كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-29

    تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەتلىرىنىڭ پاكىستان مەدىنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    باغۋەنچىلىك


        باغۋەنچىلىك سەنئىتىمۇ بۇ رايۇنلارغا موغۇللار ئېلىپ كىرگەن. موغۇللارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرىنچى ھايات شەرتى باغۋەنچىلىك ئىدى. تولا چاغلاردا باغچىلىرى چىمەننىڭ، گۈل-چېچەكلەرنىڭ ۋە دەرەخلەرنىڭ يوغىنىشىنى ساقلايدىغان بىر ئېقىن سۇنىڭ ئەتراپىغا ئەھيا قىلىناتتى. موغۇللار بۈيۈك بىر ئىلمىي ئۇسۇل ۋە تېخنىكا بىلەن باغۋەنچىلىك سەنئىتىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ئىدى. باغچە ئۆيگە، سارايغا ياكى مازارغا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە قورشىلاتتى. لاھور ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى باغچىلار بىر-بىرىگە گىرەلەشمە ھالەتتە قورشىلاتتى. لاھور ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھازىرمۇ كۆرۈشكە بولىدىغان بەك كۆپ باغچە ئەھيا قىلىنغاندۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى كۆچۈرمەكچى بولغان شاھلىمار باغچىسىدۇر. بۇ باغچىدا يەر ئالغان ۋە ئەنئەنىۋى تۈرك ھامماملىرىنى ئەسكە سالىدىغان ئېسىلزادىلەر ھاممامىدا شۇ دەۋردىلا ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇنىڭ ئېقىشىنى ساقلايدىغان ئۈسكۈنىلەر نىڭ ئىشلىتىلگەلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    كىيىم


        كىيىم خەلقارانىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بىر پارچىسىدۇر. پاكىستاندىكى ئاياللارنىڭ قىياپەتلىرى ئومۇمەن قامەز(كۆڭلەك)، شالۋار(شىم،شالۋۇر) ۋە دۇپاتتا(شارپا) دىن تەركىپ تاپقان. ئەمىلىيەتتە ، پاكىستانلىق ئاياللارغا خاس ھالدا قوللىنىلىۋاتقان بەك كۆپ پەرقلىق ئەنئەنىۋى قىياپەتلەرمۇ يەنە باردۇر. مىسالغا ئالساق، كېلىنلەر توي قىلغاندىن كېيىن «گارارا» كىيىدۇكى، بۇمۇ موغۇل خانىشلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاياللىرىغا خاس كىيىمدۇر. يەنە بەزى ئوخشىمىغان رايۇنلاردىمۇ ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان بىرەر شالۋار(شىم)كىيىدۇ. شالۋار-قەمەز ئەينى زاماندا پاكىستاندىكى ئەرلەرنىڭمۇ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ئىدى.غەرپلىشىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەۋەسلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى ھالدا ،ئۆز ئەۋزەللىكى بىلەن چىپپىدە كېلىدىغان كىيىملەرنىڭ، ئوچۇق قىياپەتلەرنىڭ ئورنىغا شىم، كۆڭلەكلەرنىڭ يەنىلا كەڭ كۆلەمدە كىيىلىشى بىلەن شەھەرلەردىمۇ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى قوغدىماقتا.توپكاپى سارىيى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان كىيىم قىياپەتلەرنىڭ بەك كۆپىنىڭ پاكىستاندا بۈگۈنگە قەدەر كىيىلىۋاتقىنى بۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ئوخشاشلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەينى زامانلاردا تۈرك يېزىلىرىدا ۋە كىچىك شەھەرلەردە ئاياللار ۋە ئەرلەر پاكىستاندىكىلەرنىڭكىگە بەك ئوخشايدىغان ئەنئەنىۋى تۈرك كىيىملىرىنى كىيگەنىدى.تۈركلەرچە كىيىلگەن شىم (شالۋۇر)نىڭ نامى ھازىر پاكىستاندا «شالۋار» دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئاپتور:پاكىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى.
    (تۈركچە «ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى»ژورنىلىنىڭ
    1995-يىللىق 3-سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :ئابدۇۋەلى كۆكئالپ.مىراس ژورنىلى 2004-يىللىق5-ساندىن ئېلىندى)


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر