كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-30

    چۇقان ۋەلىخانوپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

     جاھانگىر خوجا باشچىلىقىدا قەشقەر ئازات قىلنغاندىن كېيىن قوقان خانى «ياردەم بىرىمىز دەپ» 15مىڭ ئەسكەر ئەۋەتتى. قوقان خانننىڭ مەقسدى شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، جاھانگىر خوجا قەشقەرنى ئىگەللىگەندىن كېيىن مانجۇلار بەربىر ئۆزلىرىگە ئىلگىرىكىدەك مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئشەنمەيىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا بولار ئىش بولغاندىن كېيىن ئالتە شەھەرنى ئۆز تەسىرىدە تۇتۇش ۋە ئۆزبىك خەلقىقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئەپكارى ئومۇمىيەسىنى خاتىرجەملەندۈرۈش يۈزسىدىن قەشقەرگە ئەسكەر ئەۋەتكەندى، لېكىن قوقان ئەسكەرلىرنىڭ باشلىقلىرى ئولجا ئېلش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلشتەك تەرتىپسىزلىكلەر بىلەن مەشغۇل بولغاچقا خەلق نارازى بولدى. شۇڭلاشقا قوقان ئەسكەرلىرى ئاران 12كۈن تۇرۇپلا 70 كۈن مۇھاسىرىدە تۇرغان مانجۇ ئەسكەرلىرى تەسلىم بولدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغانلىرى جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى، قالغانلىرى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئسلام دىىننى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتتى. يوقۇردا كۆرستىپ ئۆتۈلگەن تارىخى ۋەقەلەرگە، بولۇپمۇ 1750-يىللىرىدىن كېيىنكى (مانجۇلار ئستىلاسىدىن كېيىنكى) دەۋرلەرگە توختىلىپ قىسقچە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق يەنە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇپ قالىدۇكى مانجۇ خانلىقى شىنجاڭنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلماي، غەرپكە قاراپ كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. چۈنكى شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ئىچكى –تاشقى ۋەزىيىتى بۇنىڭغا زادىلا يار بەرمەيتتى. توجتاۋسىز رەۋشتە، ئۇيەر-بۇيەرلەردە بولۇپ تۇرغان خەلق قوزغىلاڭلىرى مانجۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمىلى كۇچىنى خىلىلا خورىتىۋەتكەندى. مەسىلەن:1825-1827-يىللىرىدىكى جاھانگىر غوجا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر خەلىق قوزغىلڭى بۇننىڭغا دالىل.بۇنىڭغا چۇقان مۇنداق دەپ يازغان:«جاھانگىرغوجا قوزغىلىڭىدىن كىيىن شۇڭغىچە ئاسىيىا خەلقى ئالدىدا ‹يېڭىلمەس كۈچ›بۇلۇپ كەلگەن مانجۇلارنىڭ كارامىتى ئاشكارا بۇلۇپ قالدى،قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ،ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىنىڭ ئەركىنىلىكىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا يېڭىدىن-يېڭى ئىشەنچ پەيدا قىلدى.»جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭىدىن كىيىن قوقان خانلىقى بىلەن مانجۇلار ئوتتۇرسىدىكى شەرتنامە بۇزۇلۇپ،قوقانلىقلار شىنجاڭدىكى مەنپەئەتىدىن ئايرىلىپ قالدى.قەشقەر خەلقىنىڭ ئازاتلىق ھەركەتلىرىدىن پايدىلانغان قوقان خانى-مەدەلى خان(مۇھەممەت ئېلى خان)جاھانگىرغوجامنىڭ ئاكىسى مەديۈسۈپنى خان قىلىپ تىكلەش مەقسىتىدىن 1830-يىلى مانجۇلارغا قارشى«غازات»ئېلان قىلدى.بۇقېتىم قوزغىلاڭچىلار غالىپ كىلپ مانجۇلار ھالاكەتكە ئۇچىرىدى.لىكىن شۇچاغدىكى بۇخارا ۋەقوقان خانلىرى ئارىسىدىكى ئاداۋەت،زىممىسىدىن زۇلۇم ۋە ئېغىرچىلىق چۈشمىگەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قوقان ھاكىمىيىتىگە سەمىمىي ئىتائەت قىلماي قويغانلىقى سەۋەپلىك قوقان خانلىقى مانجۇلار بىلەن يەنە(قايتا)پۇتۈمگە كەلدى.
    1846-يىلى قوقاندا باشلانغان ئىچكى غەۋغا دىن پايدىلانغان غوجا ئەۋلاتلىرى 1847-يىلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلىدى.بۇماجرا شىنجاڭ تارىخىدا«يەتتە غوجا يېغىلىقى»دەپ ئاتالدى.لىكىن،غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكمىرانلىقى ئۇزاققا بارمىدى.سەۋەبى غوجا ئەۋلاتلىرى خەلققە زىمىن ئىگىلىرىگە يان بېسىش ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىگى بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ،خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ،ئىشەنچىدىن قالغانىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاقىۋەت ھالاكەتكە ئۇچىرىدى.
    چۇقان شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەر تارىخىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگەيەنە1857-يىلقى ۋەقەنىمۇ تۇلۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمى تارىخى ئەسەرلىرىدە شىنجاڭدىكى سىياسى،ئىجتىمائى ھەركەتلەرنىڭ دىنى ھەركەتلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ ئۆتكەن.لىكىن شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى،چۇقان شىنجاڭنىڭ شۇ زامانلاردىكى سىياسى تۇرمۇشىداغوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇتقان ئو رنىنى كۆرسەتكەندە،بۇمەسىلىنى قوزغىلاڭنىڭ ئاساسى كۈچى بولغان خەلقتىن ئايرىۋەتمەيدۇ،ئەكسىچە غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەش يولىدىكى ھەركەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبىدادىن قۇتۇلۇش يولىدا باشلىغان ھەركىتى بىلەن توغرا كىلىپ قالدى دەپ چۈشەندۇرىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرگە قىلغان ساياھىتىدىن كىيىن يازغان ماقالىلىرىدە ۋە رەسمىي ھۆججەتلىرىدە شىنجاڭدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ئەنە شۇنداق تەھلىل قىلىدۇ.چۇقان شىنجاڭ خەلقىنىڭ بۇ قوزغىلاڭلىرىنى قانداقتۇر«غەۋغا»ئەمەس،بەلكى ئېزىلگەن مىللەت ۋە ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئەزگۈچى ھاكىم مىللەتكە قارشى ھەقىقىي ئازاتلىق كۆرىشى دەپ قارايدۇ.
    چۇقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى ۋە ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىگە قېرىنداشلارچە سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇ:«قەشقەر خەلقىنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى- ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدە»دەپ يازىدۇ.
    چۇقان 1864-يىلى يازغان بىر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:«قانداقلا بولمىسۇن ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز يولىدا تەرەققىي ئېتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسە- ئۆزىنى ئۆزى ھىمايە قىلىش،ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ....»
    17-ئەسىرنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە مانجۇلار پۈتۈن جۇڭگودا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ غەربى دىيارغا كۆز تىكىدۇ.ئەنە شۇ سىياسەت تۇرتكىسىدە ئۇلار 1757-يىلى مۇڭغۇللارنىڭ كۆپچىلىكىنى قىرىپ تاشلاپ،جۇڭغارىيىنى بېسىۋالىدۇ ۋەشۇيىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلايدۇ،لىكىن ئۇيغۇر خەلقى مانجۇلارغا قارشى ئىككى يىلغىچە قاتتىق تىركىشىپ كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ،ئوتتۇرىدىكى ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زور بولغاچقا مانجۇلار 1759-يىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىنىمۇ ئاخىرى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ.
    مانجۇلارنىڭ جۇڭغارىيە بىلەن جەنۇبى شىنجاڭنى شۇنچە تېز ئىشغال قىلالىشىغا ئۇلارنىڭ قانداقتۇر «كۈچلۈك»بولغانلىقىدىن ئەمەس،بەلكى شۇ چاغدا شىنجاڭدا مەركەزلەشكەن قۇدرەتلىك ھاكىمىيەتنىڭ بولمىغانلىقى،ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ بىر نەچچە چوڭ كىچىك ۋىلايەتلەرگە بۆلۈنۈپ پارچە-پارچە ئۇششاق يەرلىك بەگلىك ھالىتىدە تۇرغانلىقى سەۋەپ بولغانىدى.بۇ بەگلىكلەر ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىق،مەسلەكسز،ئايىغى چىقماس جەڭگى-جېدەللەر بۇلۇپ تۇراتتى.جۇڭغارىيە ياكى جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىدا مەركەزلەشكەن خەلق ھاكىمىيىتى ياكى خەلق ئۆملىكى يوق ئىدى.
    مانجۇ خانلىقى ئىدارىسىدىكى جۇڭگو خەلقى ئوتتۇرا ئەسىر فىئوداللىق مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا ياشاپ،ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خېلىلا ئارقىدا قالغانىدى.شۇڭا بۇ ئەلدە ئەكسىل ھەركەتلىك،خۇراپاتلىق،نادانلىق ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتچىلىك چوڭ ئورۇن ئېلىپ كەلدى.مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئۆزلىرىنى قانداقتۇر«غوجا»ۋە «ئالى دەرىجىلىك»مىللەت دەپ،شىنجاڭدىكى كەڭ ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز، خۇيزۇقاتارلىق مىللەتلەرنى «قۇل» ھېساپلاپ كەلدى.مانجۇ ھۆكمىرانلىرىنىڭ ئېزىش شەكىللىرى تۈرلۈك-تۈمەن يوللار بىلەن ماڭدى.پەقەت سودا-سېتىق ئىشلىرىنىلا ئېلىپ ئېيتساق،مانجۇ خانلىقى مانجۇ سودىگەرلىرىگە كەڭ ھوقۇقلارنى بېرىپ،ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەرگە ئەركىنلىك بىلەن سودا-سېتىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى.... مانجۇ مەنساپدارلىرىنىڭ چوڭدىن كىچىكىگىچە ھەممىسى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇششاق ۋە ئوتتۇرھال سودىگەرلىرىنى بۇلاپ-تالاپ،يالماپ يۇتۇپ كەلدى.ھەربىر مانجۇ ئەمەلدارلىرى ھەرقانداق يەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن مال ئالسا ھەقسىز تارتىۋېلىشقا ياكى ئاشخانىلىرىدىن تاماق يېسە ھەقسىز يېيىشكە ئۆزلىرىنى تولۇق ھوقۇقلۇق دەپ ھېسابلايتتى. بۇھەقتە مەشھۇر سەيياھ ۋە ئالىم چۇقان ۋەلىخانوپ مۇنداق يازىدۇ: «مانجۇ مەمۇرلىرى خەلقنى تالايدۇ، ماللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە ھاقارەت قىلىدۇ... دۇكانلاردىن ماللارنى ھەق تۆلىمەي ئالىدۇ ۋە ئاشپۇزۇللاردا ھەق تۆلىمەي تاماق يەيدۇ...». شۇنىڭ بىلەن بىللە مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئەشەددى پارىخورلار بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق ئىشنى پارىسىز قىلمايدۇ. بۇ پارىخورچىلىقتىن ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى تولىمۇ خورلۇق كۆرەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پارە بېرىشكە چېغى يەتمەيتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقلىق سۆزىنى ھېچيەردە ئۆتكۈزەلمەيتتى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «بېگىڭگە يەتكىچە بېلىڭ ئۇشتۇلار» دېگەن ماقالى ئەنە شۇنداق ئېغىر تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدۇ. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي مانجۇ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار ھەربىر مەنسەپ ئورنىنى پارىسىز بەرمەيتتى. كىمنىڭ پۇلى كۆپ بولسا مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولسۇن مەنسەپنى شۇنىڭغا سېتىپ بېرەتتى. بۇھەقتە موللا موسا سايرامى مۇنداق دەپ يازىدۇ:«قەيەردە بى نام، بى نىشان ئوغرى قىمارۋاز ۋە سەرگەردانلار بولسىلەرمۇ پۇل بەرسىلا مەنسەپ بەردىلەر... خوتەنلىك رۇستەم بەگدىن ئىككى مىڭ يامبۇ ئالىپ يار كەنتىگە ھاكىم قىلدى، سايىت بەگ بىرمىڭ بەشيۈز يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى...»
    («تارىخىي ئەمىنىيە» 42-43-بەتلەر)
    ئۇيغۇر خۇيزۇ ۋە باشقا ئېزىلگەن خەلقلەر مانجۇ مەمۇرلىرى تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك خورلۇقلارنى كۆرەتتى. بىرەر مانجۇ ھاكىمدارى كېلىۋاتقان بولسا،ئولتۇرغان بولساڭ ئورنىڭدىن تۇرۇپ،ئاتلىق بولساڭ ئاتتىن چۈ شۈ پ تازىم قىلىپ تۇرۇشىڭ كېرەك ئىدى. ئەگەر بىرەر سەۋەپ بىلەن ئۇنداق قىلالمىساڭ مانجۇ سېنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا ھاقارەت قىلىپ قامچا ئاستىغا ئالاتتى. «ئەگەر ئاتلىق كېتىپ بارغان ئۇيغۇر مانجۇنى كۆرگەندە ئاتتىن چۈشمىسە مانجۇ ئۇنى ئۇرۇشقا ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قارايدۇ»(ۋەلخانوپ ئەسەرلىرى.353-بەت) بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر خورلاش شۇ بولدىكى، ئەگەر مانجۇغا ئۇيغۇت ياكى خۇيزۇنىڭ قىزى ۋە خوتۇنى يېقىپ قالسا، ئۇ مانجۇ شۇ زامات زورلۇق بىلەن تارتىۋالاتتى.بۇنداق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ مىسالى ئاز بولمىدى.بۇنىڭدىن تاشقىرى مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر قەدەملىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە دىنى ئېتىقادىنى بۇزۇپ ئاياق ئاستى قىلىپ كەلدى. بۇ مىللىي ئېزىشلەرنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك شەكلى ئىدى. بۇتوغۇرىلىق ۋەلخانوپ مۇنداق يازىدۇ:«مانجۇلار...شەھەرلەرنى تالايدۇ،ئاتلىرى بىلەن ئاشلىقلارنى چەيلەيدۇ، مەسچىت ۋە مازارلارنى بۇزىدۇ. خوتۇن قىزلارغا زورلۇق قىلىدۇ.»(ۋەلخانوپ ئەسەرلىرى.44-بەت) .
    مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭمۇ مىللىي تەرتىپلىرىنى بۇزۇپ، خورلاپ كەلدى. خۇيزۇلارنى ئۇزۇن چاچ قويۇشقا قىزلىرىنى مانجۇلارغا ئەرگە بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇمۇمەن مانجۇلار شىنجاڭنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھىچقانداق ئىش قىلمىدى. شۇنداق قىلىشىنى ھىچقاچان ئويلاپمۇ باقمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان مەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى«مەڭگۈ» ساقلاپ قېلىش مەقسىدى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېزىلگۈچى خەلقلەرنى نادانلىقتا، قاراڭغۇلۇقتا تۇتۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مەكتەپلىرى، مەتبۇئاتى ۋە سەنئىتى بولمىدى. ئۇيغۇرلارنى مانجۇ تىلىدا سۆزلەشكە، بالىلرىنى مانجۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى. مانجۇ خانلىقىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ئاستىدا شىنجاڭدا ھەرتۈرلۈ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى ھېساپسىز ئۆلۈم يىتملارغا دۇچار بولدى. خۇسۇسەن ياش ئۆسمۈ ر بالىلارنىڭ ئۆلۈم يىتىملىرى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە كۆپ بولدى. خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان دوختۇرخانىلار(شىپاخانىلار)، كېسەلخانىغا ئوخشاش مۇئەسسەسىلەر تەسىس قىلىنمىدى. دىمەك، ئۇمۇمەن شىنجاڭ خەلقى ئەڭ ۋەھشىيانە ۋە ئەشەددى مىللىي ئېزىلىشلەر ئاستىدا يەنجىلىپ ياشاپ كەلدى. مانا بۇ ئېزىلىشلەرگە ھەمىشە قەھرىمانلارچە مىللىي ئازاتلىق ھەركىتى بىلەن جاۋاب بېرىپ كەلدى. لىكىن كۆپىنچە مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. بۇنىڭغا ئىچكى-تاشقى ئامىللار سەۋەپ بولدى. ئىچكى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرىچىدىن بەزىبىر چوڭ ئۇيغۇر ھاكىملىرى مانجۇ خانلىقى تەرىپىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئازاتلىق ھەركەتلىرىگە قارشى كۆرەش ئېلىپ باردى. مانجۇ ھۆكۈمەتلىرى مانا شۇ سېتىلغان يەرلىك بەگ-ھاكىملارغا تايىنىپ، ئازاتلىق ھەركەتلىرىنى باستۇردى.بۇھەقتە ۋەلخانوپ مۇنداق دەيدۇ:«مانجۇلار پەقەت خەلقتىن يىراق بولغان ۋە ئۇنى سىقىپ كەلگەن يەرلىك بەگلەرگىلا ئىشىنىدۇ.مانجۇلار مانا شۇ يەرلىك بەگلەرنىڭ مەنپەتى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەتىنىڭ قوشۇلۇپ كىتىشىدىن قورقىدۇ،چۈكى بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قورقۇنچ تۇغۇلغان بولار ئىدى.» ئىككىنچىدىن، ئازاتلىق ھەركەتلىرى كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق»دىگەن ئىككى سىياسىي، دىنى گورۇھقا بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا جەڭگى –جېدەل قىلىپ كەلدى.مانجۇ مۇستەبىتلىرى بىرلىك بولمىغانلىقىدىن ئوبدان پايدىلاندى.ئۈچىنچىدىن، مانجۇ خانلىقى ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن خەلقلەر ئوتتۇرسىدا مىللىي ۋە مەھەللىۋى زىتلىق سىياسىتى يۈرەۈزۈپ كەلدى.ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا سۈنئىي رەۋىشتە مىللىي زىتلىق تۇغدۇرۇپ ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى قىلىپ قويدى. شۇ سەۋەپتىن قوزغىلاڭ پەيتىدە ئېزىلگەن خەلقلەر ئوتتۇرسىدا بىلىك بولمىدى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر