مانجۇ خانلىقىنىڭ ۋەھشىيانە مىللىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي بايلىقى تامامەن ۋەيران قىلىنىپ، تەرەققىياتى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى.ئۆتكەن زامانلاردا شەرق خەلقلىرى ئىچىدە باي يۇقىرى مەدەنىيەتلىك بۇلۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئەمدىلىكتە ئىقتىسادى،مەدەنىيىتى تولىمۇ ئارقىدا قالغان بىچارە خەلققە ئايلانغانىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى سىياسى جەھتتىمۇ ئارقىدا قالدى. مانجۇ مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «...ئەشەددى ئېلىق- سېلىقلار، باشباشتاقلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق جازالار خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى، ئىچكى تۇرمۇشىنى ۋە مەنىۋى تەرتىپلىرىنى بۇزۇپ، ۋەيران قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ تەرەققىي قىلىش ھىممىتى ۋە غەيرىتىنى مانجۇ ئەجدىھالىرىنىڭ تىمساھلىرى بوغۇپ تاشلىدى...»(د.فىدروف «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەربىي سىتاستىكىسىنى تەرىپلەش تەجىربىسى»). چۇقان ۋەلخانوپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋەمەدەنىيىتى جەھەتتىن ئارقىدا قېلىش سەۋەپلىرىگە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«خەلق كەمبەغەل ياشىماقتا، يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتماقتا ۋە ھەمىشە ئەمگەك قىلماقتا. ئەگەر شەرق تۈركسىتان خەلقى ئۆز ئەمگەكلىرىنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرسە ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ،ئىلگىرى قانداق باي خەلق بولغان بولسا شەرق خەلقلىرى ئىچىدە شۇنداق باي بىر خەلق بولغان بولار ئىدى.»مانجۇ خانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەملىكىچىلىكى بىر يېرىم ئەسىر داۋام قىلدى. مانا شۇ ئۇزاق بىر دەۋر ئىچىدە بولغان مىللىي مۇستەبىتلىك ئېزىشلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىقتىسات ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلپ شىنجاڭنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەپ بولدى. مانجۇلار شىنجاڭنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى تامامەن ئىشغال قىلىپ بولدىن كىيىن بۇدىياردا ئۆزلىرىنڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكمىرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ھەركەت قىلىدۇ ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىگە قاتناشقانلارنى تۇتقۇن ۋە سۈرگۈن قىلىشقا كىرىشىدۇ. مانجۇلار جۇڭغارىيىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا مۇداخىلە يۈرگۈزۈشكە شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن 40مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئەسكەرلىككە تۇتىدۇ. مانا بۇ ئەسكەرلەرنى بۇرۇن ئورنىشىۋالغان مانجۇشىبەلەردىن تەركىپ تاپقان ئەسكەرلەرنى بېقىش،ئۇلار ئۈچۇن قەلئە قورغان سېلىش،ئۆي ئىمارەت سېلىش ئۈچۇن نۇرغۇن ئشچى كۈچى كېرەك بۇلۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۇن مانجۇلار ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن جۇڭغارىيەنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە مەجبۇرى ھالدا كۆچۈرۇشكە كىرىشىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۇش 1760-يىلدىن باشلىنىدۇ ۋەشۇيىلى ئاقسۇ شەھىرىدىن 300ئادەم كوچۈ رىلىدۇ.ئۈ چتۇرپان قوزغىلىڭىدىن 1767-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈ چتۇرپان،ئاقسۇ، كۇچا، خوتەن، يەكەن قۇمۇل ۋەباشقا شەھەر لەردىن 6000 تۈ تۈ ن ئىلىغا كۆچۈ رىلىدۇ.‹‹بۇ كۆچۇرۇلگەن ئۇيغۇر لار ئىلىنىڭ قاينۇق، قاش ،بولابورغۇس،جىرغىلاڭ ،تاشئۆستەڭ ،بايتوقاي،غونوغاي،دارولدامتۇ،ئارا ئوستەڭ،دىگەن جايلىرىغا جەمى 1000 تۇتۇن ئاھالە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.›› رلدۇمان :‹‹چىن ھۆكۈ مىتىنىڭ 18-ئەسىر نىڭ ئككىنچى يېرىمىدىكى شەرقى تۈ ركستانداتۇتقان ئۇيغۇر لار ئاگدارسىياسىتى››ئېنىقراق ئىيىتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈ رۈ لۈ شى چىيەنلۇڭ خان دەۋرىدە باشلانغان بۇلۇپ تۇرپانلىق ئىمىن ۋاڭ بۇ قېتىمقى ئاھالە كۆچۇ رۈشتە مانجۇ ھۆكۈ مىتىگە جان جەھلى بىلەن ئشلەپ چوڭ ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى موسا مانجۇلارغا خۇددى ئۆز ئاتىسىغا ئوخشاش ئشلەپ چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۇن ئىلىدا ئۇيغۇر لارغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.
كىيىن بۇ 1000ئائىلە ئۇيغۇر لار دىن باشقا يەنە 2000 ئۆيلۈك ئادەم ئلىنىڭ نىلقا ،توققۇزتارا ۋەباشقا جايلىرىغا كۆچۇرۇلۇپ، جەنۇبىي ۋە شەرقى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىغا كۆچۈ رۈ لگەن ئا ئىلە جەمى 8000 غا يىتىدۇ.دىمەك ھازىرقى ئىلى ئۇيغۇرلىرى 18-ئەسىردە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقى رايونلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈ رۈ لگەن ئۇيغۇر لار دۇر.
ئىلىغا كۆچۈرۇلگەن بۇ ئۇيغۇرلا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن مانجۇ ئەسكەرلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار مانجۇ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈچۇن دېھقانچىلىق قىلغانلىقتىن ئۇلار بۇلارنى ‹‹تارانجى››دەپ ئاتايدۇ. بۇ ھوقوقسىز ئىلى ئۇيغۇرلىرى دىھقانچىلىق قىلىپ تاپقان ھوسولىنىڭ تولىسىنى مانجۇ ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۇرۇشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئىلىدىكى شەھەرلەر،قەلئەلەر،ئۆستەڭلەر،يوللارنىڭ ھەممىسى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قېنى ۋە ماڭلىيىدىن ئاققان ئىسسىق تەرلىرى بىلەن قۇرۇلغاندۇر.بۇ ھەقتە فىدروف ‹‹ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەربى ئستاتىستىكا تەرتىپى››دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ ؛‹‹ئىلى ۋىلايىتىدە مانجۇلار ھاكىمىيىتى ئۈچۇن ئىمارەتلەر، قەلئەلەرسېلىش ئۆستەڭلەر چىپىش ۋە يول ياساش ، كۆۋرۇك ياساش ئىشلىرى ئۈچۇن نۇرغۇن ئىشچى كۇچىنى تەلەپ قىلىدۇ .بۇ تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۇن مانجۇلار قەشقەرىيە مۇسۇلمانلىرىدىن 8-10 مىلىيونغا يېقىن ئائىلە ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ .بۇلار ‹‹تارانچىلار››دەپ ئاتىلىدۇ.››.
مانجۇ قەبىلىلىرىدىن بولغان ئىلى شىبەلىرىدىن بىرى 1864-يىلى ئىلىدا بولغان خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇر قوزغىلىڭى ھەققىدە مانجۇ تىلىدا خاتىرە يېزىپ قالدۇرىدۇ .بۇ خاتىرىنى غۇلجا شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن دىتالوف روس تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ .شىبە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىدەمۇنداق دەيدۇ:‹‹مانجۇلار بىر ئەسىر بويى تارانچىلارنىڭ نېنىنى يەپ ،دۆلەتتىن ياىشى ئايلىق ئېلىپ ،شەھەرلەردە غەمسىز ،بۇزۇقچىلىق قىلىپ ياشاپ كەلدى.....››
چوقان ۋە لىخانوپ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كورەشلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ .
19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا مانجۇلارغا ۋە چەتئەل جاھانگىرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى تۈرۇتكىسى ئارقىسىدا ھەر قايسى جايلاردىمۇ ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن خەلىقنىڭ مانجۇ ئستىدات ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللى ئازاتلىق قوزغىلاڭلىرى باشلىنىدۇ .1862-يىلى خۇيزۇ خەلقى ئازاتلىق قوزغىلاڭلىرىغا ئاتلىنىدۇ .شىنجاڭدا ئۈرۇنچى-ماناس خۇيزۇلىرىمۇ قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ.
1863-يىلى ئازاتلىق قوزغىلاڭ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا باشلىنىپ دەسلەپ راشىدىن ھاجىم (راشىدىن خوجام)باشچىلىقىدا كۇچا خەلقى مىللى ئازاتلىق تۇغىنى كۆتىرىپ چىقىدۇ .1864-يىلى ئازاتلىق قوزغىلىڭى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىرىغا كېڭىيىدۇ. شۇ يىلى ئىلى ۋىلايىتىدىكى خۇيزۇ لار بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ قوزغىلاڭغا ئاتلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە شۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمى مىرزەمزات ۋە ئۇنىڭ مۇئا ۋىنى ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى.ئىلى جاڭجۈنى چاڭ چىڭ مىرزەمزاتتىن قوشۇمچە سېلىق تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھاكىم مىرزەمزات بۇ قوشۇمچە سېلىقنى تۆلەش ئىمكانىيىتى يوق دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن جىياڭجۈن گۇنى زىندانغا تاشلاپ ئورنىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جىياڭجۈننىڭ خۈيزۇلارنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە يوشۇرۇن تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى خۈيزۇلارغا مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. خۇيزۇلا تەييارلىقسىز تەخىرسىزلا قوزغىلاڭ باشلىۋىتىدۇ. لىكىن بۇ قوزغىلاڭ تىزلا باستۇرىلىدۇ . ئۇنىڭ يولباشچىلىرىدىن يەن سن فى تا لار دار غا ئېسىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كىيىن خۇيزۇلانىڭ چوڭلىرىدىن ئاشۇر ئاخۇن، غەنجە ئاخۇن، ئسمايىل ئاخۇن، ۋە ياقۇپ ئاخۇن يەنە بىر ئسمى (ماۋەنشىن )لار ئابدۇرۇسۇل ھاكىمغا مۇراجەت ياردەم سورايدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ قازى نەسىردىن ئاخۇنۇم ۋە باشقا يۇرت چوڭلىرى بىلەن كېڭەش. نەسىردىن ئاخۇنۇم ئابدۇرۇسۇل بەگكە :« خۇيزۇلارغا ياردەم بىرىش ۋە ئسلام ئۈچۈن قوراللىق كۆرەش قىلش كېرەك » دىگەن مەسلھەتنى بىرىدۇ. بۇ كېڭەشكە ئشتىراك قىلغۇچىلار خۇيزۇلار بىلەن بىرلىشىش ئازاتلىق ئۈچۈن قوراللىق كۆرەشنى باشلىۋىتش ھەققىدە پىكىر بىرلىگگە كېلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىلەن خۇيزۇلانىڭ بىرلەشمە قوراللق قوزغىلىڭى باشلىنىپ كېتىدۇ.
ئابدۇرۇسۇل بەگ تەييارلىقىنى تېزلا پۈتتۈرۈپ تاشئۆستەڭ، ئارا ئۆستەڭ، ئۇلاستاي،دادامتۇ كەتمەن، غالجات، غونۇغاي، توققۇز تارا ۋە باشقا يېزىلىرىدىن ئەسكەر ئالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئېلى جىياڭجۈننىڭ بۇيرىقى بويىچە تۇرغۇتلاردىن بىرمىڭ ئىككى يۈز ئات ئېلىپ كۈرەگە كېتىپ بارغان ساغالداي بىلەن ۋۇدارىن ئاتلىرى بىلەن قولغا چۈشىدۇ. مانا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى شىبەلەرنىڭ سومونلىرىغا، ئىككىنچى قىسمى تېكەست تەرەپتىن كېلىپ مانجۇلارغا ياردەم بېرىدىغان مۇڭغۇللارغا قارشى تۇرۇشقا، ئۈچىنچى قىسمى مانجۇلارنىڭ كۈچلۈك قەلئەسى بولغان بايانداينى ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئاساسلىق كۈچ بايانداي قەلئەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ، قوزغىلاڭچى جەڭچىلەر ناھايىتى تېزلىكتە باياداي قەلئەسىنى قورشىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جىياڭجۈن چاڭچىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلارنىڭ بىرلىگىنى بۇزۇش پىلانى تۈزىدۇ. شۇ مەقسەد بىلەن جىياڭجۈن زىنداندا ياتقان مەامزاتنى بوشىتىپ ئۇنىڭغا:«ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قوشۇمچە سېلىقنى ئېلىپ تاشلاي، سېنىڭ ھاكىملىق مەنسىپىڭنى قايتۇرۇپ بېرەي، ئۇرغۇرلار قوزغىلاڭنى توختاتسۇن، ئۇيغۇرلار تۇڭگانلارغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، مەن ئۇلار ئۈچۈن كەڭچىللىك تۇغدۇرۇپ بېرىمەن ... » دەپ مەزامزاتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. جىياڭجۈننىڭ بۇ تەكلىپى مەزامزاتقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جىياڭجۈننىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا رايى بارمايدۇ. چۈنكى قوزغىلاڭ ئۇچاغدا ئومۇمى خەلق ھەركىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا مەزانزات قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.
خەلق ئىنقىلابى ھەركىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن چوڭلار يەنە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ قوزغىلاڭنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك ئاپراتى – ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. ھەمدە بۇ قەھەتتە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنىدۇ. چوڭلار كېڭەشنىڭ قارارى بويىچە قازى نەسىردىن ئاخۇن قازى كالان ، مەزامزات سۇلتان، ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەمىر، موللا شەۋكەت ئاخۇن قازى موفىتى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.
ئېلىدا كۆتىرىلگەن قوزغاىلاڭ جەريانىدا چوڭلار ئوتتۇرسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت پەرەسلىك، بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك كۈچلۈك بولۇپ، قوزغىلاڭنىڭ ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇچاغدا ئەخمەتخان دېگەن بىر غوجا (غوجىلار نەسلىدىن) پەيدا بولۇپ، بۇقېتىمقى قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز شەخسى غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. نادان خەلق ئەخمەتخاننىڭ غوجىلىقىغا ئىشىنىپ ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. ھەتتا ئۇ مەزامزاتنىمۇ ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان ئىدى. مەزامزات بولسا ئۆزىنىڭ شەخسى غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئەخمەتخان غوجىدىن ياردەم ئېلىشقا تولۇق كۆزى يېتەتتى. سۇلتان مەزامزات شەخسى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، قوزغىلاڭدا ياخشى ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرۇسۇل بەگ بىلەن ئۇنىڭ قېيىن ئاتىسى ئەخمەت غەزىنىچى بەگنىڭ ئابرويلۇق بولۇپ كېتىشىدىن قورقاتتى. ئۇ مەنسەپ ۋە ئابرويدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قېيىن ئاتا-كۈيئوغۇل ئىككەيلەننى يوقىتىش سۇيقەيستتىنى پىلانلايدۇ. مانا بۇ قارانىيەت مەزامزات پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئەخمەتخان غوجا بىلەن بىللە (ئۇلار يېقىن دوست بولۇپ قالغان ئىدى) ھەرىكەت باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەخمەتخان غوجا غەزىنچى بەگنى ئۆلتۈرىدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، لېكىن ئەخمەت غوجىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەزامزات بىلەن ئەخمەت غوجا ئەخمەت غەزىنىچى بەگنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئابدۇرۇسۇل بەگنى، ئىسھاق بەگنى، قازى نەسىردىن ئاخۇننى يوقىتىش چارىلىرىنى تېپىشقا كىرىشىدۇ.