كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-07-03

    تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتى (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    1. ئەرەبچە تېكىستى
    (قىسقارتىلىدى)
    2. تەرجىمىسى
    1. تەمىم ئىبنى بەھر ئەل مۇنەۋۋىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار (تۈركلەر) نىڭ ئېلى بەكلا سوغۇق بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئالتە ئايلا سەپەر قىلىشقا بولاتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ توققۇز ئوغۇز خانلىقىغا قاغان ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇ ئاتقا مىنىپ ساياھەتكە بارغان بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە كېچە-كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ، ناھايىتى جاپالىق سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ 20 كۈن يايلاقتا سەپەر قىلغان ئىكەن. بۇلاق ۋە گۈل-چېچەكلەر بولۇق بولسىمۇ، بىراق نە يېزا ياكى شەھەر يوق بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت خىزمەتكە مەسئۇل ئازغىنە كىشىلەرلا چېدىرلاردا تۇرىدىكەن. ئۇ 20 كۈنلۈك ئوزۇقنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىكەن. چۈنكى ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ (9) ئەھۋالىنى ھەم بۇ سەپەرنىڭ 20 كۈنلۈك يايلاق سەپىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. شۇ 20 كۈنلۈك يايلاق سەپىرىدىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن كاتتا ئىمارەتلىك يېزىلارنى ئارىلاپ 20 كۈن سەپەر قىلدى. بۇ جاينىڭ پۇقرالىرى ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى تۈركلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتقا چوقۇنىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىكەن. شۇ كۈنلەردىن كېيىن ئۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
    2. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ شەھەر ناھايىتى چوڭ، شۇنداقلا ئۇ يەرنىڭ تېرىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى ناھايىتى ياخشى ۋە بولۇق
    rustaqs بىلەن ئورالغان. يېزىلىرى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ناھايىتى چوڭ 12 تۆمۈر دەرۋازىسى بار ئىكەن. شەھەرنڭ نوپۇسى كۆپ، قىستاڭ بازارلىرى ھەم ھەر خىل تىجارەتلىرى بەكمۇ روناق تاپقان ئىكەن. شەھەر خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى زەرنەدىقە zindiq دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.
    3. ئۇ بۇ شەھەرنىڭ چىن(جۇڭگو) دىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ باققانلىقىنى، ئۇنىڭ مۆلچەرىچە ئارىلىقنىڭ 300 پەرسەخ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە: «بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن»دېگەننى قېتىپ قويغان.
    4. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «توققۇز ئوغۇز پادىشاھى شەھىرىنىڭ ئوڭ(جەنۇب)(10) تەرىپى باشقىلار بىلەن زادىلا بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان تۈركلەرنىڭ زېمىنى. پادىشاھ شەھىرىنىڭ سول تەرىپىدە قىماقلار، ئالدىدا چىن دۆلىتى بار.»
    5. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، (قاغاننىڭ) شەھىرىگە بەش پەرسەخ كېلىدىغان جايدىن پادىشاھنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان چېدىرىنى كۆرگەن. بۇ چېدىر سېپىل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 100 ئادەم سىغقۇدەك چوڭلۇقتا ئىكەن.
    6. ئۇنىڭ يېزىشىچە، توققۇز ئوغۇز پادىشاھىنىڭ قاغانى جوڭگگو پادىشاھى بىلەن قۇدىلىشش ئارقىلىق تۇغقاندارچىلىق ئورناتقان بولۇپ، جۇڭگو خانى توققۇز خانلىقىغا ھەر يىلى 500 مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.
    7. ئۇ يەنە يۇقىرى نۇشاجان(بارسخان) بىلەن ئەل شاش(تاشكەنىت) نىڭ ئارىلىقى ـــــ تارازدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا كارۋان سەپىرى ئۈچۈن 40 مۇساپىلىك يول بولۇپ، ئۇ بۇ يولنى ئاتلىق بىر ئايدا بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
    8. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرى نۇشاجاندا تۆت چوڭ شەھەر ۋە تۆت كىچىك شەھەر بار ئىكەن. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەسكەرلەر كۆل بويىغا جايلاشقان بىر شەھەرگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلار تولق قوراللانغان 20 مىڭ ئاتلىق ئىكەن. تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە ئۇلاردىن كۈچلۈكلىرى يوق بولۇپ، ئەگەر ئۇلار قارلۇقلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن توپلاشسا، ئۇلاردىن 100 ئادەم بولسا، قارلۇقلاردىن 1000 ئادەم بولسىمۇ، ئۇلار قۇتۇلۇپ چىقالايدىكەن.
    9. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆل كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، ئەتراپنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرىدىكەن. بۇ تاغلاردىن ھەر تۈرلۈك دەرەخلەر تېپىلىدىكەن. ئۇ: «بۇ يەردە بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىسى بار ئىكەن. تۈركلەردىن بۇ شەھەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى، كىملەرنىڭ ياشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قاچان خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى بىلىدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچرىتالمىدىم»دەيدۇ. بۇ جايدا بىر دەريا بار بولۇپ، ئۇ شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. ھېچكىم بۇ دەريانىڭ ئاستىغا شۇڭغۇپ چۈشەلمەيدىكەن. ئۇ: «مەن بۇ دۇنيادا ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان تۈرلۈك سۇ ھايۋانلىرىنى كۆردۈم. مەن يەنە باشقا دۆلەتلەردە ئۇرىتىپ باقمىغان تۈرلۈك قۇشلارنى كۆردۈم»دەيدۇ. ئۇ يەنە: «شۇ جايغا يېقىن بولغان يېزا خەلقى ھەم نوشاجانلىقلار ھەر يىلى ئەتىيازدا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۇ جاينى تاۋاپ قىلىشىدۇ»، «كۆلگە تىبەت، توققۇز ئوغۇز ھەم قىماق تەرەپتىن بولۇپ چوڭ-كىچىك 150 ئېقىننىڭ سۈيى قۇيۇلىدىكەن»دەيدۇ.
    10. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ(؟) ئۇزۇنلۇقى تۆگىلىك سەپەر ئۈچۈن 40 كۈنلۈك بولسىمۇ، ئاتلىق ئادەم (بۇ ئارىلىقنى) تېز يۈرسە بىر ئايدا بېسىپ بولالايدىكەن.
    11. ئۇ بايان قىلىپ، ئۇ توققۇز ئوغۇز پادىشاھىنىڭ شەھىرىگە قوشنا بولغان شەھەرگە تىكىلگەن قاغان بارگاھىغا كەلگەندە، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پەرەز قىلىپ كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بارگاھى ئەتراپىدا باشقا نەرسىلەرنى تىلغا ئالمىغاندا 12 مىڭ قاراۋۇل(ئەسكەر) بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە: ئۇنىڭدىن باشقا 17 ئاتامان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ قولىدا 13 مىڭ ئەسكەر بار ئىكەن، ھەر ئىككى ئاتامان قارارگاھى ئارىلىقىدا بىردىن قاراۋۇللۇق ئورنى بار ئىكەن. ئاتامانلار بىلەن قاراۋۇللۇق ئورنى بىر-بىرىگە تۇتاش بولۇپ، چەمبەر(ھالقا) نى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. بۇ چەمبەرسىمان شەكىلدىن ئەسكەرلەرگىچە قارىتىلغان يۆنىلىشتە تۆت ئېغىز ئېچىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: پادىشاھ ھەم ئەسكەرلەرنىڭ بارلىق ھايۋانلىرى(ئات) پادىشاھنىڭ قارارگاھى بىلەن ئاتامانلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن جاينىڭ ئارىلىقىدىلا يايلايدىكەن. بىرمۇ ھايۋان بۇ دالىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىكەن.
    12. ئۇنىڭدىن قىماقلارغا بارىدىغان يول ھەققىدە سورىساق، ئۇ مۇنداق دېدى: «
    Taraz (تەراز) دىن kiwakib (11) دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى يېزىغىچە بولغان ئارىلىق بەكمۇ ئاۋات جاي ئىكەن. Taraz دىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يەتتە پەرسەخ كېلىدىكەن. بۇ جايدا قۇملۇق، ئوتلاق ۋە تۈزلەڭلىكلەر كۆپ بولۇپ، ئوتلىرى بولۇق، بۇلاقلىرى كۆپ ئىكەن. بۇ جاي قىماقلارنىڭ يايلىقى بولۇپ، ئۇ سەپەر يولىدا پادىشاھ ھەم ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ چېدىرلىرىنى، ئۇلارغا قوشنا يېزىدا ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. پادىشاھ بىر جايدىن باشقا جايغا بارماقچى بولسا، يايلاقنى بويلاپ ماڭىدىكەن. پادىشاھنىڭ چارۋىلىرى ساناقسىز ئىكەن. ئۇ ئەسكەرلەرنى ھېسابلاپ چىققان ھەم ئۇلارنىڭ 20 مىڭچە ئاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن»(12).
    13. ئەبۇل فازىل ئەل ۋاسجىردنىڭ بايان قىلىشىچە، ھارۇن رەشىد زامانىدا(809ـــــ786) توققۇز ئوغۇز خانى ئىككى قېتىم ئەسكەرلەرنى باشلاپ جۇڭگو خانلىقىغا قارشى چىققان(13). بىراق بۇنداق ئىش ئەل مەھدى زامانى(775 ــــــ 785) دىمۇ يۈز بەرگەن دېيىلىدۇ. بۇ(؟) ئۇرۇش سۇرۇشان(
    surushana) بىلەن سەمەرقەنىتكە يېقىن جاينىڭ ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن. سەمەرقەنىت نائىبى ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە مەيدان ئۇرۇش قىلغان ھەم بەزى جەڭلەر بەكمۇ دەھشەتلىك بولغان. (خۇدا) سەمەرقەنىت ھۆكۈمىرانىغا نۇسرەت ئاتا قىلغان. ئۇ رەقىبلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. ئېيتىلىشلىرىچە، ئاتلىق ۋە پىيادە جۇڭگو ئەسكەرلىرىدىن 600 مىڭىنى ئەسىرگە ئالغان. مۇسۇلمانلار ناھايىتى كۆپ ئولجا ئالغان بولۇپ، بەزى پۇقرالارنى بالىلىرى بىلەن ئەسىر ئالغان. ئۇلار سەمەرقەنىتتە قەغەز ھەم ھەر خىل ھەربىي لاۋازىمەتلىكلەرنى ياسىغان. بۇ نەرسىلەر پۈتكۈل خۇراسان بويىچە يالغۇز سەمەرقەنىتتە ئىشلەپچىقىرىلغان.
    14. تۈرك ئېلىدە يامغۇر، قار ۋە سوغۇق تىلىگەندە كېرەك قىلىدىغان تاشلارنى كۆردۈم. ئۇ بۇ تاش ھەققىدىكى ھېكايىنى ھەممە كىشى بىلىدىكەن. شۇنداقلا ئۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھېچقايسى تۈرك ئۇنى ئىنكار قىلمايدىكەن. بۇ تاشلار ئاساسلىقى توققۇز ئوغۇز خانىدىلا بولۇپ(14)، باشقا تۈرك خانلىرىدا بۇنداق تاش يوقكەن.
    15. ئەبۇ ئابدۇللا ئەل ھۈسەيىن بىننى ئۇستاد خۇيا ئۆزىنىڭ ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم بىننى ئەل ھەسەندىن، ھىشام بىننى لوخراسىپ ئەل ساھىب(؟) ئەل كەلبىدىن، ئەبۇ مالھىدىن، ئىبنى ئابباستىن ئاڭلىغانلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئېيتىپ بەردى: ئىبراھىم تىنچلىق دەۋرىدە، سارا ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە ئۆيلەنمەپتۇ، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ساپ ئەرەب قان سىستېمىسىدىن بولغان خانتۇرابنىت مەقتۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئايال بىلەن توي قىپتۇ ھەم ئۇلار ساياھەتنى باشلاپتۇ. ئۇلار خۇراسانغا يەتكەندە، شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ كۆپىيىپتۇ ھەمدە شۇ نام (؟) ئاستىدا ئۇلارغا قارشى تۇرغانلارنى باستۇرۇپتۇ. بۇ ھېكايە نۇھنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئوغۇل خازار(
    khazar) غا ئاڭلىنىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ ئۇلار بىلەن ئەھدى تۈزۈشىپتۇ ھەم ئۆزئارا تويلىشىپتۇ. بەزىلىرى ئۇلار بىلەن تۇرۇپ قېلىشىپتۇ، قالغانلىرى بولسا ئۆز دۆلىتىگە قايىتىپ كېتىپتۇ.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر