كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-29

    تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەتلىرىنىڭ پاكىستان مەدىنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەتلىرىنىڭ پاكىستان مەدىنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

     

    سېماناقۋى(پاكىستان)

     



       
    پاكىستان مەدىنىيىتى ناھايىتى كۆپ مەدىنىيەتلەرنىڭ_ئوتتۇرا ئاسىيا،تۈرك، ھىندى-ياۋروپا،ئىران،ئەرەپ،موغۇل ۋە باشقا خەلقارالىق مەدىنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ، ئارىلاشما تىپى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان مەدىنىيەتتۇر. مەن بۇ ماقالەمدە پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركلەر مەدىنىيىتىنىڭ پاكىستان مەدىنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ، ئارىلىقتىكى ئورتاق نۇقتىلار ۋە پاكىستان مەدىنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى شەكلىنى ئالغانغا قەدەر ئەسىرلەر بويى قانداق يۇغۇرۇلۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىگىنى يەكۈنلەپ چىقتىم. كۈنىمىزدىكى پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ۋە تۈرك ئەجداتلىرىدىن ئالغان مەدىنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە ئوچۇق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، ھازىرقى پاكىستان زېمىنىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىمۇ نۇقتىلىق توختىلىشقا تىرىشرىم.

    تارىخچە


        پاكىستان خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ تارىخى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ.بۈگۈن پاكىستان بولۇپ قۇرۇلۇپ دۇنياغا تونۇلىۋاتقان زېمىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىگىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىگى توغۇرسىدا كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن. بۇ رايوننىڭ دەسلەپكى ئارخىولوگىيەلىك نەتىجىلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1500-3000-يىللار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان پەرقلىق بىرقانچە مەدىنىيەت ئىزىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، بۇ يەردىكى ئىندوس ۋادىسىدا ناھايىتى پارلاق مەدىنىيەتنىڭ يارىتىلغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى قولغا چۈشۈردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 200-يىللار ئەتراپىدىكى كونا تارىخى دەۋردە بۈگۈنكى پاكىستان زىمىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ مەدىنىيەت جەھەتتىكى تەسىرلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر