شۇپەيتتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جىددى ۋەزىپە كۈچلۈك دۈشمەن يوشۇرۇنغان بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش ئىدى. بايانداي قەلئەسىنى ئېلىشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن كىشى – مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىسى سادىر پالۋان بولىدۇ. سادىر پالۋان بۇ ئازادلىق قوزغىلاڭغا ئاددى خەلق يول باشچىسى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. ئۇ بايانداي قەلئەسىنىڭ ئېگىز ھەم قېلىن سېپىلىنى دورا كۈچى بىلەن پارتىلىتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئومۇمى ھۇجۇم باشلىشىغا ئوڭايلىق شارائىت تۇغدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەڭچىلەر سادىر پالۋان، ئابدۇرۇسۇل بەگ ۋە باشقىلارنىڭ باشچىلىقىدا 1866-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانداي قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ.
باياداي قەلئەسىنى ئېلىشتا ئومۇمى جەھەتتىن ھەربىي رەھبەرلىك قىلغان كىشى ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى. قەلئە ئېلىنغاندىن كېيىن ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئىناۋىتى بىراقلا يۇقىرى كۆتىرلىپ كېتىدۇ، خەلق ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئابرويلۇق بولۇپ كېتىشى سۇلتان مەزامزات ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق ئىش بولىدۇ. چۈنكى مەنسەپ پەرەس مەزامزات سۇلتانلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەن ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايتتى. ئۇشۇنچىلىك قارانىيەت ئىدىكى، سۇلتانلىق مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭدا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق ئوتتۇرسىدا چوڭقۇر مۇھەببەتكە، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنى يوقىتىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ. شۇ مەقسەت بىلەن ئۇ ھېلىقى ئەخمەت غوجىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى ۋە ئۇنىڭ دوستى ئىسھاق بەگنى قەتلە قىلىشنى تاپشۇرىدۇ. ئەخمەتخان غوجا سۇلتاننىڭ بۇ تەكلىپىنى چىن دىل بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا:«ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى قارىلايدىغان بىر پارچە يالغان ھۆججەت توغرىلاش لازىم. چۈنكى ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئابرويى كۈچلۈك، بولمىسا ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مانجۇ تىلىدا بىر پارچە ھۆججەت تەييارلاپ، تۆھمەت بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بۇ سۇيقەستلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىمۇ ئەخمەتخان غوجا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەخمەتخان غوجا ئۆز شايكىلىرى بىلەن ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ چېدىرىغا بېرىپ، ئۇنى ئولتۇرغان يېرىدە تۇيۇقسىزلا غەنجەر سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن يەنە ئىسھاق بەگنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان خەلق ئارىسىدا ئىززەتلىك ھېسابلانغان قازى نەسىدىن ئاخۇنۇمنى قازى كالانلىق مەنسىۋىدىن ئېلىپ تاشلاپ زىندانغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەزامزات بىلەن ئەخمەتخان غوجا ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە ئىككىسى ئېلىنى ئوڭچە سورىماقچى بولىدۇ.
مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن غۇلجىدا پوچى مەھمۇد («قېرى غوجا»، يەنە بەزى مەنبەلەردە «ئاففانىستانلىق مەھمۇد ئەھمەدخان» دېيىلگەن) دېگەن بىر كىشى پەيدا بولىدۇ. بۇ كىشى ئۆزىنى غوجاملار نەسلىدىن قىلىپ كۆرسىتىدۇ. نادان خەلق ئۇنى «غوجا» دەپ ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر-چىراغلار بېرىدۇ. مەھمۇد ئۆزىنىڭ ياغاچتىن زەمبىرەك ياسىيالايدىغانلىقىنى خەلققە جاكار قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ بار ھۈنەر ۋە ھىيلىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، نادان خەلقنى ئالدىماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى بۇ ئىنقىلابتىن پايدىلىنىپ مەنسەپ ئورنىغا ئىگە بولۇش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىرىنچى بولۇپ مۆجىزە يارىتىپ، ياغاچتىن زەمبىرەك (پو) ياساپ بولىۋاتقان جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئۇنىڭغا «پوچى مەھمۇد» دېگەن لەقەمنى بېرىدۇ. ئۇ بارا-بارا ئۆز ئەتراپىغا بىر قىسىم ئادەملەرنى توپلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ياسىغانياغاچ زەمبىرەكلىرى بىر قېتىم ئېتىش بىلەنلا پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. مەھمۇد بۇنىڭ بىلەن كۆزلىگەن مەقسىدىگە يېتىش مۇمكىن ئمەسلىكىنى ھېس قىلپ، باشقا بىر چارە ئىزلەيدۇ. ئۇ ئاخىر زىنداندا ياتقان قازى نەسىردىن ئاخۇننى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ نەسىردىن ئاخۇنۇمنى قۇتقۇزىشتىكى مەقسىدى- ئۇنىڭ ئابرويى بىلەن خەلقنىڭ رايىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، چوڭ مەنسەپكە- سۇلتانلىققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.
پوچى مەھمۇد ئۆز ئادەملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن نەسىردىن ئاخۇنۇمنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. سۇلتان مەزامزات پوچى مەھمۇدنىڭ بۇ ئىشىغا ھەيران بولۇپ، نەسىردىن ئاخۇنۇمنى يوقىتىش كويىغا كىرىدۇ. شۇ ئەسنادا ئەخمەتخان غوجا پوچى مەھمۇد بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىدۇ. سۇلتان مەزامزات نەسىردىن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولغان بولسا، پوچى مەھمۇد بىلەن ئەخمەتخان غوجا سۇلتاننى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى قولغا ئېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. نەتىجىدە سۇلتان مەزامزات نەسىردىن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرىدۇ. پوچى مەھمۇد بىلەن ئەخمەتخان غوجا بىرلىشىپ سۇلتاننى ئۆلتۈرۈش قەستتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پوچى مەھمۇد ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئېلىدا بىر مەھەل «قېرى غوجا»نىڭ سۇلتانلىقى باشلىنىدۇ. لېكىن پوچى مەھمۇد ۋە ئەخمەتخان غوجا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقلىرى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ قارا نىيەتلىك بولىشى كۆپچىلىك خەلىققە ئوپ-ئوچۇق بولىدۇ.شۇڭا ئەينى دەۋىرنىڭ ئابرويلۇق كىشىللىرىدىن بولغان شەمسىدىن خەلپەم يول باشچىلىقى بېلەن ئىنقىلابنىڭ مىۋىسىنى تارتىۋالغان بۇ بىر توپ بۇزۇقلارغا قارشى كۆرەش باشلىنىدۇ.بۇكۆرەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلار ئارا ئۆستەڭلىكلەر بۇلۇپ، ئۇلار ئارانلا 36 كۈن سۇلتان بولغان پوچى مەھمۇدنى سۇلتانلىقتىن چۈشۈرىدۇ. پوچى مەھمۇدقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەخمەتخان خوجا جازادىن قورقۇپ سۈيدۈڭگە قېچىپ قۇتۇلىدۇ. پوچى مەھمۇدنىڭ سۇلتانلىغى يوق قىلىنغاندىن كىيىن موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتان، ئەلا پالۋان(ئەلاخان) ئەسىر بۇلۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قوزغىلاڭچىلار نىڭ ئالدىدا مانجۇلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ قەلئەسى كۈرەنى ئېلىش ئىشى تۇراتتى . ئۇلار قىسقا ۋەقىت ئىچىدە جىددى تەييارلىق قىلىپ، كۈرەنى ئېلىشقا كىرىشىدۇ. كۈرەنى ئېلىشتا ئومۇمى جەھەتتىن يول باشچىلىقنى (قوماندانلىقنى) ئەمىر ئەلاخان ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن كۈرەنى تېزلا ئالالمايدۇ. كۈرەنى ئېلىش يەنە خەلق قەھرىمانى سادىر پالۋانغا تاپشۇرىلىدۇ. سادىر پالۋان كۈرە قەلئەسىنىڭ سېپىلى ئاستىدىن ئۇزۇن لەخمە كپلاپ، ئۇنىغا دورا قويۇپ پارتىلىتىپ، سېپىلنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. كۈرە قەلئەسىدىكى مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئومۇميۈزلۈك تەسلىم بولىدۇ. كۈرە قەلئەسى تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئەلاخاننىڭ ئەل ئىچىدىكى ئابرويى يۈكسەك دەرىجىدە كۆتىرلىدۇ. سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن بۇھالدىن خاۋاتىرلىنىپ، قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ، ئەلاخاننى ئىشىدىن بوشىتىش چارىسىنى تېپىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزىنىڭ سۇلتانلىق مەنسىۋىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئىدى. چۈنكى سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن ئەمىر ئەلاخانغا قارىغاندا تەدبىرسىز، پاراسەتسىز ئادەم ئىدى ۋە ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا ھۆرمىتى تۆۋەنرەك ئىدى. بىراق سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن ئەمىر ئەلاخاننى ئىشتىن بوشىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەپ تاپالمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئەمىرلىك مەنسىۋىدىن ئېلىپ تاشلىدى. كۆپچىللىك خەلق بۇنىڭغا ھەيران بولدى. خەلقنىڭ ئابرويلۇق ھۆرمەتلىك ئادەملىرى يىغىلىپ، سۇلتان شەۋكەت ئاخۇندىن «ئەلاخاننىڭ ئەمىرلىك مەنسىپى قايتۇرۇپ بېرىلسۇن» دەپ قاتتىىق تەلەپ قىلدى. سۇلتان بۇنىڭغا كۆنمىدى. شۇنىڭدىن كىيىن كۆپچىللىك خەلق قوزغىلىپ:«شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىقتىن چۈشسۇن،بىز ئەلا خاننى سۇلتان قىلىپ كۆتۈردۇق.»دەپ جاكارلىدى. شەۋكەت ئاخۇن كۆپچىللىك خەلققە قارشى تۇرالمىدى، ئاخىرى سۇلتانلىق تەختىدىن چۈشتى.1867-يىلى ئەلا خان ئىلىغا سۇلتان بۇلۇپ كۆتۈرۈلدى.توختاخۇن ئەمىر بۇلۇپ بەلگىلەندى.
قوزغىلاڭ تامام بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىرپەيتتە خۇيزۇلارنىڭ يولباشچىسى ياگور ئاخۇن ئۇيغۇر-خۇيزۇ خەلقلىرىنىڭ بىرلىگىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە يول تۇتۇپ، سۇلتانلىقنى تالىشىپ، پۈتۈپ بولغان ئىشنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلىدۇ.بۇھەركەتكە ئەخمەتجان خوجا بىلەن شەۋكەت ئاخۇن قوشۇلۇپ خۇيزۇلارنى ئەلا خاننىڭ سۇلتانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قۇتۇرىتىدۇ. شۇۋاقىتتا ئەمىرلىك مەنسىپىگە رازى بولماي سۇلتانلىقنى تەمە قىلىپ يۈرگەن ئەمىر توختاخۇن ھېلىقى بىر توپ تەرەپكە ئۆتۈپ كىتىدۇ.ياگور ئاخۇننىڭ مەنسەپپەرەسلىكى، ئەخمەتجان خوجا، شەۋكەت ئاخۇن، توختاخۇنلارنىڭ ھەركىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر لار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرسىدا قانلىق قىرغىن باشلىنىپ كىتىدۇ. لىكىن ئاز سانغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار بۇ ئۇرۇشتا زور تالاپەت تارتىپ يېڭىلىدۇ. ياگۇر ئاخۇن ئۆلتۈرىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەپچىلىرى بولغان ئەخمەتجان خوجا، توختاخۇنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. شەۋكەت ئاخۇننى بولسا قاپقا سېلىپ ئىلى دەرياسىغا تىرىك تاشلاپ سۇغا غەرق قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
تۈگىدى
مەنبە:ئورخۇن تارىخ تورى