كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-17

    سەلجۇق تۈركلىرى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]


    تەرجىمە قىلغۇچى :ئەكبەرجان سىدىق 

     مۇشۇنداق دۇنياۋى ئىككى ئېمپىراتورلۇق ئىچىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى،دۇنيا تارىخىدا يورۇق ئىزنا قالدۇرغان -- سەلجۇقىيلارمۇ بار ئىدى.تۈركلەر 6-ئەسىردىلا چۆللۈكنىڭ شىمالى(ھازىرقى مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى) دىكى ئېگىزلىكلەردە باش كۆتۈرگەنىدى. 7-ئەسىرگە كەلگەندە، تۈرك خانلىقى تاڭ ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يىمىرىلدى، تۈرك قەۋملىرىنىڭ كۆپ قىسمى غەربكە كۆچتى. ئەينى ۋاقىتتا، ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى(رىم ئىمپىرىيىسى) بىلەن پارس ساسانىيلار دۆلىتى ھەدەپ قانلىق ئۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە ئىدى! كىيىن ئەرەبلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، پارسنى بويسۇندۇردى، لىكىن كىچىك ئاسىيا يەنىلا ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ، ئەرەب غازاتچىلىرىغاجاھىلانە قارشى تۇرىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى.
    مىلادى 10-ئەسىردىن باشلاپ، جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئەرەب ئېمپىرىيىسى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئېمپىراتورلۇق ھۆكۈمرانى بولغان ‹خەلىپە› ئەيشى-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، دۆلەت ئىشى تاشلىنىپ قالدى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى چەت رايۇنلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى بارغانسىرى ئاجىزلاشتى، نەتىجىدە بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەر كۆپەيدى.
    بۇ ۋاقىتتا، ئېمپىراتورلۇقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئېران تەۋەسىدە تۈركلەر قۇرغان دۆلەت -- غەزنەۋىيلەر خاندانلىقى بارلىققا كەلدى. غەزنەۋىيلەرنىڭ تەسىر كۈچى ئېران، ئافغانىستان، پاكىستان،ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيدى.
    -10-10ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىرغىزىستان يايلىقىدا چارۋىچىلىق قىلىدىغان كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى جەنۇبقا كۆچۈشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ سەردارىنىڭ ئىسمى سەلجۇق بۇلۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ بىر بۆلەك تۈركلەر سەلجۇقلار دەپ ئاتالغان. سەلجۇقلار كۆچۈش جەريانىدا، ئىسلام دىنىىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇلار چەۋەندازلىققا ماھىر خەلىق بۇلۇپ، جەڭ قىلغاندا ناھايىتتى جەسۇر  بولغان، ئۇلار قوراللىق بويسۇندۇرۇش ۋە تىنىچ ۋاستىنى تەڭ قوللنىپ ئەتراپتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنى ئاساسەن بويسۇندۇرۇپ، بارغانسىرى قۇدرەت تاپتى. 1037-يىلى ئۇلار سەلجۇقبەگنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگنىڭ قوماندانلىقىدا، غەزنەۋىيلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى؛ ئېراندا پۇت دەسسەپ تۇرىۋالغاندىن كىيىن، غەلبىسىرى ئىلگىرلەپ ئەرەب ئېمپىراتورلىقىنىڭ مەركىزى بولغان باغدادقا بېسىپ كىردى. 1055-يىلى، توغرۇلبەگ قۇشۇن باشلاپ باغدادقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپىنى ئۆزىگە«شەرقنىڭ ۋە غەربنىڭ سۇلتانى» دىگەن ئاتاقنى بېرىشكە قىستىدى. سۇلتان تۈركچىدە «ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» دىگەنلىك بولاتتى، سەلجۇقىيلار ھەمدە كىيىنكى ئىسلام ئەللىرىدىكى نۇرغۇن خان-پادىشاھلار ئۆزلىرىنى ‹سۇلتان› دەپ ئاتىغانىدى. شۇنداق سەلجۇقىيلار ئېمپىراتورلىقى دۇنيا كەلدى. كىچىك ئاسىيادىكى سەلجۇقىيلار دۆلىتىدىن مەزكۇر دۆلەتنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، باغداتنى پايتەخت قىلغان سەلجۇقىيلار ئىمپېراتورلۇقى تارىختا بۈيۈك سەلجۇقىيلار ئىمپېراتورلۇقى دەپ ئاتالغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە كەلسەك، ئۇ پەقەت نامدىلا مەۋجۇت بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىلا بولۇپ قالغان، ھېچقانداق تەسىر كۈچى قالمىغانىدى.
    توغرۇلبەگ سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنى 1060-يىلى بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى.  ئۇنىڭ جىيەنى ئالىپ ئارسلان سۇلتانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپلا، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا تەرەددۇتلاندى، شەرق ۋە غەربكە قوشۇن تارتىپ نۇرغۇن غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلدى، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئاجايىپ تالانتى بولغانلىقتىن، مەغلۇبىيەت ئۇنىڭغا يۈز ئاچمىدى، ئۇ سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ شۇنچىۋالا كەڭرى زېمىنغا ئىگە بۇلىشىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. جۈملىدىن ئۇنىڭ ھاياتىدا يورۇق ئىزنا قالدۇرغان جەڭلەرنىڭ بىرى--مالازگىرد ئۇرۇشى ئىدى.
    كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن بولۇپ، ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان مۇھىم ھەربىي ئىشلار ئورنى ئىدى. ئەينى چاغدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يۇنان(گېرىتسىيە)لىقلار ئىدى، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى گۈللەنگەن مەزگىللەردە كۆپ قېتىم قوشۇن ئەۋەتىپ كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نەتىجىسىز بولغان ئىدى. يېڭى باش كۆتۈرگەن سەلجۇقىيلارمۇ بۇ زېمىنغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. 1017-يىلى ئالىپ ئارسلان چوڭ كافكاز تېغىدىن ئاتلىنىپ، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا باستۇرۇپ كەلدى. كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ مالىيە ۋە ھەربىي كۈچى توپلاشقان ئورۇن، ۋىزانتىيە بۇ جاينى ئەلۋەتتە جان تىكىپ قوغدايتتى. ئىككى تەرەپ قوشۇنى ۋان كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى مالازگېرد(بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمى)تا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش ئېلىپ باردى. سەلجۇقىيلار ئالىپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىقىدا، باتۇرانە جەڭ قىلىپ، ۋىزانتىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ھەتتا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى رومان دېككىنىسمۇ ئەسىرگە چۈشكەنىدى. سەلجۇقىيلار بىر ھۇجۇم بىلەنلا كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن سەلجۇقىيلارنىڭ زېمىنى كېڭىيىپ تاكى مەرمەر دېڭىزغىچە يەتتى، بىر تەرىپى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونسىتانتىنپول بىلەن چېگرىداش بولۇپ قالدى. 
     

