كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-07-07

    تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتى(داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىگە قارىتا ماكۇرات ياكى بارتولىد ياقۇتنىڭ ئەسىرىدىن بىرەر ئېنىق خۇلاسىگە كېلەلمىدى. ماكۇرات دەسلەپ خۇردە زىبىھ(تەمىمننىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن) توققۇز ئوغۇزلار ئورخۇندا، دېگەن پىكرىنى قۇۋەتلىدى. كېيىن تەمىم زىيارەت قىلىپ، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىنى گاۋچاڭ(تۇرپان)(33) دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
    بارتولىد دەسلەپ(1897-يىلى) تەمىمنىڭ ساياھىتىنى
    IX ئەسىردىن كېيىن ئەمەس دېگەن ئىدى. بارتولىد «ھۇدۇلئالەم»(م ىلادىيە 986-يىلى)دىكى ھەم ئىدىرىسنىڭ بايانى(مى لادىيە 1154-يىلى)غا ئاساسەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىنى شەرقى تىيانشانغا يېقىن جايدىن ئىزدەشنى ئېيتقان. كېيىن(1926-يىلى)ئۇ تەمىمنىڭ 760-يىلىدىن بۇرۇن(قارلۇقلار يەتتجۇڭگوۋادىسىدا ۋە جوڭگۇ تۈركىستانھاكىمىيىتىنىە ئۆز ھاكىميىتىنى ئورناتقان ۋاقىت)بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ياكى IX ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن(شاتۇ تۈركل ىرى بېشبالىقنى بويسۇندۇرغان ۋاقىت)بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. «ئىسلام ئىنىسكىلوپىدىيىسى»دە بارتولىد قىسقا قىلىپ تەمىمنىڭ قاچان ساياھەت قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ(34).
    «ھۇدۇدۇلئالەم»گە(268-بەت) بەرگەن ئىزاھاتىمىدا، مەن ياقۇتنىڭ تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىن ئالغان نەقىلنى ئىبىن خۇردە زىبھ، قۇدامە ۋە ئەبۇ دۇلەفلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەقىللەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان ئىدىم. بەزى گۇمانلار تۈپەيلىدىن(269-بەت. 4.
    n) مەن تەمىم زىيارەت قىلغان پايتەخىتنىڭ بېشبالىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئىبنى ئەل فەقىھنىڭ ۋەلىدى تەرىپىدىن بايقالغان قوليازمىنىڭ توققۇز ئوغۇز ھۆكۈمىرانى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىرانلىرىنىڭ قۇدىلىشىپ توي قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم تولۇقلىما تەپسىلاتلىرىدىن پايدىلاندىم. شۇڭا، مېنىڭ قوشۇمچە ماتېرىيالىمدا(431-بەت) ئىلگىرىكى چۈشەندۈرۈشۈمنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. بۇ ھەقتە مەن مەزكۇر ماقالىدە توختىلىمەن.
    2. ئۈچ شەھەر
    تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى ئانالىز قىلغاندا، بىز يۇقىرىقى ھەم تۆۋەنكى «نۇشاجان»، شۇنداقلا توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختى قاتارلىق ئۈچ شەھەرنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھازىر نۇشاجان دېگەن نامنىڭ پەقەت قەدىمكى بارسخان نامىنىڭ خاتا ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز. بۇنىڭ توغرىسى قۇدامەنىڭ ئەسىرىنىڭ 2634-بەتلىرىدە بايقالغان بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قاتارىدا ئۇچرايدۇ ھەم يۇقىرىقى پىكرىنى تەستىقلايدۇ. دىۋاننىڭ 14-، 308-بەتلىرىدە، مەھمۇدنىڭ دادىسىنىڭ يۇقىرىقى بارسخاندىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ھەم
    Bars(a) ghan تەلەپپۇزدا خاتىرىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق كۆلگە قۇيۇلىدىغان بىر تارماق دەريا بولۇپ، ئۇ بۇ شەھەردە ئىزچىل Ton(Tong) دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئېھتمال بارسخان دېگەن نام بىلەن Tong نامىنىڭ تۈركنىڭ ئوغلىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت بىلەن باغلىنىشى بارلىقىدا بولسا كېرەك(35).
    1. «تۆۋەنكى»بارسخان تارازنىڭ شەرقىدىن ئۈچ پەرسەخ يىراقلىقتا ياكى سەمەرقەنىتنىڭ شەرقىدىن 50-60 پەرسەخ يىراقلىقتا(قۇدامە، 262-بەت 2-، 15-قۇر). قۇدامە ئۇنى «قىماق تەرەپتىكى
    Khallukhs نىڭ بىرىنچى قاراۋۇلىدا»دەپ بايان قىلىدۇ. تۆۋەنكى بارسخان بىر كىرىش ئېغىزى بولۇپ ساياھەتچىلەر مۇشۇ يەر ئارقىلىق غەرب تەرەپتىن يايلاق دۇنياسىغا كىرەتتى.
    2. «يۇقىرىقى»بارسخان نامى ئوخشاپ كېتىدىغان تۆۋەنكى بارسخان 500 كېلومىتىر شەرقىدە. بۇ ئىككى ئىسىمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش تېكىسىتنى چۈشىنىشتە ئېغىر خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى بارسخان ئىسسىق كۆل بويىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن ناھايىتى ئېنىق ئىسپاتلانغان(
    III توم، 99-بەت).
    تەمىمنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى بارسخان تۆت چچوڭراق، بەش كىچىكرەك شەھەردىن تۈزۈلگەن. ئا. ن. بىرنىشتام باشچىلىقىدىكى يېقىنقى ئارخېئولوگىيىلىك ئېكىسپىدىيتسىچىلەر، بىزنىڭ ئىسسىق كۆل ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى ھەقىقەتەن ئىلگىرى سۈردى. بارسخانىنىڭ مۇرەككەپ ئاھالىسى ئاساسەن كۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، غەرب تەرەپتىن ئۇنى بىر زور تام قورشاپ تۇرىدۇ. (
    Koltsonka يېزىسىغا يېقىن)، ئۇنىڭ داۋامى غەربىي شىمالدىن شەرقى جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، جەنۇبتىن ئىسسىق كۆل ۋادىسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ باشلىنىش ئارىلىقىدىكى توڭ ئېقىنى بىلەن تاغلار ئارىسىغا جايلاقان. بۇ ئاھالىلەر كۆلنىڭ شەرقى بۇرجىكىگە قاراپ يۆتكەلگەن(Tüp دەرياسىنىڭ ئەگمىسىگە يېقىن). ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئارخېئولوگىيىلىك نۇقتا مۇشۇ سوزۇلما رايوندىن بايقالغان ئىدى. قالغانلىرىنى بەلكىم كۆل سۈيى ئېقىتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن(36).
    تەمىمنىڭ كۆل قىرغىقى توغرىسىدىكى بايانى خاتا. ئەمەلىيەتتە، ئۇنى شۇەن زاڭ قالدۇرغان ئىسسىق كۆل توغرىسىدىكى بايان بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. تېكىست: «ئىسسىق كۆل»نىڭ دائىرىسى 1000 چاقىرىم(تەخمىنەن 500 چاقىرىم) كېلىدۇ. بۇ كۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئارىلىقىدىنمۇ ئۇزۇن. كىچىككىنە شامال چىقسا نەچچە گەز ئېگىزلىكتە دولقۇن كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، قارىغان كىشىنى سۈر باسىدۇ. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ كۆلگە قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ سۇلىرى تۇم قارا كۆرۈنىدۇ. كۆلىنىڭ سۈيى بەكلا سۈرلۈك، بۇ كۆلدە ئەجدىھا بىلەن بېلىق بىللە ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر بۇ جايدا جىن-ئەرۋاھلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، ئۆتكەن-كەچكەن سەيياھلارنىڭ بۇ جايدا بەخىت-سائادەت تەمەسىدە تىلاۋەت قىلمايدىغىنى يوق. سۇدا ھەر خىل جانلىقلار كۆپ بولسىمۇ، ھېچىكىم ئۇلارنى تۇتۇشقا پېتىنالمايدۇ.
    تەمىمنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى(كۆلنىڭمۇ؟)40 كۈنلۈك(ئاخىرىدا 30 كۈنلۈك) دېگەنلىكىنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بەلكىم، بەزى خاتالىقلار تۈپەيلى بۇ ئارىلىق يەتتىدىن كۆپىيىپ كەتكەن. مۇبادا سىز ئۇنى ئىسسىق كۆلنىڭ دائىرىسى دەپ قارىغاندىمۇ، يەنىلا مۇبالىغە ئارلاشتۇرۋېتىلگەن بولىدۇ. گەردىزىنىڭ پەرىزىچە(بارتولىد) بۇ كۆل يەتتە ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، 70 تارماق ئېقىنى بار ئىكەن(تەمىمنىڭ ئېيتقىنى 150). بۇنىڭدىن گەردىزىنىڭ مەنبە جەھەتتىن تەمىمگە تايانمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
    رۇسىيىلىكلەرنىڭ ھېاپلىشىغا قارىغاندا، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 ــــــ 210 كىلومېتىر. چوڭقۇرلۇقى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمال تەرەپكە تەخمىنەن 80 ـــــ 400 كىلومېتىغىچە، يىل بويى توڭلىمايدىغان بولۇپ، 40 تارماق ئېقىنى بار، بېلىقلار ناھايىتى كۆپ (37).
    3. «توققۇز ئوغۇزنىڭ پايتەختى تېخىمۇ شەرق تەرەپكە جايلاشقان. 744 ــــ 840-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ئورخۇن ۋادىسىدىكى قارا بالغاسۇندا ئىدى. 840-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يازلىق پايتەختى بېشبالىق (دائىرىنىڭ شىمالى يېقىدا)، قىشلىق پايتەختى
    Kkocho(تۇرپان) دا، يەنى ئاشۇ دائىرىنىڭ جەنۇبى يېقىدا بولسىمۇ، بىز ئارىلىق توغرىسىدىكى كۆرسەتمىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، تەمىمنىڭ پايتەخىتنى زىيارەت قىلغانلىق مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. بىراق، قۇدامە ئەسىرىدىكى يۇقىرى بارسخان بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختى ئوتتىرىسدىكى مۈجىمەللىكلەرنى سىرىپ تاشلىغاندا «ۋە چىن مەدەنەت ئەل توققۇز بۇھەيراتون»(تەرجىمىسى) دېگەن ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە قوبۇل قىلىشقا ئاساس ھازىرلىنىدۇ.
    گەرچە كۆل(
    buhayra) نىڭ ئورنىغا قوليازىمىدا «يايلاق»(burriya) سۆزىنى قوللانغان بولسىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئېنىقكى ئۇ تۆۋەندىكى بايانلارغا ئاساسلانغان. (13-قۇر): «توققۇز ئوغۇز شەھىرىگە جايلاشقان بۇ كۆل يىراقتىن تاغ بىلەن قورىشىلىپ تۇرىدۇ»، بىراق، تەمىمنىڭ تېكسىتىدىكى بۇ تەپسىلات ئېنىقكى يۇقىرىقى بارسخانغا مەنسۇپ ئىدى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئةسسالام،
    بةك ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز، مةنمۇ مۇشۇ ساھةدىكى تېملارغا قىزىقىمةن.
    ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق بولارمۇ؟
    ھونزادە 回复قاراخان 说:
    كەچۈرۈڭ ئۇزۇندىن بىرى تورغا چىقالمىدىم ھازىرلا قۇشۇۋالاي.
    2010-08-21 09:45:53
  • ئۆزئارا ئۇلىنىشقا قىتىشساق بوپتىكەن ، تۇغ ئادىرىسىڭىزنى دەپ بىرىڭ !
    ھونزادە 回复ئىزتۈرك说:
    كەچۈرۈڭ تورغا چىقالماي قالدىم يېقىندىن بىرى.ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
    2010-08-21 09:49:52
  • بارخان ئەپەندىم سىزنى ئۇلىنىشقا قۇشۇۋالدىم.
  • بارخان بلوگى قايتا قۇرۇلدى ئۇلىنىش قىلىپ قويشىڭىزنى سورايمەن.
    ھونزادە 回复بارخان说:
    ئۇلىنىش قىلىۋالدىم،ھەمكارلىشايلى قېرىندىشىم.
    2010-08-21 09:51:13
  • بۇ كىتابتا توققۇز ئوغۇز ئىلىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى ئۇچراتقان ئىدىم. لىكىن تەمىم ئىبنى بەھىرنىڭ شۇ ساياھىتىەە مۇناسىۋەتلىك كىتابنى تولۇق ئۇقۇشقا ۋاقىت چىقمىدى.

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر