كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-17

    تارىختىكى ئۇيغۇر پايتەخىتلىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: كۆكتۈركلەرگە ئوخشاشلا ئاسىيا ھونلىرىنىڭ نەسلىدىن بولغان ئۇيغۇرلار، ئورخۇن ۋە سېلېنگا دەريالىرى قىرغاقلىرى بىلەن ئارال كۆلى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلار، 5 - ئەسىردە بۇ رايوندا ناھايىتى كۈچلۈك بىر بەگلىك قۇرغان ۋە بۇ بەگلىكنىڭ رەھبىرى «ئەركىن» دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە «شىجىھېن» ئىدى. قەھرىمان ۋە دۆلەتكە خىزمەت قىلغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئالپ ئىلتېبېر» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇنىڭ ئوغلى پۇسامۇ دادىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا بىلىمى مول ۋە تەجرىبىلىك دۆلەت ئەربابى بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

    «ئۇيۇشقاق» ياكى «بىر بىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇيغۇر» ئىبارىسى، 9 ئوغۇز ۋە 10 ئۇيغۇر ئايمىقىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن خەلققە بېرىلگەن بىر ئىسىمدۇر.

    قارلۇقلار ۋە باسمىللارنىڭ ياردىمى بىلەن 742 - يىلى كۆكتۈرك دۆلىتىنى دۇنيا سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئۇيغۇرلار، 744 - يىلىمۇ ئۆتۈكەنت خاندانلىقىنى بويسۇندۇرغان ۋە شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. تۇنجى ئۇيغۇر قاغانى قۇتلۇق بىلگە قاغان، شۇ دەۋرلەردە ئوردۇ - بالىغ دەپ ئاتىلىدىغان «ئۈستۈن ئورخۇن دەرياسى» بويىغا جايلاشقان بالاساغۇننى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتكەن.

    يېڭى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ نامىدىن سىرت يەنە تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسىگە كۆرە يېرىم دىنىي بىر ئۇنۋان بولغان، قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغان ئۇنۋانى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىمۇ، خۇددى كۆكتۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئىلاھىي تۈزۈلمە ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خاندانلىقى، تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى يېگانە ۋەكىلى ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر قاغانلىرىغىمۇ مۇقەددەس قاغانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا «كۈن تەڭرىدە قۇت بولمىش» ياكى «ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش» دېگەندەك ئۇنۋانلار بېرىلگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئىلاھىي مەنبەگە ئاساسلانغانلىقى نامايەن قىلىنغان.

    :::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

    ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە ئورخۇن ۋادىلىرىدا يەنى ئۆتۈكەنتتە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ پايتەختى بالاساغۇنبولغاندىن سىرت يەنە، ئۈستۈن نۇشجان ياكى ئۈستۈن بارسخانم باھۋان ۋى قوچۇمۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرى بولغان. بۇ شەھەرلەر ئەينى ۋاقىتتا بىر ئۆلكە مەركىزى بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇر قاغانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرەر خان ياكى خاقان تەرىپىدىن ئىدارە قىلىناتتى.

    تارىخىي مەنبەلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئۆلكە مەركەزلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەرەققى قىلغىنى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قارا - بالغاسۇندۇر. ئىلگىرىكى مەزگىللەردە بىر ئولتۇراق مەركىزى بولغان قارا - بالغاسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى بولغاندىن كېيىن ناھايىتى ئاۋات ۋە تەرەققى قىلغان بىر شەھەرگە ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك «خانلار شەھرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «خان بالىق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. مانىي دىنىي بۇ يەردە كەڭ ئومۇملاشقاندىن كېيىن پەقەت سىياسىي بىر مەركەزلا ئەمەس، بەلكى تېئوكراتىك ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ كۈچلۈك بىر دىنىي مەركىزىگە ئايلانغان. بالاساغۇننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى تاكى ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەنگە قەدەر ئىزچىل داۋاملاشقان.

    قارا - بالغاسۇن، سودا جەھەتتىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھرى بولۇپ، بۇ شەھەر شەرققە قاراپ ئاقىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر دەريانىڭ بويىغا جايلاشقان. قارا - بالغاسۇن، مەرمەردىن سېلىنغان دۇكانلىرى بار بولغان نۇرغۇنلىغان بازارلار ۋە سودا ئورۇنلىرىغا ئىگە ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى ناھايىتى مۇستەھكەم سېپىللار ئوراپ تۇراتتى. شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن تۆمۈردىن ياسالغان 12 دەرۋازىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ دەرۋازىلارنى جەڭگىۋار تۈرك ئەسكەرلىرى قوغدايتتى. مۇسۇلمان جۇغراپىيىشۇناس ئالىملار بالاساغۇننى «جىنانكەس» دەپ تىلغا ئېلىشقان.

    قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا 747 - يىلى ئۇنىڭ ئوغلى مويېنچۇر قاغان تەختكە ئولتۇرغان. بۇ دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قاغانلىقى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قۇدرەت تېپىپ، ئالدى بىلەن تۈرگىشلەرنى ئارقىدىنلا شىمالدىكى قىرغىزلارنى بويسۇندۇرغان. مويېنچۇر، 759 - يىلغىچە داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قاغانلىقىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. مۇيۇنچۇر زامانىدا جۇڭگو بىلەن بۈيۈك ئۇيغۇر قاغانلىقى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغان، شۇنداقلا ئىچكىي مالىمانچىلىق ئوتىنىڭ قورشاۋىدا قالغان جۇڭگو دۆلىتى بىلەن بۈيۈك ئۇيغۇر قاغانلىقى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر تالاس ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.

    751 - يىلى قارلۇق تۈركلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەرەب قوشۇنلىرى تالاس ئۇرۇشىدا جۇڭگولۇقلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن «تارىم ئويمانلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.

    بۇ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بۇ يەردە كەڭ كۆلەملىك ئولتۇراق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 759 - يىلى مويېنچۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى بۆگۈ قاغان تەختكە ئولتۇرغان. تىبەتلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئۆزىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان جۇڭگوغا قوشۇنلىرىنى باشلاپ كىرگەن بۆگۈ قاغان، 762 - يىلى جۇڭگونىڭ پايتەختى لوياڭ شەھىرىنى ئىسيانچىلاردىن قۇتقۇزغان. بۇ سەپىرى جەريانىدا جۇڭگودا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالغان بۆگۈ قاغان، پىكىر - تەپەككۇر جەھەتتىن جۇڭگولۇقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. جۇڭگودىن قايتىشىدا 4 مانىي راھىبنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، دۆلىتىدە مانىي دىنىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

    مانى دىنى، خرىستىئانىزم ، بۇددىزم ۋە مازدېھىزم قاتارلىق دىنلارنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ جەڭ ۋە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر خىل نەزەرىيىگە ئىگە ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ دىندا ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش مەنئى قىلىناتتى. جۈملىدىن، بۇ دىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە ئومۇمىي تۈرك خاراكتېرىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر خىل ئېتىقاد سىستېمىسى ئىدى.

    ::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

    بالاساغۇننى پايتەخت قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان، جۇڭگوغا سەپەر قىلىنىشقا قارشى چىقاتتى. ئۇنى بۇ پوزىتسىيىسىدىن ۋازكەۋتۈرەلمىگەن ۋەزىر تۇڭ باغا تاركان، 779 - يىلى بۆگۈ قاغاننى ئۆلتۈرۈپ تەختكە ئولتۇرغان. تۇڭ باغا تاركان، تەجرىبىلىك ۋە ئىقتىدارلىق دۆلەت ئەربابى ئىدى. شۇڭا ئۇ قىرغىزلارنى يېڭىپ قايتىدىن دۆلەتكە قارام قىلغان. تۇڭ باغا تاركان، جۇڭگو مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان بىر قىسىم كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلغان.

    794 - يىلى بۈيۈك ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەختىگە قۇتلۇق بىلگە قاغان ئولتۇرغان. ئۇيغۇرلار بۇ دەۋرىدە تۈرلۈك قالايمىاقنچىلىقلارنى تۈگىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

    بۇ ئارىلىقتا، جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قۇتلۇق بىلگە قاغان ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر دۆلىتىدە مالىمانچىلىق يەنە باش كۆتۈرگەن. 805 - يىلى قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان قاغانلار سودا ۋە تاشقىي سىياسەت جەھەتتىن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغان بولسىمۇ بىراق بۆگۈ قاغان بىلەن باشلانغان مانى دىنىنىڭ تەسىرى ھەممىنى بېسىپ كەتكەن.

    ئۇيغۇرلار بۇ دىننىڭ تەسىرىدە ئاستا - ئاستا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. قىرغىزلار بولسا بۇ مەزگىلدە كۈچىيىپ ئورخۇن رايونىنىڭ ئەتراپىنى قامال قىلىپ، 840 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس توپراقلىرى بولغان ئۆتۈكەنت رايونىغا ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن بېسىپ كىرىپ ئۇيغۇر قاغانىنى ئۆلتۈرگەن.

    مەنبە:http://www.trt.net.tr/trtInternational/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=b54612fb-175a-4020-81a8-3e6655861a0a


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇرادەر، ئەمدى خەت سەل چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ، شۇڭا قۇرلار چاپلىشىپ كېتىپتۇ، خەتنى بەك چوڭمۇ ئەمەس، بەك كىچىكمۇ ئەمەس، نورمال قىلىشى تەكلىپىنى بېرىمەن. ئىنكاستىكى خەتلەرنىڭ چوڭلۇقى تازا مۇۋاپىق ئىكەن.
    ھونزادە 回复YOLBASH说:
    ر?ھم?ت ق?رىندىشىم ت?كلى?ى?ىزنى ق?ب?ل قىلىم?ن،دىقق?ت قىلاي.
    2011-03-23 20:02:36
  • بۇرادەر، بىلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلار بەكمۇ ياخشى ئىكەن، بىراق خېتى بەك كىچىك ئىكەن، خەتنى سەل چوڭايتسىڭىز بوپتىكەن، بولمىسا، ئادەم مەزمۇننى ئوقۇش ئۈچۈن بەك قىينىلىپ كېتىدىكەن.
    ھونزادە 回复YOLBASH说:
    رەھمەت دوستۇم ناھايتى ئورۇنلۇق تەكلىپ بىرىپسىز،چۇقۇم دىققەت قىلاي.
    2010-09-23 13:59:15

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر