كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-29

    تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەتلىرىنىڭ پاكىستان مەدىنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

      پاكىستان مەدىنىيىتى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەمدە مۇسۇلمان ئەجداتلىقتۇر ۋە بۇ سەۋەبتىن قويۇق ئىسلام مەدىنىيىتى خاراكتىرىگە ئىگىدۇر. ئىسلامىيەت پاكىستاننىڭ بىر بۆلىكى بولغان سىندقا ئەرەپلەر تەرىپىدىن 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە يوقالماي داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. تەخمىنەن ئۈچ ئەسىر كېيىن ئافغانلار ۋە تۈركلەر پاكىستاننىڭ شىمالى ۋە غەربى-شىمالى تەرەپلەرگە ئىسلامىيەتنى ئېلىپ كەلگەن. ئىسلام كۈچى ۋە مەدىنىيىتى ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىنىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلىپ كېتەلمىگەننىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ تەسىرى رايونلار ئارىسىدا پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئىسلامىيەت ئەڭ بالدۇر كىرگەن بۈگۈنكى پاكىستاننى تەشكىل قىلغان رايۇنلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك بىر تۇرغۇنلىقى بار ئىدى. بۇ رايۇنلاردا ئىسلامىيەت پەقەت بىر يېتەكچى دىن بولماي تۇرۇپمۇ قەيەردىلا بولمىسۇن پۈتۈن خەلق تەرىپىدىن قوبۇل كۆرۈلگەنىدى. مۇشۇنداق قىلىپ تارىخ بويىچە ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىنىڭ بىر بۆلىكى بولغان بۈگۈنكى پاكىستان بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ باشقا رايۇنلىرىدىن كەسكىن بىر مەدىنىيەت پەرقى سەۋەبى بىلەن ئايرىلغانىدى. بۇ ئايرىم رايۇننىڭ 8-ئەسىردە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە مەدىنىيەتنىڭ نىسبەتەن دىننى مەركەز قىلغان ھالدا تەرەققى قىلىشىدىن ئېتىبارەن مەدىنىيەت جەھەتتىكى پەرق تېخىمۇ ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. تۈركلەر ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ يېيىلىشى ئۈچۈن باشلامچىلىق رول ئويناشقا باشلىدى. غەزىنە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى گورلۇق تۈرك ھۆكۈمرانلار ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىغا كەلگەن تۇنجى مۇسۇلمان تۈركلەردىن ئىدى.
        غەزىنە سۇلتانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سوبۇق تېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ، بۇخارادا بۈيۈك بىر سىياسى ۋە مەدىنى ھاكىمىيەت قۇرغاندا پاكىستاننىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرى تۇنجى بولۇپ سۇلتان مەھمۇت غەزنىۋىنىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋە لاھور بۈيۈك بىر ئىسلام مەركىزى ھالىتىگە كەلگەن. بۈگۈنكى پاكىستاننى تەشكىل قىلغان رايۇنلاردا غەزىنە سۇلتانلىغىنىڭ ھاكىمىيىتى
    200يىلغا يېقىن داۋاملاشقان.12  -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەزىنە سۇلتانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان غەزىنە شەھرى ۋەيران قىلىنغان ۋە ناھايىتى كۆپ سەنئەتكار، شائىر، يازغۇچى ۋە پەيلاسوپلار بۇ شەھەرنى تەرك ئېتىپ لاھورغا كېلىپ يەرلەشكەن. ئۆزلىرى بىلەن بىللە ناھايىتى يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ۋە يۇغۇرۇلغان مەدىنىيەت مىراسلىرىنى ئېلىپ كەلگەن، بۇ كىشىلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ، ناھايىتى كۆپ تەرەپتىن ئەمىلىيەتتە لاھوردىمۇ بىر يېڭى غەزىنە دۇنياسى ياراتقان.
        غەزىنە سۇلتانلىغىدىن كېيىن ھاكىمىيەت گۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. گۇر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەڭ ئاۋال كەلگەنلىرىدىن بولغان مۇھەممەت گورى ئوغۇل ۋارىس قالدۇرالماي ئۆلۈپ كەتكەندە ، ئۇنىڭ ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىدا ئوڭ قولى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئەمىر لەشكىرى قۇتبىددىن ئايبەك مۇھەممەت گورىنىڭ تۈرك ئەمىرلىرى تەرىپىدىن سۇلتانلىق ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن. ئايبەك ئۆلۈش ئالدىدا ئۆز ئورنىنى ئەسلى تۈرك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىلتۇتمىش قا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.سۇلتان ئىلتۇتمىش ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىدىكى تۇنجى تۈرك سۇلتانلىغىنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىسىدۇر. سۇلتانلارغا خاس ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولغان ئىلتۇتمىش ھاكىمىيەت ھارۋىسىنى ناھايىتى ياخشى تەرەپكە بۇراپ ئېلىپ ماڭغان. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەڭ ياراملىق ۋەزىرى نىزامۇل مۈلك ياردەم قىلغانىدى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر