كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-14

    مەھكىمە شەرئىدىكى ئىشلار - [ئۇيغۇر تارىخى]

     مەمتىمىن نۇرى

    ( قاراقاش ناھىيە تۇزلۇق ئوتاق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)

     

    1940 - يىللار گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى زامانىدى. گومىنداڭنىڭ قانۇن تارماقلىرىدىن تەپتىش ئورگىنى يوق بولۇپ، ئەدلىيە بىلەن سوت بىر گەۋدە ئىدى.  

    ساقچى ئورگىنىنى جىڭساجۈ دەپلا ئاتايتتى.

    بۇ ئورگانلار گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىغا قارشى دەپ قارالغان دېلولار ۋە قاتىللىق دېلولىرىدىن باشقا ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان ئادەتتىكى دەۋا ئىشلىرىنى مەھكىمە شەرئىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرەتتى.

      ئۇ چاغلار مېنىڭ 13 - 14 ياشلىق تازا تەنتەك،   داپ داراڭلىغان،   ئېشەك ھاڭرىغان،   ئادەملەر توپلاشقان يەرلەردە ئويۇن - تاماشا كۆرۈپ،   ھاڭۋېقىپ يۈرىدىغان چاغلىرىم ئىدى.   بىزنىڭ ئۆي مەھكىمە شەرئى جايلاشقان مەدرىسىدىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.   شۇڭا پات -پات ئۇ يەرلەرگىمۇ بېرىپ مۇنداق ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى كۆرەتتىم:مەھكىمە ئالدىدا بىر قانچە پۈتۈكچى ئولتۇراتتى،   ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر قانچە يېرىگە ياماق چۈشكەن نىمكەش خۇرجۇن ياكى كىچىككىنە بىرەر پارچە كونا پالاز ئۈستىدە ۋاراقچە شەكلىدە كېسىپ،   تەييارلاپ قويۇلغان خوتەن قەغىزى، مىس ياكى تۇچ قاتارلىق ھەر خىل مېتال ۋە ھايۋانات مۈڭگۈزىدىن ياسىۋالغان دۈۋەتلەر تۇراتتى. دۈۋەتلەرگە سىياھ ياكى قازان قارىسى قاچىلانغان ياكى جىن چىراغ ئىسىنى پىياز سۈيىگە ئىلەشتۈرۈپ داكا پارچىلىرىغا ئوراپ چىلاشتۇرۇپ قويۇلغانىدى.   پۈتۈكچىلەر يەرلىك قومۇشتىن ئۇچلىۋالغان قەلەملىرىنى چېكىسىگە ياكى قۇلىقىغا قىستۇرۇۋېلىپ ھاجەتمەنلەرنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى ھەمدە خەت- چەك يېزىشتا »گۈل كەلتۈرۈۋېتىدىغان«لىقىنى داڭلىشىپ بىر بىرىدىن خېرىدار تالىشاتتى.   ئەرز- شىكايەت،   ھۆججەت،   يىراقتىكى تۇغقانلىرىغا »سالامنامە« يازدۇرىدىغان ھاجەتمەنلەر ئۆزلىرى خالىغان بىر پۈتۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ مەقسەت - مۇددىئالىرىنى ۋە خەتنىڭ مەزمۇنىنى دەپ بېرەتتى.  پۈتۈكچىلەر يېزىپ بولغاندىن كېيىن،   خەتنى خېرىدارغا ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئوقۇپ بېرەتتى.

     بەزىلەر شۇنداق قاملاشتۇرۇپ يازاتتىكى، ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى قايىل بولماي قالمايتتى.

       ھاجەتمەنلەر رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ پۈتۈكچىلەرگە ئازراق پۇل ياكى بىرەر زاغرا، بىر - ئىككى سىقىم ئۈزۈم،   گۈلە - قاق دېگەندەك نەرسىلەرنى قەلەم ھەققى قاتارىدا بېرەتتى.  مەھكىمە شەرئىنىڭ ئىچكى سەيناسىدا يەنى   مەسچىتنىڭ ئالدىدا كەڭ بىر سەھنە( ئېسىل كىگىز، گىلەملەر سېلىنغان سۇپا) بولاتتى،   بۇ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىش مۇنبىرى ھېسابلىناتتى.   مەزكۇر مۇنبەردە مەھكىمە شەرئىنىڭ ئۆلىمالىرى رەت تەرتىپى بويىچە كىشى ئەيمەنگىدەك سۈرلۈك قىياپەتتە ئولتۇرۇشاتتى.  بۇلار ئەلەم،   مۇپتى،   رەئىس مۇپتى،   قازى كالان ۋە رەئىس قازى ئاخۇنۇملاردىن ئىبارەت بولۇپ،   ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمەت مەسئۇلىيىتى بار ئىدى.   مەسىلەن: ئەلەم ئومۇمىي ئىشلارغا،   مۇپتى دەۋا - دەستۇرلارنى تەھقىقلەشكە،   رەئىس مۇپتى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەسىلە،   ۋەقە،   دېلو ئۈستىدىن قۇرئان،   ھەدىس مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن پەتىۋا( ھۆكۈم) چىقىرىشقا،   قازى كالان دەۋا - دەستۇرلارنى سوراش،   كېلىشىم،   توختامنامىلەرنى مۇقىملاپ بىر تەرەپ قىلىشقا،   رەئىس قازى بولسا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەشۋىق قىلىش ھەمدە بازار تەرتىپىنى ساقلاپ،   مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،   گەز،   مېتىر،   تارازا،   سەر قاتارلىق ئۆلچەم - كەمچەنلەرنىڭ كەم ياكى ئارتۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.  مەھكىمە شەرئىنىڭ مۇنبىرىدە ئىش بېجىرگۈچى ئاخۇنۇملارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ  پارسىي خۇشخەت بىلەن ئىسىم - فامىلىسى ئويۇلغان مەخسۇس يۇمىلاق كۈمۈش مۆھۈرلىرى بولاتتى.

       ئاخۇنۇملار بۇ مۆھۈرلىرىنى بارماق چوڭلۇقىدىكى قارا سىياھ بىلەن بىرگە كىچىككىنە كۆن خالتىغا ئوراپ،   ئىچ كىيىمىنىڭ قويۇن يانچۇقىغا تىقىپ ئەڭگۈشتەردەك چىڭ ساقلايتتى.   بىرەر خەت - چەككە مۆھۈر بېسىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا تۈكۈرۈكى بىلەن سىياھنى ھۆلدەپ،   كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا يۇقتۇرۇپ،   مۆھۈرگە تەكشى سۇۋاپ، ئاندىن خەتنىڭ ئەڭ نۇقتىلىق جۈملىسى يېزىلغان يېرىنى تىلى بىلەن نەمدەپ،   سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا قويۇپ مۆھۈرنى پوككىدە نىقتاپ باساتتى.   مۆھۈر بېسىلغاندىن كېيىن خەت شەرتسىز كۈچكە ئىگە بولاتتى.

      مەھكىمە شەرئى ئارقا كوچىغا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى«ئاۋات» جاي ئىدى. بۇ يەردىن ھەر كۈنى دېگۈدەك دەۋا - دەستۇرچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.   جېدەل- ماجىرا،   تالاش- تارتىش،   ۋارقىراش- جارقىراشلار بېسىقمايتتى.  خەت – چەكلەر«تارىخقا بىر مىڭ ئۈچ يۈزxxيىلى ماھىxxنىڭ xx كۈنىxx كەنتىدىن xxدۇرمەن. . .  » دەپ باشلىناتتى.   ئۇ چاغلاردىكى خەت - چەكلەر ھىجرىيە كالېندارى بويىچە قېلىپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوخشاش بىر خىللا ئۇسلۇبتا يېزىلاتتى. شەرىئەتكە خىلاپ،   ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت يامان قىلمىشلارنى بولۇپمۇ زىنا قىلغۇچى ئەر - ئاياللار رەئىس مۇپتىنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسەن جازاغا بۇيرۇلاتتى.   ئەرلەرگە دەررە ئۇرۇلاتتى،   ئاياللارغا باشقىچە يەڭگىلرەك جازا بېرىلەتتى،   دەررە ئۇرۇلمايتتى.   بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا زىناخور ئاياللارنىڭ كۆشۈككە سېلىنىپ،   تۆت كوچا دوقمۇشىغا ئېسىلىپ، خەلقى ئالەمگە سازايى قىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەن مۇنداق ئەھۋالنى ئۇچراتمىدىم ھەم ئاتا - بوۋامدىنمۇ مۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغانىدىم.

      دەررە مەھكىمە شەرئىنىڭ ئاساسلىق جازا قورالى بولۇپ جەلدە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

        دەررە  : ئۇ تىغ ۋە دەستىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،   ئۇزۇنلۇقى 65 67 سانتىمېتىر،   دەستىسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 17 سانتىمېتىر،   تىغىنىڭ كەڭلىكى ئالتە سانتىمېتىر كېلىدۇ.   دەررىنىڭ تىغى ئاشلانغان ئىككى قات كالا تېرىسى ئارىسىغا قۇم - شېغىل ئېلىنىپ ياسىلىدۇ،   چۆرىسى پىششىق شىرىۋېتىلىدۇ.   دەررىگە بۇيرۇلغانلارغا ئۇرۇلىدىغان دەررىنىڭ قېتىم سانى،   بوش ياكى قاتتىق ئۇرۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا كىتابلىرىغا ئاساسەن قازى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ.  دەررە ئۇرۇش قائىدىسى مۇنداق بولىدۇ: دەررىگە ھۆكۈم قىلىنغان ئەر مۇنبەر ئالدىغا ھازىرلىنىپ،   ئىشتىنىدىن باشقا كىيىملىرى سالدۇرۇلۇپ   يالىڭاچلىنىدۇ،   ئاندىن شەيخۇلئىسلام( شەرىئەت ساقچىلىرى) لاردىن بىرەيلەن كېلىپ مۈرىسىدىن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئارتىلدۇرۇپ ھاپاشلاپ،   سەل ئېڭىشكەن ھالدا دەررىگە توغرىلاپ تۇرىدۇ.   ئاندىن جازا ئىجرا قىلغۇچى شەيخۇلئىسلام ئوڭ پۇتىنى ئالدىغا چىقىرىپ،   ئوڭ قولىدا دەررىنىڭ سېپىنى چىڭ تۇتۇپ،   تىغىنى ئوڭ مۈرىسىگە قويغان ھالدا «تەۋبەتەن نەسۇھا» نى بىر ئېغىز - بىر ئېغىزدىن لوقما سېلىش ئارقىلىق ئوقۇتىدۇ،   ئۆزىمۇ مۇناسىۋەتلىك كەلىمىلەرنى ئوقۇيدۇ-دە گۇناھكارنىڭ يالىڭاچلانغان تېنىگە ئۇرۇشقا باشلايدۇ.   ئۈچىنچى بىر شەيخۇلئىسلام ئۇرۇلۇۋاتقان دەررىنى ساناپ تۇرىدۇ.   مۇنبەر ئۈستىدە بولسا مەھكىمە شەرئى ئاخۇنلىرى دەررىنىڭ بوش ياكى قاتتىق،   كەم ۋە زىيادە ئۇرۇلماسلىقىنى نازارەت قىلىپ ئولتۇرىشىدۇ.  ئەينى چاغدىكى شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە، دەررە ئۇرغاندا قولنى باشتىن ئاشۇرۇپ غۇلاچلاپ چۆرۈپ ئۇرماسلىق،   جەينەكنىڭ يۇقىرى قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرمەي،   بىقىنىغا چاپلاپراق،   تۆۋەن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ نورمال ئۇرۇش بۇيرۇلاتتى.  شەرىئەت ئەھلى ۋە ئاۋامنىڭ نەزىرىدە دەررە ئۇرۇلغانلار «ئانىدىن تۇغما پاك بولدى» دەپ قارىلاتتى.  يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە مەھكىمىدە ھەق - تەلەپ دەۋا ئىشلىرىدا ھەقتىن تانغۇچىلارمۇ چىقىپ تۇراتتى.

       مۇنداق ئەھۋالدا تانغۇچىغا قازى تەرىپىدىن قەسەم بۇيرۇلاتتى.   قەسەمنىڭ دىنىي قائىدە - پرىنسىپ بويىچە ئالدىن ئۆتەيدىغان رەسمىيەتلىرى بار ئىدى.   قەسەمگە بۇيرۇلغۇچى جاۋابكار ئالدى بىلەن غۇسۇلى تاھارەت قىلدۇرۇلۇپ،   پاكلانغاندىن كېيىن جايناماز ئۈستىدە قازىنىڭ پېشىنى تۇتۇپ،   قىبلىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ.   قازى ئۇنىڭغا قەسەمگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئۆگەتكەندىن كېيىن،   «قۇرئان» نى تۇتقۇزۇپ قەسەم بەرگۈزىدۇ.

       بۇمۇ خەلق ئىچىدىكى بەزى ھەق دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىر تەدبىرى ئىدى.   1949 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ مۇنداق جازا ئۇسۇللىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن دىنىي ئىمتىيازلار تاكى 1958 - يىلىغىچە داۋاملاشتى.

    مەنبە :  شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2005 - يىل 4 - سان


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر