كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-12

    نۇبېلنىڭ تۈرتكىسى ۋە سۋېن ھېدىن - [ئۇيغۇر تارىخى]

    سۋېن ھېدىننىڭ ئاسىيا كىندىكىگە قىلغان سەپىرى

    ئەركىن شىرىپ

    فىرانسىيىلىك جۇغراپىيەشۇناس دۇترېي دې رېينىس باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەتىرىتى 1890-يىلى شىنجاڭ ۋە تىبەتتە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن.لېكىن 1893-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇلار چەرچەندىن قوزغىلىپ ئالتۇنتاققا بارغاندىن كېيىن،ئىز-دېرىكى بولمىغان.بۇ خەۋەر قەشقەرگە تارقىلىپ،قەشقەردىكى چەتئەللىكلەر ئادەم تەشكىللەپ دۇترېيلارنى ئىزدەش ياكى ئۇلارغا ياردەم بىرىش توغرىسىدىكى ھەرخىل چارىلەر ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا،پارس ۋە روسىيە تەۋەلىكىدىكى تۈركىستاننى تەكشۈرۈپ ئاز-تولا نامى چىققان يىگىت دەل قەشقەرگە كەلگەنىدى.دەسلەپتە ئۇ دۇترېي تەكشۈرۈش ئەتىرىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ،شىنجاڭدا قېلىپ كۆكنۇر-تىبەت ئىگىزلىكىدە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن تەكشۈرۈش ئەتىرىتىنى ئىزدەش ئىشلىرىغا ئارلىشىش قارارىغا كەلگەن.ئۇ بولسىمۇ 29 ياشلىق شىۋىتسىيىلىك سۋېن ھېدىن ئىدى.

    سۋېن ھېدىن 1865-يىلى شۋىتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شۇ جايدا ئوقۇپ پۇتتۇرگەندىن كېيىن، 1886-يىلى ئۇپسالا ئۇنۋېرىستىتى،گىرمانىيىنىڭ بېرلىن ئۇنۋېرىستىتى ھەمدە ستوكھولم ئالىي مەكتەپلىرىدە جۇغراپىيە ۋە گىئولوگيە كەسىپلىرىدە ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا،بۇلۇپمۇ بېرلىن ئۇنۋىرىستىنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بارۇن ف.فون رىختخوفېن ئۇنىڭدا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.چۈنكى رىختخوفېن سەيياھ بۇلغاچقا،جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ھەمدە تەيۋەنگە بارغان (1895-يىلى)جۇڭگۇنى كىزىپ نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان،‹‹ جۇڭگۇ›› شۇ خاتىرىگە ئاساسەن يېزىلغان ئۈچ توملۇق ئەسەر ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە رىختخوفېن شىنجاڭنىڭ تارىخى،جۇغراپىيىسى قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ كۆپ تەتقىق قىلغان،جۈملىدىن ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ‹‹ يىپەك يولى ›› دىگەن ئاتالغۇنى ئاشۇ ئوتتۇرغا قويغان.

    1885-يىلى يازدا روسىيدە ئوتتۇرا ئاسىيا چوڭ نىفىتلىكى-باكۇنى ئېچىۋاتقان ئا.ب.نوبېل ياللىغان نىفىت باش ئىنژىنىرى ئۆز بىلەن ياقا يۇرۇتتا ياشاۋاتقان ئوغلىنىڭ دەرسلىرىگە يېرىم يىل يىتەكچىلىك قىلىپ بىرىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىغا ھاجىتى چۈشۈپ قالغان.ئويلىمىغان يەردىن بۇ تاساددىپىي پۇرسەتكە ئېرىشكەن،ئەمدىلا تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن 19 ياشلىق سۋېن ھېدىن ھىچ ئىككىلەنمەستىنلا باكۇغا بارىدۇ.ئۇ باكۇدىكى يەتتە ئاي جەريانىدا بالىغا تارىخ،جۇغراپىيە،شېۋە ۋە باشقا پەنلەرنى ئوقۇتقاندىن سىرىت، ئۆزىمۇ تاتار ۋە پارس تىللىرىنى راۋان ئۆگىنىۋالىدۇ.ئېرىشكەن 300 رۇبلىلىك ئىش ھەققىگە پارس ۋە ئوتتۇرا شەرقلەرگە بېرىپ،تۇنجى تەكشۈرۈش سەپىرىنى باشلايدۇ.

    1890-يىلى 4-ئايدا شۋىتسىيە پادىشاھلىقى دىپلۇماتىيە ئەلچىلىرى ئۆمىكىنىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلىدىغان سۋېن ھېدىن ۋەزىپىسىنى تۇللۇق تاماملاپ بولغاندىن كېيىن،پادىشاھنىڭ قوللىشى ئاستىدا،ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيانى كېزىش سەپىرىنى باشلىغان.ئۇ تېھراندىن ئۇدۇل شەرققە قاراپ مېڭىپ روسىيىگە كىرگەندىن كېيىن،يەنە روسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىستانغا بارغان. 1890-يىلى 12-ئايدا ئۇ روسىيە تەۋەسىدىكى ئوش ئارقىلىق 12-ئاينىڭ 14- كۈنى قەشقەرگە كەلگەن.ئۇ قەشقەردە قىسقىغىنا ۋاقىت تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.ئۇ بۇ يەردە روسىيە كونسۇلى پېتروۋىسكى ۋە ئەنگىليە كونسۇلى ماكارتنېي،يەنە ئەنگىليىلىك ئوفىتسىر، تەكشۈرگۈچى ياڭخۇسباندلار بىلەن تۇنۇشىدۇ.1891-يىلى 1- ئايدا سېۋىن ھېدىن قەشقەردىن كېلەر يولى بىلەن مېڭىپ،ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىي بويىدا مەركىزىي ئاسىيانى كېزىش ئاساسىنى سالغان پرژېۋالسكىينىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ شۋېتسىيىگە قايتىپ كەتكەن.ئۇ قايتىپ بارغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسان ‹‹ ئاسىيانى كىزىش ›› ناملىق ئەسىرىنى  ئېلان قىلغان.

    1893-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى شۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوللىشى ۋە نوبېلنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بىرىشى بىلەن سۋېن ھېدىن ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ،تارىم رايۇنىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن.ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئومۇمىي مۇساپىسى 10498 كىلومىتىر،ۋاقتى ئۈچ يىل يەتتە ئاي ئىدى.1894- يىلى 2-ئايدا ئۇ ئاۋال دۇنيانىڭ ئۆگزىسى-پامىر ئىگىزلىگىنى تەكشۈرگەن. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن.1895-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەردىن ئاتلىنىپ،تارىم قۇملۇقىنى تەكشۈرگەن.بۇ جەرياندا ئۇ خوتەن دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇقتا تەكلىماكاندىكى قەدىمىي شەھەر- دەندان ئۆيلۈك ۋە قارا دۆڭنى بايقىغان.توڭگۇز بېشىغا بېرىپ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ‹‹ ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ›› نى زىيارەت قىلغان، تەكلىماكاننى جەنۇپتىن شىمالغا تۇنجى قېتىم كىسىپ ئۆتۈپ،لوپنۇرغا بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بېكىتىش جەريانىدا ‹‹ ئاخىرقى كىروران خانى›› كۈنچىققانبەگ بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ،ئۇنىڭ ئەزىز مىھمىنى بولغان.

    سۋېن ھېدىن 1899-يىلىدىن1902-يىلغىچە ئۈچىنچى قېتىم شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان.ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدىمۇ يېڭى پەن ساھەسىدە ئۈزلىكسىز ئىزلىنىپ،شانلىق نەتىجىلەرنى يارتىۋاتقان نوبېل خىمېيە تەجىربىخانىسىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن،سۋېن ھېدىننى تەكشۈرۈش ئەتىرىتى تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئېكىلوگىيلىك مۇھىتى،جۇغراپىيىسى،ئېتنۇگرافىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىللەش ئۈچۈن،1900-يىلى يىتەرلىك خىراجەت،ئىلغار تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ۋە 12 كىشلىك كارۋان بىلەن شىنجاڭغا ئاتلاندۇرغان.ئۇلار ئاۋال تارىم ئويمانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇ يەرنىڭ دەريا-ئېقىن،كۆل-سازلىقلىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ نۇرغۇن ماتىرياللارنى توپلىغان.لوپنۇرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش جەريانىدا ئويلىمىغان يەردىن ئون نەچچە ئەسىر كۈمۈلۈپ ياتقان قەدىمكى كىروران دۆلىتىنىڭ پايتەختى كىروراننى بايقىغان،ئۇنىڭ بايقىلىشى پۈتكۈل شىنجاڭنى تەكشۈرۈش تارىخىدىكى مۇھىم ئىش ئىدى.

    ئىككىنچى يىلى سۋېن ھېدىن ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ شۋېتسىيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن،كېسەل بۇلۇپ يېتىپ قالغان نوبېلنى يوقلىغىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ››نى تاپشۇرغان.ئاخىر شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىنى كۆرگەن نوبېل ھاياجانلىنىپ،كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان.بۇ تەكشۈرۈش ماتىرىيالى ئۇنىڭ خىمېيە سانائىتى تەجىرىبەخانىسى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق ئىدى.ئىككى ئايدىن كېيىن نوبېل ۋاپات بولغان،ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا ئۇ تەكشۈرۈش ئەتىرىتىگە داۋاملىق ئىقتىسادىي ياردەم بىرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىدى.نوبېل فوند جەمىيىتىمۇ ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ،سۋېن ھېدىن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەتىرىتىنى ئەۋەتىپ تۇرغان.

    بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 4-سانىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر