كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-20

    ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، غەربتىكى ھەر قايسى ئەللەردىن تۈرلۈك سالاھىيەتلەر بىلەن كۆپلىگەن چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەر تارىم ئويمانلىقىغا كەلدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيىلىك پرژىۋالىسكى ( 1870-1873- يىللار ، 1876-1878- يىللار ، 1879-1880- يىللار ، 1883-1885- يىللار ) ، شۋېتسىيىلىك سۋېن ھېدىن ( 1090-1891- يىللار ، 1894-1895- يىللار ، 1899-1901- يىللار ، 1906- يىل ، 1913- يىللار ) ، گېرمانىيىلىك لېكوك ۋە گرۇنۋېدىل ( 1902-1903- يىللار ، 1904-1905- يىللار ، 1905-1907- يىللار ، 1913-1914- يىللار ) ، فرانسىيىلىك پېللىئوت (1906-1909- يىللار ) ھەمدە ياپونىيىلىك ئوتانى ( 1902-1903- يىللار ) قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇردۇر . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان مول سەمەرىلىك ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى داۋامىدا ، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ، سىياسىي ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى كۆزەتتى ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرىلەرنى قالدۇردى . بولۇپمۇ سۋېن ھېدىن ، ئالبېرت فون لېكوك ، نىكولاي پرژىۋالىسكىي ، كاسېرىن ماكارتنېي ، گۇننار ئالفېرد ياررىڭ ، ئاۋرېل ستەيىن ، راھىب ئوتانى ، تاجىبانا ، ۋاتابە ، يانغاسبەند ، گابرېل بونۋالوت قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتىرىلىرى ناھايىتى قىممەتلىكتۇر .
      ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى داۋامىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن نۇرغۇن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدى ، ئۇلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى . كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ياللىنىپ ، دەشت - باياۋانلاردا يول باشلىغۇچى بولدى . مۇشۇ جەرياندا ، ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىدى . شۇڭلاشقا ئۇلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە ، ئىلمىي ئەسەرلىرىدە ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى .
    بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەسەرلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدە رول ئوينىماقتا . ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى داۋامىدا ، ھەر قايسى بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم سەھىپىلىرىگە شاھىت بولدى . شۇنداقلا 19 - ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تېز سىزمىسىنى سىزىپ چىقتى . مۇشۇ تېز تىزمىسىغا ئاساسەن ، ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن بايان قىلىش مۇمكىن .
    ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى
      يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىپ ، يىپەك يولى خارابىلاشقاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى گەرچە دۇنيادىكى تاشلاندۇق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن مەركىزىي ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بۇ رايوننىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىملىقىنى قايتىدىن تونۇتتى . بۇنىڭ بىلەن ئاسىيانىڭ دەشت - باياۋانلىرىغا ئورالغان بۇ رايون بىر توپ ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ جەننىتىگە ئايلاندى . بۇ يەرنىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ، ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئىقلىم ئالاھىدىلىكى ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئىرقىي تەركىبى ، شۇنىڭدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان فولكلور مەدەنىيىتى غەرب تەۋەككۈلچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى . ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغان ئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئارخېئولوگلار ، گېئولوگلار ، تاغقا چىققۇچىلار ، ئاخبارات توپلىغۇچىلار ، تىلشۇناسلار ، سەيياھلار ، بايلىق ئىزدىگۈچىلەر ، دىپلوماتىيە خادىملىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كىندىكىدىكى بۇ سىرلىق ماكان بىر توپ ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتىگە ئايلاندى . چاررۇسىيە بىلەن بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مەنپەئەت تالىشىش كۈرەشلىرىدىن باشقا ، يەنە بۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش جېڭىدىمۇ يەتكۈچە پۇت تېپىشتى . سۋېن ھېدىن ، ئاۋرېل ستەيىن ۋە ئالبېرت ۋون لېكوك قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قىلغان مول سەمەرىلىك ئېكسپېدىتسىيىسى داۋامىدا نام چىقاردى ھەمدە دۇنيادىكى كاتتا شەخسلەر قاتارىدا تونۇلدى .
      19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغىچە بولغان جەريان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكسپېدىتسىيىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولدى . بۇ جەرياندا قەلبىدە تەۋەككۈلچىلىكنىڭ ئوتلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان بىر توپ ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈۋاتقان شېرىن چۈشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قېزىش ئېلىپ باردى . بۇنداق قېزىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى . شۇڭلاشقا ، تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئېكسپېدىتسىيە پائالىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانى بولدى .
    ئوخشىمىغان ئىرق ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆرگەزمىخانىسى
      دىيارىمىزغا كېلىپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى _ بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئىرقىي ۋە ئېتنىك تەركىبى بولغان ئىدى . چۈنكى ، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئېتنىك تۈركۈمدە ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئالامەتلىرى مۇجەسسەملەنگەنىدى . ئۇلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ۋە ۋۇجۇدىدا تىپىك ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكاز ئىرقىنىڭ روشەن ئالامەتلىرىدىن باشقا ، يەنە تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭمۇ ئىرقىي ئالامەتلىرى ساقلانغانىدى . قەشقەر ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ خانىمى ماكارتنېي كاسېرىن مۇنداق دەپ يازىدۇ : << قەشقەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە چىراي - شەكلى خىلمۇ - خىل ، ياۋروپالىقلارغا خاس ئالاھىدە بەلگىلەر ئاز - تولا ئۇچرايدۇ . ئەر - ئاياللار قاۋۇل ، بەستلىك ، كېلىشكەن ، چىرايلىق بولۇپ ، چىرايىدىن بىر خىل ئېسىل سۈپەتلىكى چىقىپ تۇراتتى . قىرغىزلارنىڭ يۈزى ياپىلاق ، مەڭزى قىپقىزىل ئىكەن . ياندىن قاراشتا ئافغانلارنىڭ يۈز كىپتى سوزۇق ۋە ئېنىق كۆرۈنەتتى . يەنە ھىندى دىنىدىكى ۋە ئىسلام دىنىدىكى ھىندىستانلىقلارمۇ ، خەنزۇلارمۇ بار ئىدى . بەزىدە ئالتۇن چاچلىق ، دېڭىز سۈيىدەك زەڭگەر كۆزلۈكلەرمۇ ئۇچراپ تۇراتتى . ئۇلار ئېھتىمال ئارىيان قېنىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن . قەشقەردە كىشىلەر زادى قەشقەرلىكلەرنىڭ زادى قايسى ئىرققا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيدۇ ، چۈنكى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ تەرەپ -تەرەپتىن كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قېنى خېلىلا شالغۇتلاشقان . بەزى ئوغۇل بالىلارمۇ بەك كېلىشكەن . بولۇپمۇ ئورا كۆزلۈك كەلگەن 12 ياشلاردىكى ئوغۇل - قىزلار ناھايىتى گۈزەل . ئۇلار دۇخاۋا ، چىن رەختلەردىن كىيىم ، يارىشىملىق تۇماق ، دوپپىلارنى كىيسە ، ئىتالىيانلارغا ياكى ئىسپانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ >> . ئالبېرت ۋون لېكوك تۇرپان رايونىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا يەرلىك خەلقنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ : << شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بىر خىل ئارىلاشما ھالەتتىكى شالغۇت ئىرققا مەنسۇپ بولۇپ ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ياۋروپا ئىرقىغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە دىققەت قىلغانىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزى قوڭۇر ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ كۆپكۆك بولۇپ ، ناۋادا ياۋروپالىقلارنىڭ كىيىم - كېچىكىنى كىيىپ ، ياۋروپا شەھەرلىرىنى ئايلانسا ، ھېچكىم ئۇلارنىڭ غەيرىي ياۋروپالىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ >> . پرژىۋالىسكى خوتەن بوستانلىقى بىلەن كېرىيە بوستانلىقىدىكى ۋە قۇرۇم تاغلىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق يازغانىدى : << بۇ خەلقلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بوستانلىقلار ۋە تاغلىق رايونلاردا ياشايدىكەن . ئۇلار ئۆزلىرىنى ماچىنلىقلار دەپمۇ ئاتايدىكەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان ماچىنلىقلارنىڭ ئىرقىي ساپلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ، بوستانلىق ۋە شەھەرلەردىكى ئاھالىلەر نىسبەتەن سىلىق - سىپايە كېلىدىكەن . ساپ ماچىنلىقلار موڭغۇل ئىرقى بىلەن ئارىيان ئىرقىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان شالغۇت تۈركۈم بولۇپ ، ئارىيانلىقلارنىڭ تەركىبى ئۈستۈنرەك ئورۇندا تۇرىدىكەن . بوستانلىق ۋە شەھەرلەردە ياشايدىغان چىنلىقلاردا باشقا نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ تەسىرى بولغاچقا ، سىرتقى قىياپىتى ئۇنچىلىك گەۋدىلىك ئەمەسكەن >> . 1886- يىلىدىن 1894- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدا كۆپ قېتىم ئېكسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەنگلىيىلىك يانغازبەند قۇمۇلدىكى ئانتوروپولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ھەققىدە مۇنداق يازغانىدى : << مەن جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىن يولغا چىقىپ ، 2400 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ، غەربىي دىيارنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتتۈم ھەمدە يېڭى تىپتىكى ئىرقىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە كىشىلەرنى ئۇچرىتىشقا باشلىدىم . بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بويى نىسبەتەن ئېگىزرەك ، بەدەن قۇرۇلمىسى موڭغۇللاردەك كۈچلۈك ئىكەن . يۈز تۈزۈلۈشى يۇمىلاقراق بولۇپ ، موڭغۇللارغا سېلىشتۇرغاندا ، سەل سوزۇنچاق كېلىدىكەن ۋە راۋۇرۇس كۆرۈنىدىكەن . بىراق ، قەشقەر ۋە يەركەنتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، سالاپىتى سۇسراق ، پەم - پاراسىتى ۋە سەزگۈرلۈكى تۆۋەنرەك ھەمدە تۈز كېلىدىكەن . قۇمۇلنىڭ مورغاي دېگەن يېرىدە مەن يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقى - تۇرقىغا دىققەت قىلدىم . ئۇلار چىرايىغا ئۇپا - ئەڭلىك سۈرتۈپ ، پۇتىنى بوغىدىغان خەنزۇ ئاياللىرىغىمۇ ، يۈزى يوغان كېلىدىغان موڭغۇل قىزلىرىغىمۇ ، شۇنىڭدەك تاغاق سۆڭىكى بورتۇپ چىققان مانجۇ ئاياللىرىغىمۇ زادىلا ئوخشىمايدىكەن . بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى چىرايلىق ۋە چېچەن كېلىدىكەن . گرېتسىيىلىك ياكى ئىسپانىيىلىك ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئۇنچىلىك قارامتۇل دېگىلى بولمايدىكەن . ئوماق رۇخسارى ، قاپقارا قوي كۆزلىرى خۇددى رەسىملەردىكى پەرىزاتلاردەك ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن . يارىشىملىق كىيىم كىيىپ ، ئىككى تال ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ قويۇۋالىدىكەن ۋە بېشىغا قىزغۇچ دوپپا كىيىۋالىدىكەن . بۇنداق ياسانغاندا ئۇلار تېخىمۇ نازاكەتلىك كۆرۈنىدىكەن >> .
      بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ، ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىم ئويمانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئوخشىمىغان ئىرقىي ۋە ئېتنىك تۈركۈملەرنىڭ چوڭ تۈگمىنىدە يۇغۇرۇلۇپ چىققان ، تېخىچە تاكامۇللىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان مۇرەككەپ ئېتنىك بىرلىك ئىدى . ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ، ھونلارنىڭ ، تۈركلەرنىڭ ، ساكلارنىڭ ، توخرىلارنىڭ ، پارسلارنىڭ ، شۇنداقلا موڭغۇللارنىڭ ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتىكى خۇرۇچى بار ئىدى . ئۇلارنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى ئىرقنىڭ _ ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇش پاسىلىدا شەكىللەنگەنىدى . شۇڭلاشقا ، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە چىراي - شەكلىدە ھەر ئىككى ئىرقنىڭ ئالامەتلىرى تېپىلاتتى . ھەتتا ، ياۋروپا ئىرقىغا خاس ئالامەتلەر خېلىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى . تارىم ئويمانلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىمۇ قەشقەر ، ياركەنت ، خوتەن قاتارلىق سودا نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ئەللەردىن كەلگەن ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ( ئەنجانلىقلار ، بۇخارالىقلار ، ئافغانلار ، تاجىكلار ، كەشمىرلىكلەر ۋە ھىندىلار )نىڭ جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتاتتى . چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا ، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر رايونىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى تەخمىنەن 600 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسىيا مۇھاجىرلىرى بىلەن شالغۇتلار ( ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ توپلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئارىلاش قانلىقلار ) 145 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن . بۇ سان ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەر رايونىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن . شۇڭلاشقا ، ياپونىيە ئېكسپېدىتسىيىچى تاجىبانا ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەرنى كۆرۈپ : << قەشقەرگە يىغىلغان مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئىرقىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇ يەر بەئەينى بىر ئىرقلار بازىرىغا ئوخشايدىكەن . دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ يەردە رۇسىيىلىكلەر ، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەنلەر بار ئىكەن . رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئىچىدە رۇسلاردىن باشقا يەنە سەمەرقەنتلىكلەر ، ئەنجانلىقلار ۋە تاشكەنتلىكلەر بار ئىكەن . ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك تۈركۈمدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر بۇ يەرگە توپلىشىپ ، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىرقلار مۇزېيىنى ھاسىل قىلغانىكەن >> .
    بوستانلىق خەلقى ۋە قۇملۇق پسىخىكىسى
      فىلىپ كېتتى ئۆزىنىڭ << ئەرەب ئومۇمىي تارىخى >> ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە : << پۇرسەت تاپسىلا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش قۇملۇق خەلقلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدى >> دەپ يازغانىدى . دەرۋەقە ، ئېگىز تاغلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە تۇرغان تارىم ئويمانلىقى بەئەينى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن بىر چوڭقۇر ئارالغا ئوخشايدۇ . بۇ چوڭقۇرلۇققا مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جەزىرە _ تەكلىماكان قۇملۇقى سوزۇلۇپ ياتىدۇ . ئەتراپتىكى تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن پەسىللىك دەريا - تاراملار ئەنە شۇ زور قۇملۇققا قاراپ تىۋىشسىز ئاقىدۇ . تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆپلىگەن قەدىمىي مىللەتلەرنى ئۆزىگە يۇغۇرۇپ ، شانلىق بوستانلىق مەدەنىيىتى ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇ قۇرغاق زېمىندا ئىككى قولىغا تايىنىپ رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلدى . ئۇلار ئەلمىساقتىن بۇيان ، بوستانلىق بىلەن قۇملۇقلارنىڭ ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىچكى بىرلىكىنى ھەمدە دىئالېكتىك قانۇنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەنىدى . قۇم ئاستىغا غەرق بولغان سانسىزلىغان شەھەرلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ كەلگەنىدى . ئۇلار يەنە تەبىئەتنى قانداق پەپىلەشنى ، قۇملۇقلارنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى ، سۇ مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئوبدان بىلەتتى . شۇڭلاشقا ، ئۈستىدىن ئۇچار قۇشلار ، تېگىدىن ئادەمزات ۋە چاھارپايلار ئۆتەلمەيدىغان بۇ جەزىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنى ، ئانا يۇرتى ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپرىقى قىلىپ كەلگەنىدى . . .
      ئالبېرت ۋون لېكوكمۇ ئۆز خاتىرىسىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ : << بۇ رايوندىكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان دەريا - تاراملار بولۇپ ، پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىغا ئۆمۈچۈك تورىدەك يېيىلغان . ئەقىل - پاراسەتلىك ، ئىشچان يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ پەم - پاراسىتىگە تايىنىپ ، سانسىزلىغان پەۋقۇلئاددە سۇغىرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان ، ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاقاس زېمىننى گۈزەل بوستانلىققا ئايلاندۇرغان >> . لېكوك يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : << بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ھېچقانداق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى بولمىغان شارائىت ئاستىدىمۇ ، يەرلەرنىڭ قانچىلىك سۇ ئىچىدىغانلىقىنى ، سۇ سىڭىش مىقدارىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەلەيدىكەن ھەمدە قولىدىكى كەتمىنى بىلەن ئەقىللىق كاللىسىغا تايىنىپ چەكلىك سۇ مىقدارىدىن تولۇق پايدىلىنالايدىكەن . ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدە ئەقىل - پاراسىتى نەچچە مىڭ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىسىنىڭ جۇغلانمىسىدۇر . ئۇلار مۇشۇ جەھەتتىكى ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ ، يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلاپ چىقىدىغان ئالاھىدە سۇغىرىش سىستېمىسى _ كارىزنى كەشىپ قىلغانىدى >> .
    ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرىدىن ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرغان تاشمايىل ئەندىزىسىنى بايقىغانىدى . بۇ پسىخىك ئەندىزىدە يەنە ئوچۇق - يورۇقلۇق ، مېھماندوستلۇق ، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا ۋە كۈلكە - چاقچاققا بولغان ھېرىسمەنلىك ، ناخشا -ئۇسسۇللۇق ۋە مۇزىكىغا بولغان ئالاھىدە ئىشتىياقىنىمۇ ھېس قىلغانىدى . قول ئىلكىدە بارى - يوق تەئەللۇقاتىنىڭ ھەممىسىنى مېھمانغا سۇنىدىغان ، ئەتىنى ئويلىمايدىغان ، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىدىغان تەرەپلىرىنىمۇ بىلگەنىدى . شۇڭلاشقا گۇننار ياررىڭنىڭ : << مېنىڭ سېغىنىدىغىنىم قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى ئاشۇ سېھرىي كۈچى ۋە مېنى قەدىناس دەپ بىلىدىغان ئاشۇ ئۇيغۇرلاردۇر >> دېگىنى ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك . سۋېن ھېدىننىڭ تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە لوپنۇردىكى ئاشۇ سەمىمىي ، ئاق كۆڭۈل ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق دوستلىرىنى _ ئۆردەك ، سادىق ، خۇداگۈل ، ئابدۇرەھىم قاتارلىقلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىشى شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك !

    قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ! .. . .
      ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى چەتئەللىكلەر بىلەن ، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار بىلەن بولغان دىئالوگىنىڭ كىچىككىنە بىر سەھىپىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم . ئەلۋەتتە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىدىن باشلانغان بۇ ئۇزاق دىئالوگ تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق . بۇ تېمىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا ، چەتئەللىكلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالاقە تارىخىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا يورۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ . لۇشۈن ئەپەندى ئۆز دەۋرىدە جۇڭگولۇقلارنى قەستەن ماختاپ ، كۆككە كۆتۈرگەن ئەجنەبىيلەرگە نەزەر - كۆزىنى سالمىغانىدى ، ئەكسىچە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يۈرەكلىك ھالدا ئېچىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلغان چەتئەللىك يازغۇچىلارغا يۇقىرى باھا بەرگەنىدى . ئەپسۇسكى ، ئۇزۇندىن بۇيان بىز غەربلىكلەرگە باھا بېرىشتە ئۇلارنىڭ بىزگە قانداق << دوستانە >> مۇئامىلىدە بولغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىزگە قانداق گۈزەل باھالارنى بەرگەنلىكىگىلا قاراپ كەلدۇق . مەن مەزكۇر ئەسىرىمدە ئەنە شۇ كونا رامكىنى بۆسۈپ چىقىپ ، ئەجنەبىيلەرنىڭ تېخى بىزگە مەلۇم بولمىغان تەنقىدىي تەسىراتلىرىنى ئاشكارىلاشقا تىرىشتىم.
      "بۇ يەردە(قەشقەرنى دېمەكچى ) بالىلارنىڭ تىرىك قېلىشى ۋە چوڭ بولۇشى ماڭا بىر مۆجىزە بىلىندى . نېمىشقا دېگەندە ، بۇ يەرنىڭ ئادىتىدە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر قانچە ئايغىچە يۇيۇشقا بولمايدىكەن ( بۇ مېنىڭچە خاتا چۈنكى بالا تۇغۇلۇپلا يۇيۇش ئادىتىمىز چوقۇم بۇرۇندىن بار دەپ ئويلايمەن قېنى دوستلار سىلەرچە ؟ - مۇنبەرگە يوللىغۇچى بولغان مېنىڭ كۆز قارىشىم) بەزىدە بۇ بوۋاقلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ قاسماق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرىمەن . ياز كۈنلىرى ئۇلارغا چىۋىن ئولىشىپ كېتىدۇ ، گاھىلىرىنىڭ كۆزى ئاغرىغان گاھىلىرىنىڭ بەدەنلىرىگە جاراھەت چىقىپ كەتكەن . مېنىڭچە ئانا -  بالىلارنىڭ ئىچىدە ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدۇ " ....
      مەن ھازىرمۇ ئادەم توپلاشقان بولۇپمۇ مەسچىتلەردە قاڭسىق شىبە پۇرىقىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىغىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەتتا ئەمدىلا كۆتىنى ئېرتىشنى ئۆگەنگەن خەنزۇلارنىڭ ۋىيزۇرېن زاڭدىخىن( ئۇيغۇرلار مەينەت) دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ، ھەقىقەتەن تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ بۇنى يوللاپ قويدۇم. دوستلارنىڭ مۇنبەر سورۇنىنى ئىراققا ئايلاندۇرۋەتمەسلىگىنى ئۈمىت قىلىمەن !!!، رەھمەت .

    مەنبە : <<تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە>>
    ئاپتورى : دوكتور ئەسەت سۇلايمان

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالام ،
    ياخشى ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىڭىزغا ئاپرىن!
    ھونزادە 回复ئافراسىياب说:
    سىزمۇ شۇنداق قىلۋاتىسىزغۇ،ھەمكارلىقىمىز داۋاملىق ئۈزۈلمىسۇن رەھنەت.
    2010-09-21 12:52:09

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر