كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-07-02

    تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتى
    ۋ. مىنورسكىي

     

    ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىرىغا چېتىشلىق بولغان مۇھىم، شۇنداقلا جەزبىدار بولغان مەسىلىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو ھەم ھىندىستانغا ئوخشاش ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان رايونلارغا قىلغان ساياھىتى ئۈستىدىكى ئانالىزدۇر. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ جۇغراپىيىشۇناسلار دىققىتىنى ماكانغا مەركەزلەشتۈرۈپ دائىم زامانغا سەل قارىغان. XVI ئەسىردىكى تۈركىيە خەچۆللۈكىنىڭ سىبىرىيە چۆللىكىنىڭ يەنىلا چۆچەكلەردىكى يەجۈج-مەجۈجگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم. IX، X ئەسىرلەردە، يەنى كىلاسسىك ئەرەپ جۇغراپىيىسى دەۋرىدە، ئالىملار بىر-بىرىنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرگەنلىكىدىن ياكى قەدىمكى مەنبەلەردىن ھازىرقى ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىدىن ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىنمىدى. يەنى X ئەسىردىكى «ئورتاق مەنبە»مىلادىيە 800-يىلىدىكى بېنگال ھۆكۈمىرانى دارماپالا(DharmaPala)نى كۆرسەتسىمۇ، يەنىلا ھىندىستان ھۆكۈمىرانلىرى قاتارىدا سانالغاندەك ئىش بولدى(1).
    بۇ خىل تەسىر بىر جەھەتتىن يات ئەللەر ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بولۇپ، ئۇلار چەكلىك ساندىكى ئەسلىي خاتىرىلەرنى ئاساس قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ تەرجىمىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئەسلىي ئەسىرىنىڭ ئاددىغىنا ھالدا سۆزمۇ-سۆز تەكرارلىنىشى بولۇپ قالغان. بىراق، مەنبە ناھايىتى تولۇق ھەم تەپسىلىي بولغاندا ئاپتورلار تەسەۋۋۇر كۈچىگە ھاۋالە قىلماي، ئوخشاش تەپسىلاتلارنى نەقىل كەلتۈرەتتى. مۇبادا بۇ تەپسىلاتلار ئەمەلىيەتتە قەدىمكى بۇيۇمغا مەنسۇپ بولغىنىدا، ھازىرقى زامان ئۇچۇرلىرىنى بايقاش ئارزۇسى تۈپەيلىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېكىستلەر ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىلا، بىز ئەسلىي مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشەلەيمىز، ھەم بەكلا يىغىنچاقلىۋېتىلگەن ئاساسىي تېمىلاردىكى قاراڭغۇ تېمىلارنى شەرھىيلىيەلەيمىز.
    مەن شارىف ئۆل زامان مەرۋىزىنىڭ كىتابىدىن ئىشلىگەن توپلىمىمدا تېخىمۇ يىراق شەرققە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى بېرىشكە تىرىشقان ئىدىم. بۇ مەلۇماتلار ئەل بىرونى، ئەبۇل پىدا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مانجۇرىيىدىن كەلگەن قىتان پادىشاھى ئەلچىسىنىڭ ھىجرىيە 418-يىلى (مىلادىيە 1027-يىلى) مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ ئوردىسىنى زىيارەت قىلغاندىكى بايانلىرىنى ئاساس قىلغان. ئوخشاشلا شىمال توغرىسىدىكى بەزى رىۋايەتلەردە ۋولگا بۇلغار پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭمۇ ھىجرىيە 415-يىلى (مىلادىيە 1024-يىلى) مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ زېمىنىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ(2).
    بۇ ۋاقىتتا ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ بولغان ھەم ئەرەبلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار زومىگەرلىكنى تالىشىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئەرەب ساياھەتچىلىرى تېخىمۇ يىراق شەرىققە تېخىمۇ ئچكىرلەپ كىرگەن(3). بىراق، ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئاز خاتىرە ساقلىنىپ قالغان.
    IX ئەسىردە سامانىيلار ئوردىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا ئايلانغاخاتىرىلەرن ئەسلىي خاتىرلەر كېيىنكى توپلاملاردا ساقلىنىپ قالغان ھەم بەزى ساياھەتچىلەر ھەم ئېكىسپىدىتسىيچىلەرنىڭ سالاھىيىتى تېخىمۇ روشەنلەشكەن. بۇ ساھەدە دې گوجى توماسجېك، بارتولىد ۋە ماركۇاتلار كۆپلىگەن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن(4).
    تېخىمۇ يېڭى مەلۇماتلارنىڭ كۆپلەپ بايقىلىشى بىلەن بۇرۇنقى مۇسۇلمان ساياھەتچىلىرىدىن تەمىم ئىبىن بەھر ئەل مۇتەۋۇنىڭ خاتىرىسىگە قايتا باھا بېرىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى.
    بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ياقۇتنىڭ(
    yaqut) جۇغراپىيە لۇغىتىدە(5) كەلتۈرگەن نەقىللىرىگە ئاساسەن بىلدۇق. بۇ ئۈزۈندىلەر ئىبىن خۇردە زىبھ، ئىبىن ئەل فەقىھ، قۇدامە قاتارلىق بۇرۇنقى جۇغراپىيشۇناسلارنىڭ تەمىمنىڭ ئەسلىي خاتىرىسىدىن ئالغان نەقىللەرنى كەلتۈرۈشىدە ئەسقاتسىمۇ، بىراق تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ مۇرەككەپ بولغان ئۈزلۈكسىز كۆچۈشى، تەمىمنىڭ ساياھىتىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىقلاش ھەم ۋاقىتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ.
    1923-يىلى زېكى ۋەلىدى تۇغان مەشھەتتە ئىبىن ئەل فەقىھنىڭ«كىتابى بۇلدان(6)»ناملىق ئەسىرىنى بايقىغان. بۇ كىتابنىڭ
    BGA دې گوجى تەرىپىدىن 1885-يىلى نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدا تۈركلەرگە ئائىت قىسمى بولۇپ(329-،330-بەت) تەمىمنىڭ ئىسمىمۇ كۆزگە چېلىقمايدۇ. يېڭى قوليازما نۇسخىسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس، بىراق ئۇ بىر قىسىم قوشۇمچە خاتىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەقىللەر تەمىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ياقۇتنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەپسىلاتلاردىن كۆپ. دەرۋەقە، نۇرغۇن«قەلا»، «ئېيتىدۇلەركى» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تېكىستلەر بىلەن كىرىشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بىز ئۇلارنى قوش تىرناق ئىچىدە ئالدۇق ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قولىمىزغا يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرىلا بىر قىسقارتىلما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق.
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، فەقىھ، ئىبنى خۇردەزبھنىڭ ئەمگىكىگە ناھايىتى كۆپ قەرزىدار(7)، شۇنداقلا خاس تەمىمنىڭ ئەسىردىن كەلتۈرگەن نەقىللەر ئايرېۋېلىنىپ ھېچقانداق تەشەككۈر، ئىپادىسىزلا 1889-يىلى
    BGA دا ئېلان قىلىنغان. تېكىستكە قارىغاندا ئىبنى خۇردەزىبھنىڭ ئەسلىي ئەسىرىدە تەمىمگە تېخىمۇ يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ياقۇتنىڭ ئەسىرىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق(8) تەمىمدىن نەقىل ئالغان. بىراق بۇ خاتىرىلەرنىڭ ئىككىنچى پارچىسىنى قىسقارتىۋەتكەن.
    11-ئابزاس: «ئۇنىڭدىن سورىساق، ئۇ ئېيتتىكى....»دەپ باشلانغان. بۇنىڭدىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، تەمىمنىڭ خاتىرىسىنى ئەسلىي نۇسخىسى خۇددى بىرەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ياكى بىرەر ئالىمنىڭ بەرگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە يېزىلغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.

    ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەنبەلەر ياقۇتنىڭ ئەسەرلىرىدە دەلىل قىلىنغاندا «بارسخان»دېگەن توغرا نامنىڭ ئورنىغا ئېنىق قىلىپ «نۇشاجان»دەپ ئېلىنىپ قالغان. بۇنىڭغا ئوخشاش خاتا يېزىلىش ھادىسىسى يۇقىرىقى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇچرايدۇ. پەقەت كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاپتورلاردىن مۇقەددەسى(muqaddasi)، گەردىزى، مەھمد كاشىغەرىيلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، «ھۇدۇدۇلئالەم» دە Barskhan دەپ ئېلىنغان.
    تەمىم خاتىرىسىنىڭ يېڭى ئىشلەنگەن تېكىستىدە، مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى تۈرك خانلىقى تارىخىغا ئالاقىدار بىر قانچە تەپسىلاتنى ئۆزگەرتىپ چىقشقا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرغان. ناھايىتى مېغىزلىق ۋە مۇھىم بولغان تۆۋەندىكى پاكىتلار مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:
    ئەڭ بۇرۇنقى خانلىق«تۈرك»مىلادىيە 552-يىلى قۇرۇلغان. كېيىن تېزلا مۇستەقىل ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكە. شەرقى تۈركلەر ئورخۇن(ھازىرقى موڭغۇلىيە) ۋادىسىدا، غەربىي تۈركلەر ئېرىتىش(شەرقتە) بىلەن تالاس(غەربتە) ئارىلىقىدا ھاكىمىيەت ئورناتقان. شەقى تۈركلەر جۇڭگوغا يېقىن جايدا ياشىغان ھەم دائىم بېسىپ كەلگەن. غەربى تۈركلەر 10 قەبىلە بولۇپ، ئىككى ئىتتىپاققا بۆلۈنۈپ باشتا ساسانىيلارنىڭ، كېيىن ۋىزانتىيلىكلەرنىڭ ئىتىپاقچىسىغا ئايلانغان. بىر مەزگىل غەربى تۈركلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شەرقى تۈركلەرنى غەربى تەرەپتىن قوغدىغان. بىراق 689-يىلىغىچە تۈركلەر ئىتتىپاقى ۋاقتىنچە شەرقى تۈركلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قۇرۇلغان. شەرقى تۈرك خانلىقى 744-يىلى ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى ئۈچ قەبىلىدىن تۈزۈلگەن ئىتتىپاق بولۇپ، 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولدى. 840-يىلدىن كېيىن ئۇلار قىرغىزلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇق قىسمى ئاساسن غەربكە كۆچۈپ ئىككى خانلىقنى بەرپا قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى گەنسۇدا (847-يىلىدىن كېيىن)، يەنە بىرى تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان رايونىدا قۇرۇلدى(866-يىلىدىن كېيىن).
    بۇ جايدا ئۇچ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەك:
    1) تۈركلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى گۇرۇپپىسى؛
    2) شەرقى ھەم غەربى تۈركلەرنىڭ تېروتېريىسى ئىچىدىكى ئوخشىمايدىغان تەرەققىيات؛
    3) 744 ـــــ 840-يىللىرى ھەم 840-يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن گۈللەنگەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى تېروتېرىيە.

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر