كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-01

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رامىزان قوشىقى - [ئۇيغۇر تارىخى]

     


    رامىزان ئېيتقان ئىكەن ھەزرەت ئېلى،
    ئۇلۇغلىقىدىن قالغان ئىكەن بىزئېيتىلى.
                  رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    تۆڭلۇكنىڭ يوچۇغىدىن ئاينى كۆردۈم،
    ساندۇقننڭ يوچۇقىدىن ئاينى كۆردۇم.
                  رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    روزىنىڭ ئون ئىككىسى قادىر كۇنى،
    رۇزىنىڭ زاكاتىنى ئايرىڭ قېنى.
                رەببىمەي،ئىللاھىمەي شۇ رامىزان.


    ئاق توخۇ ئاپپاق توخۇ دان تاتىلا،
    ئايلىكام  نان بېرىدۇ خام-خۇتىلا،
                  رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    ئەرشىنىڭ تۇرىكىنىڭ باشى قارا،
    خۇدايىم بالا بېرەر قاشى قارا.
                  رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    ئاق ساماننى سورىسا چەچ بولىدۇ،
    ھەر يەردە يۇرسە كەچ بولىدۇ.
                  رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    ئوينىڭ ئارقىسى تاينىڭ  ئىزى،
    ئاق ناننى خىللاپ چىقىڭ باينىڭ قىزى.
                    رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    رامىزان ئېيتىپ كەلدىم ئىشىكىڭگە ،
    خۇدايىم بالا  بىرەر بۆشىكىڭگە.
              رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    رامىزان ئېيتا- ئېيتاھارماسمەن،
    ئالتە نان بەرمىگىچە يانماسمەن.
                رەببىمەي،ئىلاھىمەي شۇ رامىزان.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر