ئويۇنلار
ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە ھەدىيە قىلىنغان مەدىنىيەت ئەۋزەللىكلىرىنىڭ ئىچىدە ئويۇنلارمۇ باردۇر، مىسالغا ئالساق، چەۋگەن، ئاتقا مىنىش مۇسابىقىسى،ئوۋچىلىق، ئوقيا ئېتىش ۋە باشقىلار. بۇ ئويۇنلار ھازىر پاكىستاندا ناھايىتى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.
ئەدىبىيات
ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىدىكى مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار پاكىستانغا بۈيۈك بىر ئەدىبى ئويغىنىش دەۋرى باشلاپ بەرگەندۇر. بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ داڭلىقى ۋە «ئوردۇ» تىلىنى قوللانغان تۇنجى يازغۇچى ئەمىر خۇسرەۋ ئىدى(1325-1253). ئەمىر خۇسرەۋ پەقەت شائىر بولۇپلا قالماي ، ئۆز زامانىدىكى داڭلىق بىر ئىنىسكىلوپېدىك ئالىم،ئاكادېمىك،تارىخچى ۋە مۇتەسسەۋۋۇف ئىدى. ئۇنىڭ ئۇردۇچە شېئىرلىرى پاكىستاندا ناھايىتى ئومۇمىلاشقان بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ ناخشىچى تەرىپىدىن ئېيتىلغاندۇر. خۇسرەۋ يەنە ئۆز زامانىسىدا بەزى يېڭىچە ئۇسلۇپلارنىڭ ۋە يېزىقچىلىق ئىستىللىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىدى.
ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىقىغا تارىخ يېزىش سەنئىتىمۇ تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان-تۈرك يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىندى. مۇسۇلمانلارنىڭ كېلىشى بىلەن خەلقنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، سىياسى ۋە ئىژتىمائى قۇرۇلمىلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ تارىخ-تەزكىرە ئەسەرلىرىنى يېزىشتى، بىز پاكىستان خەلقىنىڭ سىياسى ۋە ھەربى تارىخىدىن ، يەنى ئىقتىسادى ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدىغان مول مىقتاردا تارىخى ماتىرىياللارغا ئېرىشتۇق.تارىخچىلارنىڭ بەك كۆپى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بولمىغانلىقى ياكى بەزى چاغلاردا ئانچە-مۇنچە ئەمەل تۇتۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن شەخسى ھىسسىيات نۇقتىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا يېزىلغاندۇر.
مۇزىكا
مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ موغۇللار (تۈرك-ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرى) ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ناھايىتى كۆپ مىقداردا مۇزىكا ئەسەرلىرى، چالغۇ ئەسۋاپلار ۋە مۇزىكانتلارنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەرەپ،ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇزىكا جەۋھەرلىرى ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىنىڭ مۇزىكىسىنى بېيىتقان. راۋاب، غىجەك، چاڭ، تەمبۇر، شاھرود ياكى سارود، قالۇن، نەي ۋە ناغرا يېڭى بىر گۇرۇپپا مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلىرى قوشۇلغان. بۇ يېڭى سازلار مۇسۇلمانلارچە ئاممىۋى تۈس ئالغان ھالدا ئېلىپ كېلىنگەن، ئەينى زاماندا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بار بولغان تارىلىق، يەللىك ۋە ئۇرۇلىدىغان سازلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇسلۇبى بىلەن ئۆزگەرتىلگەن. يېڭى مۇزىكا ئىسىملىرى بارلىققا كەلگەن ياكى «راگالار»بويىچە ئاتالغان. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىجادچىسىمۇ ئەمىر خۇسرەۋ ئىدى. خۇسرەۋ پاكىستان مۇزىكىشىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە بەك ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. «ساتار» دەپ نام بېرىلگەن ئاممىۋى چالغۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مىستېك تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن «قاۋۋەلى»ئۇسلۇبىدائاھاڭ ئىشلىگەن.
رەسىم
موغۇللار(تۈرك-ئۇيغۇرلىشىپ بولغان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى) ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆزلىرىنىڭ رەسىم ئۇسلۇپلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇ ئۇسلۇب يەرلىك ئۇسلۇبلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، «موغۇل رەسىم ئۇسلۇبى»دىگەن ئۇسلۇب مەيدانغا چىققان. پاكىستاندىكى رەسىم ئۇسلۇبى موغۇل رەسىم ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەندۇر. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىلى ئابدۇررەھمان چۇغتايدۇر (1897-1975). چۇغتاينىڭ رەسىملىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ھاياتنىڭ مۇرەككەپلىگىنى ئىپادە قىلىشتا سىمۋولىزىم ئۇسۇلىنى قوللىنىشتۇر. مىسالغا ئالساق، رەسىملەردىن بىرىدە يىرتىق كىيىمنىڭ ئىچىدە زەئىپ بىر تىلەمچى بىلەن چېچەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بىر دەرەخ بىر-بىرىگە يانمۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەنە باشقا بىرىدە ئازاپ چەككەن بىر ئايالنىڭ يېنىدا بەخت تۇيغۇسى بىلەن سايراۋاتقان بىر قۇش باردۇر. بۇ ئۇسلۇب بىر تەرەپتىن، شەرقنىڭ «قوبۇل قىلىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرمەسلىك»ئادىتىنى سىمۋوللاشتۇرغان.
مىمارچىلىق
ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرى قولغا كىرگۈزگەن بۇ قىتئە پارچىسىنى مىمارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زىننەتلىگەن. مىمارى ئۇسلۇبلارغا ئەگىمەش، كامان شەكىللىك، ئىنسانغا راھەت بېغىشلايدىغان ۋە ئوچۇقلۇق ھىسسى بېرىدىغان قۇببە ۋە گۈمبەز شەكىللىك قۇرۇلۇشلار ھاكىم ئىدى. دېكوراتسىيە مۇتىفلىرىدا بولسا كېسىشكەن گېئومېتىرىيەلىك سەكىللەر، چېچەك موتېفلىرى، قۇرئاندىن ئېلىنغان ئايەتلەر بولغان ھۆسنىخەت سەنئىتى بىلەن يزىلغان يازمىلار بىلەن تولغان.مۇسۇلمانلار بىنالارنى گۈزەللەشۈرمەك ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك تاشلار، رەسىملەر ۋە ۋە ئالتۇن قاپلىمىلار ئىشلەتكەن. ئايرىم ئەھۋاللاردا سارايلارنىڭ ۋە بىر قىسىم بىنالارنىڭ تاملىرىغا تام رەسىملىرىنىڭ سىزىلغانلىقىغا دائىر دەلىللەرمۇ بار. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسلۇپنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە تۈركىيەدە ھازىرمۇ كۆرەلەيمىز.
16 -18 ئەسىرلەر ئارىسىدىكى موغۇل ھۆكۈمرانلىقى پاكىستاندا ئەڭ بۈيۈك ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلگەن دەۋر ئىدى. بۈگۈن بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرىنەرلىك ئۆرنەكلىرىنى لاھوردا ، كونا ئولتۇراق رايونلاردا تاپقىلى بولىدۇ. بۇ رايۇن ئۆزى بېشىدىن كەچۈرگەن دەۋرلەرنى موغۇل مىمارچىلىقىنىڭ كېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن پەرقلىق سەھىپىلەر ئارقىلىق سىمۋوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە موغۇل دەۋرىنىڭ قالدۇرغان بىر قاتار مىمارلىق ئىزلىرى ھازىرمۇ باردۇر، بۇلاردىن ئەڭ مەشھۇرى لاھور ئەتراپىغا جايلاشقان شەھدارادا ئىمپىراتور جاھانگىرنىڭ مازىرى، ۋەزىر، خان جەمەتى مازىرى ۋە لاھوردىكى مەشھۇر شالىمار باغچىلىرىدۇر. ساتتادىكى جامائە جامەسىمۇ پاكىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇسلۇپنىڭ ئوخشىغۇچىسىز ئۆرنەكلىرىدىن بىرىدۇر. مىلادىيە1674-يىلىدا ئەۋرەڭزىپ زامانىسىدا قۇرۇلغان بۈيۈك پادىشاى جامەسىمۇ موغۇل دەۋرىنىڭ دىققەتنى چېكىدىغان شاھ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ مىراسلار ئىمپىراتور جاھانگىرنىڭ ساركوپاگوسقا ئوخشاش يەرلەردە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئىسلام مىمارچىلىقىدا بەلگىلىك كۈچ ۋە مۇستەھكەملىك جەھەتتە ئەكس ئېتىشىدۇر.