كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-14

    مىلدرېد كابلىنىڭ قۇمۇلغا ساياھىتى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    مىلدرېد كابلىنىڭ قۇمۇلغا ساياھىتى



      سۈي يەنخۇ

      ئەنگلىيىلىك ئايال مىسسىئونېر مىلدرېد كابلى 15 يىل ئىچىدە قۇمۇلغا كۆپ قېتىم كەلگەن. ئۇ بىرىنچى قېتىم ئىككى ھەمراھى بىلەن دۇنخۇاڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئەنشىگە كېلىپ، بىر كىچىك مېھمانخانىدا بىر نەچچە كۈن دەم ئالىدۇ، ئاندىن بىر ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ، چۆللۈكنى كېزىپ شىنجاڭغا كېلىشكە تەييارلىق قىلىدۇ. ھارۋىكەش سۇلىخېدىن كەلگەن يىگىت بولۇپ، ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى كابلىغا سەپەرگە لازىملىق ئۇن، گۈرۈچ، تېرىق، قۇرۇق لازا ۋە ھەرخىل تۇزلۇق سەيلەرنى تەييارلاپ بېرىدۇ. يەنە ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ ئېتى ئۈچۈن بىر چوڭ تاغارغا ئوت - چۆپ ۋە دورىلارنىمۇ تەييارلايدۇ، كابلى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇ ئوت - چۆپ، دورىلارنى ئېلىۋالىسەن، دەپ سورىغاندا ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كابلىغا قاراپ قويۇپ: — «سەن بىلمەيسەن، چۆللۈكتە كۈنلىرىمىز جاپالىق ئۆتۈشى مۇمكىن، سۈيىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى ئاچچىق، بەزىلىرى بەك سوغاق بولۇپ، سۇ ئالماشقاندا ھايۋانغا بىر ئاز ئوت بىلەن دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك، بىز چوڭ باياۋان چۆللۈككە كىرگەندىن كېيىن، 20 نەچچە كۈن ماڭىمىز، مۇشۇنداق يەرلىك ئۇسۇللىرىمىزغا تايانمىساق، چۆللۈكتىن مېڭىپ چىقىپ كېتەلمەيمىز» دەيدۇ.
    چۆل - باياۋانغا سەپەر
    ئەنشىدىن چىقىپ، كابلى ئۇنىڭغا چەكسىز تەسەۋۋۇر ئاتا قىلغان كەڭ زېمىندىن پەقەت كۆز ئۈزەلمەيدۇ. يىراقتا چەكسىز چۆل - باياۋان، ئاياغ ئاستىدا تاش - شېغىل ساھىلى، بېشىدا ئوتتەك قۇياش . . . بۇلار ئۇنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. ھايات بۇ جايدا باشقىچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئاجىز ۋە جانسىز چۆل ئۆسۈملۈكلىرى ئاندا - مۇندا كۆزگە چېلىقاتتى، ئۇلار خۇددى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىدىغاندەك كۆرۈنەتتى، كەچتە ئەمدىلا سالقىن چۈشكەن چۆللۈكتە ئولتۇرۇپ، كۆكتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئاجايىپ يورۇقلۇقىنى، سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ «ئىنجىل»دىكى ئاللانىڭ چوڭ زېمىن، يۇلتۇزلارنى يارىتىش جەريانى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى يادىغا ئېلىپ، يۇلتۇزلار كۆچۈپ قۇتۇپنىڭ ئايلىنىشى، ئادەم دېگەننىڭ كىچىككىنە ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكى ۋە ئۆز بۇرچىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
    كابلى يول بويى تەبىئەتتىن تەسىرات ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى كەڭ چۆل - باياۋاندا سەپەر قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئۇ چۆل - باياۋانلاردا ئادەملەرنىڭ ئۆز ئارا تاسادىپىي ئۇچرىشىشى ئادەتتىن تاشقىرى قەدىرلىك بولىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىدۇ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن كارۋانلا ئۇچراشقان چاغدا، ئۆز ئارا گەپ سوراشلىرى ئالاھىدە مەنىلىك بولۇپ، ئومۇمەن: — «سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟»، «قەيەرگە بارىسىلەر؟» دەپ سورىشىدۇ. «قەيەر» دېگەن سۆز ھەرگىز يۇقىرىقى  ئۆتەڭنى ياكى يېتىپ بارماقچى بولغان تۆۋەنكى چۈشكۈننى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئەڭ باشتا يولغا چىققان يۇرتنى ۋە بارماقچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. ئارا يۇلتۇزدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كابلى سەپەرداشلىرى بىلەن بىر ئۇزۇن كارۋانغا ئۇچرايدۇ. تۆگە كارۋان، يۈك باسقان ئات ھارۋا يەنە كابلىلارنىكىگە ئوخشاش ئات ھارۋىلارمۇ بار ئىدى. تۆگىلەرگە ھەرخىل يۈكلەر ئارتىلغان، ھارۋىلارغا لىقمۇ لىق يۈك بېسىلغان يىراقتىن كەلگەن كارۋانلار ئىدى. كارۋانلاردىن ئاۋۋال كابلىنىڭ ھارۋىكىشى ۋارقىراپ: «سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار!؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ: «قەشقەردىن كېلىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى چۆل شامىلى ئۇچۇرۇپ كېلىدۇ، كابلىنىڭ ھارۋىكىشى ئارقىغا بۇرۇلۇپ كابلىغا ئۇنىڭ جاۋابىنى پەس ئاۋازدا يەتكۈزىدۇ ۋە قەشقەردىن ئۇلار بۇ يەرگە ئۈچ ئايدا كېلەلەيدۇ، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە كېكىرتىكىنى قىرىپ: «ھەي! نەگە بارىسىلەر؟!» دەپ ۋارقىراپ سورايدۇ. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كارۋان ئىچىدىن بىرسى ۋارقىراپ: «بىز لوياڭغا بارىمىز!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ھارۋىكەش يەنە كابلىغا چۈشەندۈرىدۇ، كابلى دەرھال ئۇلار بارماقچى بولغان مۇساپىنى ھېسابلاپ چىقىپ، لوياڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مۇھىم شەھىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھارۋا بىلەن ئىككى ئايدا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن، قەشقەردىن لوياڭغىچە ئاز دېگەندە بەش ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن، بۇ ئادەملەر مانا شۇنداق بىرقەدەم - بىرقەدەم مېڭىپ، 10 مىڭ چاقىرىم يولغا يېقىن مۇساپىنى تاماملايدىكەن... دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئارقىغا بۇرۇلۇپ، يىراقلاپ كېتىۋاتقان كارۋانلارغا قارايدۇ. ئۇنىڭ قەلبى بىر خىل ھۆرمەت ھېسسىياتىغا تولغان ھالدا، يوھان باميان «ساما يولى مۇساپىسى» ناملىق رومانىدا تەسۋىرلىگەن بىر ئابزاسنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ: - خرىستىئانلار مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن، ئۇچراشقان كىشىلەردىن ئورتاق بىرلا سوئالنى سورايدۇ: «سەن نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟» خرىستىئاننىڭ جاۋابىمۇ ئەزەلدىن بىر خىل: «مەن دوزاق شەھىرىدىن كەلدىم، بېھىش شەھىرىگە بارىمەن» دېگەندىن ئىبارەت. كابلى: خرىستىئان دىنىنىڭ بارلىق ھەقىقىتى مۇشۇ بىر جۈملە سۆزدە بولۇپ، خرىستىئان مۇرىتلىرى بىر باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا يېتىپ بارىدۇ، يول ئۈستىدە ئۇچرىغان ئۆتەڭلەر پەقەت بىر تاسادىپىيلىقتىن ئىبارەت. ئەنە شۇ Ⅹ Ⅹئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرىدە، بۇ چەكسىز باياۋاندا، كارۋان يىگىتلەرنىڭ سوئال - جاۋابلىرىدىن ئوخشاشلا بىر مەنىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ: — نىشاننى بەلگىلەپ، نىشانغا چوقۇم يېتىش كېرەك، يول بويى بېسىپ ئۆتكەن مەيلى تۈزلەڭلىك، بوستانلىق، تاغ تىزمىلىرى بولسۇن، يەنە ھەرخىل كىچىك بازارلار ھەتتا چوڭ شەھەرلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ بارلىقى پەقەت بۇ مۇساپىدىكى تاسادىپىيلىق بولۇپ، بۇلار باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا يېتىپ بارغىچە تاسادىپىي ئۇچرايدىغان نەرسىلەر خالاس... كابلى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ چۆل - باياۋانغا بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ، ئۆز ھاياتىدىكى بىر مەنزىل «ساما يولى مۇساپىسى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، چۈنكى ئۇ خرىستىئان مۇخلىسىغا خاس روھى تىلەك بىلەن، چۆلدىكى مۈشكۈل سەپەردىن يۈكسەكلىككە ئېرىشكەنىدى.
    قۇمۇل بوستانلىقىغا يېتىپ كېلىش
    20 كۈندىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن، بىپايان چۆللۈك ئاستا - ئاستا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ، ناھايىتى يىراقتا بىر نەچچە تۈپ دەرەخ ۋە ئارىلىقى بەك يىراق يالغۇز كېسەك تام ئۆيلەر كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، ئاندىن تۇتاش كەتكەن بوستانلىق، ئاق تېرەك، قاراياغاچلارنىڭ سايىسىدىكى قاتار - قاتار توپا رەڭ دېھقان ئۆيلىرى كۆرۈنىدۇ. ھەممە يەرنى قاپلىغان ئېتىزلار، يېشىللىق چۆللۈكنىڭ كۈلرەڭ ئورنىنى ئالغانىدى. كابلىلار قۇمۇلغا كەلگەن چاغ باش كەچكۈز مەزگىلى بولۇپ، ئېتىزلاردا مول ھوسۇلنىڭ ئالتۇن رەڭلىك مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھارۋىكەش بېشىنى كەينىگە بۇراپ خۇشال ھالدا: «قۇمۇلغا يېتىپ كەلدۇق!» دەپ ۋارقىرايدۇ. ھارۋىنى سۆرەپ كېلىۋاتقان ئاتلارمۇ تەسىرلەنگەندەك، بۇرۇنقى كۈنلەردىكى ھارغىن بىچارە قىياپەتلىرىنى يوقىتىپ، قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.
    كابلى قۇمۇلنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكىدەك شەھەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەر، بازارلىرىنىڭ تىپىك شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقىنى؛ كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئاساسەن بىر يەرگە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تەۋەلىكى بويىچە ئوخشاشمىغان رايونلارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى، ئۆز ئارا دەخلى قىلىشمايدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى تۆت ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان كىچىك شەھەر ئىچىدە بولۇپ، ئەمەلدارلىرى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بازارلارنى باشقۇرىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر نېرىسىدا ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسى بولۇپ، بۇ كۆپ قەۋەتلىك، قىياپىتى ئۆزگىچە ئىمارەتلەر توپلىرىدىن ئىبارەت ئىكەن. كابلى ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئىمارەتلەرنىڭ تەرتىپى بىردەك بولمىغان دېرىزە شەكىللىرىگە دىققەت قىلىدۇ. بۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېڭىلىق تۇيۇلىدۇ، ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسىدىكى كەڭ - كۇشادە، يورۇق قوبۇلخانىسى ۋە پوسۇنى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خانىلار بىلەن ئەتراپىدىكى پاكار كېسەك تاملىق ئۆيلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل بولغانىدى. كابلى كېسەك تاملىق ئۆيلەرگە كىرىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزىتىدۇ، ئۇلار كابلىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قۇللىرى ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئېنىق ئىش تەقسىماتى بولۇپ، ئۆز كەسىپلىرى بويىچە ۋاڭ ئوردىسىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى دەپ بېرىدۇ، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا بىر ئاز بوش يەر بولۇپ، ئۇششاق بالىلار بۇ جايغا يىغىلىپ توپ - توپ بولۇپ ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ قۇلاقنى يەيدىكەن. ۋاڭ ئوردىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر بازار بولۇپ، بازاردىكى ئېلىپ - ساتارلارنىڭ ئاۋازلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ ئۈزۈلمەيدىكەن. ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۇڭگان سودىگەرلەر، ھەر قايسىسى بىر پارچە جاينى ئىگىلەپ، ھەر خىل ماللىرىنى دۆۋە قىلىپ قاتمۇ قات رەتلەپ قويىدىكەن. كابلى ئوتتۇرا ئاسىيا پۇرىقىنى ئالغان بۇ مال بازىرىنى سەيلە قىلىپ مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ھالدا قايتىدۇ. بىر ھادىسە كابلىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇ يەر گەرچە ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسىنىڭ مەركىزى بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي بازار تىجارىتى قىلىدىغانلار تۇڭگان سودىگەرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە خېلى زور ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىدى. بازارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ ئاشخانىلار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ كۆپىنچىسىنى تۇڭگانلار ئاچقانىكەن.
    بازاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىدىن ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ ۋە بايلىقىنىڭ پەرقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، پۇلدار بايلارنىڭ كۆپچىلىكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاتۇش ۋە ئاقسۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودا ماللىرىمۇ شۇ جايلاردىن كېلىدىكەن. كەمبەغەلرەك ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بولسا يەرلىك تۇرپان، قۇمۇللۇقلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى يەرلىك چوڭ سودىگەرلەرنىڭ يۈكىنى توشۇپ، سودا ماللىرىنى تەقسىم قىلىپ ساقلاپ بېرىدىكەن. باي سودىگەرلەر، رەڭگارەڭ چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان سودا ماللىرىنى سۇپىلىرىغا يېپىپ قويۇپ، گىلەم ئۈستىدە پۈتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ ناس چېكىدىكەن. «ناس» چىرايلىق كىچىك قاپاققا قاچىلىنىپ، بەلۋاغقا ئېسىۋېلىنىدىكەن. بازاردىكى خەنزۇ سودىگەرلەر ئاساسەن سەرراپخانا خوجايىنلىرى، گۆرۈخانا خوجايىنلىرى، دوراخانا خوجايىنلىرى، يەنە بەزى ئاشپەزلەر، كۆكتات ساتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئايرىم نەچچە ئائىلىلىك باي، چىرايلىق زىبۇ زىننەت بۇيۇم دۇكانلىرىنى ئاچقانىكەن، كابلى بۇ يەردە سېتىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بېيجىڭدىن كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.

    داۋامى بار.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ ئەسەرنى بىر ئوقۇپ چىقاي .مۇشۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا داۋامىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ تېپىش ئاسان بولىدۇ .
    ھونزادە 回复چەكمەن说:
    يوللاپ قويدۇم،پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ.
    2010-09-16 15:40:59

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر