كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
ئوسمان تۆمۈر
تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، گەپنى قۇمۇلنىڭ ھازىرقى بوغاز يېزىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يېزا قەدىمدە " تار بوغاز" دەپ ئاتالغانىكەن. بوغاز يېزىسىنىڭ يېرى قۇملۇق ۋە قىزىل تۇپراقلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. تېرېقچىلىقىمۇ باشقا يېزىلارغا نىسبەتەن بالدۇر باشلىنىدۇ. بۇيېزا قۇمۇلنىڭ جەنۇبىغا 25 ك م كېلىدۇ.
1870ـ يىلى ياقۇپبەگ بەدۆلەت كورلىنى مەركەز قىلىپ تۇرپان، پىچانلارغا مالىمانچىلىق سالغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر پانالىق ئىزدىشىپ قۇمۇلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە سۇۋۇر دېگەن كىشى قورايغا، ئورۇق سۇۋۇر دېگەن كىشى يۇقۇرىن ئاقيەرگە، تالىپ، بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىلار بوغازغا ئورۇنلاشقان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورايدىكى سۈۋۈر يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنى بوغازدىكى تالىپنىڭ چوڭ قىزى راھىلەگە ئۆيلىگەن. تالىپ 2- قىزى رابىخاننى يۇقۇرى ئاقيەردىكى ئورۇق سۇۋۇرگە ياتلىق قىلغان، ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ھازىر 80 ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ. يېنى ساغلام تۇرماقتا. تالىپ ئىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، بوغازنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بېنەم ئېچىپ كۆكەرتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى قازا قىلغان. شۇندىن كېيىن تالىپ قورۇ-جايلىرىنى قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، يۇقۇرى ئاقيەرگە كۆچۈپ كەتكەن.
سۈۋۈرنىڭ يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنىڭ مىجەزىگە قاراپ كىشىلەر " يۈسۈپ تۇڭگان" دەپ لەقەم قويۇۋالغان. يۈسۈپ راھىلەدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭىنى تۆمۈر، كىچىكىنى شاكىر، دەپ ئاتىغان. ئۇلار 15- 16 ياشلارغا كىرگەندە يۈسۈپ ئەر-ئايال تەڭلا قازا قىلىدۇ. شۇ چاغلار دەل تورپاقلار قوزغىلىڭى دەۋرى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈرنى چوڭ گۇنا ئۆتكۈزدى، دەپ بوغازغا پالايدۇ. تۆمۈر شۇندىن كېيىن بۇ يېزىدا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەم دىنىي ئوقۇشىنىمۇ تاشلىمايدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە زىكرى-سۆھبەتچىلەرگە خەلىپە بولۇپ قالغان. ئۇ بوۋىسى تالىپتىن قالغان يەرگە بىر يۈرۈش سۇ تۈگمىنى ياساپ بوغازلىقلارنى ئۇن بىلەن تەمىنلىگەن.
تۆمۈر ئۆيلىنىپ ئىككى قىز تاپقان، چوڭ قىزى نىيازخان 4 ياش، كىچىك قىزى رابىيە 2 ياشقا كىرگەندە ئايالى قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوغازدىكى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىغا 30 قوشقارغا تېگىشىپ، كىچىك قىزى رابىيەنى چوڭگۇباتلىق سۇۋۇر قۇرمالغا بېرىپ، چوڭ قىزى نىيازخاننى ئېلىپ قورايغا كۆچۈپ كەتكەن.
تۆمۈر قورايدا قايتا ئۆيلىنىپ، باسىىت ئىسىملىك بىر ئوغۇللۇق بولغان. باسىت 12 ياشقا كىرگەندە ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ياڭ زەيشۈي باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى باش مۇپەتتىش يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، شىنجاڭدىكى فېئودال ۋاڭلاردىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 ئاتلىق قوشۇن تەييارلاپ ئالدى بىلەن 300 كىشىنى يولغا سالىدۇ. 1- تۈركۈمدىكى ئەسكەركلەر بەششار ۋە قۇمۇلدىن ئېلىنغان بولۇپ، 2- تۈركۈمى قۇمۇل 12 تاغدىن كەلتۈرۈلگەننىدى. بۇ ئەسكەرلەر تۆمۈر خەلىپە، ئامانقۇل، جامال ۋە سالمانلار باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ يولغا چىقىپ، لودۇڭغا يېقىنلاشقاندا كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرىدۇ. لودۇڭدىن يانغان بۇ ئوت كۆشۈتىگە يېتىپ كەلگۈچە چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ.
«تۇترۇقسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت» دېگەندەك، تۆمۈر خەلىپە تەقۋادار دىنىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن لى شۇفۇ ئىسىملىك خۇيزۇ ھەربىنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىپ، سەۋەنلىكى ئۆز بېشىغا چىققان. جۈملىدىن شۇ چاغنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان ئاخۇنلىرى بىلەن ھەسەن ھاجى قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن قوزغىلاڭ تىنچلاندۇرۇلغان ھەمدە تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچى لومەنچىڭدىكى 3- ئاتلىق باتالىيونغا كوماندېر بولىدۇ. 1913- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى قولغا ئېلىنىپ قەتلى قىلىنىدۇ، بېشى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى ( نەنمىن) غا ئېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا ئاپىرىپ، قۇمۇل كوناشەھەر دەرۋازىسىغىمۇ ئېسىپ قويۇلغان. تۆمۈرگە ئەگىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئامان قالمىغان. ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز دېگەن باھانىدا قورالسىزلاندۇرۇپ، گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ تاش دائىرىسىدىكى تاغ ئىچىگە يېتىپ كەلگەندە، ياڭ زېڭشىننىڭ پىستۇرمىسىغا چۈشۈپ قىرىپ تاشلانغان. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، قۇمۇلدا قالغان بىر قىسىم كىشىلەر " قاراقچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش" دېگەن باھانە بىلەن ئەنشىگە يۆتكەلگەن، ئۇلار شىڭشىڭشاغا يېتىپ كەلگەندە گەنسۇ چېرىكلىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شاكىر، ئىمىن، جامال، ئەمەت سېيىت، ئابدۇللا قاتارلىقلار تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شامەخسۇت ۋاڭ«تۆمۈرنىڭ جەمەتىدىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىق كېرەك» دەپ جار سالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان راھەتباغ يېزا چاڭغۇ مەھەللىلىك ساقال ئەزىمەت دېگەن كىشى باشقىلارغا تۇيدۇرماستىن قورايغا چىقىپ، باسىتنى ئېلىپ كېتىپ 7 - 8 يىل تەربىيىلىگەن، بۇ ئىشنى ئىرغايتىلىق ئاۋۇت دورغا سېزىپ قېلىپ ئوردىغا مەلۈم قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئالدىن بىلىۋالغان ئەزىمەت بوۋاي باسىتنى بىر ئات بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ۋە ئوزۇق-يۈلۈك بېرىپ قاچۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باسىت جىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا پانالانغاچ دىنىي بىلىم ئالغان ۋە شامەىسۇت ۋاڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا قايتىپ، پالۋانتۇر يېزا كونا ئائىلىلىكلەر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىدۇ. ئۇ 1980- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايۇپ، ئابلەت، ئىمىن قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە بىرنەچچە قىزلىرى بار.
بوغاز يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم داۋاندىن چۈشۈپ مەھەللىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ كەتكەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەرلەر "ساي پارچا" دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يەردىكى تېرىلغۇ تەرلەر، ئۈجمە دەرىخى ۋە ۋەيران بولۇپ كەتكەن سۇ تۈگمىنىنى كىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا << تۆمۈر خەلىپە>> نامى بىلەن ئاتىشىپ كەلمەكتە.
قۇمۇل خەلقى مەشرەپ، توي-تۆكۈن، نەغمە-ناۋالىرىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى بىر قىسىم قوشاقلارنى ھازىرمۇ تەكرارلاپ كەلمەكتە.
مەسىلەن:
قوراي يولى ھەيۋەتلىك، جىڭتەي ئەسكىرى سەپتۇ،
ئۇنىڭ ئىچى زەرەتلىك. ئاقچۇق يولىدا ئوقۇر،
مۇرادىغا يەتمىگەن، تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەن،
تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك. چەندارىن دېگەن چوقۇر.

تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.
شىنجاڭ تەزكىرىسى ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىل 4- سانىدىن.

收藏到:Del.icio.us