كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-29

    تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەتلىرىنىڭ پاكىستان مەدىنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

     ئىلتۇتمىشنىڭ ئۆلۈمى بىر مەزگىللىك داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىلتۇتمىشنىڭ لەشكەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىدارىسىدە بولغان تۈركلەر ئەڭ ئاخىرى ئىلتۇتمىشنىڭ ۋارىسى ۋە ئۆزىدىن كېيىن تەختكە ئولتۇرغان قىزى رازىيە سۇلتاننىڭ ئەتراپىغا توپلانغان. شۇنداق قىلىپ مىلادىيە1236-يىلى رازىيە سۇلتان ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىدىكى تۇنجى مۇسۇلمان سۇلتان ئايال بولۇپ قالغان. رازىيە سۇلتان ئىمپىراتورلىقىدا قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلغان ۋە ئەركان دۆلەت ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلغان.كىيىم كىيىش جەھەتتە ئاياللارغا خاس كىيىم كىيىشنى تاشلاپ ئەركەكلەردەك كىيىنىشكە باشلىغان، ھەم ساراي ئىچىدە ۋە ئۇرۇشتا ئۆزىنى كۆرسەتكەن. نىمە سەۋەبتىنكىن،1240 -يىلى ئەركان دۆلەت رازىيە سۇلتاننىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.
        مىلادىيە
    1266-يىلى بىر تۈرك ئېسىلزادىسىنىڭ ئوغلى بولغان غىياسىددىن بالبان سۇلتان تەختكە چىقتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازانغۇچى بىر ھۆكۈمدار ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. ھالبۇكى، ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ خانىدانلىقى ھالاك بولدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا جالالىددىن فەرۇزە شاھ تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىلجى خانىدانلىغى چىقتى. بۇ خانىدانلىقنىڭ ئورنىنى1320-يىل6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەسلى ئىسمى غىياسىددىن تۇغلاق شاھ بولغان غازى مالىكنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن تۇغلاق خاندانلىغى ئالدى. تۇغلاق ئائىلىسىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى مىلادىيە1412-يىلى ئۆلدى.ئۇلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سەييىد خانىدانلىقى ۋە لودى خانىدانلىقىنىڭ ئافغان ھۆكۈمرانلىرى تەقىپ قىلدى.
        مىلادىيە
    1524-يىلى چاغاتاي تۈركلىرىدىن بىرى بولغان بابۇر ئىبراھىم لودىنىڭ لەشكەرلىرىنى يېڭىپ لاھورنى ئىشغال قىلدى. 1526-يىلى بولسا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەشھۇر پەنەپەت ئۇرۇشىدا ئىبراھىم لودىنىڭ سان جەھەتتىن ئۈستۈن بولغان لەشكەرلىرى ئۈستىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە زەپەر قازىنىپ ، ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىدا موغۇل خاندانلىغىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئىسپاتلاپ باردى. موغۇل خاندانلىقىنىڭ كۈچى ھەم ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان بىر مۇسۇلمان ھاكىمىيەتنىڭ ئىزلىرى ۋە مەدىنىيەت بايلىقى 16-ئەسىردىن18-ئەسىرگىچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر