كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-07

    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتى - [دۇنيا تارىخى]

لى خۇا

ئالىمجان ئابلىز تەرجىمىسى

« ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش» ھەركىتىنىڭ ئوت پىلتىسى

1934- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومۇنىستىك ( بولشىۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىت سىياسى بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتىت شۇجىسى، لېنىنگىراد ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ش. م. كىروۋ لېنىنگىرادتىكى سىمولنىي سارىيىنىڭ كارىدورىدا كەينى تەرەپتىن ئېتىلغان ئوق بىلەن قەستكە ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە پۈتۈن مەملىكەتتە قاتتىق زىلزىلە قوزغىدى. شۇ كۈنى كەچتە، ستالىن، مولوتوف، ۋوروشىلوف، يېنوف، ياگۇدا، ژىدانوف قاتارلىقلار مەخسۇس موسكۋادىن لېنىنگىرادقا يېتىپ كەلدى. ستالىن شەخسەن ئۆزى قاتىلنى سوراق قىلدى.

لېنىنگىرادتا ھۆكۈمەت دەرھال ھەركەت قوللاندى. 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي سوتى كىروۋنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قاتىل نىكولايېف ۋە باشقا سۈيىقەستچى جىنايەتچىلەرنى سوتلىدى. ئۇلارنىڭ ئېغىر جىنايىتى ئۈچۈن ھەممىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

1935- يىلى 1- ئايدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەسلىدىكى « يېڭى قارشى تۇرغۇچىلار» نىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن زىنوۋېيىف، كامىنېف، يېفۇدوسموف، باكايېف قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، سوتلىدى. سوتتا، زىنوۋېيېف ۋە كامىنېف ئۆزلىرىنىڭ كىروۋنىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشىدە « ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت جەھەتتىن مەسئۇلتيىتى بار» لىقىنى ئېتېراپ قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشتىن ئاۋال بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۈيىقەستىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كىروۋ دېلۇسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 1935- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومۇنىستىك ( بولشىۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتى كىروۋنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش دېلۇسى توغرىسىدا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بىر مەخپىي خەت تارقاتتى. خەتتە: « خاتىرجەم يۈرۈۋاتقان پۇرسەتپەرەسلەرنى چوقۇم تازىلاش كېرەك، نۆۋەتتىكى  بۇنىڭغا سەل قاراش پوزىتسىيىسى مۇنداق خاتا مۆلچەرنى چىقىش قىلغان: «بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، دۈشمەن كۈچلەر ئامالسىز تەن بېرىپ زىيانكەشلىك قىلمايدىغان بولۇپ ئۆزگەردى،» بۇ خىل مۆلچەر تۈپتىن خاتا. ظذ، ئوڭچىللارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەك، دۈشمەن تۇيدۇرماي سوتسىيالىزىمغا ئۆمىلەپ كىرىدۇ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقى سوتسىيالىزىمچىلارغا ئايلىنىدۇ. بولشىۋېكلار ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتماسلىقى، بىپەرۋا بولماسلىقى لازىم. بىزگە كېرىكى خاتىرجەم يۈرۈش ئەمەس، بەلكى، ھۇشيارلىق، ھەقىقى بولشىۋىكلارنىڭ ئىنقىلابىي ھۇشيارلىقى.»

 

ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى

 

1936- يىلى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومۇنىستىك ( بولشىۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا « تىروتىسكى، زىنوۋىيىف ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىنىڭ جاسۇسلۇق، تېرورلۇق مەسىلىسى توغرىسىدا» دىگەن مەخپىي خەتنى تارقاتتى. ئۇنىڭدا، يەنە بىر قېتىم، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى ھۇشيارلىقنى ساقلاپ، دۈشمەن مەيلى قانداق نىقاپلىنىۋالغان بولمىسۇن، خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇش توغرىسىدا چاقىرىق قىلىندى. خەتتە مۇنداق دىيىلدى: « ھازىر ئاللىقاچان ئىسپاتلاندىكى، تىروتىسكىي، زىنوۋېيىف يالماۋۇزلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا، دۆلىتىمىز ئەمگەكچىلىرىنىڭ بارلىق ئەڭ ۋەھشى، چىقىشالمايدىغان دۈشمەنلىرى_ جاسۇسلار، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچىلار، بۇزغۇنچىلار، ئاق باندىتلار، باي دېھقانلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە توپلايدۇ. بۇ ئۇنسۇرلار بىلەن تىروتىسكىچىلار ۋە زىنوۋېيىفچىلار ئوتتۇرىسىدا ھازىر ھېچقانداق پەرق قالمىدى. بىزنىڭ بارلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز، پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىمىز شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، كومپارتىيە ئەزالىرى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھۇشيارلىقىنى ساقلىشى لازىم.»

1936- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، گېزىتتە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەپتىش مەھكىمىسىنڭ كىروۋنى قەستلەش دېلۇسىنىڭ يېڭى سوتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە بۇ ئەنزە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى. ئومۇمى ئۇقتۇرۇشتا، زىنوۋېيىف، كامىنېف، يېفىردوسمۇف، سېمىرنوف، باكايېف، مۇلاچىكىۋىسكى قاتارلىق 16 نەپەر كىشى مەخپىي تېرورلۇق مەركىزى قۇرغان، بۇ مەركەز كىروۋنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، نۆۋەتتە يەنە ستالىن قاتارلىق كىشىلەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان، دەپ ئەيىپلەندى. 16- كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئەنزە ئوچۇق سوت قىلىنشقا باشلىدى، جاۋاپكارلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتېراپ قىلدى. « تىروتىسكىي، زىنوۋېيىف بىرلەشمە باش شىتابى» دەپ ئاتالغان بۇ ئەنزە ناھايىتى تېزلا سوت قىلىنىپ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. بارلىق جاۋاپكارلار جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

 

دەھشەتلىك ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتى

 

يۇقارقى دېلۇنى سوت قىلىش جەريانىدا، جاۋاپكارلار ئۆزلىرىنىڭ بۇخارېن، لىكوف، تومىسكىي، لايۇكى، پىداكوف قاتارلىقلارنىڭ « جىنايىتى» بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى ئىقرار قىلدى. شۇنىڭغا ئاساسەن، 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باش تەپتىشى ۋېشىنىسكى ئەكسىلئىنقىلابىي سۈيىقەست قىلىش دېلۇسى بىلەن چېتىشلىقى بولغان يۇقارقى كىشىلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلدى.

1937- يىلى 1- ئايدا، پىداكوف، لايۇكې، سۇكچېنكوف، شېلىبۇلىكوف، لىفۇشېس، مولالوف قاتارلىق 17 كىشىنىڭ سىياسى چوڭ جىنايىتىنى سوتلاش باشلاندى. « پاراللېل باش شىتاب» دەپ ئاتالغان بۇ دېلۇدا، 13 ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا، 4 ئادەم 8 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1937- يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېزىتلىرىدە، بىرىنچى تۈركۈم مەشھۇر ھەربىي قوماندانلارنى قولغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى ھەربى كومىتىت سوتىنىڭ سوتلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسدىكى خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئۇلار تۇخاچېۋىسكى، ياسىر، ۋۇباۋلىۋىچ، فېردمان، كېركى، ئېيدمان، پېرىماكوف، شانتېنا قاتارلىق 8 نەپەر ئالىي قوماندان ئىدى. ھەربىي سوتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سوتلىشىدىن كېيىن، جاۋاپكارلار جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئاشكارىلانغان ماېترىياللار ئىسپاتلىدىكى، تۇخاچېۋىسكى، ياسىر قاتارلىقلارنىڭ ئاتالمىش « دۆلەتكە ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى» ناتسىستلار گېرمانىيىسى غەرەزلىك ياساپ چىققان ساختا دېلۇ ئىدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتى مەزگىلىدە، ساختا ئاخباراتلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ، بۇ چوڭ خاتا دېلۇنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1956- يىلىدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى تۇخاچېۋىسكى، ياسىر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

1938- يىلى 3- ئايدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوت مەھكىمىسى « ئوڭچىللار- تىروتىسكىچىلار ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان دېلۇنى سوتلاشقا باشلىدى. بۇنىڭدىكى جاۋاپكارلار بۇخارېن، لىكوف، كىرىستىنىسكى، چېرنوف، جيېلىنىسكى، گېلىنىك، لۇسىنخۇرسى، لاكوفىسكى قاتارلىق 21 نەپەر ئادەم ئىدى. سوتتىن كېيىن، سوت جاۋاپكارلارنىڭ جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 17 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى، ئۈچ ئادەمگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

1936- 1938 يىللار ئارىلىقىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان تۆت چوڭ دېلۇدىن باشقا، پۈتۈن ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتى جەريانىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا چوڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ناھەق، خاتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتىنى كېڭەيتىۋېتىش خاتالىقى يۈز بەردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتى يەنە كومۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى كومۇنستىك پارتىيىلەر ئىچىگىمۇ كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ زور خاتالىق ۋە زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1939- يىلىنىڭ باشلىرىدا، يېنوف ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارلىقىدىن قالدۇرۇلدى، ئۇ ستالىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش قەستىدە بولغان دەپ ئەيىپلەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يېنوفقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بېرىيە ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارلىقىغا تەيىنلەندى.

 

ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى

 

1939- يىلى 3- ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كومۇنىستىك ( بولشىۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. قۇرۇلتايدا ستالىن مەركىزىي كومىتىتنىڭ خىزمەتلىرىدىن بەرگەن دوكلاتىدا تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:« تىروتىسكى، زىنوۋىيىف، كامىنېف، ياسىر، تۇخاچىۋىسكى، بۇخارېن ۋە باشقا مۇشتۇمزورلار تىپىدىكى جاسۇسلار، ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىللار ۋە يوشۇرۇن زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئۇنسۇرلارنىڭ سوۋېت تەشكىلاتىدىن تازىلاپ چىقىرىلىشى تامامەن زۆرۈر ئىدى.»

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتىگە نىسبەتەن، ئاننا.لويىس. ستروڭنىڭ باھاسى مۇنداق ئىدى: « مېنىڭچە، ھەرقانداق جايدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم 1936- 1938 يىللاردىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئاشۇ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشنىڭ ئومۇمى قىياپىتىنى بىلمەيدۇ، ھەم بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ كىمدە ئىكەنىكىگىمۇ مۇۋاپىق ھۆكۈم قىلالمايدۇ. سانىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، شەكسىزكى، نەچچە ئون مىڭ كىشى ئالدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان شارائىتتا قولغا ئېلىندى، شۇنىڭدەك، سوت قىلىنمايلا شىمال ۋە يىراق شەرقتىكى جىنايەتچىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئەۋەتىلدى. سان- ساناقسىز كىشىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئۇلار يولۇققان قىسمەتتىن ھەتتا ئۇلارنىڭ دوستلىرىمۇ خەۋەرسىز قالدى. ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ دېلۇلارغا قايتىدىن قاراپ چىقىشقا باشلىدى. 1956- يىلى 2- ئايدا، خىرۇششېف 20- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ستالىنغا ھۇجۇم قىلىپ دوكلات بەرگەن چاغدا، ئۆتكەن ئىككى يىلدا 7679 نەپەر كىشىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئاشكارىلىنىش شۇكى، 1934- يىلىدىكى « غالىبىيەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» دا سايلاپ چىقىلغان پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىنىڭ 134 نەپەر ئەزاسى ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنى 98 كىشى بولۇپ، پۈتۈن ئەزالارنىڭ %70.9 نى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى 1937- 1938 يىللاردا قولغا ئېلىنغان ۋە ئېتىپ ئۆتۈرۈلگەن ئىدى.»

 

« بىلىم كۆزنىكى» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 11- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


收藏到:Del.icio.us