كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-07-06

    تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتى (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    3. شەرھى
    1. توققۇز ئوغۇز
    تەمىمنىڭ توققۇز ئوغۇزلارغا قىلغان ساياھىتى توغرىسىدىكى خاتىرىنى بىر قانچە نۇقتا بويىچە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەي تۇرۇپ تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ(15).
    1. «توققۇز ئوغۇز»دېگەن سۆز(نام) ئەڭ دەسلەپتە ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدۇ. بىراق، ئۇ قاغاننىڭ ئۆز قەبىلىسى نامىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ. شەرقىي تۈرك قاغانلىرى ھەققىدىكى مەزمۇن جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە ئىككى مەڭگۈ تاش ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى(تەخمىنەن مىلادىيە 720-يىلى) دا «تۈرك»ئاتالغۇسى ھۆكۈمىرانغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارىتا ئىشلىتىلگەن. تۆۋەندىكى نەقىلدىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. قاغان مۇنداق دەيدۇ: «تۈركەش قاغان ئۆز تۈركلىرىم ئىدى»دېگەن. ئۇ يەنە توققۇز ئوغۇزلارنى «ئۆز خەلقىم ئىدى»دېگەن. بىراق تۈرك قاغانى ئۆز لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئون ئوقلارغا قارشى تۇرغان. ئون ئوقلار بولسا تۈركەش قاغاننىڭ خەلقى ئىدى. ئۇلار شۇنداقلا توققۇز ئوغۇزلارغىمۇ قارشى تۇرغان. تۇنيۇقۇقنىڭ بايانىدا تۈركەش قاغان«بىز ئوغۇزلار»دەيدۇ ھەم تۈركلەرگە قارشى تۇرۇشنى پىلانلايدۇ. چۈنكى، «ئوغۇزلار ئۇلارنىڭ قاراملىقىدا بولغاچ، توپىلاڭ كۆتۈردى». تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تاشىنى بىلگە قاغاننىڭ «تۈرك ھەم ئوغۇزلار»ئۈستىدىن ھۆكۈمىرانلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى مەدھىيىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
    بۇ نەقىللەر تۈركلەرنىڭ ئېتنىك ئىتىپاقىنى، ئون ئوقلار، توققۇز ئوغۇزلار ھەم ئوغۇزلارنىڭ تۈركلەرنىڭ شىمالىدا ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىراق، سىياسىي جەھەتتىن بۇ گۇرۇپپىلار بىرلەشمىگەن ياكى پارچىلىۋېتىلگەن. شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، «توققۇز ئوغۇز»نامى ياكى شەرقى تۈركلەر ئىتىپاقىنىڭ يادروسى بولغان«تۈرك»لەرنى كۆرسەتمىگەن ياكى غەربي تۈركلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى «ئون ئوقلار»نى بىلدۈرمىگەن. (بۇ دەۋردە تۈركەشلەر رەھبەرلىك قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي يېڭى ئىتتىپاق بولغان ئازلار مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن(16)).
    2. 840-يىلى ئورخۇن ۋادىسىدىكى تۈركلەرنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىدى. بۇ يېڭى رەھبەرلىك ئىتتىپاقى ئەسلى تۆلەس ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولۇپ، سېلىنگا ۋادىسىدا ياشىغان شۇنداقلا ئىلتەبىرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا ئىدى.
    ئۇيغۇر مەڭگۈ تاش ماتېرىياللىرى تۈرك مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىغا قارىغاندا ياخشى ساقلانمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى قاغانىغا مەنسۇپ تولىمۇ قىممەتلىك مەڭگۈ تاشتا تۈركلەرنىڭ ئاخىرقى قاغانىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن بىر قانچە قۇر بۇزۇلۇپ كەتكەن(17).
    سۇجىن ـــــ داۋا مەڭگۈ تېشىدىكى بايانلار خۇسۇسىي ماتېرىياللار بولۇپ، ئۇنىڭ مىلادىيە 840-يىلىدىن كېيىنكى يىللارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن(18). كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەمىدىن بەك قوزغايدىغىنى 821-يىلىدىن كېيىن تىكلەنگەن مەڭگۈ تاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى مانى دىنىغا ئۆزگەرتكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەنزۇچە تەرجىمىسىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئاز-تولا بايقىلىدۇ. سوغدىچە بايانلارنىڭ بەزى تەپسىلاتلاردا ياردىمى بار. بىراق، تۈركچە يۈزى پايدىلانغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن(19).
    شىنە ــــ (
    shine-usu) usu مەڭگۈ تېشىدا قاغان «ئون ئۇيغۇرھەم توققۇز ئوغۇزلار»نىڭ ماكانىنى كۆرسەتكەن(N3) ھەم قاغان توققۇز ئوغۇزلارنى «ئۆز خەلقىم»(N5) دېگەن. ئۇ تۈرك خەلقىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ(N10). «ئۈچ قارلۇق»(N11) يەنە «سەككىز ئوغۇز ھەم توققۇز تاتار»(E1) توققۇز ئوغۇزلار(E10)، چىكلارغا تۇتۇق بەلگىلەش(S2)؛ تۈركەش ھەم قارلۇق(S5)؛ جوڭگۇدىكى ئوغۇز تۈركلىرى(S8) چىگىل ھەم قارلۇق تۇتۇقلىرى(S11) تۈركەشلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. قارلۇقلار(W1) «ئۈچ قارلۇق»(W2) ئۈچ تۇغلۇقلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى I (تۈركلەرمۇ؟)(S7) دېگەنلەر تىلغا ئېلىنغان.
    بۇ تىزىملىكىدىن شۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئون ئۇيغۇر ئىتتىپاقى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پەرقى بار. ھەيران قالارلىقى ئۇيغۇرلار(شۇ ۋاقىتتا؟) ئون ئۇرۇقتىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، جۇڭگو مەنبەلىرىدە(20) پەقەت توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىسىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. بىز يەنە ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى بولغان تۈرك قاغانىغا ئوخشاش، توققۇز ئوغۇزلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە خەلق دەپ ئېيتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭلاشقا، توققۇز ئوغۇزلارنى ئۇيغۇرلارمۇ، تۈركلەرمۇ ئۆزلىرىگە تەۋە دەپ قارايدىغان ئوتتۇرىدىكى بىر ئىتتىپاق بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقالمايمىز.
    پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئورخۇن ۋادىسىنىڭ قەبىلە تۈزۈلۈشىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ قەبىلە ھەم ئىتتىپاقلار كۆچمەن چارۋىچىلىق ئەمەلىيىتىگە ماس ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ساداقىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان.
    XIVئەسىردە ياشىغان راشىددىن«ئۇيغۇرىستان»ھەققىدىكى رىۋايىتىدە، ئون دەريا بويىدا ئون ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، توققۇز دەريا بويىدا توققۇز ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، دېگەن خاتىرىنى قالدۇرغان. بۇلار شۈبھىسىز، شىن ە ــــ (shine-usu)usu مەڭگۈ تېشىدا تىلئىتتىپاقنغان ئىككى ئىتىپاق ئىدى.
    بىز شۇنداق پەرەز قىلالايمىزكى، توققۇز ئۇرۇقتىن تۈزۈلگەن بۇ ئىتتىپاق ئۇيغۇرنى يادرو قىلغان خەلقتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ كېيىن پۈتكۈل ئىتتىپاقنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەپسۇسكى، بۇ پەرىزىمىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانى بىرىنچى قېتىم ئون ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان، يەنى نېمە ئۈچۈن ئون ئۇيغۇر بىلەن توققۇز ئوغۇزلارغا پەرقلىق مۇئامىلىدە بولغان دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭغا تېخىچە قايىل قىلارلىق جاۋاب يوق.
    3. ئىسلام مەنبەلىرىدە تۈركلەر، يەنى شەرقىي تۈركلەر(مىلادىيە 689-يىلى غەربى تۈركلەرنىڭ تېروتېريىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى) ھەم كېيىنكى شەرقىي تۈركلەرگە ۋارىسلىق قىلغان(تۈركەش، ئازى ھەم قارلۇقلار) تۈركلەر ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەركىزى ئاسيىادىكى كۈرەشلەرگە دائىر تەپسلىي خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. بۇ مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئەڭ بۇرۇنقى مەنبەلەردە پەقەت «تۈرك»نامىلا قوللىنىلغان. تەبەرىنىڭ بۈيۈك تارىخى كىتابىدا بۇ نام بىرىنچى بۆلۈمدە 74 قېتىم، ئىككىنچى بۆلۈمدە 121 قېتىم، ئۈچىنچى بۆلۈمدە 111 قېتىم كۆرۈلىدۇ. پەقەت بىرلا جايدا، يەنى 820-يىلىدا تەبەرى(ئۈچىنچى بۆلۈم 1044-بەتتە) بۇ نامنى توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە تارىخچى يەئىقۇبى(ئۇ خۇراسان ھەم ماۋائۇننەھرنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مول بىلىمگە ئىگە كىشى ئىدى) توققۇز ئوغۇز دېگەن نامنى 809-، 810-يىل ئاستىدا بىر قېتىم(
    II، 479)، 806-يىلىدىن كېيىن بىر قېتىم (II، 538) بولۇپ، جەمئى ئىككى قېتىم تىلغا ئالغان. بىز بۇ مەسىلىلەر توغۇرلۇق «خۇلاسە»دە مەخسۇس توختىلىمىز. بۇ جايدىكى توققۇز ئوغۇز نامى ھەققىدىكى مۇھىم پاكىت ئەسلىي مەنبەسىنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىسىدا قۇدرەت تاپقاندا(21)، بۇ نام مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ تارىخنامىلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىدى.
    كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئىسلام مەنبەسىدە، ئېنىقكى توققۇز ئوغۇز نامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ۋادىسىدىكى پادىشاھلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن بىتچىت قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن(22) تىيانشان رايونلىرىدا ۋە گەنجۇ رايونلىرىدا قۇرغان يېڭى خانلىقنى كۆرسەتكەن.
    4. مەسئۇدنىڭ ئەسىرىدىكى ئىككى بۆلەك بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ(بىرىنچى بۆلۈم 288-بەت ھەم بىرىنچى بۆلۈم 1 ــــ 312-بەت) ئالدى بىلەن مەسئۇد يافەسنىڭ ۋارىسلىرىنى ساناپ كېلىپ: «ئۇلار تۈركلەر، قارلۇقلار ھەم توققۇز ئوغۇزلاردۇر. ئۇلار كېيىن كۇشان(تۇرپانغا يېقىن) شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ قالغان. بۇ خانلىق خۇراسان بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە دۆلەتنى ئىدارە قىلغانلاردىن، يەنى(943-يىلى) تۈرك قەبىلىلىرى ھەم تۈركلەر ئىچىدە توققۇز ئوغۇزلاردەك باتۇر، ئۇلاردەك قۇدرەتلىك ھەم ئۇلاردەك مۇستەھكەملىرى يوق. ئۇلارنىڭ قاغانى ئۇيغۇر خان بولۇپ، مانى دىنىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا تۈركلەر يوق. باشقا تۈركلەردىن قىماقلار، بارسخانلىقلار، ئەل بىدىيا(23)، ئەل جىغريا(24) لار بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوغۇزلار ئەڭ كۈچلۈك، قارلۇقلار بولسا گەۋدىلىك، ئەڭ ئېگىز، گۈزەل كېلىدۇ. ئۇلار پەرغانە ھەم شاش(تاشكەنىت) رايونىدا ھەم بۇ يەرگە يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. ئۇلار (قارلۇق دېگەندىن تۈرك دېگەن تۈزۈك) نىڭ خانلىقى بار بولۇپ، ئۇلار قاغانلارنىڭ قاغانى ئىدى. ئۇ باشقا تۈرك خانلىقلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ھەم بۇ خانلار ئۇنىڭغا بويسۇنغان. بۇ خاقانلاردىن ئاپراسىياپ تۈرك بولۇپ، پارسلارنىڭ خانلىقى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئۇلاردىن يەنە شابا(25) ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە تۈركلەرنىڭ نە خانى، نە بۇ خانغا بېقىنىدىغان باشقا خانلار يوق ئىدى. بۇ سوياپ شەھرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار. بۇ شەھەر سەمەرقەنىت يايلىقىغا جايلاشقان(26). بىز ئىل-ئەۋسات كىتابىدا ئاشۇ شەھەردىكى خانلىقنىڭ ھالاك بولۇشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق.
    5. بەزى خاتا چۈشەنچىلەر ۋە ساقلانغىلى بولمايدىغان مۈجمەللىكلەر تۈپەيلىدىن مەسئۇدى سادىق تۈرك خانلىقى(غەربىي ئون ئوقلار) نى تىلغا ئالغان. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە توققۇز ئوغۇز(تىيانشاندىكى ئۇيغۇرلار)، قارلۇق، تۈركلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك قەبىلە غۇزلار بولۇپ، توققۇز ئوغۇزلار دائىم غۇزلاردىن پەرقلىق تىلغا ئېلىنغان.
    مەسئۇدنىڭ ئىككىنچى بۆلەك خاتىرىسىنى تېخىمۇ مۈجمەل خاتىرە دېيىش مۇمكىن. مەسئۇدى خۇاڭ چاۋ توپىلىڭى(877-يىلى) ھەم ئىمپېراتورنىڭ«تۈرك خانى»ئۇيغۇر خانىدىن ياردەم ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىمپېرىيىنى قايتا قۇرغۇچى شاتۇ شاھزادىسى لى كېيۇڭ ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى شاتۇ سۇلالىسىدىن ئۈچى 936 ــــ923، 936 ــــ946، 946 ـــــ950-يىللىرى جوڭگۇغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغان. بىراق، لى كېيۇڭ ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان ئىتتىپاققا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى خۇاڭ خې دەرياسى ۋادىسىدا ئىدى(27).
    ئۇنى ئايىرخان، ئايغىرخان، ئۇيغۇرخان دەپ ئاتاش مەسئۇدىنىڭ خاتالىقى ئىدى. ئېنىقكى، ئۇ قەھرىمان لى كېيۇڭنى ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك توققۇز ئوغۇزــــــــ تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ دەپ ئويلىغان. بۇ خاتىرە مەسئۇدىگە ئەرەب دېڭىزچىلىرى (28) دىن مەلۇم بولغان بولۇپ، ئۇلار جۇڭگونىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنىڭ پەرقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئىدى. بارتولىد بولسا مەسئۇدىنىڭ ئاشۇ خاتا تىرمىنولوگىيىسىدىن قايمۇقۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى(29).
    6. توققۇز ئوغۇزلارنىڭ مەنبەسى توغرىلىق كېيىنكى ئالىملاردىن ماكۇارت ھەم بارتولىد ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولدى. ئالدىنقى(30) رېنائود، گويى تومىس ھەم سىكىلگىل (31) نىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، توققۇز ئوغۇزلارنى جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى توققۇز قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. بارتولىد كۆپىنچە ئەرەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشبالىقتىكى ئەجدادلىرىغا مەنسۇپ بولغان توققۇز ئوغۇز دېگەن نامنى ئۇيغۇرلارغا ۋە جۇڭگو مەنبەلىرىدە «ئورخۇن تۈركلىرى»دىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىلىدىغان شاتۇلارغا مەنسۇپ قىلىپ قويغان دەپ قاراپ كەلدى. بۇ توغرا ئەمەس. شۇنداقلا مەزكۇر ماقالىمىز بارتولىدنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىدە كۆپلىگەن ئاجىزلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇ قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى(32)، ماكۇراتنىڭ كۆز قاراشىنىڭ توغىرلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىدى. بىراق، بىز ئۇنىڭ يەنىلا كىشىنى ئويغا سالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تۇغى يىڭىلاندى!
    http://qawandazlar.blogbus.com/logs/72127076.html
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.سىز تورغا چىقالمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئوخشايدۇ. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تۇغى يېڭىلاندى كۆرۈپ باققايسىز.

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر