كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-28

    شەرقى چاغاتاي خانلىرىنىڭ لۈكچۈندە ئۆتكەن ئەۋلادلىرى توغرىسىدا - [ئۇيغۇر تارىخى]


                                                      (ھېلىمنىياز قادىر)

    شەرقى چاغاتاي خانلىقى دېگىنىمىز ____ تۇغلۇق تۆمۈرخان ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان رايونلاردىن ئىبارەت.
    چاغاتاي چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭغا بۆلۈپ بېرىلگەن زىمىن چاغاتاي نامى بىلەن ئاتالغان. چاغاتاينىڭ كېيىنكى ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈپ ئۆتسەك ئارتۇقلۇق قىلماس دەيمەن:
    چاغاتاي___ ئوغلى مامۇكەي___ ئوغلى يەسۇ قاراخان___ ئوغلى بۇراقخان___ ئوغلى داۋاخان ___ ئوغلى ئېسەن بۇقاخان __ ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرخان( مۇشۇنىڭدىن باشلاپ مۇسۇلمان بولغان)___ ئوغلى خىزىر خوجاخان___ ئوغلى شىرئەلىخان___ ئوغلى ئوۋەيىسخان__ ئوغلىيۇنۇسخان___ ئوغلى ئەھمەدخان.
    يۇنۇسنىڭ چوڭ ئوغلى مەھمۇت چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربى قىسمىغا، كىچىك ئوغلى ئەھمەدخان مىلادى 1488-يىلى خانلىقنىڭ شەرقى قىسمىغا خان بولدى. ئەھمەدخان لۈكچۈننى پايتەخت قىلدى، بۇنىڭ سەۋەبى لۈكچۈننىڭ جۇغراپىيىلىك تەبىئى ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى.
    ئەھمەدخان خان بولغاندىن كېيىن ھەر قايسى جايلاردىكى بكلۈنمە، پارچە ھۆكۈمرانلىقنى يوقىتىپ ئاقسۇدىن شەرقتە جىيايۈگۇەنگىچە، شىمالدا ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى، جۇڭغار ۋادىسى دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، بىرلىككە كەلگەن خانلىقنى قۇردى.
    ئەھمەدخاننىڭ ئائىلىسى لۈكچۈندە بولۇپ، لۈكچۈندە تۇغۇلغان ئوغۇللىرى(1) مەنسۇرخان (2)ئىسكەندەر سۇلتان (3)سەئىدخان (4)باباچاق سۇلتان (5) خېلىل سۇلتان (6) ئىمىن خوجا (7)چىن تۆمۈر (8)يوسون تۆمۈر (9)تەختى بۇغا سۇلتان.
    ئەھمەدخاننىڭ ئويىچە خانلىققا لايىق ئوردا بولۇشى كېرەك ئىدى. لۈكچۈننىڭ غەربى تەرىپىدە ھونلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە سېغىز توپا بىلەن چىڭداپ سوقۇلغان، كەڭلىكى 40 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 55 مېتىر، يەردىن ئىگىزلىكى 14 مېتىر بولغان قاراۋۇلخانىنىڭ ئورنىغا ئوردا قۇردى. ئوردا 1494-1495-يىللىرى پۈتۈپ خان جەمەتى كۆچۈپ كىردى، ئەھمەدخان نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ 1504-يىلى ئاقسۇدا ئۆلدى.
    قارانچۇق خان بولۇۋاتقان چوڭ ئوغۇل مەنسۇرخان ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلدى. يەتتىسۇ رايونىدا ۋالىي بولۇۋاتقان 11 ياشلىق خېلىل سۇلتان 3-ئاكىسى سەئىدخان بىلەن بىرلىشىپ ئۆزلىرىنى خان دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەنسۇرخان قاتتىق غەزەپلىنىپ، لەشكەر توپلاپ ئىنىلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار بىلەن چارۇن-چىلەك( ھازىرقى قازاقىستاننىڭ چىلەك رايونى ئەتراپى) دېگەن جايدا ئۇچراشتى. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئۇرۇشتى، دەھشەتلىك جەڭدىن كېيىن مەنسۇرخان يېڭىپ ئىنىلىرى سەئىدخان ۋە خېلىل سۇلتانلار يېڭىلىپ قاچتى.
    مەنسۇرخان 1501-يىلى قارانچۇق خان، 1505-يىلى رەسمى خان بولۇپ تىكلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى جايلار بىر مەزگىل تىنچ بولدى. مەنسۇرخان لۈكچۈندىكى ئوردىسىدا خان بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى. ئەھمەدخان قۇرغان مەدرىسنىڭ پەشتاق ۋە مۇنارلىرىنى 1510-1515-يىللىرى ئارىلىقىدا ياسىتىپ پۈتكۈزدى. مەنسۇرخان 1501-يىلدىن 1544-يىلىغىچە خان بولۇپ ، ھايات ۋاقتىدا خالىقنى شاھخانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
    1513-يىلى سەئىدخان يەكەندە سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردى. سەئىدخان تىنچلىق، مۇقىملىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئاكىسى مەنسۇرخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ، كۇچار ئارىلىقىدىكى رابات دېگەن جايدا ئاكا-ئۇكا ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا سەئىدخان مەنسۇرخانغا:
    ___ سىز ئاتام ئورنىدا، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە قۇتبىنى سىزنىڭ نامىڭىزغا ئوقۇپ، سىزنىڭ نامىڭىزدا پۇل قۇيدۇرىمەن ،__ دەپ ياخشى مۇئامىلە قىلدى.
    مەنسۇرخانمۇ يۇمشاپ:
    ___ خان ئىنىم، سىز سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردىڭىز، مەن سىزنى ھۆرمەت قىلىمەن، بۇرۇنقى ئۆچ-ئاداۋەتلەرنى كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتەيلى، ___ دېدى. شۇنداق قىلىپ مۇنداق توختام تۈزۈلدى:
    1.ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى باشقۇرىۋاتقان جايلارغا ئۆزئارادەخلى–تەرۈز قىلىشمايدۇ. 2.ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا قوشۇن ساقلايدۇ. 3. ھەر ئىككى تەرەپ ئالغان باج-سېلىقنى ئۆزلىرى باشقۇرىدۇ. 4. ئەگەر چەتتىن يات ئەل تاجاۋۇز قىلسا ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ قارشى تۇرىدۇ ۋە باشقىلار.
    بۇ ئۇچرىشىش ھەر ئىككى تەرەپنى قانلىق جەڭلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. مەنسۇرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوغلى شاھخان ئاتىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىس بولۇپ، 1565-يىلىغىچە خان بولىدۇ.
    شاھخان ئۆلگەندىن كېيىن ئىسكەدەرنىڭ ئوغلى ، شاھخان بىلەن بىر نەۋرە مەسئۇت خانلىق تەختىگە چىقىدۇ. گەرچە ئۇ شەرقى چاغاتاي خانى دېيىلسىمۇ ئەمىلىيەتتە شەرقى قىسىمغىلا ھۆكۈمران بولىدۇ. مەسئۇت 5 يىل تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن مەنسۇرخاننىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇت خانلىقنى تارتىۋالىدۇ. مەھمۇت 1570-يىلى ھوقۇق تارتىۋېلىپ 1578-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇ دەۋردە مەنسۇرخان سورىغان جايلار سەئىدىيە خانلىقىغا تەۋە بولىدۇ.
    1578-يىلى خوتەندە نايىپ بولۇۋاتقان ئابدۇرىشىتخاننىڭ نەۋرىسى ، قورەيىش سۇلتاننىڭ ئوغلى خۇدا بەندى سۇلتان خوتەندىن ئەسكەر تارتىپ كېلىپ مەھمۇتخاندىن ھوقۇق تارتىۋالىدۇ. لۈكچۈن ئىگىز ئوردىسى يېڭى ھوقۇق تۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى بولىۋېرىدۇ، خۇدا بەندى سۇلتان 1590-يىلىغىچە 12 يىل يۇرت سورايدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا يەكەندە تەختكە ئولتۇرغان مۇھەممەتخان ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئابدۇرېھىم سۇلتاننى ( ئاماننىسادىن تۇغۇلغان) لۈكچۈنگە نايىپلىققا تەيىنلەپ، خۇدا بەندى سۇلتاننى يەكەنگە قايتۇرۇپ كېلىشكە مىرزا شاھنى ئابدۇرېھىم خان بىلەن بىللە ئەۋەتىدۇ. گەرچە خۇدا بەندى سۇلتان قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ ئۇنى باستۇرۇپ ، ، يەكەنگە ئېلىپ ماڭىدۇ، ئۇ يولدا كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. ئابدۇرېھىم خان 1590-يىلى لۈكچۈندە تەختكە چىقىدۇ، ئۇ خۇددى مەنسۇرخاندەك ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
    ئابدۇرېھىم خاننىڭ لۈكچۈندە تۇغۇلغان ئوغۇللىرى:
      (1)ئابدۇللاخان (2)ئابدۇلمۇھەممەت (3)ئىبراھىم خان (4)باباخان(5)ئىسمائىل خان (6)شاھخان (7)پىچانخان (8)ئاپاقخان (9)مەنسۇرخان.
    ئابدۇرېھىم خان 1638-يىلى 50يىلغا يېقىن ھۆكۈمران بولۇپ 77يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
       
    كۇچانىڭ ھاكىمبېگى بولغان ئەبۇلھادى ئابدۇرېھىم خاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللانىڭ قېيناتىسى ئىدى . ئەبۇلھادى ئابدۇرېھىم خان كېسەل بولغاندىلا كۇچادىن قاراشەھەرگە كېلىپ ،ئابدۇرېھىم خان ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى قىرىپ تاشلاپ ،ھوقۇق تارتىۋېلىشنى پىلانلىغان ئىدى.
      بۇچاغدا 2-ئوغلى ئەبۇلمۇھەممەت قۇمۇلدا قۇمۇلدا قوزغالغان ئەمىر ئىسيانىنى باستۇرۇۋاتاتتى .ئۇ ئابدۇرېھىم خاننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىسيانچى ئامىر بىلەن توختام تۈزۈپ تېزلىكتە قاراشەھەرگە يىتىپ كەلدى . مىيىتنى ئۇزىتىپ بولغاندىن كېيىن قائىدە بويىچە چوڭ ئوغۇل ئابدۇللانى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، لۈكچۈنگە قايتىپ كەلدى.
    ئابدۇللا ئەبۇلھادىنىڭ سۈيىقەستىنى سىزىۋېلىپ، ئەبۇلھادىنى ئىپتارلىققا تەكلىپ قىلىپ، دەستىخان ئۈستىدە ئۇنى چېپىپ تاشلىدى.
    ئابدۇللا ئاتىسى ئابدۇرېھىمخاننىڭ ئارزۇسى بولغان يەكەندە تەختكە ئولتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا باش قاتۇرۇۋاتاتتى. شۇڭا ئەبۇلمۇھەممەت لۈكچۈن ئوردىدا ئۇنىڭ ئورنىدا ئىش يۈرگۈزدى. ئابدۇللا خان تۇرپان ۋادىسىدىن توپلىغان لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىپ ئاقسۇنى ئالدى، ئاندىن يەكەننى ئالدى، چۈنكى بۇ چاغدا يەكەن خانلىقىدا قاتتىق جەڭگى-جىدەل بولۇۋاتقاچقا، ئوردا ئەمىرلىرى ئابدۇللابى قوللىدى. ئابدۇللا خانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن لۈكچۈننىڭ نايىپلىقى تەبىئى ھالدا ئەبۇلمۇھەممەتكە قالدى، قۇمۇلغا باباخان تەيىنلەندى.
    ئەبۇلمۇھەممەت 20يىل ، يەنى 1655-يىلىغىچە نايىپ بولۇپ ۋاپات بولدى. قۇمۇلنىڭ ھاكىم بېگى بولۇۋاتقان باباخان ئەبۇلمۇھەممەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى " خان " دەپ ئېلان قىلدى. لۈكچۈن ئوردىدىكى بىر قىسىم ئەمىرلەر باباخاننى قوللىسا، بىر قىسمى قائىدە بويىچە 3-ئوغۇل ئىبراھىم خان بولۇشى كېرەك دەپ، ئىبراھىم سۇلتاننى لۈكچۈن ئوردىدا خانلىققا تىكلىدى. باباخان ئوغلى مۇھەممەت ئىمىننى لۈكچۈندىكى جەڭجى- جدەلنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. باباخاننى قوللايدىغان ئەمىرلەر ئىبراھىم سۇلتاننى ئۆتۈرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن باباخان قۇمۇلدىن لۈكچۈنگە كېلىپ تەختكە ئولتۇردى.
    باباخاننىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى(1)ئابدۇرىشىت (2)مۇھەممەت ئىمىن (3)مۇھەممەت مۆمىن
    باباخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇرىشىت قۇمۇلغا ھاكىمبەگ بولدى. بۇ چاغدا
    ئابدۇرېھىم خاننىڭ 5-ئوغلى ئىسمائىلخان كېرىيىنىڭ ھاكىمبېگى ئىدى. باباخان نايىپلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن 1637-يىلى ياڭخېيدا بىر باينىڭ ئۆيىدە ئەسھابۇلكەھىبە ھەققىدە بىر يازما پەرمان جاكارلىدى، يارلىقنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
    " سۇلتان سەئىد باباخان سۆزىمىز.... خوجا ئەييۇب موللا، قامۇش ھەبىب ئوغلى كىچىك موللا، مۇلىك ئۈچ ئۆيلۈك كىشىنى ھەزرىتى سۇلتان ئەسھابۇلكەھىبە قۇددۇس شەرفىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىنايەت ۋە شاھانە ئىلتىپات قىلىپ، بىرنى چىراقچى، بىرنى جارۇپكەش، بىرنى بەكاۋۇل قىلىپ تەرخان ( ئالۋان-ياساقتىن ئازات) قىلدۇق. "
    يارلىقنىڭ ئاخىرىدا تەرەت سۈيىنى كەم قىلماسلىق، دائىم دۇئا-تەگبىر قىلىش، ھەر قانداق ئەمەلدار بۇ ئۈچ ئۆيلۈكنىڭ
      تەرخانلىقىغا ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەسھابۇلكەھىبىنى ئۇلۇغلاش تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.
    باباخان 1655-يىلىدىن 1675-يىلىغىچە 20يىل كۇچانىڭ شەرقىدىن جىيايۈگۇەنگىچە سورىغان .
    باباخان ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى ئابدۇرىشىت لۈكچۈن ئوردىدا نايىپ بپلۇپ، كېيىن يەكەن تەختىگە تەكلىپ قىلىنىپ 2 يىل خان بولۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن 1682-يىلى ئۆلتۈرىلىدۇ. 2-ئوغۇل مۇھەممەتئىمىن 1680-يىلى لۈكچۈن تەختىدە نايىپ بولۇپ. 1688-يىلىغىچە سورايدۇ. ( تارىخ كىتابلىرىدىكى ئەبۇلمۇزەپپەر سۇلتان مۇھەممەتئىمىن قەيسەر باھادىرخان دېگەن كىشى دەل مۇھەممەتئىمىندۇر. )
    مۇھەممەتئىمىنمۇ 1688-يىلى يەكەن تەختىگە تەكلىپ قىلىنىپ، 1690-يىلى ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قايسى جايلاردىكى بەگلەر بۆلۈنمە ھالەتنى شەكەللەندۈردى. چاغاتاي نەسەبىدىن بولغان ( بەلكى ئەبۇلمۇھەممەتنىڭ ئوغلى بولسا كېرەك) ئابدۇل ئەھمەت ھاجى بەگ لۈكچۈننى بىر مەزگىل سورايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئاقسۇلتان تۇرپاننى سورايدۇ. ئابدۇل ئەھمەت ھاجى ئۆلگەندىن كېيىن ، لۈكچۈن بەگلىكىگە ئەھمەت باقى بەگ ( ئابدۇل ئەھمەت ھاجىنىڭ 2-ئوغلى ) بەگ بولىدۇ، يەرلىك خەلق ئۇنى كېپىش بەگ دەپ ئاتايدۇ.
    1719-1720-يىللىرى ئىمىن خوجا پۇرسەت تېپىپ لۈكچۈن ئوردىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، سىركىپ تۇرغا چىقىۋالغان كېپىش بەگنى ئالداپ چۈشۈپ ئلاتۈرىۋېتىدۇ.شەرقى چاغاتاي خانلىقى ئەھمەت خاندىن باشلانغان لۈكچۈننى ئاستانە قىلىپ يۇرت سورىغان ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن ئەھمەت باقى بەگ (كېپىش بەگ) بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلىشىپ، ھوقۇق ئمىن خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ئۆتىدۇ.

      پايدىلانمىلار:
    " چىڭگىز نامە"، " سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر ماتىرىياللار"، " ئۇيغۇرلار"، " پىچان تارىخ ماتىرىياللىرى"، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى"

    مەنبە: " تۇرپان " ژورنىلى، 2002-يىلى 1-سان


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر