كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
1959-يىلى4-ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تىيانشان گۇڭشېسىدىكى تۆمۈرتىلىك يەھيا رېھىم كېچىك داۋاندا  مال بېقىۋېتىپ، بىر تۇپ قارىغاينىڭ كاۋىكىدىن كىگىزگە ئورالغان بىر بولاق نەرسىنى تېپىۋالىدۇ. ئۇچ-تۆت ئايدىن كېيىن ، ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ئىبىراھىم تىيانشان گۇڭشېسىغا چىققاندا ، يەھيا رېھىم بۇ نەرسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.  1959-يىلى 8-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيدا ئىشلەيدىغان سابىت قومۇلغا كەلگەندە ، مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ئبىراھىم بۇ نەرسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق  بۇ نەرسىنىڭ قەدىمىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان زور ھەجىملىك بۇددا سەھنە ئەسىرى «مايترى سىمىت » نىڭ قول يازمىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ.  ئۇ، جەمئىي 293ۋاراق ، 586بەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پۇتۇنلەي ساق ۋە ئاساسەن ساق قسىمى تەخمىنەن 114بەت، ھەربىر ۋاراقنىڭ ئۇزۇنلىقى 47.15سانتىېمتىر، كەڭلىكى 21.7سانتېمىتىر،بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قسىم باشقا بىر ئەسەرگە تەئەللۇق ئىكەن (مەزمۇنى ۋە كىتاب نامى تەكشۇرۇلۇۋاتىدۇ). كىتابنىڭ خېتى قارا سىياھدا يېزىلغان. قەغىزى قېلىن ھەم قاتتىق، رەڭگى ئاچ سېرىق ، بەتلەرنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن گىرۋىكىدە سۇس قارا سىزىق بار، ھەربىر قۇرنىڭمۇ سىزىقى بار بولۇپ، ئارىلىقى 1.5سانتېمىتىر.كىتاب تېز يازما شەكىلىدە يېزىلغان، ھەربىر ۋاراقنىڭ 8-قۇرىدىن 10-قۇرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سىزىلغان سۇس قارا چەمبىرەك بار، دىئامېتىرى تەخمىنەن 4.6سانتېمىتىر، ئوتتۇرىسىدا دىئامېتىرى 0.5سانتىمېىتىر  كېلىدىغان يىپ ئۆتكۇزىدىغان تۆشۇك بار. ھەربىر ۋاراقنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ چەپ تەرىپىگە قەدىمىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كىچىك قارا خگت بىلەن ئەسەر (پەردە) سانى ۋە بەت سانى يېزىپ قويۇلغان. بۇ كىتاپتا ۋاراقنىڭ ھەر ئىككى بېتىگىلا خەت يېزىلغان ، كۆپىنچە بەتلەرگە 30قۇر ، ئاز ساندىكىسىگە 31قۇر خەت يېزىلغان خەت يېزىلغان . بەزى پەردىلەرنىڭ باشلانغان قىسمىدا قىزىل سىياھ بىلەن ئويۇن ئورۇنلانغان مەيدان ئورنى ئىزاھلانغان .
        قوليازمىنىڭ «خاتىمە»سىدىن قارىغاندا ، «مايتىرى سىمىت » نى ئالدى بىلەن كامىل ئۇستاز ئارىياكاندىرا بۇدساتۋا ئەنەتكەك تىلى( قەدىمىي ھىندى تىلى) دىكى ئەسلى نۇسخىسىدىن تۇخرى تىلىغا تەرجىمە قىلغان ، كېيىن ئاچارياجىخۇ  قەدىمىي قارا شەھەر تىلىدىن تۈرك تىلى(قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى) غا تەرجىمە قىلغان. ئارىياكاندىرا بىلەن ئاچارياجىخۇ ئىككىسى قەدىم زاماندىكى كىنگىت (قارا شەھەر) ۋە قۇجۇلاردا بۇددا دىنىي بويىچە ئاتاقلىق كامىل ئۇستازلاردۇر. ئارىياكاندىرا ھەم تالانتىلىق سەھنە ئەسىرى يازغۇچى ۋە ئالىم .تەرجىماننىڭ تەرجىمە ماھارىتى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ، تەرجىمە نۇسخىسى پۈتۇنلەي بەدىئىي قايتا ئىجادىيەت بولۇپ چىققان. قوليازمىنىڭ بىر نەچچە يېرىدىكى ئىزاھاتتىن قارىغاندا ، قەدىمىقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايتىرى سىمىت» نىڭ ساخاۋەتچىسىنىڭ ئىسمى چۇتاس يىگەن تۇتۇق ئىكەن . «تۇتۇق» دىگەن نامدىن قارىغاندا ، تاس يىگەن قۇجۇ قەدىمىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولسا كېرەك. ئۇ، مەن ئۆلگەندىن كېيىن مايترى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالسام ئىدىم ، دىگەن مەقسەتتە، كىشىلەرنىڭ بۇددا دىنىنى تەرغىپ قىلىدىغان بۇ سەھنە ئەسىرىنى كۆچەرتكۈزگەن . قوليازمىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن ۋە بەزى ۋاراقلارنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان ئىمزادىن قارىغاندا ، بۇنى ئۇچ كىشى كۆچۇرگەن بولسا كېرەك.
      قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايتىرى سىمىت » نىڭ تۇرپان نۇسخىسى ۋە قۇمۇل نۇسخىسى دەپ ئىككى خىل نۇسخىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا قارا شەھەر نۇسخىسىمۇ بارئىكەن. قۇمۇل نۇسخىسى بىر پەردە  مۇقەددىمە  ۋە 25 پەردە ئاساسىي تېكىسىتىن تەركىپ تاپقان ، گىرمانىيىلىك ئالىم گابائىن خانىم بۇ كىتاب بىر پەردە مۇقەددىمە  ۋە 27پەردە ئاساسىي تېكىستتىن تەركىپ تاپىدۇ، دېگەن. قۇمۇل نۇسخىسىنىڭ 26-ۋە 27-پەردىلىرىلا  كام بولۇپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل نۇسخا ھېساپلىنىدۇ.
      «مايتىرى سىمىت» 1959-يىلى تېپىلغاندىن  كېيىن ، دۆلىتىمىزدىكى ئالىملار دىن فېڭ جىياشېڭ، گېڭ شىمىنلار  ئۇنى تەتقىق قىلدى . ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىينىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدىغان خادىمى ئىسراپىل يۈسۇپ، دولقۇن قەمبىرىلەر بۇ ئەسەرنى رەتلىدى ۋە تەتقىق قىلدى. بەزى چەتئەل ئالىملىرىمۇ تەتقىق قىلدى.
    «مايتىرى سىمىت» بۇددا نومىدىكى نىجادكار مايتىرىنىڭ ئىلاھقا ئايلانغانلىقى ھەمدە بارلىق جانلىقلارنى قۇتقۇزغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىدىن ئېلىنغان. سەھنە ئەسىرىنىڭ يېزىقى چىرايلىق ، ئىشلارنىڭ بايان قىلىنىشى راۋان ، تەسەۋۋۇرى مول، ئوخشىتىش ئەپچىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ،  ئۇنىڭدا قەدىمقى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك تىل ماھارىتى ئىپادىلەنگەن.
    قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تىيانشان گۇڭشىسىدىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «مايتىرى سىمىت» نى مەملىكىتىمىزدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئالىملار تەتقىق قىلىپ كۆرۇپ ، مىلادى 8-9-ئەسىر ئارىلىقىدا يېزىلغان، دەپ ھېساپلىدى. بۇ قوليازما نۇسخىسى ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىيدا ساقلىنۋاتىدۇ.

يوللىغۇچى: قوشۇق

كېلىش مەنبەسى:
«قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى»  873-874-بەتلەر

收藏到:Del.icio.us