    سەلجۇقىيلارنىڭ مالازگېرد ئۇرۇشىدىكى غەلبىسى، ئىسلام دىنىىنىڭ كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا تارقىلىپ كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ بىر تارىخىي پەيتلەر ئىدى. بۇ غەلبىنى يەنە، كىيىنكى ئوسمان ئىمپىراتورلىقىنىڭ ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىدا باش كۆتۈرۈشىگە مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەردى دىيىشكىمۇ بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالازگېرد ئۇرۇشى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىگە زەربە بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنى ئورنىدىن تۇرالماس قىلىۋەتتى. بۇ غەلبە ياۋروپا دۇنياسىنىمۇ قاتتىق ساراسىمىگە سالدى، ۋىزانتىيىنىڭ يېلىنىپ يالۋۇرۇشى بىلەن، رىم پاپاسى غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئەھلىسەلىپ قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ناھايىتتى كۆپ قېتىم ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. مالازگېرد ئۇرۇشى دۇنيا تارىخىغا ناھايىتتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئەينى زامان تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە رولى ئالىپ ئارسلاننىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ خېلىلا ئېشىپ كەتكەنىدى.
    ئالىپ ئارسلان قازا قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكشاھ 1073-يىلى سۇلتانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، دەرھال تىغ ئۇچىنى غەربكە قاراتتى. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن دەمەشىق بىلەن ئېرۇسالىمنى تارتىۋالدى، ئۇنىڭ قوشۇنى كۆرگەنلا جەڭدە غالىپ كەلدى، ھەتتا سىناي يېرىم ئارىلىنىمۇ ئىستىلا قىلىپ، مىسىردىكى ئەرەبلەر قۇرغان فاتىمىيلار دۆلىتىگە تەھدىت سالدى. بۇ چاغدىكى سەلجۇقىيلارنىڭ تېرىتورىيىسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدىن ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىگىچە، شىمالدا كافكاز تاغلىرى` كىچىك ئاسىيا، جەنۇبتا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كەڭ كەتكەن رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ چاغدا 7-108يىلى، باش ۋەزىر نىزامۇلمۈلۈك ھەربىي ئىشلار جەھەتتە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمنى يولغا قويدى، دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئالغان ھۇسۇلىدىن مۇۋاپىق غەللە-پاراق تاپشۇرۇشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، سۇيۇرغاللىقا تاپشۇرۇلغان غەللە-پاراققىنىڭ بىر قىسمى دۆلەت خەزىنىسىگە كىرەتتى. سۇيۇرغال بېگىنىڭ يېرىگە ۋارىسلىق قىلىشقىمۇ بولاتتى. سۇيۇرغاللارنىڭ يېرى ۋە قوشۇنى بولسلا ئۇلاردا ئاسانلا مۇستەقىللىق خاھىشى كۆرۈلەتتى، شۇنداق قىلىپ فېئودال بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتى ئېمپىراتورلۇق ئىچىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. رسەلجۇقلا ئاللىبۇرۇن گۈللەنگەن مەزگىلگە قەدەم قويغانىدى.-1092يىلى، سۇلتان مەلىكشاھ قازا قىلغاندىن كىيىن، خان جەمەتى ئىچىدە تەخت تالىشىش كۈرىشى ئەۋج ئالدى، بۇنىڭغا ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىكى قوشۇلۇپ، بۆيۈك سەلجۇقىيلار ئېمپىراتورلىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى تىزلىتىپ قويدى. ناھايىتى تىزلا سەلجۇقىيلار ئېمپىراتورلۇقى بىر قانچە كىچىك كېنەزلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ كېنەزلىكلەر ئاخىرقى ھېسابتا شۇ يەرلىك كىشلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. 12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پۈتكۈل ئاسىيا ئاسمىنىدا ئەركىسىز لاچىندەك قانات قاققان، ئىسلامنىڭ نۇرىنى جىمىكى جاھەنغا تارقاتقان بۆيۈك سەلجۇقىيلار ئېمپىراتورلىقى تارىخ سەھنىسىدىن غولىدى. بىراق سەلجۇقىيلارنىڭ كىچىك ئاسىيادا قۇرغان شاھانە دۆلىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى، تۈرك روھىغا بولغان ھامىيلىقى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!!!..... .

    مەنبە:ساھىپقىران بىلوگى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • تۈركلەر بىر ئۇلۇغ مىللەت. دۇنيا تارىخى راۋاجىنى بىر زور دەرەخقە ئوخشاتساق، تۈركلەر ئاشۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدۇر.
  • بىلوگىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز؟
    ھونزادە 回复sayipkiran说:
    كەچۈرۈڭ ئەسكەرتىپ قويدۇم،بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كۈچۈرۈلمە تېما يوللانمايدۇ،يەنە كىلىپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم.
    2010-10-10 16:00:23
  • ئەپۇ قىلغايسىز. بۇندىن كېيىن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ تۇرايلى قىرىندىشىم.
    ھونزادە 回复ئافراسىياب说:
    سىزگىمۇ رەھمەت ،پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ.
    2010-09-19 19:05:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالغانلىقىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. خىلىدىن بىرى تورغا چىقىش نورمال بولمىغاچقا، ۋاقتىدا جاۋاب يازالمىدىم،
  • سەلجۇقلارنىڭ ئەھلى سەلىپ قوشۇنىنى يېڭىپ غەلبە قىلىشى پۈتۈن تۈركلەرگە دۇنيا تارىخدىن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان دېيىشكە بولىدۇ.
    ھونزادە 回复چەۋەندازلار说:
    راس دەيسىز،تۈرۈكلەرنىڭ قەدىمكى دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ.
    2010-09-17 20:46:45

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر