كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-17

    مەركىزى ئاسىيادا تۇركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]


      


    ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن    


    مەركىزى ئاسىيادا تۇركىي خەلقلەر تەخمىنەن تۆمۇر قوراللىرى ئومومىيۈزلۇك قوللىنىلغان دەۋىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنشكە باشلىدى . بۇجەريان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاندىرنوپ (ئارىلار) -ساكلار ئاساسىدابىخ سۈرىشى ،تۇركى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارا تېخىمۇ زىچ بىر گەۋدىگە يۈزلىنىشىنڭ بىر ئۈزۇلۇپ بىر داۋام قىلىپ بېرىشىدىن ئىبارەت بىر قانچە قاتلام بويىچە ئىزچىللاشتى.
        
      تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشى دىگەندە بىز مەركىزى ئاسىيادا بىرلەمچى ئېتنىك ئالامەتلىرى مۇئەييەنلەشكەن ئىنسان تۇركۇمى -ئاندىرنوپ-ئارىلار(ئارىيانلار)دىن كېينكى ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۇمى بولغان خەلق -تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەدرىجى شەكىللىنىشىنى نەزەردە تۇتىمىز.
        
      ئېيتىش كېرەككى ،تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشى،   بىرىنچىدىن ،ئارىيانلار نوپوسىنىڭ كوپىيىشى ،شەرق،غەرپ،جەنوپقا بىر تۇركۇم ئارىلارنىڭ يۆتكىلىشى ،تەدرىجى يەرلىك ئالامەتلەرنى قوبۇل قىلىپ ئەسىلىدىكى ھالەتتىن ئۆزگۇرۇپ كېتىشى- ئىرانى،ھىندى ئامىللىرىنى،جۈملىدىن سېرىق موڭغۇلوئىد ئامىللىرىنى ئۆزلەشتۇرىشى ،ئىلگىرىكى ئاندىرنوپ -ئارىلاردىكى تارىخى خاراكتىرلىك پارچىلىنىش ئاساسىدا يۈز بەرگەن. ئاندىرنوپ -ئارىلارنىڭ قالغان قىسمى -ئېنىقراقى ساك تۇركۇمى شەرقى ئاسىياغا سۈرۈلۈپ ،بۇيەردىكى ئاسىيا سېرىق جىنىسى(پەندە ئېيتىلغان موڭغۇلوئىدلار ) بىلەن قىسمەن ئۇچىرىشىپ ،تەدرىجى تۈركىي خەلقلەرنى شەكىللەندۇرگەن.
      
    ئىككىنچىدىن، ئاندىرنوپ -ئارىلارنىڭ ئەڭ تىپىك ۋە مەركىزى ئورنى ھازىرقى ئەنقار دەرياسى(بايقالنىڭ غەربى -يەنسەي-ئېرتىش ۋادىلىرى بولۇپ ،بۇ ھازىرقى تاغلىق ئالتاي ،شەرقى شىمالى قازاقىستاندىكى قەدىمقى شىمالى تۇران رايونىنى كۆرسىتىدۇ) خۇددى ھازىرمۇ تۇران قاتارلىق يەر ناملىرى بولغاندەك (بۇ جاي جۇڭگو يىلنامىلىرىدىكى شىمالى دىڭلىڭ ئىبارىسىگە توغرا كېلىدۇ)، يەتتە سۇدىن كوپىت تاغلىرىغىچە بولغان ئارىلىق قەدىمقى مەنبەلەر بىلەن ھازىرقى جۇغراپىيەلىك نام جەھەتتىمۇ <تۇران تۈزلەڭلىكى > ،تۇران دىيىلىدۇ.ئاندىرنوپ -ئارى -ساكلارنىڭ بۇ ماكانلىرىنىڭ نامى خەنزۇ يىلنامىلىرىدىكى غەربى دىڭلىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. موڭغۇلوئىدلار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە،موڭغۇل دالاسىنىڭ شەرقى شىمالىدا،ھىڭگان تاغلىرىدا ياشايىتتى. پائالىيەتچان ئاندىرنوپ -تۇرانىيلارنىڭ شەرققە ،شەرقىي جەنوپقا سۈرۇلىشى ،بىر قىسىم توڭغۇس قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇل دالاسى ئارقىلىق ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنوبىغا يۆتكىلىشى بىلەن ئارىلاردا تەدرىجى موڭغۇلوئىد تەسىرى كېلىپ چىقتى .
        
    ئۈچىنچىدىن ، موڭغولوئىد تەسىرى تاكى چىڭگىزخان ۋە جۇڭغارلارنىڭ قوراللىق كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشىگىچە ،ئاساسلىق ساك تۇرانىيلارنىڭ جەنوبى بايقالدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا قاراپ ئىچكىرلەپ كىرىشى بىلەن يۈز بەردى. شۇ چاغدا ساك -تۇرانىيلار ئىرقى (ئېتنىك) ئۇستۇنلۇكتە ئىدى .شۇنداق بىر قانچە قېتىم تەكرار تەسىر ئارقىلىق ساك -تۇران ئارىيانلىرىدا ئىككى ئالاھىدىلىك كۆرۇلدى.بىرىنچى، موڭغۇلوئىد تەسىرى ئەزەلدىن قىسمەنلىكتىن ھالقىمىدى،ساك -ئارىلارنىڭ بۇ ئەۋلاتىلىرى يەنىلا ئاق جىنىس ئۈستۇنلىكىنى،سېرىق جىنىستىن پەرقىنى ئىزچىل تاكى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدى. بۇ تەسىرگە ھەممىدىن كۆپرەك چىڭگىزخان ۋە جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ جەنوبى ئالتاي -قازاقىستاندىكى يۇرۇشلىرىنىڭ چۆكمىسىگە ئۇچىرىغان تۇركىي خەلقلەر ئۇچىرىغانلىقى روشەن . ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇل شايبانىخان تەسىرى ماۋەرا ئۇننەھىر دە بۇ تەسىرنى سۇسراق بولسىمۇ كۈچەيتتى. تارىم -پامىر ئەتراپىدا بۇ تەسىر كىدانلار ۋە فەرغانە چاغاتايخان ئۇلۇسلىرى تەسىرى ئارقىلىق يۇز بەرگەن.
          
    توتىنچىدىن ،<تۇرك> ئىبارىسى بىر قاتلامىلىق تارىخى ئىبارە دەپ قارالماسلىقى كېرەك.

    مىنىڭچە ،ئۇچ قاتلام -ئۇچ كاتىگورىيە بويىچە بۇ نامنى پەرقلەندۇرۇش كېرەك . بىرىنچى، <تۇرك> ئىبارىسىنى ھازىرقى زامان تۇركىيلوگلىرى ئورخون ئابىدىلىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن تۇركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتى ئۇستىدىكى تەتقىقاتتىكى <تۇرك>،<تۇركىي> ئىبارىسى مەسىلىسى. ماھىيەتتە بۇ تىل .مەدەنىيەت ،تارىخى قانداشلىق ۋە نومۇس -ئىپتىخار ئورتاق چەمبىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئىككىنچى، <كۆك تۇرك خانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە كىرىپ كەلگەن تۇركىي خەلقلەرنىڭ بىرلەشكەن ھاكىميەت شەكلى.بۇ ھاكىمىيەت تۇركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى خانلىقى ئەمەس،ئەلۋەتتە. ھۇنلارمۇ تۇركىي خەلقلەرنىڭ ھاكىميىتى ئىدى. ئۇچىنچى ، ئەڭ قەدىمقى تۇرانىيلار نى - ئاندىرنوپ ساكىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەك .ئۇلار ھۇن ھاكىميىتىدىن ئىلگىرى <دى>،<زەي>،<تۇفاڭ>، <جىن> ،<جۇلى>،<لىن لى> نامىلىرىدا،جۇملىدىن ئەپراسياپ نامىدىكى <تۇران> نامىدا ئەپراسياپ ھاكىميىتى شەكلىدە ساقلانغان.
        
      بەشىنچىدىن ، ئارىيان-ئاندرونوپ -ساكلار بىلەن موڭغۇلوئىد ئىنسان تۇركۇملىرى ئاساسلىق ئانتىروپولۇگىيەلىك پەرقلىرى يالغۇز قەدىمى جەسەتلەر تەتىقىقاتىدىلا ئەمەس ،يەنە ھازىرقى ئۇيغۇر-ئۆزبىك -ئەزەربەيجان قاتارلىق تۇركىي خەلقلەر ،جۇملىدىن ھەممە تۇركىي قان سېستىمىسىدىكى خەلقلەر نىڭ تەن تۇزۇلمىسىدىمۇ ئۆز ئىزچىللىقىنى ساقلىغان.
    ئامرىكىلىق پروفىسسور سىمىت: كوپلىگەن ئانتروپولوگىيە كىتاپلىرىدا موڭغۇل ۋە تۇركىي مىللەتلەر ئارلاشتۇرۋىتىلىدۇ.... تۇركلەرنىڭ يۇز شەكلى سىلىق -تۇز بولۇپ مۇڭغۇللاردىن كۆرىنەرلىك پەرقلىندۇ. تۇركلەرنىڭ چېچى دولقۇنسىمان ،يۇزى سوقىچاق بولسا ،موڭغۇللارنىڭ چېچى تىك ،يۇزى دومىلاق كېلىدۇ.تۇركلەر ساقاللىق مويلۇق كەلسە ،موڭغۇللارنىڭ مويى ئاز دىگەنىدى.مۇشۇ ئاساستا مىكگوۋېرن <ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى مەملىكەتلەر>نامىلىق كىتابىدا :موڭغۇليىدىكى قەدىمقى ئاھالىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان ھونلار تۇركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ ،مۇڭغوللاردىن يىراق ئىكەنلىكى روشەن ھەم شۇبھىسىز. باشقىچە ئييىتقاندا ھونلار ئەسلى مەنبئە جەھەتتىن ئاق جىنىسلىقلار غا يېقىن بولۇپ ،سېرىق جىنىسلىقلاردىن يىراق ئىدى .>دەپ يازىدۇ.
        
    ئالتىنچى، تۇركىي خەلقلەر تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىركى مىڭىنچى يىللارنىڭ بېرىقى تەرىپىدىن باشلاپ ئىككىلەمچى تۇران -مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۇركۇمى بولۇپ ئۆزگۇرۇشكە كىرىشكەن بولۇپ ، ئۇنى ئىلىك ئارسلان تۇمەنخان تەرپىدىن مىلادىيە 552-يىلى ھازىرقى موڭغۇل -تاتار دالاسىدا بەرپا بولغان كۆك تۇرك خانلىقى زامانى بىلەن بەلگىلەش گۆدەكلىكتۇر.
        
    يەتتىنچى، تۇركىي خەلقلەرنىڭ قەيەردە موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئۇچىراپ ،تۇركى ئانتىروپولۇگىيەلىك ھالەتكە ئۆتكەنلىكى مەسىلىسى ھەرخىل ئىزاھلانماقتا. مېنڭچە ئومومەن بۇ جەريان قەدىمقى دىلار،تۇفاڭ ،گۇيفاڭلارنىڭ موڭغۇلوئىدلار -توڭغۇز تاتارلىرى ۋە خۇا-شىيا قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن تاكى جۇڭغارلارنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشىگىچە بولغان ئۇچ مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بايقالدىن كاسپى دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردا تەدرىجى يۇز بەردى.
      
    سەككىزىنچى ،تۇركى خەلقلەرنىڭ كونكىرىت شەكىللەنگەنلىكىنىڭ قانداق بولغانلىقى كوپ قاتلاملىق، مۇرەككەپ ،قىيىنراق ۋە يىڭى مەسىلىدۇر. بىزچە ، بىرىنچى،   تۇركىي (جۇملىدىن ھون) قەبىلىلىرى موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئۇچىرىغان غەيرى موڭغۇلوئىد خەلق ؛ ئىككىنچىدىن ،تۇركى خەلقلەرنىڭ ئاتا -بوۋىلىرى بىلەن موڭغۇلوئىد خەلقلەرنىڭ ئارلىشىشى كوپرەك تۇركىي خەلقلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ شىمالى قۇملۇق ۋە سېرىق دەريانىڭ شىمالى قىسمىغا يېقىنلاپ كېلىشى ئاساسىدا يۇز بەرگەن ؛ ئۇچىنچىدىن ، موڭغولوئىد تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بۇقەبىلىلەر مۇنداق تەسىرگە يولۇقمىغان يىلتىزى بىر ئانتروپولۇگىيەلىك قېرىنداشلىرى ئارسىغا (جۇملىدىن ئالتاي ، يەتتەسۇ ،شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ) مۇنداق تەسىرنى ئېلىپ بېرىشتا ۋاستىچىلىك رولىنى ئۆتىگەن؛ تۆتىنچى،   قەدىمقى ئاندرونوپ -ئارىيانلارنىڭ تۇركلەشكەن ئەۋلاتلىرى موڭغولوئىد تەسىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۇچۇرىشى ،مۇنداق تەسىرگە ئۇچىراشىنىڭ كۆپىيىپ ياكى سۇسلاپ بېرىشى تۇپەيلى ئۆز ئىچىدىن ئېتنىك پەرقلەرگە ئاجىرالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركلىشىشى ۋە تۇركلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى ۋەساقىلىنىپ قالغان ساك قەبىلىلىرىنى تۇركلەشتۇرۇشى شۇ چاغلاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلاردا تەدرىجى ئەمەلگە ئاشتى.

          يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇم بولدىكى : 1) تۇركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۇزگەرگەن -موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيەلىك شەكلىدىن ئىبارەت؛ 2) تۇركلەر ئىرق تىپى جەھەتتىن موڭغولۇئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان -ساكلارغا،شەرقى جەنوبى ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس ،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يېقىن تۇرىدۇ؛ 3) تۇركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۇتكۇل تۇران -مەركىزى ئاسىيا ،سېرىق دەريا نىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا ،يەنى شىمالى ،غەربى ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛ 4) ھونلار تۇركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت. 5) موڭغۇلوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمقى تۇركىي قەبىلىلەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس . تۇركلەشكەن موڭغۇلوئىد بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا ،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرقى تەرەپتە) كوپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرغانلىقىنى ،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەرپ تەرەپتە) ئازراق ئۇچىرغانلىقىنى كۆرىمىز؛ 6) قەدىمقى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋروپا جىنىسىنى نىسپى ساقلىغان ھالدا تۇركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛ 7) ئەڭ قەدىمقى ئاندرونوپ -قاراسۇق -تاغار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشىتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى(خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۇركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسى ھاياتىدا،تۇركى ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۇلگىلىك رول ئوينىغان.
        
    شۇنداق قىلىپ تۇركىي خەلقلەر ئاندرونوپ -ئارىيانلارنىڭ ئورنىنى باستى .ئەۋلادلىرى ئەجداتلىرىنىڭ مەۋقەيىنى ئىگىلىدى،تۇركى قەبىلىلەر قەدىمقى رىۋايەتلەردە زىكرى قىلىنغان <تۇران>رايونىنىڭ ئاساسىي پېرسۇناژلىرى بولۇپ قالدى.
          
    شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،تۇركى خەلقلەر ھازىرقى زامان بىر پۇتۇن (بىر گەۋدە)مىللىتى بولۇپ چىقمىدى.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى، تولا يۆتكىلىشى،شۇنداقلا قاراخانىيلار زامانىدا <تۇرك>ئىبارىسى ئىشلىتىلىپ ،<تۇرك تىلى>(تۇركى تىل ئەمەس)شەكللەندۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىتان،چىڭگىزخان،جۇڭغارلار تەرپىدىن بىر قانچە قېتىملىق پارچىلىنىپ كېتىشى،ئوغۇز سالجۇقلىرىنىڭ كۆچىشى سەۋەپ بولدى.ھازىرمۇ تۇركىي خەلقلەر يەنىلا ئانتروپولوگىيەلىك مەنبەداشلىق-قانداشلىققا،ئورتاق تارىخى ئالامەتلەرگە ۋە قىسمەتلەرگە،تىل،مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت بىرلىكىگە،ئېتىقاد بىرلىكىگە ئىگە قېرىنداش مىللەتلەر تۇركۇمى ئىكەنلىكى شۇبھىسىز.

    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر