كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-11

    ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسىغان - [دۇنيا تارىخى]

    روسىيە تارىخشۇناسى ئىگورنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا،ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا ياپونىيەگە ئاتوم بومبىسى تاشلاش ئارقىلىق سىتالىننىڭ تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى مۇۋاپىقىيەتلىك توسۇپ قالغان.
    سوۋېت ئىتتىپاقى جەنۇبىي چېگرىسىغا مىليون كىشىلى قوشۇن توپلىدى
        تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرلىرى بىر ئىشتىن ھەزەر ئەيلەپ كەلدى:سوۋېت ئارمىيسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى تۈركىيە،ئىران چېگرىسىغا كۆلىمى ناھايىتى زور قوشۇن توپىلىدى.ئومۇمىي ئەسكىرى كۈچى20دېۋىزىيەگە يەتكەن بولۇپ،3سەرخىل قوشۇندىن تەركىب تاپقان،نەچچە مىڭ تانكا ۋە زەمبىرەك بىلەن قوراللانغان ھەمدە نەچچە يۈز ئۇرۇش ئايروپىلانى بار.بۇ ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى تىبرىز(Tabriz)دە ئورۇنلاشقان.بۇ جايلار دەل سوۋېت ئىتتىپاقى،تۈركىيە،ئىراق ۋە ئىران تۆت دۆلەت چېگرىلىنىدىغان بەلباغقا توغرا كېلىدۇ.
        بۇ ئىشنى 1921-يىلدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ:ئەينى چاغدا مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە مەخپىي مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزدى،كېلىشىمنىڭ6-ماددىسى  بويىچە،ئەگەر ئۈچۈنچى بىر دۆلەت ئىراننى سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى تۈركىيەگە قارشى تۇرىدىغان ھەربىي ئىستىھكام قىلىۋالماقچى بولسا،موسكىۋا ئىرانغا ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنى ئەۋەتىش ھوقۇقى بولىدۇ،تۈركىيەمۇ ياردەمدە بولىدۇ.1941-يىلى8-ئايدا،سوۋېت ئىتتىپاقى"ئىراندا گېرمانىيەنىڭ جاسوسلىرى قۇتراپ كەتتى"دېگەننى باھانە قىلىپ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ17دېۋىزىيە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئىراننىڭ ئەزەربەيجان رايونىنى بېسىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،سوۋېت ئىتتىپاقى باش شىتاب ئاخبارات ئىدارىسى(GRU)مۇ تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئەرمىنىيەنىڭ چېگرىسىغا مىليون كىشىلىك قوشۇن توپلاپ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى كاۋكاز رايونىنى يۇتىۋالماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى تاپشۇرىۋالغان.ئەسلىدە،قارىماققا بىتەرەپ تۇرىۋاتقان تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن،سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولىدۇ دەپ قاراپ،گېرۇزىيە،ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق بۇ ئۈچ سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى.ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىراندىكى چاقماق تېزلىكىدىكى ھەركىتى تۈركىيەنىڭ نىيىتىدىن ياندۇردى،ئۇلار گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكىۋانى ئالغاندىن كېيىن قاراپ باقماقچى بولدى.
        گەرچە گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكىۋانى ئالالمىغان بولسىمۇ،ئەمما تۈركىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى كاۋكاز رايونىغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى ھەمدە مۇۋاپىق ئەسكەر تارتىش پەيتىنى ساقلاپ كەلدى.سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي قوماندانلىق شىتابى تۈركىيىنىڭ غەرىزىدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن جەنۇبىي چېگرىسىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى ساقلاپ قالدى.
        تىغ ئۇچى ئىستانبول
        1945-يىلى5-ئايغىچە،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى ئېنىق بولۇپ قالدى،كىشىلەر سوۋېت ئىتتپاقى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سوتسىيالىزىم يولىنى تاللايدىغانلىقى ئالدىن كۆرۈپ يەتتى.بۇنىڭدىن سىرت،سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى پۇرسەتتىن تولۇق پايدىنلىنىپ،1917-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋۇجۇتقا كېلىشتىن بۇرۇن تۈركىيە بېسىۋالغان كەڭ ئەرمىنيە زېمىنىنى قايتۇرىۋېلىش كېرەك دېگەن ئورتاق تونۇشقا كەلدى.
        تارىخنى ئەسلىسەك،سوۋېت ئىتتىپاقى ئازاد قىلىش غەرىزىدە بولغان زېمىندا ئەسلىدە ئەرمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى.ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا مېھرى بار ئىدى.ئەمما1921-يىلى،تۈركىيە دۆلەت ئاتىسى مۇستافا كامال بىلەن سوۋېت رەھبىرى ئوردانىكىدزې(Ордоникидзе)كېلىشىم تۈزۈپ، ئاغىر تېغى(پارس تىلىدا ئارارات تېغى دەيدۇ)نى چېگرا قىلىپ،جەنۇبىدىكى كارس ئۆلكىسى،ئەرداھان ئۆلكىسى تۈركىيەگە تەۋە،شىمالىدىكى باتۇمى(Batumi) سوۋېتقا تەۋە بولدىغان بولدى.بۇ كېلىشىم سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيەدە ۋاقتىنچە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان غەرپ دۆلەتلىرىگە قارىتا ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈپ،ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش كېلىشىمى دۆلەتلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا بىرلىكتە قارشى تۇردى.ھازىرغا قەدەر،بۇ زېمىن ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئۈچتىن بىر زېمىنغا توغرا كېلىدۇ ھەمدە ۋان كۆلى يېنىدىكى ئەرمەن دەريا ۋادىسى تۈركىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئەڭ مول رايونى بولۇپ،بۈگۈنگىچە پۈتكۈل تۈركىيە دۆلتىنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئىراندا سەرخىل17دېۋىزىيە توپلانغان ھەمدە سىياسىي ۋەزىيەت پىشىپ يېتىلدى دەپ ھېس قىلغان سوۋېت  كومپارتىيىسى مەركىزىي بيرۇسى  ئەزالىرىنىڭ نەزىرىدە،ئىران چېگرىسىدىن تۈركىيەگە"قوراللىق سەكرەپ ئۆتۈش"خام خىيال ئەمەس ھەمدە بۇ غەرەزدە يەڭگىلى بولمايدىغان جەلپ قىلىش كۈچى بار ئىدى.
        تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى،سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئەنقەرە دائىرلىرىنىڭ قىلغانلىرىدىن نارازى بولدى.تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاننىڭ دەسلىپىدە قارا دېڭىزنى ئۆزىنىڭ ئىچكى دېڭىزى قىلىپ،بوسفور ۋە دارنىل بوغۇزىنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ،سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىپ-چىقىپ قىلىدىغان توساپ قويغان ئىدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە،فاشست گېرمانىيەنىڭ پاراخوتلىرىنى بۇ دېڭىز بوغۇزلىرىدا توسالغۇسىز يۈرىشىگە رۇخسەت قىلدى.
        يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا،موسكىۋا ئاللىقاچان كارس ئۆلكىسى ۋە ئەرداھان ئۆلكىسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىنلىنىپ شەرقىي ياۋروپادىكىگە ئوخشاش پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى تىكلەش قارارىغا كېلىپ بولدى.
        1945-يىلى2-ئاينىڭ2-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە،ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ "كاتىبېشى"يالتادا يىغىن ئاچتى.يىغىندىن كېيىن،سىتالىن مىكويان(Микоян, 1895-1978)ۋە مالىنكوۋМаленко)غا كۆرسەتمە بېرىپ،تۈركىيە ئۇرىشىدىن كېين قايتا قۇرۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ،سوۋېت كوممۇنىزىمى مەركىزىي سىياسىي بيرۇنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.بۇ ئىككى نەپەر سوۋېت كوممۇنىزىمى سىياسىي بىرۇسى خادىمىنىڭ ئۆز قولى بىلەن باشچىلىق ئاستىدا"تۈركىينى قايتا قۇرۇش لاھىيىسى"ناھايىتى تېزلا تۈزۈلۈپ بولۇندى.تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،سوۋېت ئىتتىپاقى ئەرمىنىيەلىك مۇھاجىرلار ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،جەنۇبىي چېگرا رايونىدىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتىلىرىنى تولۇقلىدى.بۇ يەرلىك پارتىيە كومىتىتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىزىل ئارمىيە تۈركىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى باسقۇچتا ئازاد قىلىنغان شەھەرلەردە تېزلىكتە سوۋېتقا مايىل ھاكىمىيەت تەشكىللەش ئىدى.
        سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ شەھىرى ئىستانبول ئېلىپ،تارىختىكى"كونىستانتىپول"دېگەن نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەمەسىدە بولۇشتى.ئەمما.سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى،بۇ ئەتراپلىق تۈزۈلگەن پىلان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقتى.
        تېرومىن،چېرچىللار سۆز ئويۇنىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى
        1945-يىلى7-ئاينىڭ21-كۈنى، يەنى ئامېرىكا،ئەنگىلىيە سوۋېت ئىتتپاقى پوتىسدام(Potsdam)يىغىنىنىڭ4-كۈنى،ئامېرىكا زوڭتۇڭى تىرومىن دۆلتىدىن كەلگەن تېلگىراممىدىن ئاتوم بومبىسى سىنىغىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.تىرۇمىن سىتالىنغا قالتىس بىر كوزىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا ئالدىراپ كەتتى.سىتالىنغا ھەيۋىسىنى قانداق كۆرسىتىش توغرىسىدا،چېرچىل تىرۇمىنغا بىر خىل قىزىقارلىق شەكىلدە ئاتوم بومبىسىنىڭ خەۋىرىنى سىتالىنغا ئاشكارىلاش تەكلىپىنى بەردى.ئۈچ كاتىباش يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن،تىرۇمىن بىلەن چېرچىل سىتالىننىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئۆزلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچ چۈش كۆرگەنلىكىنى بەس-بەستە سۆزلەپ كېتىشتى،ئالدى بىلەن چېرچىل:"تۈنۈگۈن كەچ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن،چۈشۈمدە مەن دۇنيا نىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپتىمەن"دېدى،تىرۇمىنمۇ :"مەنچۇ سىتالىن ئەپەندىم،چۈشۈمدە بىشارەت بېرىشىچە،ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى بوپتىمەن!"دېدى.
        سىتالىن ئىككىسىنىڭ نەيرەڭۋازلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك بولۇپ،خۇددى ئوقۇتقۇچى توختىماي چاتاق تېرىيدىغان ئوقۇغۇچىسىغا سىنچىلاپ قارىغاندەك،ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان بۇ ئىككىسىنىڭ باش ئايىقىغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى،ئۇ غاڭزىسىنى تاك-تاك چېكىپ قويۇپ،سالماق بىلەن:"سىلەر نېمە دەۋاتىسىلەر؟تۈنۈگۈن كەچ مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمگە ئوخشىمايدىغۇ،چۈشۈمدە مەن سىلەرنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىمەپتىمەن!"دېدى.
        سىتالىننىڭ رەددىيىسىنى ئاڭلاپ تىرۇمىننىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى،كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى تىرۇمىن بىلەن چېرچىل سۆز ئويۇنى ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.تىرۇمىن دەرھال گەپنىڭ ئۇرانىنى ئۆزگەرتىپ،سىتالىنغا سىپايىلىق بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى قورالنى ياساپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.سىتالىن ئاڭلىغاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ خانىسىغا كىرىپ كەتتى.سىتالىننىڭ بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ،تىرۇمىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتتى،چۈنكى تۇنجى يادرو پوپوزىسى موشۇنداقلا يوق بولغان ئىدى.
        ئامېرىكا يادرو كوزىرىنى ئاخىرى ئىشقا سالدى
        ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق ئەمەس ئىدى،سىتالىن قارىماققا پەرۋاسىز ئىپادە بىلدۈرگىنى بىلەن،تىرۇمىننىڭ پوپوزىسىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى.شۇ كۈنى كەچتە،سىتالىن سوۋېت ئىتتپاقى يادرو فىزىكا ئالىمى كۇرچاتوۋغا تېلىفۇن قىلىپ،قىسقىچىلا:"خىزمەتنى دەرھال تېزلىتىڭلار!"دەپ يوليورۇق بەردى.ناھايىتى تېزلا،ئامېرىكا ئېستىراتىگىيە ئاخبارات ئىدارىسى(OSS)تىرۇمىنغا تەبرىزگە توپلانغان سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ھەركىتىنىڭ جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى،تۈركىيەگە قاراپ ئاتلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى يەتكۈزدى.ئامېرىكا ھەربىي ئاخباراتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە،تۈركىيىنىڭ كارس ئۆلكىسى ۋە ئەرداھان ئۆلكىسىدىكى ئەرمىنىيە مىللىي توپىلاڭچىلىرى سانائەت ئەسلىھەلىرى،قاتناش ۋە ئالاقە ئورگانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
        تىرۇمىن دەرھال ھوشىنى تاپقاندەك بولدى،ئۇ ئاخىرى نېمە ئۈچۈن"يۆسېف تاغىسى"نىڭ(ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىتالىنغا قويۇۋالغان لەقىمى)سۆھبەت ۋاقتىدا ئىتالىيەنىڭ بىر قىسىم فىلوتىنى ئايرىۋېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش تۆلىمى قىلىشقا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرغىنىنى چۈشىنىپ يەتتى،ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى 1945-يىلى8-ئاينىڭ1-كۈنىدىن بۇرۇن ئىدى.سىتالىننىڭ غەرىزى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتالىيە فىلوتىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېگى دېڭىزى(ئاق دېڭىز)غا كىرىپ،غەرپتىن داردانېل بوغىزى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ شەرقتىن كەلگەن قىزىل ئارمىيە بىلەن تۈركىيەنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئىدى.
        تىرۇمىن بۇ دوكلاتنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇھامان ئامېرىكا قوماندانلىق ئورگىنىغا:دەرھال ياپونىيەگە ئاتوم بومبىسى تاشلاڭلار دەپ يوليورۇق بەردى.ئاتوم بومبىسىنى تاشلاش بۇيرۇقىنى بېرىش بىلەن بىرگە يەنە:"بىرىنچى ئاتوم بومبىسىنى سىتالىن پوتىسدامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،موسكىۋاغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن تاشلاڭلار،سىتالىن قاتتىق چۆچۈپ كەتسۇن"دەپ تاپىلىدى.
        ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاتوم بومبىسىنى خىروسىما ۋە ناگاساكىغا تاشلىغاندىن كېيىن،سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىتىتى سىتالىنغا ئاتوم بومبىسى پارتىلىشىنىڭ نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى.
         سىتالىن دوكلاتنى ئاڭلاپ بولۇپ ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالدى،ئىشخانىسىدا ئۇزۇنغىچە ئارقا-ئالدىغا ماڭدى.ئوتى ئۆچۈپ قالغان غاڭزىسىغا قايتىدىن ئوت تۇتاشتۇرماقچى بولغاندا،قولى ئىختىيارلىقىغا بوي سۇنماي سەرەڭگە تېلىنى سۇندۇرۋەتتى.نەچچە قېتىم ئوت يېقىپ تۇتاشتۇرالماي غاڭزىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى،ئاندىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان سوۋېت كوممۇنىزىمى سىياسىي بيرۇ خادىملىرىغا:"ئەڭ ياخشى پەيت كەلگۈچە...... ئىستانبولغا يۈرۈش قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭلار.ئەمما تۈركىيەلىكلەر ياپونلۇقلاردىن مەڭگۈ مىننەتدار بولىشى كېرەك،تۈركىيە ئۈچۈن ياپونلۇقلار ئۆزىنى قۇربان قىلدى.تارقىلىڭلار!كۇرچاتوۋ ئىشخانامغا كەلسۇن!"دېدى.

    مەنبە:روسىيە"مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار ئوبزورى"دىن تەرجىمە قىلىنىپ "شاڭخەي تەرجىمە گېزىتى"گە بېسىلغان

    مەنبە:قارلوق بىلوگ


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر