كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-28

    كۆك تۈركچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان قەبىلە ۋە قەۋملەردىن چىكلار - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]


    سائادەتتىن گۆمەچ*




    كۆك تۈركچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان مۇھىم بىر تۈرك قەبىلىسى چىكلار ھەققىدە ئىنچىكە بىر تەتقىقات يوق. چىكلارنىڭ يۇرتلىرى ۋە مەنبەسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار بار. چىكلار خەنزۇ مەنبەلىرىدە سىخ( Sih ) ياكى سىپ( Sip ) ① دېيىلگەن قەبىلە بولۇپ، باسمىللاردىن كەلگەنلىكى، كىمەكلەرنىڭمۇ چىكلار بولۇشى مۈمكىنلىكى② ھەققىدىكى كۆزقاراشلار بار. ئۇلارنىڭ يەنە قىپچاقلارنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ③. بۇنىڭدىن باشقا، كىمەكلەر ئىشىم توبول ۋادىسىدا ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنسىمۇ، كلاۋسون ( Clauson ) مەڭگۈ تاشلاردىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ماكانلاشقان جايلىرىنى تۇۋانىڭ شەرقىدە دەپ توغرا كۆرسىتىدۇ④. مەڭگۈ تاشلار بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆك تۈركلەر 709 - يىلى قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان كۆتۈرگەن چىكلار ئۈستىگە بىر قوشۇن ئەۋەتكەن. كۆك تۈرك ئەسكەرلىرى چىكلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن يەنسەي دەرياسىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئەھۋال چىكلارنىڭ كۆگمەن تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا، قىرغىز يۇرتلىرىغا ئۆتىدىغان جايدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
    ئالتى ئوتۇز ياشىما چىك بودۇن قىرقىز بىرلە ياغى بولتى. كەم كەچە چىك تاپا سۈلەدىم. ئۆرپەنتە سۈنگۈشدىم. سۈسىن سانچىدىم⑤.
    تەرجىمىسى: يىگىرمە ئالتە ياشقا كىرگەن يىلىمدا چىك خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ ماڭا دۈشمەن بولۇشتى. كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ چىكلارنىڭ ئۈستىگە ئەسكەر ئەۋەتتىم. ئۆرپەندە ئۇرۇشتۇم. ئەسكەرلىرىنى نەيزىلىدىم.بۇ جۈملىلەردىن، قىرغىزلارنىڭ چىكلار ئارىسىدا نوپۇزىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مويۇنچۇرنىڭ چىكلەرگە قارشى تۇنجى ئەسكىرىي يۈرۈشى 750 – ( بارس ) يىلىدا بولغان بولۇپ، يەنسەي دەرياسى بويىدا ئۇلارنى مەغلۇب قىلغانىدى:
    ئانچىپ بارس يىلقا چىك تاپا يورىدىم. ئەكىنتى ئاي تۆرت يىگىرمىكە كەمدە توقىدىم. ئول يىل ئول بودۇن ئىچىكتى⑥.

    تەرجىمىسى: شۇنداق قىلىپ بارس يىلىدا چىكلارغا قارشى ئەسكەر تارتتىم. ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىدە كەمدە ئۇرۇشتۇم. ئۇ يىلى ئۇ خەلق ئەل بولدى...
    چىكلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، تەز بېشىدا قارارگاھىنى قۇرغۇزغان مويۇنچۇر قاغانبۇ يەردە مەڭگۈ تېشىنى يازدۇرۇشقا باشلىغان. 752 - يىلى ئۇيغۇرلارغا قارشى باشلانغان بىر ھەرىكەتتە يەنە چىكلار كۆرۈلىدۇ:
    توقۇز ئوغۇز كۆپ بەگلەرى كەلتى. ئانتا يىمە ياراماتىن ياغىدۇ ئەرمىش. ئۈرۈڭ بەگىگ، قارا بۇلۇقىغ ئانى ئولۇرمۇش. قىرغىز تاپا ئەر ئىدمىش. " سىز تاشىقىڭ، چىكىگ تاشغارىڭ " تىمىش. " مەن تاشىقايىن " تىمىش. " كۆر بود قال ئىدا قابىشالىم" تىمىش... توقۇز ياڭىقا سۈ يورىتدىم... تۇتۇق باشىنى چىك تاپا بىڭا ئىتدىم... چىك بودۇنىغ بىڭام سۈرۈپ كەلتى... چىك بۇدۇنقا تۇتۇق بىرتىم، ئىسباراس، تارقات ئانتا ئانچۇلادىم⑦.

    تەرجىمىسى: توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھەممە بەگلىرى كەلدى. ئۇ يەردە يەنە ئىتائەت قىلىشماي يەنە دۈشمەن بولۇشۇپتۇ. ئۈرۈڭ بەگمۇ، قارا بۇلۇقمۇ ئۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ. قىرغىزلارغا ئادەم ئەۋەتىشىپ شۇنداق دەپتۇ »سىز چىقىڭ، چىكلارنى چىقىرىڭ« دەپتۇ. ئۇ »مەن چىقاي« دەپتۇ. »ئىتائەت قىل ۋە قەبىلە بولۇپ قال، ئورماندا بىرلىشەيلى« دەپتۇ... توققۇزىنچى كۈنى ئەسكەر چىقاردىم... تۇتۇق باشچىلىقىدىكى چىكلارغا قارشى مىڭ ئادەم ئەۋەتتىم... چىك خەلقىنى مىڭ كىشى سۈرۈپ كەلدى... چىك خەلقىگە تۇتۇق تەيىنلىدىم، ئىشبارالارنى، تارقانلارنى ئۇ يەردىلا تەيىنلىدىم...
    بۇ قۇرلاردىن، ئۇيغۇرلارغا قارشى قوزغىلاڭنى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ باشلىغانلىقىنى ۋە ئۈچ قارلۇقلارنىڭ باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى؛ ئۈچ قارلۇقلارغا دەسلىپىدە قىرغىز ۋە چىكلارنىڭ، كېيىن بولسا ئاپا ئىسى، تۈركەش ۋە باسمىللارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. چىكلارغا دائىر ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇر، چىك بىلگە چىغشى⑧ ئىسمى ئۇچرايدىغان مىران تېكىستىدۇر. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، مىران تېكستلىرى دۇنخۇاڭ رايونىدىن تېپىلغانىدى.
    يۇقىرىقىلاردىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ: 8 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىنمۇ يەنسەي دەرياسىنىڭ شەرقىدە ۋە سايان تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان چىكلار، گەرچە قىرغىزلارنىڭ بىر تارمىقى بولمىسىمۇ، قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان بىر قەبىلە ئىدى. شۇنداقتىمۇ 10- ئەسىرگىچە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ قاراپ كەلگەن. 10 - ئەسىردىن كېيىن بۇ قەبىلىنىڭ نامى تارىختىن ئۆچكەن ياكى نامى ئۆزگەرگەن.

    ئىزاھلار:
    * دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئىنىستىتۇتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخى پروفېسسورى.
    ① ئەسلى تېكستتە شۇنداق بېرىلگەن بولۇپ " سىپ " ،" سىخ " دەپ ئوقۇلغان قەبىلە ئىسمىنىڭ خەنزۇچە قانداق يېزىلغانلىقى بېرىلمىگەن. ② ئىبراھىم كافەس ئوغلۇ: " تۈرك مىللىي كۈلتۈرى " ، 1983 - يىلى 2 - بېسىلىشى، ئىستانبۇل 177 - بەت؛ فارۇق سۈمەر: " ئوغۇزلار ( تۈركمەنلەر ) _ تارىخى، قەبىلە تەشكىلاتى، داستانلىرى" ، 1972 - يىلى 2 - بېسىلىشى، ئەنقەرە، 31 -، 32- بەتلەر:
    E.H.Parker,"Inscription de L'orkhon" journal of the China branc of the Royal Asiatic Society, Vol.31 (1896 _ 97),Shanghai, P35.
    ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇرنىڭ چىكلارغا قارشى ئىككى قېتىم ئەسكىرىي يۈرۈش قىلىشى ۋە ئۇلارغا تۇتۇق، ئىشبارا، تارقانلارنى تەيىنلىشى؛ كىمەك باشبۇغلىرىنىڭ ( باش قوماندانلىرىنىڭ ) تۇتۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار، كىمەكلەرنىڭمۇ چىكلاردىن بولۇشى ئېھتىمالىنى ئوتتۇرىغا چىقارسىمۇ، ئەسكىرىي ئۇنۋان بولغان تۇتۇقنىڭ ئاز قاتارلىق نۇرغۇن قەبىلە ۋە قەۋملەر تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

    ئابدۇلقادىر ئىنان: " ماقالىلەر ۋە تەتقىقاتلار" ، 1987 - يىلى، 2 - بېسىلىشى، 4 -، 5 - بەت.

    S.G.Clauson_E.Tryjarski. "The Inscription at Ikhe - Khushotu",Rocznik Orientalistyczny.,34/1,Wraszava 1971,P25.
    بۇنىڭدىن باشقا ئىبراھىم كافەسئوغلۇنىڭ يۇقىرىقى ئەسىرى، 771 - بەت.
    بىراق " ھۇدۇدۇل ئالەم " دە، كىمەكلەرنىڭ يۇرتى ئېرتىشنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. قاراڭ:
    B.Minorsky, Hudud - al Alam, The region of The World a Persian Geography 372 A.H.982 A.d., London 1937, P 304 - 310.⑤ قاراڭ، " بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى" ، شەرقىي تەرىپى، 62.
    ⑥ قاراڭ: " شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى" ، شەرق تەرىپى، 7 − 8.
    ⑦ قاراڭ: " شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى "، شەرق تەرىپى، 11 − 10.
    ⑧ قاراڭ: " مىران تىكستلىرى "، A تەرىپى، 4 − 5 قۇرلار.
    بۇ يادىكارلىقنى ستەين 1907 - يىلى مىران قەلئەسى خارابىلىرى ئىچىدىن تاپقان. بۇ قەلئە ستەيىننىڭ پىكرىگە قارىغاندا، تارىم ھاۋزىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن دۇنخۇاڭغا ئۆتىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ئىكەن. بۇ يادىكارلىق ئۈچ قىسىم بولۇپ، " ئا" نۇسخىنىڭ يالغۇز بىر تەرىپىگىلا يېزىلغان بولسىمۇ، "ب" نۇسخىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە خەت بار. بۇلاردىن باشقا بۇ ھۆججەتنىڭ يەنە "س" نۇسخىسى بار. تېكستلەر ئۈچۈن قاراڭ: ھۈسەيىن نامىق ئورخۇن " قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى" ، 2 - جىلت، ئىستانبۇل 1938- يىل، 64 -، 67 - بەتلەر:
    تۈركچە" تۈرك مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىنىڭ ئومۇمىي 370 - سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:رىزۋانگۈل مامۇت

    مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر