلى.
    2010-10-14 20:14:49

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر