كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-05

    ۋەتەن ۋە ئىمان - [باشقىلار]



    ئابدۇقادىر جالالىددىن 

    ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى؟

     

    قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ۋىجدانىڭ قېنى؟
    تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
    كۆڭلۈڭ ئاسمانىدا چولپانىڭ قېنى؟
    قەلەمنى مەشئەل دەپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
    ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ.
     
    ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
    قوۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ.
    چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
    كۆكتىكى يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ.
    بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
    قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.
     
    سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى،
    «ۋەتەن»دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى.
    ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ،
    باشلاردىن نى ئەقىل
                             نەقىللەر ئۆتتى.
    ۋەتەن چۆچەك ئەمەس،سەجدىگاھىڭدۇر،
    ۋە يا  ئەرمەك ئەمەس،باشپاناھىڭدۇر.
     
    «ۋەتەن-جانان » دېدىڭ،جانان تېپىلار،
    ۋەتىنىڭ بولسىلا  ھامان تېپىلار.
    غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ،
    شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار.
    بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
    ئۆزنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ.
     
    ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
    نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ.
    ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ،
    بىر ئۆمۇر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ.
    لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
    تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.
     
    ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
    ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

    "شىنجاڭ باج ئىشلىرى" ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ شېئىرنى يوللاپ قويغىنىڭىز ياخشى بولۇپتۇ. تېخىمۇ نادىر يازمىلارنىڭ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر