كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-14

    مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى بەزى ئەھۋاللىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

     

    ئالىدە مامۇت

     

    ( مايتاغ نېفىت خىمىيە باش زاۋۇتى پارتىيە مەكتىپىدىن )



    مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى تەرەققىيات ئەھۋالى تىلغا ئېلىنسا، كۆپلىگەن كىشىلەر شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى قايتا قۇرۇلۇش ئەھۋالى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك پايدىلىنىش جەريانىنى تىلغا ئالىدۇ. مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى  ھەقىقىي تەرەققىيات جەريانى شېڭ شىسەي شىنجاڭدا يولغا قويغان ئالتە بۈيۈك سىياسەتنىڭ تۈرتكىسى نەتىجىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان، شۇ چاغدا شېڭ شىسەي شىنجاڭدا نېفىت قېزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى. بۇ شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەقىل پادىشاھلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلسىمۇ، تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە شىنجاڭدا دەسلەپكى قەدەمدە سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر جەھەتتىن ھەربىي ئىشلاردا كۈندىن كۈنگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يېقىلغۇ مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. شۇ سەۋەبلىك شېڭ شىسەي 1936 - يىلى 8 - ئايدىلا مايتاغ نېفىت چارلاش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، 10 - ئايغا كەلگەندە ئۇنىڭ نامىنى  مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوزگەرتكەنىدى.شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ تۇنجى قارار زاۋۇت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن بيەن شېچىڭنىڭ ئەسلىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، شېڭ شىسەي 1935 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى مايتاغقا نېفىت چارلاشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە 1936 - يىلى 4 - ئايدا سوۋېت تەرەپ بىلەن كېڭىشىپ، " مايتاغ نېفىت تەكشۈرۈش ئۆمىكى " نى قۇرۇپ، ئىلگىرى مايتاغدا نېفىت قېزىلغان كونا ئورۇنلاردا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا زاۋۇت ئورنىنى 1934  - يىلى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قىلىپ قۇرۇلۇپ، كېيىن تاشلىنىپ قالغان شىخۇدىكى يەنسىخەيدىن مايتاغقا كۆچۈرۈپ كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ كىرىپ، قۇدۇق قېزىشنى باشلىغان. ئەينى چاغدا زاۋۇت يېڭىدىن قۇرۇلغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر چېدىرلاردا، ئىشچىلار بولسا گەمە ئۆيلەردە يېتىپ قوپقان، ئىلگىرى نېفىت قازغانلاردىن پەقەت ئىككى ئېغىز تاشلاندۇق ئۆيلا قالغانىدى.
    بيەن شېچىڭدىن ئاۋۋال مايتاغ نېفىت تەكشۈرۈش زاۋۇتىغا مەسئۇللۇققا تەيىنلەنگەن دەي رۇنبونىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، دەسلەپ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مايتاغقا ئەۋەتىلگەن تېخنىك، تايانچ خادىملار پۈتۈنلەي 20 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەسكەرلەر بولۇپ، كېيىن
      ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىر تۈركۈم ياشلار تولۇقلاپ قوبۇل قىلىپ، ئادەم سانى 20 گىچە يەتكۈزۈلگەن، سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قېدىرىش ئېلىپ بارغان. دېمەك، شېڭ شىسەي مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە خېلىلا ئالدىرىغان بولۇپ، تېخنىكىلىق ئىشلاردا پۈتۈنلەي سوۋېت تەرەپنىڭ ياردىمىگە تايانغانىدى، تېخنىك خادىملار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باكۇ نېفىتلىكىدىن يۆتكەپ كېلىنگەنىدى.مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى رەسمىي تەييارلىق خىزمىتى 1936 - يىلى  10 - ئايدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، زاۋۇت قۇرۇلغاندا، زاۋۇتنىڭ ساقلىق ساقلاش، مالىيە، ماشىنا رېمونتچىلىقى، چەككىلەش، مال ساقلاش قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. باشقا ئىشلارنى يەنى لايچىلىق، ياغاچچىلىق، توكچىلىق قاتارلىق قارا ئىشلارنى يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنغان ھەر مىللەتتىن بولغان ئىشچىلار ئۈستىگە ئالغانىدى.قۇدۇق قېزىش ۋە ماي تارتىپ چىقىرىش ئەھۋالىغا كەلسەك، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە سوۋېت تەرەپنىڭ باش ئىنژېنېرى رامۇزىس قوماندانلىق قىلىپ، بىر قانچە ئورۇننى ئالماشتۇرۇپ قېزىپ باققان بولسىمۇ، زادىلا ماي تارتىپ چىقىرالمىغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ نۆۋەت كىشىلەرگە مەدەت ئاتا قىلغىنى يەنىلا تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئېقىپ چىققان ماي ئېقىنى بولۇپ، بىرنەچچە پېشقەدەم ئىشچىنىڭ تەكلىپى بىلەن تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئېغىزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جاينى كولىغاندا، تۇيۇقسىزلا ماي چىققان، بۇ 1937 - يىل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى ئىش ئىدى. ئارقىدىنلا شۇ ئەتراپتىكى تۆت - بەش جايدىنمۇ ماي چىققان. ماي چىققاندىن كېيىن شۇ يىلى 8 - ئاي مەزگىلىدە مايتاغدا تۇنجى تۈركۈمدىكى بېنزىن ۋە سەلەركە ئىشلەپچىقىرىلىپ، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ماشىنىغا قاچىلىنىپ، شېڭ شىسەيگە خۇش خەۋەر يوسۇنىدا يەتكۈزۈلگەن. شېڭ شىسەي بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش بولغان بولسىمۇ، 10 - ئايغا كەلگەندە زاۋۇت باشلىقى بيەن شېچىڭنى تۇيۇقسىزلا ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ قولغا ئالغان، ئۇ تۈرمىدە تاكى 1945 - يىلى 4 - ئايغىچە يېتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا مايتاغدا سوۋېت تەرەپنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن بىر تۈركۈم سېخ، تۇرالغۇ ئۆيلەر سېلىنىپ، ئىشچىلارنىڭ سانى بىر قانچە يۈزگە يەتكەن، يەرلىكتىن بىرقانچە ئونلىغان مەلىكىلىك ئىشچى يېتىشىپ چىققانىدى. شۇنىڭدەك قۇدۇق قېزىش، نېفىت ئېلىش، نېفىت ئايرىش كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىتنىڭ زاپىسى يىلدىن يىلغا ئاشقانىدى.
    شىنجاڭدىكى تۇنجى سانائەت بۆشۈكى بولغانمايتاغ نېفىت زاۋۇتى گەرچە يېڭى
      بىر شەيئى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت، گېرمانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاينىپ، تېزدىن ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئېتىشى، بۇ يېڭى شەيئىنى چۈشەپ قويۇشقا باشلىغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرى، مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىمۇ يۇتىۋېلىشقا قارىتىلغانىدى. ئۇلار سوۋېت تەرەپكە ئىلگىرىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن سوۋېت تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توختام رەسمىي توختام ئەمەس، پەقەتلا شېرىكچىلىك خاراكتېرىدىكى بىر كېلىشىم، ئەمدىلىكتە مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ پەيتى كەلدى، دەپ ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى مايتاغ دېلوسى دەپ ئاتايدۇ. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ بىرقانچە ئايلىق سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم باھا تالاشقان بولسىمۇ، شېڭ شىسەينىڭ ئارىغا چۈشۈپ ئېلىشتۇرۇشى بىلەن سوۋېت تەرەپ ئاخىرى گومىنداڭ تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان باھاغا قوشۇلۇپ، مايتاغ نېفىت زاۋۇتىدىكى يۆتكەپ كېتىلمىگەن ئۈسكىنە ۋە ئەسلىھەلىرىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىق مىنىستىرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقىلار مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ 1942 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە دۇچ كەلگەن قىسمىتى بولۇپ، بۇ جەرياندا نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئىشچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ زور دەرىجىدە سۇسلاپ كەتكەنىدى. قالايمىقان قولغا ئېلىش، نەزەربەنت قىلىپ ئىشلىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەنلەر ئادەتتىكىدەك ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ بىر نۇقتا ئايانكى، شېڭ شىسەي نېفىتلىكنى ئېچىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قانداق ئۇستاتلىق بىلەن پايدىلانغان بولسا، ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شۇنداق كەتمەن چېپىپ، سوۋېت تەرەپنىڭ نېفىتلىكنى قېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان سەرمايە ۋە قالدۇرۇپ قويغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن نەرققە چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. بۇ شېڭ شىسەينىڭ گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پەيدىن - پەي ئۆزىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي جان تومۇرىدىن ئايرىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ گومىنداڭدىن ئىبارەت بىرلا يۆلەنچۈكىنىڭ قالغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.ئومۇمەن، مايتاغ نېفىت زاۋۇتى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قۇرۇلۇش، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ۋە شىنجاڭدىكى مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىگە ئىگە سانائەت بازىسىغا ئايلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغىچە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىيقۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قايتا پايدىلىنىش جەريانى، ئوخشاشلا ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى نېفىتلىكنى گومىنداڭنىڭ خەلقنى ئېزىش ماشىنىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ساقلاپ قېلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىتلىك ئىشلىرىنى ماكان بىلەن تەمىنلىدى.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:
    1. دەي لياڭزۇ: " شىنجاڭدىكى نېفىت ئۆزلەشتۈرۈش ۋە يەر ناملىرى " ، " قاراماي تارىخ ماتېرىياللىرى " ئۇيغۇرچە 15 - سان، 2001 - يىل 8 - ئاي.
    2. بيەن شېچىڭ: " شىنجاڭ ئۆلكىلىك مايتاغ نېفىت زاۋۇتىنىڭ بەزى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ئەسلىمە" ، " تارىخنىڭ قەدەم ساداسى " غا بېسىلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1996 - يىل 9 - ئاي خەنزۇچە نەشرى.
    3. ۋاڭ ليەنفېڭ: " 40 - يىللاردىكى جۇڭگو سوۋېت ھەمكارلىشىپ مايتاغ نېفىت كېنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى سۆھبەت ماتېرىياللىرى " ئۇيغۇرچە 15 - سان، 2001 - يىل 8 - ئاي.
    4. قابدۇللا: " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مايتاغ نېفىت كېنى" ، " تارىخنىڭ قەدەم ساداسى " غا بېسىلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1996 - يىل 9 - ئاي خەنزۇچە نەشرى.
    5. سېيىت ئۆمەر: " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مايتاغ نېفىت شىركىتى" ، " مايتاغ تارىخ ماتېرىياللىرى " ئۇيغۇرچە 2 - سان، 1995 - يىل 12 - ئاي.
    مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر