كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-30

    چۇقان ۋەلىخانوپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە - [ئۇيغۇر تارىخى]

    (ھەبىبۇللا ئېلى)


    بوستان ژورنىلى 1995-يىللىق 1-2-سان



    15-16-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەۋلىيائى-ئەززەم، مازايى ماشايىقلارغا بولغان ئېتىقاد ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتى، ھەتتا ئايرىم شەخسلەرگە، ئۇلارنىڭ قەبرە-مەقبەلىرىگە چوقۇنۇپ سەجدە قىلىش، ئۇلار يولىدا قۇربان بولۇشنى قانداقتۇر «شەرەپ» بىلىشتەك ھەرىكەت ۋە ھادىسىلەر يېڭى-يېڭى شەكىللەردە مەيدانغا چىقتى، بەلكى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدى. بۇھال تەبىئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغىمۇ قىسىلىپ سىڭىپ كىرىپ يېيىلىشقا باشلىدى.
    ئىمام رىزا (ئەرەپ) نەسلىدىن دەپ ئاتالغان غوجا مەخدۇم (مەخدۇم ئەززەم) ئۆزىنىڭ ئەۋلىيا ۋە ئۆلىمالىق شۆھرىتىنى بۇخارادا قازانغان ئىدى. ئۇ 15-ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، خانلار ۋە خان جەمەتىنىڭ چەكسىز ئىززەت ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدى. خەلق ئۇنى ئەۋلىيا دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭغا ھەم ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئات، ئەھلى-ئەھيانلىرىغا نۇرغۇن-نۇرغۇن مال-مۈلۈك، يەرجاي، پۇل-پۈچەك سوۋغا قىلدى. بۇ ھاپىز دۇنيانىڭ كۈچىدە غوجا (غوجام)نىڭ ئىجدىمائىيەتتە تۇتقان ئورنى بىراقلا كۆتۈرلۈپ كەتتى. دىنىي، سىياسى، ئىقتىسادى تەسىرى قەۋەتلا مۇستەھكەملەندى... غوجا مەخدۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى- غوجائىمامى كالان بىلەن غوجا ئىسھاق ۋەلى ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە يۈز تاپتى. ئۇلار تەسەۋۋۇپ (سوپىزىم) تەلىماتى ۋە ئۆزلىرىنى ياقلايدىغان دىنى ئەقىدىلەرنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىش مەقسىتىدە ھەرقايسىسى ئۆز ئەتراپىغا مۇرت، دەرۋىش، مۇجتەھىد ۋە سوپىلارنى توپلىدى. كېيىنچە بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ داھىيسى بولۇپ قالدى. ئىمامى كالان بىلەن ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئۆز ئالدىغا توپلىغان تەرەپدارلىرى كۆپىيىپ، بارا-بارا بۇلار ئىككى سىياسى گورۇھ بولۇپ ئايرىلدى. ئىمامى كالان باش بولغان مەزھەپ «ئاق تاغلىقلار» (قەشقەردە)، ئىسھاق ۋەلى باش بولغان مەزھەپ «قارا تاغلىقلار» (يەكەندە) دەپ ئاتالدى. (بۇئىككى شەھەرنىڭ ھۆكۈمران دائىرلىرى ئالدى بىلەن باش بولۇپ قوشۇلۇپ، كۆپچىللىك، ئاۋام-خەلقنىڭ ئەنە ئاشۇ ئىككى غوجام ئەتراپىغا بۆلۈنۈپ گورۇھلىشىشىغا تۈرۈتكە بولدى) تەبىئىيكى غوجاملارنىڭ« ئۇلۇغۋار» ناملىرى جەمئىيەت، ئىدارە، مەمۇرى ۋە سىياسى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ چېتىلدى.چۈنكى جامائەت ئىشلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك شەرىئەت ئاساسىدا ماڭغاچقا، ھەرقانداق بىر مەسىلىنى غوجاملارنىڭ ھۆكۈمى ۋە ئەمرى بىلەن بىرياقلىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ غوجا ئەۋلاتلىرى ھەم دىنىي ھەم مۈلكى ئىدارىلەر (ئورگانلار)نىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلىرى بولۇشقا تايىن تاپتى.
    كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئۆزئارا جەڭگى جېدەل، پىتنە ئېغۋا، دىنىي تەسىردائىرەتالىشىش نەتىجىسىدە پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭ سۈنئىي رەۋىشتە ئەنە شۇنداق ئىككى سىياسى گورۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى، نادان خەلق كىم بەختلىك ھايات ۋە سائادەتلىك ئاخىرەتنى ۋەدە قىلسا شۇنىڭ كەيىگە خۇددى بىر قوتان قوي پادىسىدەك ئەگىشىپ كىرىپ كېتىۋېرەتتى، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار ئىدى. لېكىن ھاكىمدارلار، مۇستەبىت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى خلقنىڭ ئازادلىق، بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن ناھايىتى ئەپلىك چارىلەر بىلەن ئۆزمەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىناتتى. شۇڭا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان پاراكەندىچىلىك ھېچبىر مەسلەكسىز ۋە ئايىغى ئۈزۈلمەس تالاش-تارتىش، جاڭجاللار ئاقىۋەت چوڭ سىياسى غەۋغاغا ئايلىنىپ، ئالتە شەھەر دائىرسىدە زور قان تۆكۈلۈش باشلىنىپ كەتتى. بۇ توختاۋسىز ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە خەلقنىڭ ئىقتىسادى تۇرمىشى زەئىپلىەشتى، تۈرلۈك-تۈمەن جاھالەتلىك ئۆرۈپ ئادەتلەر ۋە مۇستەبىت ئىدارە تەرتىۋىدە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى زەئىپلىككە ئۇچرىدى. ئىچكى تاشقى ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى، ئەمەلىي كۈچ خورىدى. بارا-بارا ئەھۋال شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، بۇئىككى دىنىي ۋە سىياسى گوروھ ئىدارىسىدىكى خەلقلەر بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمىسۇن ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپ كىشىلىرى ئالاھىدە رەڭلىك ۋە شەكىللىك كىيىم كىيىدىغان بولدى. (مەسلەن: قەشقەردىكى ئىمامى كالان ئاھالىسى ئاق قالپاق كىيسە، يەكەندىكى ئىسھاق ۋەلى ئاھالىسى قارا قالپاق كىيىدى.) مانا شۇ سەۋەپتىن قەشقەرۋە يەكەن ئەتراپىدىكى تاغلارياكى يەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاراپ، بۇئىككى تەرەپ كىشىلىرى «ئاق تاغلىق»(ئىشقىيەچىلەر)، «قارا تاغلىق» (ئىسھاقىيەچىلەر) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. ئەنە شۇ «ئاق تاغلىق» «قارا تاغلىق» گوروھلىرى ئوتتۇرسىدىكى قانلىق پاجىئەلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقەددەس تارىخىغا چۈشكەن ئەڭ ھاقارەتلىك قارا داغلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    بۇ ئىچكى غەۋغالاردىن پايدىلانغان جۇڭغارلار[ئۇيرات مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى، 17-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيراتلار يەنە ھەركەتلەندى. گەنسۇ ئەتراپلىرىدا، قارا ئېرتىشتا، شەمەي ئەتراپىدا چېچىلىپ، كۆچۈپ يۈرگەن ئۇيراتلارنىڭ چورۇس، تورغائۇت (تۇرغۇت)، غوشۇت قەبىلىلىرى قۇنتەيجى (كۈنتەيجى، قونتاجى) باشچىلىقىدا تىبەتكە توپلاندى. شىمالىي ياقتا قالغان مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى باتۇرخارتەيجى بىرلەشتۈردى. 1659-يىلى بۇقەبىلىلەر دىنى باتۇر سەنگە سۆيكەر دېگەن كىشىلەر باشچىلىقىدا جۇڭغارىيەنى- شىمالىي شىنجاڭنى ئىشخال قىلدى. بۇقۇردا كۆرسىتىلگەن تۆت قەبىلىنىڭ ئومۇمىي نامى «ئۇيراتلار»؛ ئېلى (ئالمالىخ)، ئۈرۈمچى، بارىكۆل، ئىمىل(تارباغىتاي) ۋە قورقارا ئوس قاتارلىق جايلار «جۇڭغارىيە» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.] شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىنى نىسبەتەن ئوڭاي ئىشخال قىلدى. دەرۋەقە جەنۇبى شىنجاڭنى غوجاملارنىڭ بىر گورۇھ ھۆكۈمرانلىرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇردى. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەنمۇ خەلقنىڭ غوجاملارغا بولغان ئىشتىياقى ئۆچمىدى. چۈنكى نادان ئاۋام- خەلق يۇقىرى ھۆكۈمران قاتلاملارنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن پەقەت غوجاملارلا ھەقىقى بەخت ئېلىپ كەلگۈچى نىجادلىق كۈچ دەپ قارايتتى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • رەھمەت سىزگە،سىلەرگە نادىر تېمىلارنى يوللاش مىنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم.سىزگىمۇ ھەم زور ئۇتۇق تىلەيمەن.
  • تارىخ تېمىسىدىكى نادىر تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر